كۆرۈش: 494|ئىنكاس: 12

مۇنبەردە كۆپ كۆرۈلىۋاتقان ئىملا خاتالىقلىرى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئاقچا
13
جۇغلانما
548
توردا
272 سائەت
نادىر
1
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 15:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىپ مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن كۈندە نەچچە رەت بۇ تورغا كىرىپ تۇرۇۋاتىمەن، ھەم بۇ توردىن نۇرغۇن ياخشى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ كەلدىم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلارغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.
لېكىن ھەر قېتىم مۇنبەرگە كىرگىنىمدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىملا خاتالىقلىرىدىن ناھايىتى بىئارام بولىمەن، تورداشلارنىڭ تېما- ئىنكاس يوللىغاندا ئىمكان قەدەر ئەستايىدىل بولۇشىنى، ئۆز ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، ھەم باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى سورايمەن. ئارتۇقچە سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرگەيسىلەر.
رۇم ئەمەس روم.
روت ئەمەس رۇت.
يۇقىرىدىكىلەرغۇ ئېنگلىزچىدىن كىرگەن كەسپى ئاتالغۇلار. لېكىن تۆۋەندىكى ئۆز تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى توغرا ئىشلەتمەسلىك بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
  تۇنۇش، تۇنۇتۇش، تۇنا....
بۇنى تونۇش، تونۇتۇش، تونا... دېسەك توغرا بولاتتى.

تۆۋەندىكىسى ئالىپ مۇنبىرىنىڭ بۈگۈنكى باش بېتى. قارىسام ئاز دىگەندىمۇ ئالتە ئورۇندا ئىملا خاتالىقى باركەن.
无标题.png
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltabir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 16:00  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 20 مەن قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 20   باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
50
جۇغلانما
495
توردا
12 سائەت
نادىر
1
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 17:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىماققا ئېغىز تىلىدا توغرىدەك بىلىنىدۇ، بىراق سوزۇق تاۋۇشلارنى يېزىق ئۆلچىمى بويىچە ئىشلىتىشكە ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. مەنمۇ تۇلا ھاللاردا «ى» بىلەن «ې» ھەرىپىنى، «و» بىلەن «ۇ» ھەرىپىنى، «ۆ» بىلەن «ۈ» ھەرىپىنى يەنە «ا» بىلەن «ە» نىڭ ئاجىزلىشىشىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىمەن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
50
جۇغلانما
384
توردا
87 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 17:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، بەك ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش بۇ.  

مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز بىرىكمە قائىدىلىرىنى جەدۋەل قىلىپ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويساق ئوبدان بولاتتى.

Rank: 4

ئاقچا
35
جۇغلانما
453
توردا
89 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى تېما بوپتۇ.
كۆپچىلىك بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلايلى !!

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
263
توردا
59 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 21:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئالىپ تورىنىڭ خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدىمۇ خاتالىق بار ئىكەن. بەزىدە بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسمىغان جايلاردىمۇ يوللاپ بولغاندىن كېيىن بوشلۇق پەيدا بولۇپ قالىدىكەن....

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
3
جۇغلانما
75
توردا
31 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 00:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس،،بۇ ئىملا توغۇرا بولمىسا بىۋاستە تور بېكەتنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
109
توردا
17 سائەت
نادىر
1
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 00:06:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئا ۋە ئە ھەرپلىرىنىڭ ئې ۋە ئى غا ئاجىزلىشىشىنى مەن مۇنداق ئاددىي قىپلا يەكۈنلىۋالغان(ئۇستازلارنىڭ خاتا جايلىرىمنى كەڭچىللىك بىلەن تۈزۈتۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).
  ئا ۋە ئە نى تومۇر قىلغان بىر بوغۇملۇق سۆزلەر ئاجىزلاشقاندا ئې غا،  ئىككى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بوغۇملۇق سۆزلەر ئى غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن: ئال+ىپ=ئېلىپ
   خەت+ى=خېتى،    چال+ىپ=چېلىپ.
  كۆپ بوغۇملاردا كەلگەندە بولسا سۆزنىڭ تومۇرىنىڭ بىر بوغۇملۇق ياكى كۆپ بوغۇملۇقىغا قارايمىز، مەسىلەن: ‹‹دۇتتار چېلىپ ئولتۇرسام يارىگۈللا›› دىكى چېلىپل: چال+ىپ=چېلىپ دىن تۈزۈلگەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى جۈملىدە سۆز تومۇرىنىڭ بىرىنجى بوغۇمىغا قارايمىز.
  ئا ۋە ئە نىڭ ئى غا ئاجىزلىشىشى بولسا ئىككى بوغۇم ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇقلىرى كۆرۈلگەندە ئى غا ئاجىزلىشىدۇ.
  مەسىلەن: رۇخسەت، بۇنىڭدا ئە ھەرپى بار بولۇپ بۇنى ھەرگىزمۇ ‹‹رۇخسەت+ى=رۇخسىېتى ›› دەپ ئاجىزلاشتۇرساق تۈپتىن خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ئە ھەرپى سۆزنىڭ ئىككىنجى بوغۇمىدا كەلگەن.توغرىسى: ‹‹رۇخسىتى››.
   بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بوغۇملۇق ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە دائىم ئۇچىرايدۇ.
  مەن ھەر قېتىم تور بەت ئارلىغىنىمدا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ بۇ ئاددىي ساۋاتلارنى بىلمەي يازما، ئىنكاس ئېلان قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن. ئەجىبا ئۇيغۇر تىلىدا 32 ھەرپ بار تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن توغرا ئىشلىتەلمەيدىغاندۇ؟؟!!!
  خەن تىلىدەك نەچچە مىڭلىغان ئوخشىمىغان شەكىلدىكى، مەنىدىكى خەتلەر؛ بىر تال چىكىت، بىر تال سىزىقچىنىڭ ئارتۇق كۆپلىگىدىن خەتنىڭ مەنىسى، ئوقۇلىشى ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقى ھازىرقى قوش تىللىق قېرىنداشلىرىمىزغا  ئايان بوپ كەتتى... ئەمما بىرنىڭكىدەك ئېغىزدىن چىققاننى ھەرپ ئارقىلىپ ئىپادىلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر ئۇيغۇر يېزىقىنى نېمىشقا تېخىچە بىلىپ بولالمايدىغاندۇ!!! ئۇيغۇر تىلىنى، يېزىقىنى بىلمەسلىك توغرا ئىشلەتمەسلىك بىر ئۇيغۇر بولغۇچى ئۈچۈن نېمەدېگەن ئازاب ھە؟!!!.....
www.alpbeg.com
مەن ئۇيغۇر، ئانا تىلىم-ئۇيغۇر تىلى

Rank: 4

ئاقچا
33
جۇغلانما
450
توردا
36 سائەت
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 14:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ تور ئىملاچىسىنى ئىشلىتىڭ  http://imla.uyghurdev.net/   

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
631
توردا
3279 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 15:20:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sanjar يوللىغان ۋاقتى  2012-1-11 21:21
مۇشۇ ئالىپ تورىنىڭ خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدىمۇ خاتالىق با ...

ئالپ تورىنىڭ خەت كىرگۈزگۈچىسىدە خاتالىق يوق.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
631
توردا
3279 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 15:26:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alptegin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-12 00:06
ئا ۋە ئە ھەرپلىرىنىڭ ئې ۋە ئى غا ئاجىزلىشىشىنى مەن مۇن ...

ئا ۋە ئە ھەرپلىرىنىڭ ئې ۋە ئى غا ئاجىزلىشىشىنى بەك بىلەلمىسە ئاجىزلاشتۇرماي يازسىمۇ بولامدىكىن دەيمەن.

مەسلەن:
ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ،
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ
بۇ يۇرتتا نېمەسى بار،
بىز غېرىپ مۇساپىرنىڭ.

دېگەندەك خەلق ناخشىلىرىدا ئا، ئە ئاجىزلاشمىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېقىندا ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «دۆلەت ناملىرىغا قوشۇمچە قوشۇلغاندا ئا، ئە ئاجىزلاشمايدۇ» دەپ بەلگىلەپتۇ.
مەسلەن: بۇرۇن ئەنگىلىيىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ دەپ يازاتتۇق. ئەمدى ئەنگىلىيەنىڭ، ئامېرىكانىڭ دەپ يازغۇدەكمىز.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.088331 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-24 23:29

چوققىغا قايتىش