كۆرۈش: 195|ئىنكاس: 0

دائىم كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەر سەمىگە: [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
1
توردا
17 سائەت
نادىر
0
تېما
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 14:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئۇزۇن مۇددەت كومپىيوتىر بىلەن ھەپىلەشسە سالامەتلىككە زىيانلىق، ئەمما زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ بىز بۇ توغرىسىدا سىزگە تەكلىپ بىرىمىز، سىزگە ئازتۇلا ياردىمى تىگىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
1. كومپىيوتىر ئىشلەتكەندە ئىككى پۇتىڭىزنى ئالماپ ئولتۇرماڭ
ئولتۇرۇش قىياپىتىڭىز راھەت بولسۇن. ئادەتتە كومپىيوتىرنىڭ جوزىسى ئاستىدا پۇتنى قويىدىغان يەر بۇلىدۇ. يۇتىڭىز بىلەن دۈمبىڭىز تىڭ بۇلۇڭ ھاسىل قىلسۇن، قول بېغىشىڭىز بىلەن بۇغۇم تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلسۇن. تاغاق سۈڭكىڭىز ئۇرۇندۇقنىڭ يۈلەنگۈچىگە يۈلىنىپ تۇرسۇن، كۆزىڭىز بىلەن ئىكراننىڭ ئارلىقى 40-50 سانتىمىتىر ئارلىقتا بولسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇرۇندۇقنىڭ ئىگىزلىكى ئىنتايىن مۇھىم. ئىكران بىلەن كۆكرەك قىسمىڭىز ئوخشاش بىر تەكشىلىكتە بولسا مۇۋاپىق، ئىككى پۇتىڭىزنى ئازادە سۇزالايدىغان بوشلۇق قالدۇرۇڭ.
2. كۆزىڭىزنى ھەر بىر سائەتتە ئون مىنۇت ئارام ئالدۇرۇڭ
ئۇدا بىر سائەت خىزمەت قىلغاندىن كىيىن كۆزىڭىزنى ئون مىنۇت ئارام ئالدۇرۇڭ. پات- پات ئولتۇرۇش ھالىتڭىزنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ، ئىشتىن چۈشكەندە ئاز دىگەندە يېرىم سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇڭ.
3. ئىكرانغا  يۇرۇقلۇقنىڭ بىۋاستە چۈشۈشىدىن ساقلىنىڭ
كومپىيوتىر ئىشلىتىش ۋاقتى قانچە ئۇزارسا كۆز ئاسانلا چارچاپ كىتىپ، قۇرغاقلىشىدىغان، قان تۇلۇپ قالىدىغان ھەتتا كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىشىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەم ئېلىش، توختىماستىن مەشخۇلات قىلىشتىن ساقلىنىڭ، كۆزىڭىز قۇرغاقلىشپ قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە دەرھال كۆزنى يۇمۇپ ئېچىپ دەم ئالدۇرۇڭ، ھەرگىز قۇلىڭىزدا بىۋاستە ئۇۋلىماڭ، مۇۋاپىق مىقداردا كۆز تېمىتمسى ئىشلىتىڭ.
4. ئاقسىل تۇلۇقلاپ تۇرۇڭ
كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرغاندا كۆز پەردىسى ئاسانلا خۇرايدۇ. كۆرۈش تور پەردە قىزىل ماددىسى ئاساسلىق ۋىتامىن A دىن تەركىپ تاپقان بۇلىدۇ. ۋىتامىن A تۇلۇقلاش ئۈچۈن سەۋزە، بەسەي، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، دۇفۇ، چىلان، ئاپلىسىن، سۈت، تۇخۇم، ھايۋانات جىگىرى، ئۇرۇق گۆش قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئستىمال قىلىڭ. چاينى كۆپرەك ئىچىپ بىرىڭ.
5. كومپىيوتىر ئۈستىلىڭىزدە ياغاچ تاغاق قويۇپ قويۇڭ
كومپىيوتىرچىلار يىتەرلىك ئۇيقۇغا چۇقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، خىزمەت قانچە ئالدىراش بولسۇن، ھەر كۈنى 8 سائەت ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ھەم ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىپ. چوڭ مىڭە پوسلاق قەۋىتىنىڭ قان ئايلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىش كېرەك. كومپىيوتىر ئۈستىلىدە بىر تال ياغاچ تاغاق قويۇپ قويۇپ، پات- پات ياغاق تاغاقتا چېچىڭىزنى تاراپ بىرىڭ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق باش قىسمىڭىزنى ئۇۋلاش مەخسىتىگە يەتكىلى ھەمدە چوڭ مىڭىنىڭ چارچىشىنى تۆگەتكىلى بولىدۇ.

مەنبە: www.pc1818.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.081288 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 04:21

چوققىغا قايتىش