كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 0

دېسكا پارچىلىرىنى رەتلەش توغرىسىدا بايان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
1
توردا
17 سائەت
نادىر
0
تېما
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 14:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. دىسكا پارچىلىرى دېگەن نېمە؟

ئەمەلىيەتتە دىسكا پارچىلىرىنى ھۆججەت پارچىلىرى دېيىش كېرەك، چۈنكى ھۆججەت دىسكىنىڭ ئۇدا كەلگەن بۆلەكلىرىدە ساقلانماستىن، ئوخشىمىغان يەرلىرىدە تارقاق ساقلانغاچقا بۇ پارچىلار شەكىللىنىدۇ.

پروگرامما ئېھتىياجلىق بولغان فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشمىگەندە، ئادەتتە مەشغۇلات سىستېمىسى قاتتىق دىسكىدا ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ھۆججەت ئىگىلىگەن دىسكا بوشلۇقى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ دېيىلىدۇ. مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش پروگراممىسى قاتتىق دىسكىغا كۆپ قېتىملىق ئوقۇش- يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاچقا، زور مىقداردىكى پارچىلار شەكىللىنىدۇ، بۇ دىسكا پارچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.

ئۇندىن باشقىلار، مەسىلەن IEدا توردىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە شەكىللەنگەن ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر ۋە ۋاقىتلىق ھۆججەت خالتىسىنىڭ تەڭشىكىمۇ سىستېمىدا زور مىقداردىكى پارچىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھۆججەت پارچىلىرى ئادەتتە سىستېمىدا مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بىراق ھۆججەت پارچىلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سىستېما ھۆججەتلەرنى ئوقۇغاندا ئالدى- كەينىگە يېنىپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىستېمىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىر بولغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. ئۇندىن باشقا ھۆججەت پارچىلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ساقلانغان ھۆججەتنىڭ يىتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2. دىسكا پارچىلىرى قانداق شەكىللىنىدۇ؟

دىسكا رايونىدا ھۆججەت دىسكىنىڭ ئۇدا كەلگەن بۆلەكلىرىدە ساقلانماستىن، ئوخشىمىغان يەرلىرىدە تارقاق ساقلانغاچقا بۇ پارچىلار شەكىللىنىدۇ. ئۇندىن باشقا مەشغۇلات جەريانىدا Windows سىستېمىسى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىشلىتىپ، پروگراممىنى ماس قەدەملىك ساقلىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا ھەرقايسى پروگراممىلار دىسكىغا قارىتا كۆپ قېتىم ئوقۇپ- يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاچقا دىسكا پارچىلىرى شەكىللىنىدۇ.

3.  دىسكىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇش- يېزىش مەشغۇلاتىنىڭ پرىنسىپلىرى

بىز دىسكا پارچىلىرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى بىلىۋالدۇق، ئەمدى پروگراممىنىڭ ئىجرا بولغان چاغدىكى دىسكىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئوقۇپ- يېزىش مەشغۇلاتىنى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەك. ئادەتتە بىر پروگرامما قوزغالغاندا، دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ماگنىتلىق بېشىنىڭ خىزمىتى بولسا ئالدى بىلەن شۇ پروگراممىنىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تېپىش، ئاندىن سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇش، ئەڭ ئاخىرىدا قىلىدىغان خىزمىتى بولسا، بۇنى بىر تەرەپ قىلىش، يەنى سانلىق مەلۇماتلارنى دىسكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاستىلاتقۇچ ساقلىغۇچىغا ۋە ئىچكى ساقلىغۇچقا يوللاپ بېرىش بولىدۇ. شۇڭا ئىزدەش ۋاقتى قاتتىق دىسكىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە ئوتتۇرىچە ئىزدەش ۋاقتى(Average seek time) دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىرلىكى مىللىي سېكۇنت(mis)، نۆۋەتتە ئاساسى ئېقىمدىكى قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىزدەش ۋاقتى 9.5mis دىن كىچىك بولىدۇ. ئەگەر پروگراممىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى دىسكىنىڭ ئۆزئارا تۇتاش بولغان قوشنا بۆلەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، دىسكىنىڭ ماگنىتلىق بېشىنىڭ ئىزدەش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ. ئوقۇش ۋاقتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، دىسكىنىڭ ماگنىتلىق باشقا يېقىن سېكتور رايونىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئوقۇشقا كەتكەن ۋاقتى ماگنىتلىق باشنىڭ دىسكىنىڭ يەنە بىر بېشىغا بېرىپ ئوخشاش بىر سانلىق مەلۇماتنى ئوقۇشقا كەتكەن ۋاقتىنىڭ بەشتىن بىرىگە تەڭ بولىدۇ. دىسكا ئوقۇش مەشغۇلاتى قىلغاندا، سىستېما ئاۋۋال بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاستىلاتقۇچ ساقلىغۇچتا بار- يوقلىغىنى تەكشۈرىدۇ، ئەگەر بولسا بىۋاسىتە شۇنىڭدىن ئوقۇيدۇ. ئەگەر بولمىسا ئاندىن دىسكىنى زىيارەت قىلىدۇ، مانا بۇ دىسكىنىڭ ئوقۇش مەشغۇلاتىدۇر. ئوخشاش بىر سانلىق مەلۇماتنى كۆپ قېتىم ئوقۇشقا توغرا كەلگەندە، Cacheنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، بىراق مەلۇم بىر ھۆججەتنى بىرىنچى قېتىم ئوقۇغاندا، بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ. شۇڭا ئىزدەش ۋاقتى ۋە ئوقۇش ۋاقتى پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇش ئۈنۈمىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

نېمىشقا دىسكىنى رەتلەيمىز؟ Windows سىستېمىسى ھەر بىر ھۆججەتنى ماگنىتلىق باشنىڭ ئىزدەش ۋاقتىنى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتىش پرىنسىپى بويىچە دىسكىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇنغا ئاپتوماتىك ھالدا قويۇپ بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن Microsoft شىركىتى Windowsقا دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسى(磁盘碎片整理程序)(Disk Defragment) نى قوشقان ۋە دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ۋەزىپە نازارەت قىلغۇچ(任务监视器)(TaskMonitor) ئارقىلىق دىسكىنىڭ پروگرامما قوزغالغان ۋاقىتتىكى ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن.

ۋەزىپە نازارەت قىلغۇچ بولسا Windowsنىڭ قوزغىلىشى بىلەن تەڭ قوزغىلىدۇ(ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇنى قوزغىلىش تۈرى ئىچىگە قوشۇپ قويۇش كېرەك). مەلۇم پروگرامما قوزغالغاندا ئۇ دىسكىنى زىيارەت قىلىشنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ پروگرامما قوزغالغاندا ئىزدەيدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان ھۆججەتلەرنى چۈشىنىدۇ ۋە لازىملىق ھۆججەتلەرنى بېكىتىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى سىستېما دىسكىسىنىڭ سىستېما مۇندەرىجىسىدىكى Applog دېگەن يوشۇرۇن مۇندەرىجىگە ساقلايدۇ. بۇ مۇندەرىجىدىكى كۆپ قىسىم ھۆججەتلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى. lgx بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى lg خاتىرە ھۆججەت(记录文件)(Log File) كە ۋەكىللىك قىلىدۇ، x بولسا دىسكا رايونىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەسىلەن D دىسكىدىكى پروگراممىلارنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى. lgd بولىدۇ. خاتىرە ھۆججەت بولسا ۋەزىپە نازارەت قىلغۇچ نازارەت قىلغان پروگراممىنىڭ نامىنى ھۆججەت نامى قىلىدۇ. ئابۇنىچىلار دىسكا پارچىلىرىنى رەتلىگەندە بۇ پروگرامما Applog مۇندەرىجىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن پروگراممىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى دىسكىنىڭ ئۆزئارا تۇتاش بولغان قوشنا بۆلەكلىرىگە يۆتكەيدۇ.

ۋەزىپە نازارەت قىلغۇچ پەقەت پروگرامما قوزغىلىش ۋاقتىدىلا ھۆججەت ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەيدۇ ھەمدە پروگراممىنىڭ قوزغىلىش سانىغا ئاساسەن ئەلالاشتۇرۇش تەرتىپىنى تەڭشەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىشلىتىلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان يۇمشاق دېتال ئەڭ كۆپ ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشەلەيدۇ. Applog مۇندەرىجىسىدىكى APPLOG. ind ھۆججىتى دەل پروگراممىنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانىنى خاتىرىلەيدۇ. ئابۇنىچىلار ئۆزلىرى دائىم ئىشلىتىدىغان پروگراممىنى دائىم قوزغىتىپ تۇرسا ۋە ۋەزىپە نازارەت قىلغۇچنىڭ نازارىتى خاتىرىلىشىنى قوبۇل قىلسا، ئاندىن دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسى ئارقىلىق رەتلەش ئېلىپ بارسا، ئاندىن پروگراممىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. بىراق ئابۇنىچىلار يېرىم يولدا پروگراممىنى ئالماشتۇرسا، مەسىلەن بۇرۇن WinZipنى ئىشلەتكەن بولۇپ، كېيىنچە ZipMagicقا ئالماشتۇرغان بولسا، دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسى ZipMagicنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانى WinZipنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانىدىن ئېشىپ كەتكەنگە قەدەر خېلى بىر ۋاقىتقىچە يەنىلا ZipMagicقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئەمەس، بەلكى WinZipقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى دىسكىنىڭ ئۆزئارا تۇتاش بولغان قوشنا بۆلەكلىرىگە يۆتكەيدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئابۇنىچىلار Winzip32. lgx ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈۋەتسە بولىدۇ، بۇنداقتا پروگراممىنىڭ خاتىرە ھۆججىتى بولمىغاچقا، دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسىمۇ بۇ پروگراممىنى ئەلالاشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ.

4. دىسكا رەتلەشنى قەرەللىك ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ- يوق؟

ئەمەلىيەتتە دىسكا رەتلەشنى قەرەللىك ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىدىن قىلچىمۇ گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش دىسكىغا زىيان يەتكۈزىدۇ دېيىلگەندىمۇ، بۇ ئەھۋال دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش قېتىم سانى نەچچە ئون خانىلىق سانغا يەتكەنگە قەدەر بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ.

قاتتىق دىسكىنى ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ھۆججەتنى ساقلىغان ئورۇن نۇرغۇن پارچە بۆلەكلەرگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، يەنى ھۆججەت مەزمۇنى دىسكىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا تارقىلىپ كېتىدۇ. بۇ ھۆججەت پارچىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دىسكىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماستىن، يەنە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقىلىپ كېتىش ۋە بۇزۇلۇپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسى بۇ پارچىلارنى بىر يەرگە توپلاپ، بىر تۇتاش ھالدا دىسكىنىڭ ئۆزئارا تۇتاش بولغان بۆلەكلىرىگە يۆتكەيدۇ. Windowsنىڭ ئۆزىدە دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسى دەيدىغان مۇشۇنداق بىر پروگرامما بار، بىراق قورال دېتال بولغان NortonUtilities ۋە Nuts&Boltsتا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قورال بار.

بىراق پارچە بۆلەكلەرنى رەتلەش دىسكىنىڭ ئايلىنىدىغان قىسىملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خېلى چوڭ خىزمەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر قاتتىق دىسكا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە بېرىپ قالغان بولسا، پارچە بۆلەكلەرنى رەتلەش راستتىنلا دىسكىنى ۋەيران قىلىدىغان بىر خىل ھەرىكەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق بۇنداق ئەھۋالدا سىز پارچە بۆلەكلەرنى رەتلىمىسىڭىزمۇ، دىسكا يەنىلا ئوخشاش ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم ئەھۋالدا دىسكا رەتلەشنى قەرەللىك ئېلىپ بارغاندا دىسكىنىڭ ئۇپرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. نىمىلا دېگەن بىلەن، دىسكىدىكى ماگنىتلىق باشنىڭ بىرىنچى رايوندىن ھۆججەتنى ئوقۇشى سەككىزىنچى رايوندىن ھۆججەت ئوقۇغىنىغا قارىغاندا كۆپ ئاسان بولىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككى ھەپتىدە ياكى تۆت ھەپتىدە بىر قېتىم دىسكا رەتلەش ئېلىپ بېرىلغان دىسكىنىڭ ئۆمرى مەڭگۈ دىسكا رەتلەش ئېلىپ بېرىلمىغان دىسكىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.

5. دىسكا رەتلەشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەر.

بىز دىسكا رەتلەشتىن بۇرۇن ئادەتتە چوقۇم ئۇنىڭدىكى ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تازىلىۋېتىشىمىز، دىسكىدا خاتالىق بار- يوقلىغىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز، ۋىرۇسنى بىر قېتىم تەلتۆكۈس تازىلىشىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا پارچىلارنى رەتلەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشىمىز كېرەك. شۇڭا دىسكىنى رەتلەشتىن بۇرۇن چوقۇم بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

1) دىسكىدىكى ئەخلەت ھۆججەتلەر ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى پاكىز تازىلىشىمىز ۋە دىسكىدا خاتالىق بار- يوقلىغىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز كېرەك. سىستېما بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئەخلەت ھۆججەتلەر بەك كۆپىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭدا پروگراممىنى قاچىلىغاندا شەكىللەنگەن ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر، تورغا چىققاندا قالدۇرۇپ قويۇلغان ئاستىلاتقۇچ ھۆججەتلەر، يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرگەندىكى قالدۇق DLL ھۆججەتلەر ۋە كومپيۇتېرنى مەجبۇرى ئۆچۈرۈش ياكى توك كېتىش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن خاتالىق ھۆججەتلىرى، ھۆججەت ئاچقاندا تىزىملىك ئىستونىدا شەكىللىنىدىغان ھۆججەت تىزىملىكى، ھۆججەت ۋە پروگراممىنى قوزغىتىش سەۋەبىدىن سىستېما مۇندەرىجىسىدىكى Recent ھۆججەت خالتىسىدا شەكىللىنىدىغان تارىخى خاتىرە قاتارلىقلار بولىدۇ. كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا ئانچە پىششىق بولمىغانلار مىكرو سوفتنىڭ دىسكا تازىلاش پروگراممىسى(磁盘清理程序) ئىشلەتسە ياخشىراق، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق بولغانلار ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك بولغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتسە، ياكى ئۆزى قول سېلىپ ئۆچۈرسە بولىدۇ.

2) قاتتىق دىسكىدىكى خاتالىقلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ۋە تۈزىتىش كېرەك. ئالدى بىلەن تاللايدىغىنىمىز يەنىلا مىكرو سوفتنىڭ دىسكا تەكشۈرۈش پروگراممىسى(磁盘扫描程序) دۇر، گەرچە ئۇنىڭ سۈرئىتى ئۇنچە تېز بولمىسىمۇ، بىراق سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك، بۇ پروگرامما ئارقىلىق دىسكىنى مۇكەممەل ۋە تەپسىلىي بىر تەكشۈرگەندىن كېيىن، سىستېمىدىكى زور كۆپ قىسىم خاتالىقلار چوقۇم تۈزىتىپ بولۇنغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىز باشقا قوراللارنى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سۈرئىتى Windowsتىكى دىسكا تەكشۈرۈش پروگراممىسىنىڭ سۈرئىتىدىن خېلىلا تېز بولىدۇ.

3) ئاندىن ۋىرۇس تازىلاش پروگراممىسى ئارقىلىق ۋىرۇسنى بىر قېتىم ئۈزۈل- كېسىل تازىلىۋېتىشىمىز كېرەك، چۈنكى ۋىرۇس تازىلاش ئېلىپ بېرىلمايلا بىۋاسىتە رەتلەش ئېلىپ بېرىلسا، ۋىرۇس ۋە ۋىرۇسلانغان ھۆججەتلەرمۇ رەتلەش دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ، رەتلەپ بولغاندىن كېيىن قايتا ۋىرۇس تەكشۈرسەك، ۋىرۇس تازىلاش داۋامىدا ۋىرۇسنى تازىلاش ۋە ۋىرۇسلانغان ھۆججەتلەردىكى ۋىرۇسنى تازىلاش سەۋەبىدىن دىسكىدا يەنىلا نۇرغۇن بوش ئورۇنلار شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دىسكا رەتلەشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ۋىرۇس تازىلاشتىن بۇرۇن ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئەڭ يېڭى ھالەتكە ئەكەلگەندىن كېيىن ۋىرۇس تازىلاڭ، بۇنداق بولغاندا ۋىرۇسنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ۋىرۇس تازىلىغاندا ئەگەر مەشغۇلاتقا پىششىق بولسىڭىز، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ۋىرۇس تازىلاش ئېلىپ بېرىڭ ۋە ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنىڭ تۈرلۈك خاتىرە ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، ئەگەر بەك پىششىق بولمىسىڭىز، ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتى بويىچە تەكشۈرتكۈزسىڭىز بولىدۇ. تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنىڭ تىزىملىك ئىستونىدىن ۋىرۇس تازىلاش خاتىرىسىنى تازىلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەڭ ياخشىسى ۋىرۇس تازىلاش ئىشىنى يۇقىرىقى ئىشلاردىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىڭ، شۇنداق بولغاندا دىسكا رەتلەش خىزمىتىڭىز مۇكەممەلرەك بولىدۇ.

6. رەتلەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار.

Windowsتا ئابۇنىچىلار باشلاش(开始) تىزىملىكىدىكى پروگرامما(程序) دىن قوشۇمچە دېتال(附件) نىڭ سىستېما قوراللىرى(系统工具) دىكى دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسى(磁盘碎片整理程序) نى تاللىسا دىسكا تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، رەتلىنىدىغان دىسكا رايونىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن مۇقىملاشتۇرساقلا رەتلەشنى باشلايدۇ، بىراق بۇ ئۇسۇلدا دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەشتە ۋاقىت ئىنتايىن كۆپ سەرپ بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتە 2GB ئەتراپىدىكى دىسكا رايونىغا بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا دىسكا رەتلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا ئەڭ ياخشىسى تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ.

1) شۇڭا دىسكا رەتلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا باشقا بارلىق پروگراممىلارنى، جۈملىدىن ئېكران ئاسراش پروگراممىسىنىمۇ تاقىۋېتىڭ. ئەڭ ياخشىسى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ قىممىتىنى مۇقىم قىممەت قىلىپ بەلگىلەپ قويۇڭ. بۇ جەرياندا دىسكىغا قارىتا ئوقۇش- يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماڭ، چۈنكى دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسى دىسكىدىكى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىسا، دىسكا رەتلەشنى باشتىن باشلايدۇ.

2) دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەشنىڭ قېتىم سانىنى كونترول قىلىڭ، دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، دىسكىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. ئادەتتە دائىم ئوقۇش- يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدىغان دىسكا رايونىنى ھەپتىدە بىر قېتىم رەتلىسەك بولىدۇ.

7. دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسىنىڭ بۇيرۇق پارامېتىرلىرى.

بۇيرۇق پارامېتىرى Dost دەۋرىدە بىر ئاساسى ماھارەت ھېسابلىناتتى، نۇرغۇن پروگراممىلار بۇيرۇق پارامېتىرلىرىغا تايىنىپ قوزغىلاتتى، بىراق گرافىكىلىق كۆزنەك دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئىزلىرىنى تاپماق تەس بولۇپ قالدى، بىراق ئۇ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، خېلى زور رول ئوينىماقتا. مەسىلەن Windowsنىڭ نۇرغۇن ئويۇنلىرىنىڭ تەڭشىكى /Setup پارامېتىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئادەتتە بىز بەزى پروگراممىلارنىڭ بۇيرۇق پارامېتىرلىرىغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز، بىراق ئۇلاردا بەزى مەخپىي ئىقتىدارلار بار بولۇپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلىسەكلا، بىزگە زور پايدىسى تېگىدۇ.

Windowsتا دىسكا تەكشۈرۈش پروگراممىسى(磁盘扫描程序) نىڭ نۇرغۇن بۇيرۇق پارامېتىرى بولۇپ، سىز Dost ھالەتتە، ياكى ئىجرا قىلىش(运行) كۆزنىكى ئارقىلىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر دائىم بىر خىللا بۇيرۇق پارامېتىرىنى ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز ئۇنىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى تېز قوزغىتىش سىنبەلگىسىنى قۇرۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

/SILENT بولسا دىسكا تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىش ۋە ھېچقانداق تەڭشەش ۋە ئالىي دەرىجىلىك تەڭشەشكە يول قويماسلىق.

/A بولسا بارلىق يەرلىك دىسكىنى تەكشۈرۈش.

/N دىسكا تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى ئاپتوماتىك قوزغىتىش ۋە ئاپتوماتىك چېكىنىپ چىقىش.

/P دىسكا تەكشۈرۈش پروگراممىسىنىڭ بايقىغان خاتالىقنى تۈزىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

X: بۇنىڭدىكى X بولسا دىسكا رايونىنىڭ نامىدۇر(بۇنىڭغا / دېگەن بۇيرۇق پارامېتىرلىرىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز).

مىسال:

1) E دىسكىنى تەكشۈرۈش ۋە دىسكا تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى ئاپتوماتىك قوزغىتىپ، ئاپتوماتىك چېكىنىپ چىقىش.

بۇيرۇق شەكلى: SCANDSKW E: /N

2) بارلىق دىسكىنى تەكشۈرۈش ۋە دىسكا تەكشۈرۈش پروگراممىسىنىڭ بايقىغان خاتالىقنى تۈزىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

بۇيرۇق شەكلى: SCANDSKW /A /P

8. دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسىدىن باشقىسىنى ئىشلەتكەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسىدىن باشقىسىنى(مەسىلەن WinAlign) ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۇ ۋەزىپە نازارەت قىلغۇچ خاتىرىلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا پارچە بۆلەكنى رەتلەشنى بىۋاسىتىلا ئېلىپ بارساق، بەلكىم پايدىسى بولماسلىقى، يەنى ئەلالاشتۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بولسا، پارچە بۆلەكنى رەتلەشتىن بۇرۇن Windows ۋە ئۆزىمىز كۆپ ئىشلىتىدىغان پروگراممىلارنى كۆپ قېتىم قوزغىتىمىز، بۇنداق بولغاندا، ۋەزىپە نازارەت قىلغۇچ يېڭىدىن توغرا ئۇچۇرلارنى توپلاپ، دىسكىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، Windows98نىڭ دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسىنى قوزغاتقاندا بەلكىم سىز كۆزنەكتىكى Intel بەلگىسىدىن ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ زاۋۇتلىرى بۇ ئەلالاشتۇرۇش پروگراممىسىنى يېزىشقا قاتنىشىپ قالىدۇ؟  ئۇنىڭ سەۋەبى دىسكىنىڭ ئىزدەش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى سىستېمىنىڭ ئومۇمى گەۋدە ئىقتىدارنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق بولغاندا باشقىلاردا CPUنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنكەن دېگەن خاتا قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ، CPUنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز بولغان ھېسابلاش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ. Microsoftنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 奔腾233لىك كومپيۇتېردا Windowsنى قوزغاتقاندا، 奔腾150غا قارىغاندا پەقەت 3%لا تېز بولىدىكەن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۈرئىتى تېز بولغان CPU قاتتىق دىسكىنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇش كەمچىلىكىنى يېڭىپ كېتەلمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن دىسكىنىڭ ئىزدەش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇشتەك بۇ قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىش ئۈچۈن، ئوخشاش بىر مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە Intel بىلەن Microsoftبىرلىشىپ، Windows98نىڭ دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان.

9. دىسكا پارچىلىرىنى قانداق قىلغاندا تېز سۈرئەتتە رەتلىگىلى بولىدۇ؟

ھەر قېتىم دىسكا پارچىلىرىنى رەتلىگەندە، باشلاش(开始) تىزىملىكىدىكى پروگرامما(程序) دىن قوشۇمچە دېتال(附件) نىڭ سىستېما قوراللىرى(系统工具) دىكى دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش پروگراممىسى(磁盘碎片整理程序) نى تاللاپ، ئاندىن رەتلىنىدىغان دىسكا رايونىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز، بۇ ئىنتايىن ئاۋارىچىلىك بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا بۇ بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى بىراقلا ئورۇنلىغىلى بولىدۇ.

Windowsنىڭ مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىدە تۇرۇپ، تەكشۈرۈش(查看) تىزىملىكىدىن ھۆججەت خالتىسى تۈرلىرى(文件夹选项) دىكى ھۆججەت تۈرلىرى(文件类型) كارتىسىنى تاللايمىز، ئۇنىڭدىكى تىزىملانغان ھۆججەت تۈرلىرى(已注册的文件类型) تىزىملىكىدىن دىسكا قوزغاتقۇچ(驱动器) نى تاللاپ، تەھرىرلەش(编辑) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. چىققان ھۆججەت تۈرلىرىنى تەھرىرلەش(编辑文件类型) كۆزنىكىدىن يېڭىدىن قۇرۇش(新建) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، مەشغۇلات(操作) كۆزنىكىگە دىسكا پارچىلىرىنى تېز سۈرئەتتە رەتلەش(快速整理磁盘碎片) دېگەن خەتنى كىرگۈزىمىز(دىققەت: خەنزۇچە خېتىنى كىرگۈزىمىز)، مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىدىغان پروگرامما(用于执行操作的应用程序) دېگەن كۆزنەككە C:Windowsdefrag. exe "%1" noprompt دېگەننى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇپ، بارلىق كۆزنەكتىن چېكىنىپ چىقساق بولىدۇ. ئەمدى كومپيۇتېرىم كۆزنىكىنى ئېچىپ، دىسكا پارچىلىرىنى رەتلىمەكچى بولغان دىسكا رايونىنى ئوڭ چېكىپ كۆرۈڭ، چىققان تېز قوزغىتىش تىزىملىكىدە دىسكا پارچىلىرىنى تېز سۈرئەتتە رەتلەش(快速整理磁盘碎片) دېگەن تۈرنى كۆرەلەيسىز، ئەگەر شۇنى تاللىسىڭىز، شۇ دىسكا رايونىنىڭ دىسكا پارچىلىرىنى رەتلەش مەشغۇلاتى باشلىنىپ كېتىدۇ.


مەنبە: it.people.com.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.067608 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 05:40

چوققىغا قايتىش