ئۆزەم يازغان رۇبائىيلار(3)
(101)
دوستقىمۇ مۇئەييەن بوشلۇق ساقلىغىن
ھەقىقى دوستلۇقنىڭ بۇرچىن ئاقلىغىن
كۈن ئۈتۈپ، ئايلانسا دۈشمەنگە، دوستۇڭ،
پۇشمان يەپ بىر ئۆمۈر دەردكە پاتمىغىن!
(102)
بىر دوستۇم پۇلنى دەپ ئازدى بىردەمدە
ھەقىقەت يولىدىن تەزدى بىردەمدە
بۇلغىغاچ پۇل ۋە مال ئۇنىڭ ئەقلىنى
مېھنەتسىز ھاياتتىن بەزدى بىردەمدە.
(103)
دوستۇم سەن قاراپراق پۇت سۇن يوتقانغا،
كەلمەيدۇ ھەمىشە ئامەت ئۇتقانغا
دو كېتىپ كاج كەلسە بىركۈن تەلىيىڭ،
قالىسەن ئۆمۈرلۈك ھەسرەت-پۇشمانغا!
ھوقۇق-مەنسەپ ھەققىدە
(104)
رەھبەرسەن دەرمان بول ئەلنىڭ دەردىگە،
قۇلاق سال ئۇلارنىڭ ئىنكاس-ئەرزىگە.
ئاۋامنى پەس كۆرۈپ، كۆرسەتسەڭ كىبىر،
قالىسەن ئاقىۋەت ۋىجدان قەرزىگە.
(105)
بىر دوستۇم ئۆزىنى ماختاپ يۈرىدۇ،
پەش تارتسام ئۇ مەندىن باتناپ يۈرىدۇ.
شۇئەيىپ تۈپەيلى چۈشۈپ مەنسەپتىن،
ئەمدى-زە، تەقدىردىن قاقشاپ يۈرىدۇ.
(106)
مەنسەپكە ئېرىشتىم، كۆك بولدى بېشىم
ۋەلېكىن ئاۋامغا ياقمىدى ئىشىم
دەم ئۆتمەي يىقىلدىم، چۈتۈم نەزەردىن
يىقىلىش بىلەنلا تۆكۈلدى چىشىم.
(107)
ئاۋامنىڭ ئىشىغا كۈيۈن ئەر بولساڭ،
ئاۋامنىڭ غېمىنى ھەرچاغ يەر بولساڭ...
ئەل ئىش –ئەر ئىشى، ساۋاپ تاپارسەن
دۇنيادا،تۆكۈلگەن تامچە تەر بولساڭ
(108)
شىپالىق تىلىسەڭ، نىمجان كۈلىدۇ،
شاپائەت ئەيلىسەڭ، بىر جان كۈلىدۇ.
ئۇلۇغ بىل ئاۋامنى، قىلغىن ياخشىلىق
شۇچاغدا كائىنات-ھەرجان كۈلىدۇ!
ياشلىق ھەققىدە
(109)
ياش چېغىڭ، ئوينايسەن، قىلچە غېمىڭ يوق
ئائىلەڭ يۈلەكتۇر، ئەسلا كېمىڭ يوق.
ئەر يېتىپ،تۇرمۇشلۇق بولدۇڭ سەن قاچان
غەم تېغى باسىدۇ، غەمسىز چېغىڭ يوق...
(110)
جىدەلدىن نېرى قاچ، ئۆزۈڭنى ئاتما،
ياماندىن نېرى بول، يېنىڭغا تارتما،
«يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يۇقار»
بۇنى سەن ھەردائىم ئېسىڭدە ساقلا...
(111)
ھەميانىم توم چاغدا ئۈلپەتلەر تولا،
قول قۇرۇق، بېشىمدا كۈلپەتلەر تولا،
باشقىدىن ئەمەس دەل «ئۈلپەت»تىن ماڭا،
ياغدىغۇ ئازارلىق-تۆھمەتلەر تولا.
(112)
ياشلىقتا ئىزدىنىپ، خىزمەت قىپ ئەلگە،
قالدۇرغىن ئۆمرۈڭدىن بىر نىشان بەلگە،
ئېغىزىڭدا مىڭ ۋەدە قىلغىنىڭ بىكار،
ئەمەلدە قىلمىساڭ، تەڭ بولۇر يەلگە.
ئىللەتلەر ھەققىدە
(113)
پارىخور ھەمىشە كۆزلەيدۇ نەپنى،
زەررىچە ئىشقىمۇ ئەگىتىپ گەپنى،
ماڭغاچقا بۇنداقلار تۈز يولدا«ئەگىپ»
دەم ئۆتمەي بۇزىدۇ تەرتىپنى-سەپنى.
(114)
تەخسىكەشنىڭ كۆزى مەنسەپتە-تۆردە،
نە تۆركى،تۆردىكى تامغا-مۆھۈردە،
شۇھەۋەس تۈپەيلى چاپار بىر ئۆمۈر،
تىنچىماس ئېھتىمال ئۆلسىمۇ گۆردە.
(115)
تىنچىماس تەخسىكەش ئادەم ئازدۇرۇپ
بىرسىگە ھىجىيىپ،بىرسىگە يالۋۇرۇپ،
ئويۇننى ئوينايدۇ پىنھاندا،لېكىن-
ئاخىرى بىركۈنى قويار چاندۇرۇپ.
(116)
ئۆزگەرگەچ بەزىلەر مۇھىتقا قاراپ،
بەزىبىر باشلىققا قالىدۇ ياراپ،
ئەگەردە«باشلىق»ى چۈشسە مەنسەپتىن،
قانىتى قايرىلىپ، بولىدۇ خاراب!
(117)
كۆرەڭلىك ئېپكەلمەس ئادەمگە ئامەت
تەكەببۇر نەدە بار-شۇيەردە ئاپەت.
كەمتەرلىك تاجىنى كىيەلىسە كىم
قولىدا ئەڭگۈشتەر- شۇدۇر ھەقىقەت!
(118)
ھە دېسە شاپاشلاپ، بولۇپ پايپېتەك،
قۇياشنىڭ يۈزىگە ياپمىغىن ئىتەك،
قارىنى ئاق دەپلا كۆز يۇمساڭ ھەقكە،
كور قىلار كۆزۈڭنى ئۆتكۈنچى تۈتەك.
(119)
ھەسەتخور ئۆلىدۇ ئاخىر ھەسەتتە،
ئۆتكەچكە كۈنلىرى ئەلەم-ھەسرەتتە،
ھەقىقەت ئالدىدا يۈزى يوق ئەسلا،
ياشىغاچ ھەمىشە غەيرىي مەقسەتتە.
(120)
ئاقىلسەن، ئەل ئارا پىتنە تېرىما
ئۆملۈك دەرىخىدىن شاخنى يىرىما.
بىر بۇيۇك جەڭ ئۈچۈن ئاتلانسا ئاۋام
سەن ئۇنىڭ قارشىغا تىزگىن سىيرىما!
(121)
يىمىدىڭ، يىققىنىڭ قالدى بالىغا
ئۇ خەجلەپ تۈگەتتى باقماي ھالىغا.
ئەگەردە ئىلىمنى مىراس ئەيلىسەڭ
ئۇ ئەقىل ئۈگىتەر دىتى چالىغا!
(122)
ساختىپەز مىكرىدىن تاپىدۇ شادلىق
ھەركىمنىڭ نېمىتى ئۆزىگە تاتلىق
ۋەلېكىن تەمتىرەپ قالار ئاخىرى
روبىرو كەپقالسا ھەقىقەت ئاتلىق.
(123)
بولاي دەپ ئويلىساڭ ھەسرەتتىن خالىي،
بولسىنسەن بىر ئۆمۈر ھەسەتتىن خالىي،
ئەشۇ چاغ گۈل ئاچار ئىقبالىڭ بېغى،
بولغاندا سەن غەيرىي مەقسەتتىن خالىي.
(124)
ھەرئىشتا بول ئېغىر، قىلغىن پۇختىلىق
ئاقمايدۇ ئاقىۋەت ئالداش-ساختىلىق
ھەق ئىشقا يول ئوچۇق،قارىغىن قېنى
ساختىلىق ئېپكەلگەن كىمگە ياخشىلىق.
ھەييام ئىزىدىن
(125)
ئەي ساقى، قۇيغىنا شارابنى لىق-لىق،
ئىچەيمەن بۇ نۆۋەت ئالماي بىر تىنىق،
تەشنالىق قانمىدى رۇمكىدا بۇدەم،
مەي-شاراپ ئىچرە مەن يايراي بوپ بېلىق!
(126)
ئاچچىققا سەۋرى قىل، تاتلىقى باردۇر،
قايغۇنىڭ ھامان بىر شادلىقى باردۇر.
كۆردۈڭمۇ بەزمىدە شاراب كەينىدىن،
لەززەتلىك«زاكۇسكا»ئاتلىقى باردۇر.
(127)
شادلىنىپ كۈلسەممەن، دەيسەن: كۈلمىگىن،
يىغلىسام دەيسەنكى: باغرىم تىلمىغىن.
تەئەججۈپ ئىلكىدە قالسام ھاڭۋېقىپ
سەن دېدىڭ: ئاھ، جېنىم، جىمجىت تۇرمىغىن.
(128)
ئەي مەيخور دوستۇڭغا تەڭلەپ رۇمكىنى
دەيسەن ھەم:«بۇ كۆڭلۈم، ئالە، ئىچ ،قېنى»
دوست بىلسەڭ دوستۇڭغا شاراپ تەڭلمە،
دۈشمەنگە تەڭلىگىن، قېنى ئىچكىنى!
(129)
مەستلىكتە تۇتقانتىم دوستۇمغا شاراپ
ۋە لېكىن ئۇ ماڭا قويمىدى قاراپ.
زورلىسام«كۆڭلۈم»دەپ، دېدىكى دوستۇم،
بولالماس مەست كۆڭۈل دوستلۇققا جاۋاب!
(130)
مەست بولسام كۈلىمەن، كېلەر يىغلىغۇم
نامەردلەر باغرىنى يارغۇم-تىلغىغۇم
مەن كەبىي مەرد-سېخى دوستلارنى بۇ دەم
ھەييامنىڭ بەزمىسى تامان چىللىغۇم.
غايە، ئېتىقاد ۋە ھاياتلىق ھەققىدە
(131)
مېۋىسىز دەرەخ ئۇ بېرەلمەس سايە،
مۇھىمدۇر ئىنسانغا ئېتىقاد-غايە،
تىرىشىپ شۇيولدا بەرمىسەڭ بەدەل،
چىن غايەڭ بولغۇسى بىھۇدە زايە.
(132)
ئۈمىدلىك ياشىغىن، بولما دىل ئۈزۈك
تەپەككۇر ئەيلىگىن، تازا ھەم سۈزۈك،
ئۈمىدلىك ياشىساڭ، دۇنيا بەك گۈزەل
ئۈمىدسىز، شەيتانغا ئەل بولغان تۈزۈك!
(133)
دۇنيانىڭ راھىتى، جاپاسىدىن كۆپ،
ئادەمنىڭ ئىللىتى، ساپاسىدىن كۆپ
ئىللەتلىك بولساڭمۇ، بولسۇن ساڭا يار ،
ئىللەتنى تۈزىتىش-خاتاسىدىن كۆپ!
(134)
قارىنى قارا دە، ئاقنى ئاق ھامان،
ھەقكە كۆز يۇمۇش ھەممىدىن يامان،
ئوخشايدۇ بۇ جاھان غەلۋىرگە ئەينى،
بۇغدىيى ئىلغىنار، شاللىنار سامان!
(135)
ھاياتلىق توختىماس، كۈندۈز-كېچىدە،
ھەرئادەم بىر تاۋلىنار ئۇنىڭ پېچىدە.
جاپاغا چىداشلىق ھەقىقى ئەركەك
تاۋلىنىپ چىقىدۇ مېھنەت كۈچىدە!..
(136)
ھاياتنىڭ مەنىسى مېھنەتتە-تەردە،
تاپىدۇ ئۇ قىممەت، ھەقىقىي ئەردە..
چىدىساڭ ۋاقىتلىق رەنجى-جاپاغا،
تەرىڭدىن گۈل ئۈنەر قاقاسلىق يەردە!
(137)
روھىڭدا ئادەملىك پەزىلەت بولسۇن،
ئۆمرۈڭنىڭ ئېتىزى نېئمەتكە تولسۇن.
تۆت كۈنلۈك پانىي بۇ، ئەنسىرەپ كەتمە-
ھاياتىڭ گۈلزارى ئەل ئۈچۈن سۇلسۇن....
(138)
ياخشى سۆز-زەر ھالقا، قۇلاققا ئاسقىن
يامانغا سۈكۈت قىل، ئۆزۈڭنى باسقىن.
ئىبرەتتۇر يامان سۆز ،زەرەر يەتمەستە
ئۆزۈڭنى پىنھان قىل، ۋەياكى قاچقىن!
(139)
ھاياتتا ئىمتىھان-سىناقلار تولا،
سىناقكى، تېپىشماق-سوراقلار تولا،
ھەزەر قىل، بۇيولدا ماڭغىن پەم بىلەن،
تېخى سەن كۈتمىگەن توزاقلار تولا.
(140)
ئائىلە –بىلگىنكى خىسلەتلىك زېمىن،
ئايالىڭ ئۇندىكى بىر مۇنبەت تۇپراق.
سۆيگۈدىن سۇ ئىچكەن ئەرلەر گوياكى-
شۇمۇنبەت تۇپراقتىن ئوخچىغان بۇلاق!
(141)
بەختسىزلىك-قەيسەرنىڭ پەلەمپىيىدۇر
ئۆرلەيدۇ قانچىلىك بولسىمۇ قىيىن.
ئۈمىدسىز يىقىلسا تۇرمىقى مۈشكۈل،
قىلىدۇ چۈشكۈنلۈك روھنى بىر تىيىن!
(142)
ھەرئىشقا پەم قىلغىن، بولما پىلانسىز،
ئۆتمىگىن دۇنيادىن ،ئىزسىز-نىشانسىز..
سېلىپ قوي ھاياتقا چىغىر بولسىمۇ،
ئەۋلادقا يول بولار سېلىپ قويغان ئىز...
سودا-تىجارەت ھەققىدە
(143)
بولسا گەر سودىدا ئىنساب-ھالاللىق،
يەتمىگەي ئۇنىڭغا تەشۋىش-مالاللىق،
گەر سودىدا كۆرۈلسە ساختا نىقابلىق،
بولغۇسى ئاقىۋەت ھامان زاۋاللىق.
(144)
پۇل مالغا بېشىڭچە بېرىلىپ كەتمە،
ئۆزۈڭچە بايمەن دەپ كېرىلىپ كەتمە.
ئىشلەتمەي پۇلۇڭنى خەيرلىك ئىشقا،
ئەل-ئاۋام نەزىرىدىن سېرىلىپ كەتمە.
(145)
پەخەس بول،سودىدا ئالدامچىلاردىن،
شەيتاندەك مىكرى كۆپ يالغانچىلاردىن،
ئىشلەتكىن ئەقلىڭنى،قۇتۇلماق مۈشكۈل،
كۆزۈڭگە كۆرۈنمەس«ئارغامچىلار»دىن.
(146)
ھەرئىشتا بول ئېغىر، قىلغىن پۇختىلىق
ئاقمايدۇ ئاقىۋەت ئالداش-ساختىلىق
ھەق ئىشقا يول ئوچۇق،قارىغىن قېنى
ساختىلىق ئېپكەلگەن كىمگە ياخشىلىق.
(147)
دوستلۇقنى بىلگىن بىر مۇقەددەس مۇنار،
مۇناركى پەقەتلا ئىككى پۇتى بار.
زەررىچە تەۋرەنسا ئۇلارنىڭ بىرسى
تەھقىقكى ئۇ مۇنار دەم ئۆتمەي غۇلار.
(148)
دوست بولدۇق، دوستلۇقنى قىلدۇق بىز كۆرەك
بىلگەچكە مەنسەپنى دوستلۇققا تېرەك،
دەم ئۆتمەي دوستلۇقمۇ بولدى بىر تىيىن،
قول سوزغاچ ئارىغا «ھەسەتخور» يۈرەك.
(149)
شادلىنىپ كۈلسەممەن، دەيسەن: كۈلمىگىن،
يىغلىسام دەيسەنكى: باغرىم تىلمىغىن.
تەئەججۈپ ئىلكىدە قالسام ھاڭۋېقىپ
سەن دېدىڭ: ئاھ، جېنىم، جىمجىت تۇرمىغىن.
(150)
ساختىپەز مىكرىدىن تاپىدۇ شادلىق
ھەركىمنىڭ نېمىتى ئۆزىگە تاتلىق
ۋەلېكىن تەمتىرەپ قالار ئاخىرى
روبىرو كەپقالسا ھەقىقەت ئاتلىق.
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
|