كۆرۈش: 59|ئىنكاس: 0

Windows سېستىمىسىدىكى بىخەتەر ھالەتنىڭ قانداق رولى بار؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
1
توردا
17 سائەت
نادىر
0
تېما
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 14:14:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلىەرنىڭ Windows سېستىمىسىدىكى بىخەتەر ھالەتنىڭ رولىغا قارىتا چۈغنچىسى دىگەندەك ئايدىڭ ئەمەس بولۇپ، تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە Windows سېستىمىسىدىكى بىخەتەر ھالەتنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا قارىتا چۈشەنچە بېرىمەن.

ئاساسى چۈشەنچە.

بىخەتەر ھالەت Windows مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ھالەت بولۇپ، كومپىيوتېر بىلەن دائىم ھەپىلىشىدىغانلارغا ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. بىىەتەر ھالەتتە ئابونچىلار بىر قىسىم خاتالىقلارنى ئاسانلا تۈزىتەلەيدىغان بولۇپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىخەتەر ھالەت خىزمەت پىرىنسىپى بولسا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھېچقانداق قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى قوشمىغان ئەھۋالدا كومپىيوتېرنى قوزغىتىش بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئابونچىلار كومپىيوتېر سېستىمىسىدىكى خاتالىقلارنى ئاساسنلا تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ ۋە تۈزىتەلەيدۇ.

بىخەتەر ھالەتكە كىرىش.

كومپىيوتېر قوزغالغاندا Windowsنىڭ قوزغىلىش كۆرۈنۈشىگە كىرىشتىن بۇرۇن  كۇنۇپكىسىنى باسساق(ياكى كومپىيوتېر قوزغىلىۋاتقاندا Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇۋالساق)، مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۆپ خىل قوزغىلىش تىزىملىكى ئېچىلىدۇ، بۇ چاغدا Safe Mode(安全模式)نى تاللىساق، كومپىيوتېر بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىدۇ.

جاھىل ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش.

بىز Windows مۇھىتىدا بەزى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرگەندە ياكى يىغىۋېلىش پونكىتىنى تازىلىغاندا سېستىما بەزىدە بۇ ھۆججەتنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، ئۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆرسەتمە چىقىرىپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇ چاغدا بىز كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ بىخەتەر ھالەتتە سېستىمىغا كىرگەندىن كېيىن Windows بۇ ھۆججەتلەرگە بولغان كونتىرول ھوقۇقىنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ چاغدا بۇ ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ.

بىخەتەر ھالەتتە سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش.

ئەگەر كومپىيوتېر نورمال ھالەتتە قوزغىلالمىسا، بىخەتەر ھالەت ياكى باشقا ھالەتتە كومپىيوتېرنى قوزغىتىپ، سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرساق بولىدۇ. بۇنىڭدا بىخەتەر ھالەتكە كىرگەندىن كېيىن باشلاش(开始) تىزىملىكىدىكى بارلىق پىروگىرامما(所有程序)نىڭ قوشۇمچە قورال(附件) ئارقىلىق سېستىما قوراللىرى(系统工具)دىن سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش(系统还原)نى تاللىساق، سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش يولباشچىسى كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، ئاندىن كومپىيوتېرنى بۇرۇنراق بولغان بىر ۋاقىتقا قايتۇرۇش(恢复我的计算机到一个较早的时间) تۈرىنى تاللاپ، كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسساق، سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇشنى باشلايدۇ.

ۋىروس تازىلاش.

ھازىر ۋىروسلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كەتمەكتە، ۋىروس تازىلىغۇچى دېتاللارمۇ كۈندىن كۈنگە يېڭىلانماقتا. بىراق Windows مۇھىتىدا ۋىروس تازىلىغاندا بىز دىگەندەك تولۇق خاتىرجەم بولالمايمىز، چۈنكى بۇ يەنە گىرەلەشمە ۋىروسلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. بىراق بەزى ۋىروس تازىلاش دېتاللىرى DOS مۇھىتىدا قوزغىلالمايدۇ، بۇنداق چاغدا بىز سېستىمىنى بىخەتەر ھالەتتە قوزغاتساق بولىدۇ، بۇنىڭدا Windows پەقەت ئەڭ ئاساسلىق قوزغىتىش پىروگىراممىلىرىنىلا يۈكلەيدۇ، بۇنداق ھالەتتە ۋىروس تازىلىغاندا، ئەڭ پاكىز ۋە ئۈزۈل- كېسىل تازىلىغىلى بولىدۇ.

گۇرۇپپا سىتېراتېگىيىسىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىش.

ئەمەلىيەتتە Windowsتا گۇرۇپپا سىتېراتېگىيىسىنىڭ چەكلىمىسى تىزىملىك جەدۋەلنىڭ مەلۇم ئالاھىدە قىممەتلىرىنى يۈكلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، بىراق بىخەتەر ھالەتتە بۇنداق چەكلىمىلەرنى يۈكلىمەيدۇ. سېستىمىنى قايتا قوزغىتىپ F8 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرغاندىن كېيىن چىققان قوزغىلىش تىزىملىكىدىن بۇيرۇق قۇرى بار بولغان بىخەتەر ھالەت(带命令提示符的安全模式)نى تاللايمىز، ئاندىن قوزغىلىپ ئۈستەل يۈزىگە كىرگەندىن كېيىن، قوزغالغان بۇيرۇق قۇرىغا C:WindowsSystem32XXX.exe(بۇ يەردىكى XXX.exe بولسا سىز قوزغىتىدىغان پىروگىراممىدۇر) دىگەن بۇيرۇقنى يازساق، ھەممە پىروگىراممىنى ئاساسەن قوزغاتقىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇل بويىچە كونتىرول سۇپىسىنى قوزغىتىپ، ئالدىنقى قېتىملىق مەشغۇلات بويىچە چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرساق، ئاندىن سېستىمىنى قايتا قوزغىتىپ نورمال ھالەتتە سېستىمىغا كىرسەكلا بولىدۇ.

سېستىىمىنڭ كاشىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

ئەگەر Windows سېستىمىسى ئانچە مۇقىم خىزمەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالسا ياكى نورمال قوزغىلالمايدىغان بولۇپ قالسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دەسلەپتە ئويلايدىغىنى سېستىمىنى قايتا قاچىلاش بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تىزىملىك جەدۋىلىنىڭ كاشىلىسىدىنلا بولغان بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ پەقەت ھاجىتى يوق. كومپىيوتېرنى قايتا قوزغاتقىلى ۋە بىخەتەر ھالەتكە كىرگىلى بولسىلا، بۇ كاشىلىنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ. كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ، بىخەتەر ھالەتتە سېستىمىغا بىر قېتىم كىرىۋەتكەندىن كېيىن، سېستىمىنى قايتىدىن قوزغىتىپ، نورمال ھالەتتە سېستىمىغا كىرسەك بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئوڭشىلىپ قالغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ تىزىملىك جەدۋىلىنىڭ كاشىلىسىدىن كېلىپ چىققان سېستىما كاشىلىسىغا ئىنتايىن ئۈنۈم بېرىدۇ، چۈنكى Windows بىخەتەر ھالەتتە قوزغالغاندا تىزىملىك جەدۋىلىدىكى مەسىلىلەرنى ئاپتوماتىك تۈزىتىدۇ، شۇڭا Windowsنى بىخەتەر ھالەتتە مۇۋەپپىقىيەتلىك قوزغىتالىساقلا، ئادەتتە نورمال ھالەتتە قوزغاتقىلى بولىدۇ.

سېستىمىنىڭ تەڭشىكىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش.

ئەگەر ئابونچى يېڭىدىن يۇمشاق دېتال قاچىلىغان ياكى مەلۇم تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتكەن سەۋەپلىك سېستىما نورمال قوزغىلالمىسا، بۇنىڭدىمۇ بىخەتەر ھالەتكە كىرىپ ھەل قىلىشقا توغرا كلېىدۇ. ئەگەر يېڭىدىن يۇمشاق دېتال قاچىلىغان بولساق، بىخەتەر ھالەتتە تۇرۇپ ئۆچۈرىۋېتىمىز. ئەگەر مەلۇم تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتكەن بولساق، بىخەتەر ھالەتتە تۇرۇپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئېكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئېكرانىڭ كۆرسىتىش دائىرىسىدىن يۇقۇرى قىلىپ تەڭشىگەندە، ئېكران قاپ- قاراڭغۇ بولۇۋالىدۇ، بۇنى بىخەتەر ھالەتتە تۇرۇپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مەخپى نومۇر تەلەپ قىلىدىغان ئېكران ئاسراش پىروگىراممىلىرىنى قوزغىلىش تۈرىگە قوشۇپ قويغاندا، سېستىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىراق مەخپى نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغاندا، كومپىيوتېرغا نىسبەتەن ھېچقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدىمۇ بىخەتەر ھالەتتە تۇرۇپ ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

يامان نىيەتلىك ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان پىروگىرامما ياكى مۇلازىمەتلەرنى تېپىپ چىقىش.

ئەگەر كومپىيوتېردا تورغا چىقالماسلىق دىگەندەك ئاجايىپ- غارايىپ خاتالىقلار كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كاشىلىنىڭ سەۋىۋىنى ئادەتتىكى ئۇسۇللار بىلەن تېپىپ چىققىلى بولمىسا، كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ، تور ئۇلىنىشى بار بولغان بىخەتەر ھالەت(带网络连接的安全模式)تە قوزغىتىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، ئەگەردە بۇ خىل ھالەتتە تورغا چىققىلى بولسا، ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان مەلۇم پىروگىرامما ياكى مۇلازىمەتنىڭ نورمال تور ئۇلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ماسلاشمىغان قاتتىق دېتاللارنى تېپىپ چىقىش.

XP سېفىرلىق ئىمزا قويۇش شەكلىدىكى قوزغىتىش پىروگىراممىسى شەكلىنى قوللانغانچقا، تۈرلۈك قاتتىق دېتاللارنى تەكشۈرىشىمۇ بىر قەدەر قاتتىق بولىدۇ، شۇڭا بىر قىسىم قاتتىق دېتاللارنى نورمال ھالەتتە قوزغىتىپ ئىشلەتكىلى بولماسلىقى مۈمكىن. مەسىلەن بۇرۇن چىققان بىر قىسىم CABLE MODEM قاتارلىقلار. ئەگەر نورمال ھالەتتە XP بۇ دېتاللارنى تونۇمىسا، كومپىيوتېرنى بىخەتەر ھالەتتە قوزغاتقاندىن كېيىن، بىخەتەر ھالەتتە تۇرۇپ يېڭى دېتالنى تاپقۇزسىڭىز ۋە ئۇنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى قاچىلىسىسڭىز، CABLE MODEMنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى توغرا قاچىلىيالىشى مۈمكىن.

توغرا بولمىغان قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى ئۆچۈرۈش.

ئادەتتە بەزى قوزغىتىش پىروگىراممىلىرى قاتتىق دېتالىڭىزغا ماس كەلمىسە، XPنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قورلاى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز. بىراق كۆرسىتىش كارتىسى ۋە قاتتىق دېسكىنىڭ IDE قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى خاتا قاچىلاپ قالسىڭىز، قارشى ئېلىش كۆزنىكىگە كىرگەندىلا سېستىما قېتىۋالىدۇ. بەزى ئاساسى تاختىلارنىڭ ULTRA DMA يامىقىنى قاچىلىغاندىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسە يۈز بېرىدۇ. Windows خالىغان ۋاقىتتا ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە قاتتىق دېسكىدىكى بەت يۈزى ھۆججەتلىرىنى ئوقۇپ كومپىيوتېرنىڭ ھالىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بولغاچقا، قاتتىق دېسكىنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىدا مەسىلە كۆرۈلسىلا سېستىما شۇ ھامان ۋەيران بولىدۇ. بۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

بەزى چاغلاردا باشقۇرغۇچى ھىساباتىنى چەكلىۋەتكەنلىكتىن سېستىمىنى ئاسراش جەھەتتە قىيىنچىلىققا يولۇقىشىمىز مۈمكىن. مەسىلەن دائىرلىك تور مۇھىتىدا ئۇلىنىشنى قۇرىدىغان بىخەتەر ئۇچۇر يولى مەلۇم سەۋەپتىن ئۈزۈلۈپ قالسا، بۇنىڭدا يەرلىك باشقا باشقۇرغۇچى ھىساباتى بولمىسا، كومپىيوتېرنى بىخەتەر ھالەتتە قوزغىتىپ ئۇلىنىش ھالىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىش مەسىلىسىنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

ئەگەر چەكلىۋەتكەن باشقۇرغۇچى ھىساباتىنى قايتىدىن قوزغاتماقچى بولساق، بىراق نۆۋەتتىكى باشقۇرغۇچى مەخپى نومۇرى مەخپى نومۇرنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇ ھىساباتنى قوزغىتالمايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ باشقۇرغۇچى گۇرۇپپىسىدىكى باشقا ئىناۋەتلىك ئەزالار چوقۇم «يەرلىك ئابونچى ۋە گۇرۇپپا»(本地用户和组) كۆزنىكى ئارقىلىق بۇ باشقۇرغۇچنىڭ مەخپى نومۇرىنى بېكىتسە بولىدۇ.

مەنبە: it.people.com.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.069102 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-24 15:43

چوققىغا قايتىش