كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 0

Vistaئارقىلىق تورغا چىقىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
1
توردا
17 سائەت
نادىر
0
تېما
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 14:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Vistaنىڭ زۆرۈر بولمىغان كېلىشىملىرىنى ئۆچۈرىۋېتىش ئارقىلىق تورغا چىقىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش


ھەممەيلەن Windows vistaنىڭ سېستىما ئاپتوماتىك تەڭشىكىدە «يەرلىك ئۇلىنىش»(本地连接)قا نۇرغۇن كېلىشىملەرنى قوشۇپ قويىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن سېستىمىغا زۆرۈر بولمىغان يۈك ئارتىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە تورنىڭ پىرىنسىپىدىن قارىغاندا تور كارتىسىغا قوشۇپ قويىدىغان كېلىشىم قانچە ئاز بولسا، تورنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ، BT، HTTP قاتارلىق توردىن چۈشۈرۈش قوراللىرىنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتىمۇ تەبىئىلا يۇقۇرى بولىدۇ. بۇنىڭ كونكىرت باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. Windows vistaنىڭ «كونتىرول تاختىسى»(控制面板)دىن «تور ۋە ئىنتېرنېت»(网络和Internet)تىكى «تور ۋە ئورتاق بەھرلىنىش مەركىزى»(网络和共享中心)نى ئېچىپ، سول تەرەپتىكى كۆزنەكتىن «تور ئۇلىنىشىنى باشقۇرۇش»(管理网络连接)نى تاللايمىز.

2. ئېچىلغان كۆزنەكتىن «يەرلىك ئۇلىنىش»(本地连接) ياكى «سىمسىز ئۇلىنىش»(无线网络连接)(سىز قايسى خىل ئۇلىنىشنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، شۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ)نى تاللاپ، خاسلىقنى چېكىمىز. بۇنداق بولغاندا شۇ خىل تور ئۇلىنىش شەكلىگە ئىشلىتىلگەن تور ئۇلىنىشىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنىدۇ.

3. ئۇنداقتا قايسى كېلىشىملەرنى ئۆچۈرىۋەتسەك بولىدۇ؟

1) ئادەتتە (QoS 数据包计划程序) ۋە (Internet 协议版本 6(TCP/IPv6)) قاتارلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشكە بولىدۇ.

2) ئەگەر پەقەت ئىنتېرنېتقىلا چىقىدىغان، باشقا ئالاھىدە تورلارغا چىقمايدىغان بولسىڭىز، (链路层拓扑发现映射器I/O 驱动程序) ۋە (Link-Layer Topology Discovery Responder) دىگەننىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.

3) ئەگەر سىز دائىرىلىك توردا ھۆججەت ۋە پىرىنتىردىن ئورتاق پايدىلانمايدىغان بولسىڭىز، (Microsoft 网络客户端) ۋە (Microsoft 网络的文件和打印机共享)دىگەننىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. بىراق تورغا نورمال چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، (Internet 协议版本 4 (TCP/IPv4)) دىگەننى چوقۇم قالدۇرۇپ قويۇشىڭىز كېرەك.

4) ARP ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تېمى ياكى كاسپېرىسكىي قاتارلىق ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلىغاندا، يېڭىدىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تور كارتىسى كېلىشىملىرى قوشۇلۇپ قالىدۇ، بۇنى ئەڭ ياخشىسى قالدۇرۇپ قويۇڭ.

مەنبە: it.people.com.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.067151 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 00:35

چوققىغا قايتىش