كۆرۈش: 53|ئىنكاس: 0

تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپىيوتېرلاردىمۇ Vista ئىشلەتكىلى بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
1
توردا
17 سائەت
نادىر
0
تېما
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 14:07:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپىيوتېرلاردىمۇ Vista سىستىمىسى ئىشلەتكىلى بولىدۇ


Vista سېستىمىسىنىڭ گۈزەللىكى ۋە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىقتىدارلىرى بۇرۇنلا نۇرغۇن كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كومپىيوتېرىنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، Windows Vistaنى قاچىلىغاندا سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلاپ كېتىش سەۋىۋىدىن Windows Vistaنى ئىشلىتىشكە ئامال قىلالمايۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە سەپلىمىسى بىراز تۆۋەنرەك بولغان كومپىيوتېرلاردىمۇ Windows Vistaنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىناپ باقساق بولىدۇ.

كۆزنەكنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ۋە كومپىيوتېرنى تاقاشنى ئەلالاشتۇرۇش.

1. كۆزنەكنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش.

Windows Vista كۆزنەك ئاچقاندا ھەركەتچان كۆرۈنۈش ئۈنۈمىنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭدا ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ سىغىمى كىچىكرەك بولغان كومپىيوتېرلار كۆزنەك ئېچىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. بۇنى ياخشىلاشنىڭ چارىسى بولسا  ھەركەتچان كۆرۈنۈش ئۈنۈمىنى ئېتىۋېتىشتۇر. تىزىملىك جەدۋەل تەھرىرلىگۈچتىن HKEY_CURRENT_USERControl PanelDesktopWindow Metricsnhنى ئېچىپ، چىققان ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىكى MinAniMateنىڭ قىممىتىنى بىردىن نۆلگە ئۆزگەرتىۋەتسەك، ھەركەتچان كۆرۈنۈش ئۈنۈمى ئېتىلىدۇ.

2. كومپىيوتېرنىڭ تاقىلىش ۋاقتىدىكى ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش.

Windows Vista تاقىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، كومپىيوتېردىكى ئىجرا بولۇۋاتقان مۇلازىمەتلەرنىمۇ تاقايدۇ، ئەگەر مەلۇم پىروگىرامما سېستىمىنىڭ بەلگىلىگەن ۋاقتىدا تاقىلىپ بولالمىسا، سېستىما مەجبۇرى توختىتىدۇ. ئەمما بىز كومپىيوتېرنى تاقايدىغان ۋاقىتتا تاقلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى تولۇق قىلىپ بولغان بولىمىز، شۇڭا بۇ يەردە ساقلايدىغان بولساق، ۋاقىتنى بەكلا ئىسراپ قىلغان بولىمىز. تىزىملىك جەدۋەل تەھرىرلىگۈچتىن HKEY_LOCAL_MACHINESystemCurrentControlSetControlنى ئېچىپ، چىققان ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىكى WaitToKillServiceTimeoutنىڭ قىممىتىنى 20000دىن 1000غا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىكرەككە ئۆزگەرتىۋەتسەك بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: WaitToKillServiceTimeout دىگىنىمىز، يەنە بىر قىسىم ئاستىلىتىش ۋاقتى بېرىپ مۇلازىمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىجرا بولۇۋاتقان شۇ پىروگىراممىنىڭ ئاستىلاتقۇچ ساقلىغۇچتىكى ماتىرياللارنى سېستىما تاقىلىشتىن بۇرۇن قاتتىق دېسكىغا يېزىپ چىقىش ۋاقتى بولۇپ، ئەگەر بۇ ۋاقىت بەك قىسقا بولۇپ قالسا، ماتىرياللىرىمىز يوقىلىپ كېتىشى مۈمكىن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھۆججەتنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ساقلاپ مېڭىشقا ئادەتلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئىچكى ساقلىغۇچنى ئەلالاشتۇرۇش.

ئەگەر Windows XPنىڭ ئۈستەل يۈزىنى ئىنتايىن چىرايلىق دىسەك، ئۇنداقتا ھەيران قالغۇدەك چىرايلىق دىگەن سۆز بىلەن Windows Vistaنى سۈپەتلىسەك قىلچىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز، بىراق بۇنداق چىرايلىق تاشقى كۆرۈنۈش تېخىمۇ كۆپ ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇغىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن بولىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 512MB بولغان تەقدىردىمۇ، سېستىمىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى يېتىشمەسلىك ياكى سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەجەبا يەنە پۇل ىەجلەپ ئىچكى ساقلىغۇچنى كۆپەيتىش كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىز سېستىمىنىڭ بىز دائىم ئىشلەتمەيدىغان بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى ئېتىۋېتىپ ئىچكى ساقلىغۇچنى ھالقىلىق يەرگە ئىشلەتسەك بولىدۇ.

1. ئاپتوماتىك يېڭىلاش(自动更新) ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىش.

ئاپتوماتىك يېڭىلاش(自动更新) ئىقتىدارى بولسا مىكرو سوفت شىركىتى سېستىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ياماقلىرى ياكى بىخەتەرلىك ياماقلىرىنى ئېلان قىلغاندا، ئابونچىلارنىڭ سېستىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن بىر خىل ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتسەك، تورنىڭ ئېقىم مىقدارىنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىچكى ساقلىغۇچنىمۇ ئىگەللەيدۇ. ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتسەك، 1.5MBقا يېقىن بوشلۇقنى تېجەپ قالالايمىز.

كونكىرت مەشغۇلات ئۇسۇلى مۇنداق: ئۈستەل يۈزىدىكى كومپىيوتېرىم(Computer) سىنبەلگىسىنى ئوڭ چېكىپ، خاسلىق(Properties)نى تاللاپ، چىققان سېستىما خاسلىقى(System Properties)دىن ئاپتوماتىك يېڭىلاش(Automatic Updates) كارتۇچكىسىغا كىرىپ، ئاپتوماتىك يېڭىلاشنى تاقاش(Turn off Automatic Updates) تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن ساقلاپ چېكىنىپ چىقساق بولىدۇ.

2. سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش(系统还原)نى تاقىۋېتىش.

سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش بولسا Windows ME دەۋرىدىن تارتىپ بار بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رولى ئۇنچە چوڭ بولماي كەلدى، شۇڭا ئۇنى تاقىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

كونكىرت مەشغۇلات ئۇسۇلى مۇنداق: بۇنىڭ ئۇسۇلى سېستىمىنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلىنىشىنى تاقىۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كومپىيوتېرىم(Computer) سىنبەلگىسىنى ئوڭ چېكىپ، خاسلىق(Properties)نى تاللاپ، چىققان سېستىما خاسلىقى(System Properties)دىن سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش(System Restore) كارتۇچكىسىغا كىرىپ، بارلىق قوزغاتقۇچلاردا سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاقاش(Turn off System Restore on all drives) تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن ساقلاپ چېكىنىپ چىقساق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا 1MB ئەتراپىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

3. كۆرۈنۈش ئۈنۈمى(视觉效果)دىكى زۆرۈر بولغان ئۈنۈملەرنى تاقىۋېتىش.

Windows Vistaنىڭ ئۈستەل يۈزىنىڭ چىرايلىق كۆرۈنىشىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، بىر قىسىم زۆرۈر بولمىغان ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى تاقىۋېتىش ئارقىلىق ئىچكى ساقلىغۇچنى كۆپرەك تېجەپ قالالايمىز.

كونكىرت مەشغۇلات ئۇسۇلى مۇنداق: بۇنىڭ ئۇسۇلى سېستىمىنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلىنىشىنى تاقىۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كومپىيوتېرىم(Computer) سىنبەلگىسىنى ئوڭ چېكىپ، خاسلىق(Properties)نى تاللاپ، چىققان سېستىما خاسلىقى(System Properties)دىن ئالى دەرىجە(Advanced) كارتۇچكىسىغا كىرىپ، ئىقتىدار(Performance) تۈرىدىكى بەلگىلەش(Settings) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. چىققان كۆزنەكتىن كۆرۈنۈش ئۈنۈمى(Visual Effects) كارتۇچكىسىدىكى ئۆزى بەلگىلەش(Custom) تۈرىنى تاللىۋەتكەندىن كېيىن، ئاستىدىن پەقەت «مائوس ستېرىلكىسىغا سايە قوشۇش»(Show shadows under mouse pointer)، «ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەرگە سايە قوشۇش»(Use drop shadows for icon labels on the desktop) ۋە «كۆزنەك ۋە كۇنۇپكىلاردا كۆرۈنۈش ئۈنۈمى شەكلىنى قوللىنىش»(Use visual styles on windows and buttons) دىگەن ئۈچ تۈرنى تاللاپ قويساقلا بولىدۇ.

ئارتۇقچە مۇلازىمەتلەرنى تاقىۋېتىش

Windows Vista ھەر قېتىم قوزغالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مۇناسىپ مۇلازىمەتلەرمۇ ئارقا سۇپىدا جىم- جىتلا ئىجرا بولىدۇ. Windows Vistaنىڭ ئاپتوماتىك ئاچىدىغان مۇلازىمەتلىرى 50دىن ئارتۇق بولۇپ، گەرچە ھەر بىر مۇلازىمەتنىڭ ئىگەللەيدىغان ئىچكى ساقلىغۇچى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنى يىغىپ كەلگەندە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. يەككە ئابونچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا نۇرغۇن مۇلازىمەتلەرنىڭ قىلچە كېرىكى يوق بولۇپ، ئۇلارنى ئىجرا قىلىش ئىچكى ساقلىغۇچنى بىكار ئىسراپ قىلغان بىلەن باراۋەردۇر، شۇڭا ئۇلارنى توختىتىش بىر ياخشى تاللاش ھىساپلىنىدۇ.

كونكىرت مەشغۇلات ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: باشقۇرغۇچى ھىساباتى بىلەن سېستىمىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە services.msc بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ، مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش كۆزنىكىگە كىرىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن مۇلازىمەتنىڭ ئىسمى ۋە ھالەت ئۇچۇرلىرى بار بولۇپ، تاقىۋېتىدىغان مۇلازىمەتنى قوش چېكىپ، چىققان كۆزنەكتىن قوزغىلىش شەكلى(Startup type)نىڭ ئارقىسىدىكى ئۈچ بۈرجەكنى چېكىپ، چىققان بۇيرۇقتىن چەكلەش(Disabled)نى تاللىساقلا بۇ مۇلازىمەت تاقىلىدۇ. بۇ مۇلازىمەتلەرنى تاقاش ئىشىدا كۆپچىلىك مەزكۇر ژورنالنىڭ ئالدىنقى سانلىرىدا تونۇشتۇرۇلغان Windows xpنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى تاقاش ئۇسۇلىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

مىكرو سوفت ئاللىبۇرۇنلا Windows Vistaنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋىنىڭ بىراز يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، ھالبۇكى ھازىرقى ئەھۋال يۇقارقى سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىراق ئادەتتىكى ئەھۋالدا Windows Vistaنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بىز بۇلارنى تاقاش ئارقىلىق سېستىمىنى ئەلالاشتۇرساق، سەپلىمىسى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان كومپىيوتېرلاردىمۇ Windows Vistaنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
+

مەنبە:it.people.com.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.091962 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-24 03:34

چوققىغا قايتىش