تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 5

دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
8
جۇغلانما
40
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:18:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار !
تور بېكىتىمىز 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مائارىپ بايلىقلىرى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى توپلاپ - تارقىتىشنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا خاسلىقىمىزنى ساقلاپ، بۇ ساھەدە ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجە قازاندۇق، 3 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغانروھلان تور بېكىتىدە مائارىپ دەرسلىك ماتىرىياللىرى ۋە كومپيۇتېر، تورغا ئائىت ئاز بولمىغان ماتىرىيال ۋە بىلىملەر يوللاندى، بۇنى تورداشلارنىڭ ئىزچىل روھلان تور بېكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز، قوللاش ۋە ئىناقلىق بىزنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتقۇسى .
بىز بۇ يىلقى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا بىر سورۇن ھازىرلاش، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە روھلان تور بېكىتىمىزدە دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرماقچى .

روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى




رايۇنىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپ تېخنىكىسى، توردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، ئۇچۇر تەربىيىلىنىشى ۋە يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ پەن ئوقۇتۇش بىلەن ئۈنۈملۈك بېرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا كەڭ قوللىنىشىنى سىلجىتىش ئۈچۈن، روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى مۇسابىقىسى لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى .
        1. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملار
مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار
        2. مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىش ۋە ئالاقىدار تەلەپ
        1) تۈر تەسىس قىلىش
        (1) بۇ قېتىمقى يۇمشاق دېتال مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئايرىم ئايرىم ھالدا بالىلار باغچىلىرى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دەپ تۆت بۈلەككە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
        2) تۈرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە تەلىپى
        كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى بولسا كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، رەسىم، تېكىست، ئاۋاز، سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغان ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى كۆرسىتىدۇ.  كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مەلۇم بىلىم دائىرىسىگە، بىرەر سائەتلىك دەرسكە ياكى مەلۇم ئوقۇتۇش بۆلۈكىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلسىمۇ بولىدۇ. يەككە ھالدىكى ئوقۇتۇش كۆپ ۋاستىلىق بايلىقى دەرس دېتالى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
        ① لايىھەلەش تەلىپى : كۆرۈنمە چاستوتا، ئاۋاز، كارتۇن قاتارلىقلارنى لايىھەلەشتە ئادەتتە دائىم قوللىنىلىدىغان ھۆججەت شەكلىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئىجرا بولۇش مۇھىتى Windows2000 مەشغۇلات سېستمىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك, دەرسلىك دېتالى  ppt،  flash،  authorware، قاتارلىقلاردا تۈزۈلسە بولىدۇ، شەرتى: چوقۇم دەرسلىك دېتالى بىلەن قوشۇپ، ئىشلەتكەن ، ئۆزى تەييارلىغان بارلىق خام ماتىرىياللارمۇ بىرگە قوشۇپ ئەۋەتىلىشى لازىم .
        ② يوللاش شەكلى: دەرسلىك دېتالى پۈتكەندىن كېيىن بېكىتىمىز مەخسۇس تەسىس قىلغان مۇسابىقە رايۇنى سەھىپىسىگە ئالدىغا مۇسابىقە دېگەن سۆزنى قوشۇپ دەرسلىك دېتالىنىڭ ماۋزۇسىنى قۇيۇپ تېما قىلىپ يوللايدۇ، تېما ئىچىگە دەرسلىك كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر قانچە پارچە رەسىمنى كەسمە ھالەتتە ئەۋەتسىلا بولىدۇ، دەرسلىك دېتالى ۋە ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن بارلىق خام ماتىرىيالنى بېكىتىلگەن ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى لازىم، باھالاشتىن بۇرۇن توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدۇ. قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش، تور بەت شەكلىدىكى ئەسەرنى ئاممىباپ  web كۆز يۈگۈرتكۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بولۇش، ئەگەر يۇمشاق دېتالدا ئىجرا قىلىش ۋە قويۇشقا توغرا كەلسە يۇمشاق دېتالنىمۇ تەڭ تەمىنلەپ بېرىش كېرەك.
        ③دەرسلىك دېتالىنىڭ خەت نۇسخىسى چوقۇم ئەلكاتىپ ياكى ئويغان( ukij ) كىرگۈزگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىدا تەييارلىنىشى لازىم.
        3) باھالاش كۆرسەتكۈچى
        كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى
        ئوقۇتۇش لايىھەسى (35نومۇر)
        ئوقۇتۇش نىشانى، ئوبېكتى ئېنىق بولۇش، ئوقۇتۇش تەدبىرى جايىدا بولۇش؛
        كۆرۈنمە يۈزنى لايىھەلەش جايىدا، ئۇسلۇبى بىرلىككە كەلگەن بولۇش؛
        يېزىقچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ياردەمچى ئارخىپلىرى ئېنىق بولۇش.
       رەڭ ۋە تەگلىكلەر، سۈرەتلەر ماسلاشقان بولۇش.
        مەزمۇنىنى بايان قىلىش (25نومۇر)
        مەزمۇنى مول، ئىلمىي، بايانى توغرا، سۈزى قېلىپلىق بولۇش؛
        تاللىغان تېما جايىدا، ئىپادىلەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇش؛
        تىلى ئىخچام، ئوبرازلىق، يېزىق ئۆلچەملىك بولۇش؛
        خام ماتېرىيال (يېزىق ھۆججىتى، ئاۋازلىق ۋە كۆرۈنمە چاستوت، كارتۇن قاتارلىقلار) نى جايىدا تاللاپ ئىشلىتىش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش.
        تېخنىكا قوللىنىش (20نومۇر )
        سېستىمىنىڭ ئايلىنىشى  نۇرمال، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى ھەم قۇلايلىق بولۇش؛
        يېتەكلەش لېنىيىسى ئىلمىي، يوللارنى تاللىغىلى بولىدىغان بولۇش؛
        يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئۈنۈملۈك بولۇش؛
        يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش (20نومۇر )
        مەقسەت مۇددىئاسى يېڭىچە، تەپەككۈرى ۋە خاسلىققا ئىگە بولۇش؛
ئەمەلىي  ئوقۇتۇشتا قوللانغىلى بولىدىغان، كېڭەيتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇش؛
4) ئەسەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش
(1) سىياسى خاتالىق ۋە پەن ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلگەن ئەسەرنىڭ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2) ساختىلىق قىلمىشىنى قەتئى چەكلەش كېرەك. ئەگەر بايقالسا شۇ ئەسەرنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
5) ئەسەر لايىھەلەش
(1) پايدىلانغان ماتېرىيال بولسا ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاش كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئەسەردىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەتنى ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
(2) كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئىككى ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
3. يوللاش ۋاقتى :2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6 -كۈنىگىچە.
4. كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى باھالاش: كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسى خىزمىتىگە روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ سېپىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن  باھالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5.  يوللاشقا قۇيۇلىدىغان تەلەپ
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنىڭ پىرىس ھۆججىتىدە ۋىروس بولماسلىقى، نۇرمال ئىجرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋېلى (قۇشۇمچە 1) نى ئاپتۇر ئەستايىدىل تولدۇرۇپ، ئۆز ئىمزاسىنى قۇيۇپ، دەرسلىك دېتالى بىلەن بىرگە بېكىتىلگەن ئېلخەتكە  يوللاپ بېرىش كېرەك.
5. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى باھالاش چارىسى ۋە مۇكاپات تەسىس قىلىش
1) باھالاش چارىسى: تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە مۇتەخەسىسلەر باھالاش دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
(1) تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش: سالاھىيىتىنى دەسلەپكى باھالاش، ئەسەرلەرنى قاچىلاش، ئىجرا قىلىنىشىنى سىناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئەسەر مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
(2) مۇتەخەسىسلەر باھالاش: مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەجىربىلىك خادىملاردىن تەشكىللىنىدۇ. تېخنىكىلىق سىناشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر باھالاپ چىقىلىپ، مۇكاپات دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ.
2) مۇكاپات تەسىس قىلىش:
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇشۇ كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئارىسىدىن 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتنى ۋە بىر قانچە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتنى باھالاپ چىقىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسىلەرنى ماددى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6.  مۇكاپات بۇيۇمى
1-دەرىجىلىك مۇكاپات:  1 نەپەر، مۇكاپاتى 300 يۇەن نەق پۇل
2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 2 نەپەر، مۇكاپاتى بىلقۇت شىركىتى بازارغا سالغان  10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش دەرسلىكىدىن خالىغان 1 يۈرۈش
تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.rohlan.biz/thread-11920-1-1.html
3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 3 نەپەر، مۇكاپاتى 1 دانە 4GB لىق بارماق دېسكا
مۇنەۋۋەر مۇكاپات: 5 نەپەر، مۇكاپاتى 200 روھلان تەڭگىسى

2-3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلار پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، بارلىق پوچتا ھەققىنى روھلان تور بېكىتىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ .


7. دەرسلىك دېتالى ۋە دەرسلىك دېتالىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق خام ماتىرىياللار تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىلسە بولىدۇ، ئېلخەت ئادرىسى: rohlan@rohlan.biz

قوشۇمچە جەدىۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: http://soft.rohlan.biz/GetFile.asp?Id=120109222301ia89O  

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللىغۇچىلار:
مۇختار روزى رەسىم ئامبىرى
ئېتىقاد تورى
تىز يول تورى
بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللايدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان شىركەت، كارخانا ۋە تور بىكەتلەرنى داۋاملىق قىزغىن قارشى ئالىمىز ، مىللى مائارىپىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدۇر .
ھەر قايسى تور بىكەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشنى، ئەسەر قاتناشتۇرۇشىنى، تەشۋىقات خىزمىتىدە ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، تېخىمۇ كۆپ مائارىپچىلار بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن خەۋەردار بولسۇن .

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان دەرسلىك دېتاللىرى روھلان تور بېكىتىگە يوللىنىدۇ.
يوللىنىدىغان سەھىپە: http://www.rohlan.biz/forum-165-1.html


ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى   


2012-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى


Rank: 2

ئاقچا
8
جۇغلانما
40
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 02:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپات بۇيۇمى تېخىمۇ كۆپەيتىلدى، تېما مەزمۇنىدا بىر قىسىم كىچىك ئۆزگىرىش بولدى، باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار
روھلان تورى دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ
http://www.rohlan.biz/thread-12055-1-1.html

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
10
جۇغلانما
82
توردا
62 سائەت
نادىر
0
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 11:44:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانغىچە يوللىساق بولىدۇ ؟

Rank: 2

ئاقچا
8
جۇغلانما
40
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 13:52:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
白鸽子 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-10 11:44
قاچانغىچە يوللىساق بولىدۇ ؟

لايىھەنىڭ 3-تۈرىگە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ يېزىپ قويغان ئىدۇققۇ؟
3. يوللاش ۋاقتى :2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6 -كۈنىگىچە.

Rank: 2

ئاقچا
8
جۇغلانما
40
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 22:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ نەق پۇل سوممىسى 600 يۈەنگە كۆتۈرۈلدى
تەپسىلاتى: http://www.rohlan.biz/thread-12055-1-1.html

Rank: 2

ئاقچا
3
جۇغلانما
58
توردا
16 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 12:06:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلار قاتناشسا بوممامدۇ ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-2-15 21:35 , Processed in 0.111260 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش