ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 423|ئىنكاس: 7

<<زامانىم يانفون تورى>> قۇرۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
518
جۇغلانما
354
توردا
48 سائەت
نادىر
0
تېما
16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 22:26:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ھازىر دەۋىر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەقلىفون ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ بارىدۇ.

يانفۇن ئارقىلىق تورغا چىقىش خېلى كۆپ بولىۋاتسىمۇ يەنىلا مەخسۇس يانفوندا چىقىدىغان كىچىك تىپتىكى يىنىك، سۈرئىتى تېز بولغان كەسپىي يانفۇندا زىيارەت قىلىدىغان تور بەتنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ بىز مەزكۇر تور بىكەتنى قۇرۇپ چىقتۇق.

بۇ تور بەتنىڭ ئىسمى "زامانىم يانفۇن تورى" قىلىپ بېكىتىلدى. ئەمما، مەخسۇس يانفۇن كەسپىي تورى ئەمەس، بەلكى يانفۇندا زىيارەت قىلىش قولايلىق قىلىپ لايىھىلەپ چىقىلغان يانفون تورىدۇر.

بۇ تور بىكەتكە ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى خەتلەر نورمال كۆرگىلى بولىدىغان ھەر قانداق يانفۇن ئارقىلىق تورغا چىقىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يەنى، Android, iOS-Mac, Windows Mobile, Black Blarry, Simbian قاتارلىق سىستېمىلىق يانفۇنلاردا ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولسا مەزكۇر تور بىكەتنى بىمالال كۆرەلەيسىز.

ئۇندىن باشقا، LG, SAMSUNG نىڭ بەزى تۈرلىرى ۋە بىر قىسىم ئۆزىنىڭ سىستېمىسى يادروسىدىن يۇنىكودنى قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يانفونلار بار بولۇپ، مۇشۇنداق يانفونلاردىمۇ مەزكۇر تور بىكەتنى بىمالال زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.




تۆۋەندىكىسى يۇنىكودلۇق تور بەتلەرنى نورمال كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان تور كۆرگۈچ uZard نىڭ چۈشۈرۈش تۈرلىرى بولۇپ، ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.


Android
BlackBerry
WindowsMobile




ھازىر Android سىستېمىلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقانلاردىن كۆپلىگەن يانفون ئىشلەتكۈچىلەر يانفونىدا ئۇيغۇرچە تور بەتنى نورمال كۆرەلەيدىغان قىلىپ بولغاچقا، مەزكۇر تور بەتكە چىقىپ ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن خالىغانچە پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تور بېكىتىمىزدە ھازىرلانغان سەھىپىلەر تۆۋەندىكىچە:

كومپيۇتېر

يانفون

خەۋەرلەر

ئۇچۇرلار

ئەدەبىيات

ئىقتىساد

ساغلاملىق

ئىسلام

قاتارلىق 8 سەھىپە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خالىغان سەھىپىگە كىرىپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.




مەزكۇر تور بەتكە ئەزا بولۇش، تېما ۋە ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ ئۆزىڭىز بىلگەن ياكى ياقتۇرغان ماتېرىياللىرىڭىزنى تور بېكىتىمىزگە يوللاپ قويىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

ئىنكاس يوللاش ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئويلىغانلىرىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك يازمىغا قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.




تور بېكىتىمىزنى يانفوندا بىمالال زىيارەت قىلىشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن خەت چوڭلۇقىنى ئادەتتە 30px ۋە 25px قىلىپ بەلگىلەپ بەردۇق.

شۇڭا، تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى سورايمىز.




تور بېكىتىمىزنى يانفوندا زىيارەت قىلسىڭىزمۇ، كومپيۇتېردا زىيارەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتېرىياللارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.




تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان SAMSUNG I9100 GALAXY S2 يانفوندا ئاچقان "زامانىم يانفون تورى" نىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ.


بۇ باش بەتنى ئاچقان كۆرۈنۈش




بۇ باش بەتنىڭ ئەڭ ئاستى تەرىپى




بۇ مەزمۇن كۆرۈش بېتى




بۇ مەزمۇن كۆرۈش بېتى




بۇ سەھىپە كۆرۈش بېتى




بۇ سەھىپە كۆرۈش بېتى




بۇ ئابونت تىزىملىتىش كېلىشىمى




بۇ ئابونت تىزىملىتىش بېتى




بۇ ئابونتنىڭ ئەزالار مەركىزى باش بېتى




بۇ ئابونتلارنىڭ يازما يوللاش بېتى




يۇقارقىلىرى يانفوندا چىققان كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇنداقتا سىزمۇ سىناپ باقامسىز؟

مەزكۇر تور بەت ئېقىمنى ئاز ئېگەللەيدۇ. رەڭدار بولغىنى بىلەن سۈرەتلىرى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، يانفونىڭىزغا كېلىدىغان بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ.

تور بېكىتىمىزنىڭ ئادېرىسى:

http://www.zamanim.net

تور بېكىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ سىزمۇ يانفون ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تور بەتنىڭ سوزۇرىنى سۈرۈڭ.


زامانىم تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Shahdiyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-9 22:28  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
qutbilik + 10 ئىجادىي ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 10   باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
4
جۇغلانما
89
توردا
22 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:09:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە .
ھەي!!!!!ئاخرى مۇشۇ تىلفۇندىن بىرنى ئىلىۋىتىدىغان بولدۇمدە!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
10
جۇغلانما
237
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يانفون تورى» دىسە يانفون مۇنازىرە تورىمۇ ياكى يانفوندا زىيارەت قىلىدىغان مىكرو تورمۇ تازا ئاڭقىرالماي كىتەمدۇ نىمە كىشى. مەن دەسلەپ قاراپلا يانفون مۇنازىرە تورى ئوخشايدۇ دىسەم، يانفونلاردا زىيارەت قىلىدىغان مىكرو تور ئىكەن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
15
جۇغلانما
171
توردا
27 سائەت
نادىر
1
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 12:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilqi يوللىغان ۋاقتى  2012-1-10 12:02
قىزىق يازما بوپتۇ بۇ... ئۇيغۇرچىنى قوللىغان تېلفۇن بولس ...


قارىسام بىر ھىجيىپلا تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىنى ھىچنىمىگە ئەرزىمەس قىلۋىتىدىغاندەك تۇرىسىز...
2012-يىلىدىكى پۇل تاپقىلى بولدىغان قىززىق نۇقتا ساھەلىرىنىڭ ئىچىدە كۆچمە Web تېخنىكىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز توردىن ماترىيال كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە قوللىغان تېلېفونلاردا ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنى كۆرگىنى بولدىغانلىقى راست، لىكىن ئىكراندا چىقىدىغىنى كومپيۇتېر ئىكرانى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كۆرۈنۈش، لىكىن تېلېفون ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كۆرۈنۈش بارمۇ؟
بۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى دەمسىز؟
كومپيۇتېر بىلەن تېلېفون مەشغۇلات قائىدىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئۈسكىنە، شۇڭا مەشغۇلات پىرىنىسپىغا ماس كەلگەن توربىكەت ياساش ئابونىتلارنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ياخشى لايىھە بولالايدۇ.
قۇت بلوگىنى ئايپەدتە كۆرۈپ بېقىڭ، تېلېفوندا كۆرۈپ بېقىڭ، كومپيۇتېردا كۆرۈپ بېقىڭ،مەشغۇلاد قائىدىسى ئوخشاش  بولىمغان ئۈچ خىل  بەتكە كىرىسىز، گەرچە پروگرامما بىر بولغان بىلەن كۆرسىتىش شەكلى ئوخشىمايدۇ.
تېمىغا قايتىپ كەلسەك تېما ئىگىسى مەخسۇس تېلېفوندا چىققۇچىلار ئۈچۈن بىكەت ياساپتۇ، ناھايىتى ياخشى ياساپتۇ، قوللاش كىرەك، بەلكىم بۇ ئۇيغۇرلار ئارسىدا تۇنجى قېتىم WEB2.0 ئۆلچىمىدىكى تېلېفون ئۈچۈن تۈزۈلگەن (تېلېفونغا لايىقلاشتۇرۇلغان) بىكەت بولىشى مومكىن.
تېما ئىگىسىگە: داۋاملىق تىرشىڭ، مەن قوللايمەن(مەنلا ئەمەس ماڭا ئوخشاش تالاي «مەن» لەر سىنى قوللايدۇ)، لىكىن ASP نىڭ ئىقتىدارى ۋاقتى كەلگەندە كەملىك قىلىدۇ، شۇڭا PHP نى ئاساس قىلىپ jquery قاتارلىق تەييار تىپ ئامبارلىرى ئارقىلىق كۆرۈنۈشنى ۋە مەشغۇلاتنى تېخىمۇ سىپتا قىلىشقا تىرىشىڭ، Jqury  نىڭ مەخسۇس تېلېفونلار ئۈچۈن ياسلغان بىر تىپ ئامبىرى بار. ماۋۇيەردىن كۆرۈڭ.  سىزگە ئەس قاتىدۇ، ئۈنۈملىرى ھەقىقەتەن قالتىس!
ئاخىرىدا سىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئىشىنىمەنكى بۇ ئىشىنىشكە بولدىغان كەلگۈسى بار، ناھايىتى توغرا تاللانغان ساھە، شۇنداقلا يېڭى بىر باشلىنىش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qutbilik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-10 23:30  

Rank: 2

ئاقچا
2
جۇغلانما
60
توردا
9 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 13:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇر بىكەتلىرىنىڭ يانفۇن نۇسخىسى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قۇيۇلۋاتىدۇ...بۇمۇ بىر بۇرۇلۇش. قوللايمىز سىلەرنى. شەخسەن مەن ئۆزەممۇ بىر ئالما ھەۋەسكارى... شۇڭا مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە مىكرو توربەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
25
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 14:42:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناپ باققانلار بارمۇ؟ مىنىڭكى 320*480 ئىكرانلىققا ماس كەلمىگەن چىغى قاچىلاپ تور بەتنى ئاچسام ھىجىيىپلا تۇرىدۇ

Rank: 2

ئاقچا
4
جۇغلانما
46
توردا
9 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 19:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سەنشىڭ ئەس 5570 دا سىز دىگەن توركۆرگۈدە بارلىق ئۇيغۇرچە توربەتلەر نۇرمال كۆرۈندى بىراق توركۆرگۈ 320*240 ئىنىقلىقنى قوللىمايدىكەن شۇڭا قوللايدىغان نۇسقىلىرى بولسا ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار

Rank: 2

ئاقچا
3
جۇغلانما
21
توردا
31 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 17:45:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز! بولسا ئۇيغۇرچىنى تونۇمايدىغان JAVA يۇمشاق دېتالى قاچىلىنىغان يانفونلارغا ماس كىلىدىغان ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان، ئۇيغۇرچە تور كۆرگۈچتىن بىرنى ياساپ تارقاتقان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن،مەسىلەن:يىپەك يولى تىز خەۋىرى يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش.www.yangezit.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yarqin3988 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 17:48  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-1-26 00:34 , Processed in 0.133257 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش