بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-22 22:47
بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
دەسلەپتە بۈگۈنكى ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا، ئۆزەمنىڭ كەسپى بولغان لايىھەلەش-تارقىتىش تىپىدىكى كومپيۇتېر گرافىك ساھەسى ۋە كۆرۈم ئۇقۇمى توغرىسىدا سۆز ئېچىشنى پىلان قىلغان ئىدىم. ئەمما بۇ خىل كەسپى ئىبارىلەردىن كۆرە كۆز ئالدىمىزدىكى شەخس بىلەن تۈركۈم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم.
شۇ زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەردە جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. بىز بۇ يەردە ئۈمىد ۋە ئىرادە توغرىسىدا، ئەقىدە، ھەمكارلىق ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئاچماقچىمىز.
بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى بىزگە ھەمكار بولۇپ كېلىۋاتقان گۇمان ۋە تېڭىرقاش ئۈستىدىن، بىزنى چىرمىۋالغان چۈشكۈنلۈك، بېكار تەلەتلىك، غايىسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچىمىز.
بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۈزلۈكسىز تىرىشىشنى، بۇ تىرىشىشنىڭ ئەقىدىگە ۋە مەنىگە ئىگە بولىشىنى تەشەببۇس قىلماقچىمىز.
پەخىرىدىن قارلۇق ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى تاشپولات روزى بىلەن بىرگە
بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆزىمىزنى مۆلدۈرلىتىپ يېڭى ئاتالغۇلارنى يادىلاۋاتقاندا سىرتنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى بىزنىڭ غېلىپىمىزغا ماس كەلمىگەن باشقا بىر دۇنيانىڭ ئەندىزىسىنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. تاشقى دۇنيادىكى نەچچە ئەسىرلىك سەنئەت ۋە تېخنىكىنىڭ جۇغلانمىسى بىراقلا پارتىلاپ، بۇ پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان ۋاقىت كارىدورى بىزنى سانائەت دەۋرىمۇ ئەمەس، ھەتتا غايە ۋە ئەقىدىمۇ شەكىللەنمىگەن ئىپتىدائى دەۋىرگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويغاندەك قىلىدۇ.
قاراڭلار، بۇ ئالەمدە ئەتراپتىكى بىز ياراتمىغان، ھىچ نەرسىنى بىز ئۆزگەرتمىگەن، ھىچكىمىنىڭ ئىدىيەسىگە ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ھالدا ياشاپ كەلدۇق. تاشقى دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز ئۈچۈن ياش تۆكمەيدۇ، بىزنىڭ غەلبىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرمايدۇ. بىز راستىنلا بۇ ئالەمدىكى مۇھەببەت ۋە ھىسداشلىقتىن ئايرىلىپ قالدۇقمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز قالدۇقمۇ؟! بىز بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز.
بىر ئويغىنىش بىزگە ئازاپنى ھىس قىلدۇردى. كۆرۈش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئائىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تۈركۈم-تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرىمىز. ئاڭلاش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى تالاي كىشىلەرنىڭ تراگىدىيە ۋە پاجىئەگە تولغان تۇرمۇشىنى بايقاپ قالىمىز. پۇراش سېزىمىمىز بولغانلىقى تۈپەيلى تەڭتۈشلىرىمىزنىڭ چاكىنا ئىس-تۈتەكلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
قاراڭلار، ھەتتا سەزگۈ ئەزالىرىمىزمۇ بىزنى قەستەن ئازاپلاۋاتىدۇ، بۇ لەنىتى ئاتموسفېرا ۋە بۇلغانغان مۇھىت، بۇلغانغان قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ئىستىخىلىك ھالدا مەغلۇبىيەتكە باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ...!
بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق! ئەمدى بىز بۇ مەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق! ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى،
بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىق ۋە دانالىققا ئېرىشمەكچى...،
بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...!
بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى...!
بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىز بۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنى قوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!
بەزىدە ھېسسىياتلىنىپ ئەسلىمىمىزدىكى مۇبالىغە تارىخىمىزدىن سۆز ئاچساق، بەزىدە ئازاپلىنىپ مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تارىخىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىمىز. مەيلى بىز ئۆتمۈشنى قانداقلا شەرھىلەيلى ئۇ بۈگۈنكى قىسمەت بىلەن نەتىجىلەندى. مەيلى ئۆتكەن ئەسىردىكىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغان بولسۇن، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلۇپ، خاتالىقىنى تونۇغان، مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنى ھىچكىم چەكلەپ قالالىغىنى يوق. بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش ئىمكانىيىتىمىزنى ھېچكىم چەكلەپ قالالمايدۇ!
بىز بۇ يەردە سىرتقى كۈچنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدىغان بىر كۈچلۈك روھقا، بىر قۇدرەتلىك ئىچكى ئېنىرگىيەگە مۇھتاج. بۇ ئېنىرگىيە بىزنى ئالتە مىليارد ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. بۇ ئېنىرگىيە بىزنى قولىمىزدىكى بىر تۇتام ۋاقىت ۋە زېھىندىن پايدىلىنىپ، تۇرغۇزۇلغان نىشانىمىزدىكى مۇۋەپىقىيەتنىڭ ئىشىكىنى ئىشەنچ بىلەن ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ.
ئەمما سەمىمىزدە بولسۇنكى ئازاپنى ناركوزلانمىغان ئادەم ھېس قىلىدۇ. يېرىم ئۇيقۇدا بۇ مۇھىتقا سىڭىشىش ھەقىقەتەن راھەتلىك ئىش. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزدىن-چېچىلاڭغۇ، چىدامسىز، نىشانسىز خاراكتېرىمىزدىن، ئارىمىزدا يامرىغان چاكىنا كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدا ئاتالمىش خاتىرجەملىكتىن ھوزۇرلانغۇچى لەنىتى ئاجىز روھىمىزدىن كۈچەپ سورايلى:
- زادى مەن غەلبە قىلغۇچىمۇ ياكى مەغلۇپ بولغۇچىمۇ؟
سىستېمىلىق ياشاش ئۈچۈن شەخىس سۈپىتىدە بىزنى مۇكەممەل فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىغا ۋە تەپەككۈرگە ئىگە قىلغان ياراتقۇچىمىزنى تاپايلى. ئىگىمىز بىزگە 1-سۆزىدىلا «ئوقۇ!» دەپ تەلىم بېرىدۇ ۋە بىزنى تەپەككۈرگە ئۈندەيدۇ. ئاندىن بىز تۈركۈم سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىۋالايلى. ئالدىنقى باسقۇچ بىزگە غورۇر بېغىشلاپ ئادىمىيلىك ئۇلۇغلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرسا، كېيىنكى باسقۇچ مۇۋەپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. ئەگەر ئېتىقاد ۋە غورۇرغا ئېرىشەلمىسەك، ھەمدە باشقىلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىشنى بىلمىسەك بىز راستىنلا ھەقىقىي مەغلۇپ بولغۇچى بولۇپ قالىمىز.
بىز ماددا سۈپىتىدە تۇغۇلغۇچى ۋە ئۇزۇنغا قالماي توپىغا كىرىپ كەتكۈچى، ئەمما مىنىۋەتلىك ئۇلۇغ يارالمىش بولغانلىقىمىز تۈپەيلى مەڭگۈ ياشىغۇچى ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدىن ھېساپ بەرگۈچى. بىز بۇ مەڭگۈلۈك سەپەردە زىيان تارتىشنى ھەرگىز خالىمايمىز.
بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق! ئەمدى بىز بۇ مەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق! ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى،
بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىق ۋە دانالىققا ئېرىشمەكچى...،
بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...
بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى..
بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىز بۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنى قوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!
بەزىدە ھېسسىياتلىنىپ ئەسلىمىمىزدىكى مۇبالىغە تارىخىمىزدىن سۆز ئاچساق، بەزىدە ئازاپلىنىپ مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تارىخىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىمىز. مەيلى بىز ئۆتمۈشنى قانداقلا شەرھىلەيلى ئۇ بۈگۈنكى قىسمەت بىلەن نەتىجىلەندى. مەيلى ئۆتكەن ئەسىردىكىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغان بولسۇن، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلۇپ، خاتالىقىنى تونۇغان، مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنى ھىچكىم چەكلەپ قالالىغىنى يوق. بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش ئىمكانىيىتىمىزنى ھېچكىم چەكلەپ قالالمايدۇ!
(تامام)
2005- يىل 6- ئاينىڭ 18- كۈنى
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى
پەخىردىن قارلۇق(1981~...)
پەخرىدىن شېرىپ قارلۇق ئەر، ئۇيغۇر، 1981- يىلى 9-سىنتەبىر ئاقسۇ ۋىلايەت شايار ناھىيسىدە مەدەنىيەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1994- يىلى Basic ۋە Assemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن. 1996- يىلى 7- ئايدىن 1997- يىلى 8- ئايغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە، 1997- يىلى 8- ئايدىن 1998- يىلى 11- ئايغىچە پەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق- جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
1998- يىلى 11- ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان «قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان. 2000- يىلى 3- ئايغىچە خەنزۇچە UCDOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOS مۇھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتبەئە، جەدىۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گىرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پروگراممىسى Uyghur-word نى، مالىيە- مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستكا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن. 2000- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ، نىشانىنى كومپيۇتېر گىرافىك ساھەسىگە قارىتىپ، رايونىمىزنىڭ D3 كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرۈغان. بېيجىڭ پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكا تەتقىقات مەركىزى،CG Power ۋە Days of View قاتارلىق شىركەتلەردە، CCTV-4، CCTV-9، CCTV-8، بيېجىڭ ۋە تېيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گىرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى، D 3 كۆرۈم ئېغغىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
پەخرىدىن قارلۇق − قارلۇق مېدىئا پەن- تېخنىكاچەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە دېرىكتورى. رايونىمىزنىڭ D3 كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجرىبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە D3 تەقىلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقىتدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە.
يەنە يېقىندا «مىڭ بىر كېچە» كارتۇن فىلىمىنى ئىشلىمەكچى بولغانلىقى، 80 مىىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خوش خەۋەرلەرنى، ئاپتونۇم رايۇن رەھبەرلكىنڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە كۆردۇق. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىنى تەشكىللەپ نۇرغۇن قېتىم لىكسىيە پائالىيىتى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.
يولۋاس ئىزىدىن قايتماس يىگىت سۆزىدىن. پەخرىدىن ئوزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ۋە ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرىشىۋاتىدۇ. مەيلى ئۇنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك بولسۇن پەخرىدىنىڭ ھايات مۇساپىسى بىزنىڭ شەخسەن مېنىڭ ھۆرمەتلىشىمگە ئۇيغۇر دەپ پەخىرلىنىشىمگە ئەرزىيدۇ .
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئابرال تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى. http://abral.net/?p=410
مىلادىيە 2014-يىلى 22 - يانىۋار . - كۆچۈرمىكەش پادىچى |