ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

http://ilan.oztil.cn
جەمئىي مىكروبلوگ 982 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Hotan_Jan 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يانفۇنغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئىزدەڭ، ئۈندىدار Telak_Biz

  • muzliganyurak7 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى قىرىنداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار  مىنىڭ ئاندىرود سىستىما ئۇگەنگۈم بار

  • @taxna@ 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى ،ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.

  • musajan520 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالپ تورغا ماتېريال يوللاۋاتقان قرېنداشلا ھارمغايسېلەر قۇلۇڭلارغا دەت بەمسۇن

  • bilimdan 2014-3-19 15:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    39 يۈەنگە 30كۈن چەكسىز پاراڭلىشىڭ، چچ:772109290 تېلفۇن:18727310818

  • ئەلشات110 2014-3-17 23:25 [ئىنكاس(1)] [...]

    شىياۋمى2s ساتىدىغانلار بولسا تىلافۇن قىلىڭلار 13201357073

  • Ahmetjan88 2014-3-16 22:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەسەل چېيىڭ بولمىسىمۇ، ھەسەل سۆزۈڭ بولسۇن...

  • istikbal ئۈلۈشكۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇيغۇر خەۋەر تورىنىڭ ئېچىلىشى قانداقراق ؟ http://url

  • polat189 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭلار قېرىنداشلار ؟

  • ئاقماس 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سامسۇڭ 9108 غا روم يازالمىدىم.ياردەم قىلغان بولساڭلار.

  • fffffffffffffff 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي مەن كۇبەي5930 نىڭ رىكوۋىرسىنى بۇزۇپ قۇيۇپ چاتاق بولدى، كۈندە جىدەللىشىۋىرىپ بۇزۇپ قۇياي دەپ قالدىم، ق...

  • 阿迪力 2014-3-19 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    i9305روم يازالمدىم ياردەم قىلساڭلا641890342چ چ

  • 130 2014-3-17 16:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    قارا رەڭلىك،شاڭگاڭ نۇسخا ئايفۇن4 32گ ب  لۇمىيا 925 بولسا ئالماشتۇرلىدۇ،چ چ 1030034926

  • 15609983945 2014-3-16 21:12 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارلىق ئالىپداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ كەمىنە مەمەتجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.ئالىي ئھتىرام.

  • مۇستەفا ئۈلۈشكۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چ چ نىڭ ئالمانۇسقىسىنى تەرجىمەقىلدىغانلار يوقمۇ ؟   ئاللارەھمەت قىلسۇن بىر تەرجىمەقىلىۋېتىڭلار

  • abdiwajit 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئىشى ئۇتۇقلۇق بولسۇن

  • ئەلشات110 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    xiaomi 2s ساتىدىغانلار بارمۇ؟

  • adsl0997 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    http://url نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى . تۇپراق مۇنبىرى

  • polat189 2014-3-18 22:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېخنىكا ماكانى ئالپ

  • Ahmetjan88 2014-3-17 00:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    LENOVO Z465 تىپلىق خاتىرە كومپىۇتېر ساتىمەن،قاتتىق دېسكا 500gb، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 2.2تۆت يادرولۇق، ئىچكى سا...

  • `salam 2014-3-16 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    htc g8 نىڭ يېڭى ئۇيغۇرچە رومى تارقىتىلدى!

كۆرۈش: 1232|ئىنكاس: 34

يانفون سېتىۋالغاندا، قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

35

تېما

25

دوست

2031

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

مىللىتىم ئۈچۈن تىرشىمەن

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
376
توردا
794 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 21:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر كىشى يانفون سېتىۋالغاندا، قۇسۇر ئىزدەشكە، زۆرۈرىيىتى تېپىلغاندا، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» كىمۇ ھوقوقلۇق، چۈنكى بۇ يانفون كىيىنچە ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن ھەمراھى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى مەيلى تېلفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش بولسۇن، ياكى رەسىم تارتىش، ئويۇن ئويناش، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقىش بولسۇن، ۋە ياكى تور بانكىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يانفون ئارقىلىق تاماملايدۇ. ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يانفون تاللاش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما بىز باشقىلار يەكۈنلەپ چىققان يانفون تاللاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانساق بولىدۇ، تۆۋەندە يېڭىدىن يانفون سېتىۋالماقچى بولغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە مۇھىم نۇقتا ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى.

1. مەشغۇلات سىستېمىسىنى توغرا تاللاش ئەڭ مۇھىم
ھازىر ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى iOS ، ئاندىرويىد ۋە Windows Phone نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يانفون تاللىشىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىم.

ئاندىرويىد بولسا نۆۋەتتىكى قاپلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سۇپىسى، سامسۇڭ، خوڭدا HTC، سونىي ۋە LG قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلارنىڭ ئاندىرويىد يانفونى بار؛ ئۇنىڭ مەھسۇلات شەكلىمۇ ئەڭ مول ۋە رەڭگارەڭ، چوڭ ئىكرانلىق يانفون ۋە ھەرخىل بايراقدار يانفونلىرى بار، سىستېما ئوچۇق كودلۇق بولغاچقا، خالىغانچە ئۇسلۇب قاچىلاشقا، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىلىنىشىمۇ تېز، ئەگەر سىز يانفون سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە قىزىقسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاندىرويىد سۇپىسى سىزنىڭ بۇ ئىھتىياجىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ.
يەنە مىليونلىغان قوللىنىشچان دېتال، يەنى ئەپلەرگە ئىگە بولغانلىقىمۇ ئاندىرويىدنىڭ يەنە بىر چوڭ ئەۋزەللىكى، بىراق، iOS سۇپىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلار ۋە نادىر ئەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدى بىلەن گۇگېل ئەپ دۇكىنىغا چىقماستىن، بەلكى ئالما ئەپ دۇكىنىغا كىرىدۇ.

iOS 7 بولسا مەزكۇر سىستېما سۇپىسىدىكى چوڭ بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى پاكىز، ئېسىل سۈپەت، شۇنداقلا كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، مەشغۇلات سۈرئىتى تېز ۋە قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالما ئەپ دۇكىنىمۇ نۆۋەتتىكى ئەپ سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، تۈرى ئەڭ مول بولغان ئەپ دۇكىنىدۇر. ئۇندىن باشقا، ئايفونغا سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق بۇيرۇق سىستېمىسىSiri ۋە iTunes Radio قاتارلىقلارمۇ iOS سۇپىسىنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھالبۇكى، ئاندىرويىدقا ئوخشاش ئوچۇق كودلۇق سىستېمىلارنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار، ئەگەر ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا، ئۇ ھالدا نۇرغۇن چەكلىمىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ بىراق، ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرغان تەقدىردىمۇ، چەكلىمىسىز ئىشلىتىش جەھەتتە يەنىلا ئاندىرويىدقا يەتمەيدۇ.

  ئەمدى Windows Phone سىستېمىسىغا كەلسەك، بۇ سىستېمىنى ئاساسىي جەھەتتىن نوكىيا شىركىتىلا ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ، ئومومىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سىستېمىنى تاللىسىڭىز، نىسبەتەن كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايسىز. Windows Phone سىستېمىسى مىكروسوفىت تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، ئۆزىگە تۇشلۇق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار، كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق، ئاساس ئىكراندىكى ياپراقچىسىمان سىنبەلگىلەرنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ دىگەندەك. بىراق، سىستېما تىگىدىن يېپىق كودلۇق بولغاچقا، خۇددى ئالماiOS گە ئوخشاش، نۇرغۇنلىغان چەكلىمىسى بار. ئەۋزەللىكى بولسا، مەزكۇر سىستېما مىكروسوفىتنىڭ Office ۋە Outllok قاتارلىق ئەپلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بۇ تەرىپى ئاندىرويىد ۋە قاتارلىقلاردا يوق. ئەمدى ئەپ سانىغا كەلسەك، ھازىرغىچە مەزكۇر سىستېمىغا قارىتا ئېچىلغان ئەپلەرنىڭ سانى 200 مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، بىراق، مەيلى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بولسۇن، يەنىلا يىتەرسىزلىك مەۋجۇت.

2. ئىكران چوڭلۇقىنى مۇۋاپىق تاللاش كىرەك.
ھازىر چوڭ ئىكرانلىق يانفونلار مودا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئاساسىي ئېقىم بولۇۋاتقانلىرى يەنىلا 5 ياكى 5.5 دىيۇملۇق ئىكرانلار. بۇ نۇقتىغا كەلگەندە، 4 دىيۇملۇق ئىكران سەپلەنگەن iPhone 5s/5c لار ئاساسىي ئېقىمغا ئەگەشمىگەنلەر بولۇپ، ئۆزگىچە يول تۇتقان دىسەك بولىدۇ. ھازىر تارقىلىۋاتقان مىش-مىش خەۋەرلەردە كىيىنكى ئەۋلاد ئايفونغا چوڭ ئىكران سەپلىنىدۇ دىگەن قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بىراق، زادى قاچان بازارغا سېلىنىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم. شۇڭا ئەگەر سىز مودا بولۇۋاتقان چوڭلۇقتىكى يانفون سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاندىرويىد ياكى Windows Phone نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.


3.قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگىمۇ ياخشى دىققەت قىلىش كىرەك.
خۇددى كومپىيۇتېرغا ئوخشاشلا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى دەل ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، ئۇ يانفوننىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. ئاندىرويىد ۋە Windows Phone ساھەسىدە، گاۋتوڭ Snapdragon 800 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلار نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلغۇچقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سامسۇڭ Galaxy Note 3، نوكىيا Lumia 1520 قاتارلىق كۆپلىگەن بايراقدار يانفونلارغا مۇشۇ خىلدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.
ئۇندىن قالسا، Snapdragon 600 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بايراقدار يانفونلارغا سەپلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن ، سامسۇڭ Galaxy S4 ۋە HTC One قاتارلىق يانفونلاردا مۇشۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ بار، بۇنىڭ ئەۋزەل تەرىپى، ئىقتىدارى ياخشى ۋە باھاسى مۇۋاپىق. ئەمدى Snapdragon 400 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلارغا كەلسەك، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن يانفونلار كۈندىلىك مەشغۇلاتلارنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ، بىراق، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا ماس كەلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىم يانفونلار ھازىر MTK تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپ، ئىقتىدارى ئوخشاش دەرىجىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ.
ئايفون بولسا بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۆزگىچە يول تۇتقان، چۈنكى ئۇنىڭغا A تۈرىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، نۆۋەتتە ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئالما يانفونى iPhone 5s بولۇپ، ئۇنىڭغا 64 بېتلىق A7 تىپلىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ئىقتىدارى جەھەتتە نۆۋەتتە بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئاندىرويىد يانفونىغا نىسبەتەن، يانفوننىڭ RAM قىسمىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئادەتتە RAM نىڭ سېغىمى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆپ ۋەزىيە ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا شۇنداق. نۆۋەتتىكى بايراقدار ئاندىرويىد يانفونلىرىغا 2-3GB لىق RAM سەپلىنىۋاتىدۇ، ئادەتتىكىلىرىگە بولسا 1-1.5GB لىق RAM سەپلىنىۋاتىدۇ.

4.ئىكران ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى
ئىكران چوڭلۇقىدىن باشقا، ئىكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ بىر قەدەر مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى بايراقدار يانفونلارغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P بولغان 5 ياكى 5.5 دىيۇملۇق ئىكران سەپلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر ئىكرانى 4.3 دىيۇم بولسا، 720P دەرىجىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ. ھازىر يەنە 2K تىپلىق ئىكران مەيدانغا كىلىپ، ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلدى. ئەمدى ئېنىقلىق دەرىجىسىدىن باشقا، ئىكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ خىلىلا مۇھىم، شۇڭا، يانفون سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى شۇنداقلا يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن سىناپ كۆرۈش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.

5.ساقلاش سېغىمى ۋە ساقلىغۇچى كارتا سېلىشنى قوللاش
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرگە كىرەك بولغان ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى جۈملىدىن ئۇنىڭ ھەجىمىمۇ شىددەت بىلەن ئېشىپ بىرىۋاتىدۇ، ھازىرقى سەۋىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يانفوننىڭ ساقلاش سېغىمى ئەڭ كىچىك بولغاندا 16GB بولسا مۇۋاپىق، ئايفونغا ئوخشاش سېغىم كارتىسى سالغىلى بولمايدىغان يانفونلارغا نىسبەتەن، ئەڭ ياخشىسى 32GB بولسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ساقلاش سېغىمى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈلمەيدۇ. ئاندىرويىد يانفونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنە يانفوننىڭ سېغىم كېڭەيتىش كارتا رايۇنى بار-يوقلۇقىغا قاراش كىرەك.

6.كامېراسى ئەڭ ياخشى ۋە سۈزۈك بولغان يانفون تاللاش كىرەك (پىكسىل سانىغا ئىشىنىپ قالماڭ)
يانفون كامېراسى نۆۋەتتە كارخانىلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىشتە ئۆزىنى ئەڭ كۆرسىتىدىغان بىر مۇھىم تەرەپكە ئايلىنىپ قالدى، پىكسىل سانى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى يانفونلارنىڭ سېتىلىشىمۇ ماس ھالدا ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بىراق، بۇ يەردە سىزگە سەمىمىي تەكىلىپ بىرىمىزكى، كارخانىلار ئېلان قىلغان پىكسىل سانىغا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى سىز سېتىۋالغان بەزى يانفونلاردىكى 13 مىليون پىكسىللىق كامېرانىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى بەلكىم باشقا بىر يانفوننىڭ 8 مىليون پىكسىللىق كامېراسىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، كامېرا تاللىغاندا، ئۇنىڭ پىكسىل سانىغىلا ئەمەس، بەلكى قوللىنىلغان تېخنىكا تۈرىگە، ئىشلىتىلگەن رەڭ سەزگۈچ، سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق قىسىملارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.

7.يانفوننىڭ باتارىيىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، باتارىيە ئۆمرىمۇ يانفونغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەتتە باتارىيە سېغىمى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، بىراق، بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس. ئادەتتە 3000mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن ئاندىرويىد يانفونلىرى بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش بولالايدۇ.
مەنبە: نۇر تورى
لاالەالااللە

7

تېما

8

دوست

1274

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
256
توردا
405 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 21:40:17 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن ...دوسلار ماڭا بىرلەشمىنىڭ 3g كارتىسىدا تورغا چىقىدىغان قوش كارتىلىق تىلفۇن لازىم بوپ قالغانتى. قايسىنى ئىلىشنى بۇلەلمىدىم..ياخشىراقتىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار بوپتىكەن. ئىككى كارتىنى ئىككى تىلفۇندا ئىشلىتىپ سەل ئاۋارە بوپ قالدىم ..قوش كارتىلىق تىلفۇن ئالسام قولۇمدىكى سونىي  lt26i. L36h نى مۇۋاپىق باھادا ئوتۇنۇپ بىرمەن. لازىم بولغانلار ئۇچۇر قىلىڭلار
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

1

تېما

20

دوست

1975

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
9
جۇغلانما
353
توردا
578 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 21:44:12 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ « كەسىلە ، يانچۇقتىكىنى بەسىلە »  ھەممىدىن نوچىسى - پۇلغا چىدىغىنى …

0

تېما

4

دوست

121

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
24
توردا
3 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 21:48:15 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ نوچىسې يەنىلا سەنشىڭ بىلەن نوكىيا
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

0

تېما

1

دوست

94

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
23
توردا
37 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋالدۇق  رەخمەت   

1

تېما

1

دوست

1817

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
312
توردا
1093 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:10:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىدا دىيىلگەن 5-تۇرنى، يېڭىدىن چىقىۋاتقان OTG ئىختىدارى   ھازىرلانغان  يانفونلاردا، ئويلىشىشنىڭ  ھاجىتى يوق .  
OTG ئىختىدارى   ھازىرلانمىغان يانفونلاردا بولسا، يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك  ئويلىشىش كېرەك.

2

تېما

12

دوست

1279

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
312
توردا
499 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:12:08 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGHURBIZM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-21 22:14  

مەن يانفون تاللىغاندا ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنىم قاتتىق دىتال سەپلىنىشى ... مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئېكران باتارىيە قاتارلىقلار ... مەن بىر موتورولانى نىمكەش يانفون بازىرىدىن ئالغان ناھايىتى كۆپ قېتىم ئېگىز جايدىن يەرگە چۈشۈپ ئېكراندا ئازراق چېكىتلەر پەيدا بولۇپ قېلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن يوقاپ كەتتى. مىنىڭچە ئىجرا سىغىم ۋە مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ بەك تۆۋەن بولمىسىلا مۇشۇنداق يانفون ياخشى . ئەگەر ئەگەر ھەم ياخشى ھەم ئەرزان يانفون ئالىمىز دەيدىغانلار مۇشۇ خىلدىكى يانفونلارنى سېتىۋالسا بولىدۇ ( ئەمما يەنىلا داشقال يانفون ھەم سودىگەردىن ھەزەر ئەيلىمەي بولمايدۇ ) .

2

تېما

12

دوست

1279

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
312
توردا
499 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:15:26 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqqik يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 22:10
يۇقۇرىدا دىيىلگەن 5-تۇرنى، يېڭىدىن چىقىۋاتقان OTG ئىختى ...

OTG قانداق نېمە ئۇ...

12

تېما

18

دوست

2942

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
802
توردا
824 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:20:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKA0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 21:40
ياخشى خەۋەركەن ...دوسلار ماڭا بىرلەشمىنىڭ 3g كارتىسىدا ت ...

36نى قانچىلەرگە ساتاسىز؟

0

تېما

6

دوست

414

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
102
توردا
15 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:31:57 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېشىكى  قانچىلىڭ  بولسا   تۇقۇمى  شۇنچىلىڭ  دەپتىكەن.
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

6

تېما

3

دوست

1140

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
24
جۇغلانما
259
توردا
472 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKA0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 21:40
ياخشى خەۋەركەن ...دوسلار ماڭا بىرلەشمىنىڭ 3g كارتىسىدا ت ...

huawei G525ئېلىڭ ياكى lenovo a850ئېلىڭ خېلى يامان ئەمەس تېلفۇنلار
قاھارجان

7

تېما

8

دوست

1274

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
256
توردا
405 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:43:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qedem يوللىغان ۋاقتى  2014-01-21 22:20:46


36نى قانچىلەرگە ساتاسىز؟

ئالغۇڭىز بولسا ئۇندىدار دا دىيىشەيلىك. 15599980077
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

7

تېما

8

دوست

1274

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
256
توردا
405 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:45:19 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچان يوللىغان ۋاقتى  2014-01-21 22:40:21


huawei G525ئېلىڭ ياكى lenovo a850ئېلىڭ خېلى يامان ئەمەس تېلفۇنل

كەچۇرۇڭ ...مەن دولەت مىلىنى ئىشلىتەلمەيدىكەن مەن..2000 ئەتراپىدا بولسا بولىتى. ياخشىراقىدىن بىرنى تەۋسىيە قىلڭە
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

6

تېما

3

دوست

1140

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
24
جۇغلانما
259
توردا
472 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 23:06:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKA0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 22:45
كەچۇرۇڭ ...مەن دولەت مىلىنى ئىشلىتەلمەيدىكەن مەن..2000 ئە ...

ئۇنداقتا ئىككىلەنمەي N9002ئېلىڭ      
قاھارجان

7

تېما

8

دوست

1274

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
256
توردا
405 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 23:28:43 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچان يوللىغان ۋاقتى  2014-01-21 23:06:22


ئۇنداقتا ئىككىلەنمەي N9002ئېلىڭ      

ياخشىسىنى دىسەم بەك قىممەتنى تەۋسىيە قىپسىز قىرىندىشىم ...نوتى 3 قۇ كۆڭۇلدىكىدەك تىلفۇنتى چاتاق يىرى پۇلى سەل قىممەت بۇ كاساپەتنىڭ ...ماڭا 2000 دىن 2500 گىچە بولسا بولىتى.مەن توردىن htc one 802w   نى كۆردۇم ..سىزنىڭچە قانداراقتۇ؟
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1 )

GMT+8, 2014-3-27 06:30 , Processed in 0.130202 second(s), 31 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش