بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-19 03:02
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئالىپتىكى ئەزىزلەر ، ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى ، ئالدىراشچىلىق ، مىجىر - مىجىر كودلار ئارسىدىن چىقىپ يەنە كەسىپ توغۇرلۇق گەپ قىلغۇم كەلمىدى ، چۈنكى ئەتىدىن كەچكىچە باش تىقىپ كود يىزىش ئۈنۈمسىز تىركىشىشنى ، تەرتىپسىز تۇرمۇشنى ، چۈشكۈن روھنى قالدۇرۇپ كېتىدىكەن ، ھ _ بولدىلا ... ئەسلى مەقسەدكە كەلسەك مەن تەجىربىلەرنى يەكۈنلىدىم ۋە ئۆزۈمدە بار ئازغىنە ماتىرياللارنى سىلەر بىلەن بەھىرلىنەي دىدىم .
ئالدىنقى قېتىم بىر تورداش مېنىڭ (بۇتېمىنى كۆرمەڭ !) دىگەن ماقالەمنى كۆچۈرۈپ كىلىپ قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچىرغانىدى، شۇتاپتا يەنە ئەنسىرەۋاتىمەن ، ئۈمۈدۈم ئەيىپلىنىشكە ئۇچىرمىسام !
بۈگۈنكى 4 سوۋغا ... 17قېتىملىق مەشھۇر لىكسىيەنىڭ توپلانمىسى ، ۋە ماقالە ماقالە.
[1.ئېلىكىتاب : پاتقۇزالمىدىم !
2. ھاياتىڭىزنى رەتلىۋېلىڭ
قايمۇۋاتقانلار ، رەتسىز ، قالايمىقان تۇرمۇشتىن زىرىككەنلەر بارمۇ !؟
ئاللاھ تائالا بىزنى بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن ياراتتى. بۇ جەريانىدا زېمىندا ئاللاھنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم.
ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ھاياتىغا تاشلانغان نەزەر، ھالاكەت ۋە پارچىلىنىش، تەرتىپسىزلىكلەرنىڭ قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىزغا كۇپايە قىلىدۇ. ئىش ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىزىمىزدا كىچىككىنە جىم تۇرۇۋېلىپ، ئارقىمىزغا بىر قەدەم چېكىنەيلى-دە، ھاياتىمىزنى بىر تەكشۈرەيلى ۋە ئۇنى يېڭىدىن تەرتىپلەشكە تىرىشىپ باقايلى.
ئەگەر بۇ پىكىرگە قىزغىن قاراۋاتقان بولسىڭىز، بىز بۇ پىكىرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالغان ئاساسلىق پىلانلارنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ باقساق قانداق قارايسىز؟
ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز قايسى؟
ھاياتىڭىزنى قايتىدىن رەتلەش يولىدىكى ئاساسلىق پىلان ۋە ئەڭ بۇرۇن باشلايدىغان ئىشلىرىڭىزدىن: سىز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۇرىشىڭىز، شۇنداقلا سىز نېمىگە ئىشىنىسىز؟ قايسى ئىشنى بەدەل تۆلەش ۋە پىداكارلىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايسىز؟ دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابىغا چىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا باغلىقتۇر.
يۇقىرىدىكى سوئاللار ئوتتۇرىغا تاشلانغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر: دىن، پرىنسىپ، ئائىلە، ئۆرۈپ-ئادەت دەپ جاۋاپ بېرىشكە ئالدىرىشىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدا بەرگەن جاۋاپلىرىغا ھېچ ماس كەلمەيدۇ.
ھاياتىڭىزدا مۇھىم بولغان ئىشلىرىڭىزنى بىلىۋېلىشنى خالىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىدا بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش زادى قايسى؟، كۈندىلىك ھاياتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىڭىزغا بىر قاراڭ، شۇنداقلا كۈندىلىك پروگىراممىڭىزدا بىر ئىشنى يەنە بىر ئىشتىن نېمىگە ئاساسەن ئالدىن ئورۇندايسىز؟، ئىشلىرىڭىزنىڭ مۇھىمى بىلەن بەكراق ئەھمىيەتلىكىنى قانداق تاللايسىز؟. ھەقىقەتەن يۇقىرىقى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭىز بولسا، سىزنىڭ ھاياتقا بولغان ئەخلاقى كۆز قارىشىڭىز ۋە مۇھىم بىلەن ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بەرگەن قىممەتلىك باھايىڭىزدۇر. ئەمما ئېچىنارلىق يېرى شۇكى؛ كۆپۈنچە ۋاقىتتا ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئېتىقادىمىزنى سېلىشتۇرساق (بۇ يەردە ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش كېرەك دەپ ئېتىقاد قىلغان ئىشلار كۆزدە تۇتىلىدۇ)، ئېتىقادىمىز بىلەن رېئاللىقىمىز ئارىسىدىكى بوشلۇقنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەمەلىيەت باسقۇچى
سىز ئالدى بىلەن قولىڭىزغا قەلەم-قەغەز ئېلىڭ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى كۆز قارىشىڭىزدىكى ئەھمىيەتلىك دەرىجىسى بويۇنچە رەتلەپ چىقىڭ: ئىبادەت، خىزمەت، ئەخلاق ۋە توغرىغا يېتەكلىنىش، ئائىلە(ئاتا-ئانا، ئايال، بالا-چاقا)، ساغلاملىق قاتارلىق يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ قايسىسىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايسىز؟ شۇ بويىچە رەتلەپ چىقىڭ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى مۇلاھىزە قىلىڭ. مەسىلەن: كىمىكى ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقادنى خىزمىتىدىن مۇھىم ئورۇندا قويىدۇ، كىمىكى خىزمىتىنى ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقادتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. مانا بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش، بۇ ئىككى شەخسنىڭ ھاياتى يۆلىنىشىدە تامامەن ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدۇ. بىرىنچى شەخس: ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقاتى ئۈچۈن خىزمىتىنى قۇربان قىلىدۇ، ئەمما ئىككىنچى شەخس خىزمىتى ئۈچۈن ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقاتىنى قۇربان قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىشلارنى رەتلەپ بولغىنىڭىزدىن كىيىن، ئەھمىيەتلىك ياكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويۇش كېرەك دەپ قارىغان ئىشلىرىڭىزغا مۇناسىپ بىر يول بىلەن ۋاقتىڭىزنى چىقىرالىشىڭىزغا ئىشىنىسىز ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن يېڭىدىن بىر پىلان تۈزۈپ چىىقمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
نىشانلىرىڭىزنى بېكىتىڭ
قايسى ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلقىنىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۇرۇڭ. زادى نېمىلەرگە ئېرىشىشنى خالايسىز؟، 20 يىل ياكى 30 يىل كېيىنكى ئۆز ھاياتىڭىزنى تەسۋىرلەپ ھېكايە يېزىپ باقسىڭىز، ھېكايە جەريانىدا نېمىلەرنى يېزىشىڭىز مۇمكىن. ۋاپات بولغان كۈنىڭىزدە، ئائىلىڭىز ۋە دوست بۇرادەرلىرىڭىز سىز توغرۇلۇق نىمىلەرنى دېيىشىنى تەسۋىرلەپ قەلەم تەۋرىتىپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ سىز توغرىسىدا نېمىلەرنى دېيىشىنى ياخشى كۆرىسىز؟. بۇ ئارقىلىق شەخسىيىتىڭىزدە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ئىستىكى قوزغىلىدۇ-دە، كېلەچەكتە يەتمەكچى بولغان غايىڭىزگە پىلان تۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىسىز ياكى ھېچ بولمىغاندا نىيەت قىلىسىز.
نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىككى تۈرلۈك باسقۇچ بىلەن بارلىققا كېلىدۇ:
بىرىنچى: ئەقلىمىزدە ياسىلىدۇ. يەنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نىشاننى تەپسىلى ھالدا ئوچۇق قىلىپ ئويلاپ چىقىش ھارپىسىدا، مەزكۇر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر ياكى بەش ۋەياكى ئون يىل كېتىشىنى تەخمىنلەشتۇرۇش.
ئىككىنجى: ئەمەلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. يەنى رېئاللىققا يۈزلىنىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. خۇددى قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى سالماقچى بولغان ئۆيگە بىر تال مىخ قېقىشتىن بۇرۇن، ئۆينىڭ پىلان ۋە خەرىتىسىنى تۇلۇق سىزىپ چىققاندەك، سىزمۇ راستىنلا ۋۇجۇتقا چىقارماقچى بولغان ئىشىڭىزنى پىلان بىلەن ئىلىپ بېرىشىڭىزنى تەقەززا قىلىدۇ.
مەن بۇ سۆزلەرنى يېزىش جەريانىدا ئەقلى ھۇشى ساغلام، ھېسسىياتچان ۋە ئەمەلىيەتچان تۇرۇپ، مەقسەت ۋە غايىلىرى ئوچۇق بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، يولدىن ئاداشقان ياكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەشتىن ئاجىز كەلگەن كۆپلىگەن كىشىلەرنى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن.
%80 ۋە %20 فورمۇلاسى
ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان تەئەججۈپلىنەرلىك كۆز قاراشلاردىن بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەر بىرلىككە كەلگەن %80 ۋە %20 فورمۇلاسى، ئۇلار: ھەقىقەتەن بىزنىڭ %80 قىممەتلىك پىلانلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا، كۈندىلىك ئىشلىرىمىزنىڭ %20 نىڭ ئاساسى نىشان دائىرىسى ئىچىدە بولغانلىقى ئاساسلىق رول ئوينىدى دەيدۇ.
قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ئالدىن-ئالا بەلگىلىنىشى نىشاننىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. سىز بۇگۇندىن باشلاپ، ھەرقانداق ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزدىن: مېنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان ئىشىم ئاساسلىق نىشانىمنىڭ كۈندىلىك %20 نىڭ ئىچىگە كىرەمدۇ، كىرمەمدۇ؟ دەپ سورىغىنىڭىزدا، ۋاقىت ۋە ئەقلىڭىزنى سەرىپ قىلىۋاتقان ئونلارچە ئىشلارنى، ئۆزىڭىز تۇيماستىن قالدۇرۋەتكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز.
نىشانغا يۈزلەنگەن چەكلىك پىلان فورمۇلاسى
مەقسەت ۋە نىشانغا يىتىش جەريانىدا مۇتەخەسسىس ئالىملار شۇنداق مۇلاھىزە قىلدىكى، بەزى ئىشلارنىڭ ئەھمىيەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ئىشلاردا نەتىجە قازىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بەلكى ئۇ پىلان، مەزكۇر ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىمنىڭ چىقالايدىغان كىمنىڭ چىقالمايدىغانلىقىنى ئايرىيدىغان پاسىلدۇر. مانا بۇ ئىشلار (چەكلىك پىلانلار) سىزنى مەقسىتىڭىزگە يىتىش ئۈچۈن بىر پەللىدىن يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە يۆتكەيدۇ.
بۇ ھەقتە سىزگە بىر مىسال بېرەي: سىز ئەگەر داڭلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇشقا تەلپۈنسىڭىز، سىزنىڭ بىرىنچى پىلانىڭىز مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ۋەزىپە ئېلىشىڭىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلچىمىگە لايىق ئىلمى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بولىشىڭىز لازىم. قولىڭىزدا ئىلمى ئۇنۋان بولماي تۇرۇپ، سىزنىڭ ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇشىڭىز ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. مانا ئەمدى ئۇ ئۇنۋاننى قولغا كەلتۈرىدىغان ھەر-بىر پىلان ئاساسلىق پىلانلار قاتارىغا كىردى. بۇ دېگەنلىك: نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر سائەت ئەقىلنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە تىرىشىش ھارپىسىدا كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن دېگەنلىكتۇر.
كېچىكتۈرۈشنىڭ ياخشى تەرىپى
ھاياتىڭىزنى رەتلەش ئۈچۈن كۈندىلىك پائالىيەتلىرىڭىزدىن بىرقانچىنى كېچىكتۈرۈپ ئورۇنلاشقا مەجبۇر بولىسىز. بۇ ئەمەللەرنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەلەيسىز؟ ئۇنداقتا سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇ ئىش ئورۇنلانسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى قانچىلىك؟ ئەگەر ئورۇنلانمىسىچۇ؟
2.ماقالە : قانداق قىلغاندا ئۈنۈمنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ
«قانداق قىلغاندا ئۈنۈمنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ»(HOWTO: Be more productive) ناملىق تولىمۇ داڭلىق بىر ماقالىنى يازغان. بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى يېزىلغان، مەن نۇرغۇن قېتىم كۆرۈش ئارقىلىق، يازغۇچىنىڭ پىكىرىگە تامامەن قوشۇلدۇم. ئۇ مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر قىسىم ئۇسۇللارنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمگە تەدبىقلەش ئارقىلىق ھەقىقەتەن ئۈنۈمىنى كۆردۈم، شۇڭىلاشقا مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ ماقالىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
Aaron Swartz راستىنلا قالتىس ئادەم، 14 يېشىدىلا RSS1.0 نى تۈزۈشكە قاتناشقان، ئۇ سىتانفورد (Stanford ) تا بىر يىل ئوقۇپلا، ئۆزلىكىدىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ، YC نىڭ ئەزاسى بولغان، كېيىن ئۇنىڭ شىركىتى reddit نى يۇتىۋالغان، ئۇ يەنەweb.py رامكىسىنىڭ ئاساسچىسى.
Swartz ناھايىتى بۇرۇنلا تور ئۆلچىمى قۇرۇشقا قاتناشقان ، 14 يېشىدا RSS1.0 ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قاتناشقان، شۇڭلاشقا پروگرامما لايىھىلەش ساھەسىدە خېلى داڭلىق، ھەم شۇ ۋاقتىدىن باشلاپ W3CRDF خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا ئايلانغان، ھەمدە John Gruber بىلەن بىرلىكتە Markdown تىلنى لاھىيىلەپ چىققان.
2000-يىلى wiki تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ theinfo ئېنسىكلوپېدىيىسنى ياساپ چىققان.
Swartz سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەكتەپتىن چېكىنىپ Infogami يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان ،Aaron Swartz يەنە Reddit ئىجتىمائىي ئالاقە خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ 3 قۇرغۇچىسىنىڭ بىرى، 2006 -يىلى Infogami بىلەن Reddit بىرلەشكەن .
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى Swartz ماتېرىيال ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان،
ئۇ MIT نىڭ JSTOR دىن 480,0000 پارچە ئىلمى ماقالە چۈشۈرۈۋالغان، 10,0000 ئامېرىكا دوللىرى كېپىللىك پۇلى تۆلەپ قويۇپ بېرىلگەن. Swartz سىرتتىن قاتتىق دىسكا ئورنىتىپ، فىزىكىلىق ئۇچۇرۇشۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ،MIT نىڭ ئىچكى تورىدا قوليازما تىلى ئارقىلىق JSTOR دىن ماقالىلەرنى چۈشۈرۈۋالغان.
2010-يىلى 9-ئايدا Swartz بىر كومپيوتېر سېتىۋېلىپ، MIT نىڭ تورىدا ghost ئابونىت نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ python قوليازما تىلى بىلەن JSTOR دىن ماقالە چۈشۈرگەن .
Reddit تورنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى .RSS ئۆلچىمىنىڭ ئىجادچىلىرنىڭ بىرى، web.py نىڭ ئىجادچىسى، داڭلىق خاككىر Aaron Swartz نىيورىك ۋاقتى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 26 يېشىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
باشقىلار چوقۇم سىزگە « تېلىۋىزور كۆرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغان شۇنچە كۆپ ۋاقتىڭىزنى كىتاپ يېزىشقا سەرپ قىلغان بولسىڭىز، بىر كىتاپ پۈتتۈرۈپ بولغان بولاتتىڭىز» دەپ باققان. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى تېلىۋىزور كۆرۈشكە قارىغاندا، كىتاب يېزىش ۋاقىتتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىق بولىدۇ. لېكىن بۇ ھۆكۈمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇنداق بىر پەرەزگە ئېھتىياجىمىز بار: «ۋاقىتنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ»، دېمەكچىكى، تېلىۋىزور كۆرۈشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتتا ناھايتى ئازادىلىك ئىچىدە بىر كىتاب يېزىپ چىققىلى بولىدۇ. بىراق تولىمۇ ئەپسۇس، ئەمەلىيەت بۇنداق بولماي قالىدۇ.
ئوخشىمىغان ۋاقىتىنىڭ ئوخشىمىغان سۈپەت دەرىجىسى بولىدۇ. ئەگەر مەن مېترو بېكىتىگە كېتىۋېتىپ خاتىرە كومپيۇتېرىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى بايقىسام، دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ ماقالە يېزىشىم ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. ئوخشاشلا، سىز ئۈزلىكسىز باشقىلار تەرىپىدىن ئاۋارە قىلىنسىڭىز، سىزنىڭمۇ دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈشىڭىز قىيىنغا چۈشىدۇ. بۇ يەردە يەنە بىر قىسىم روھىي ۋە تۇيغۇ جەھەتتىكى ئامىللارمۇ مەۋجۇت، بەزىدە كەيپىياتىم بەكلا ياخشى بولغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەزى ئىشلارنى قىلىمەن، بىراق بەزىدە ئىچىم سىقىلىپ كەتكەن ياكى زىيادە چارچاپ كەتكىنىمدە بولسا، ئامالسىز تېلىۋىزور كۆرىمەن.
ئەگەر سىز تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئىستىسىڭىز، چوقۇم بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىڭىز ھەمدە ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىڭىز كېرەك. ئالدى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلىرىڭىزدىن ياخشى پايدىلىنىشڭىز، ئاندىن ۋاقتىڭىزنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سەرپ قىلىشىڭىز زۆرۈر.
ۋاقتىڭىزدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ
ماس كېلىدىغان مەسلىنى تاللاش
ھايات ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ چەكلىك، نېمىشقا شۇنچە قىسقا ۋاقتىمىزنى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىۋېتىمىز؟ ئۆزىمىزنى راھەت ھېس قىلدۇرىدىغان بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىش بەكلا ئاسان، بىراق ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ:«مەن بۇ ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن قىلىمەن؟ مېنىڭ قىلىشىمنى كۈتىۋاتقان، تېخىمۇ مۇھىم بولغان ئىشلار بارمۇ؟ مەن نېمىشقا شۇ ئىشلارنى قىلمايمەن؟». بەلكىم بۇ سوئاللارغا جاۋاب بىرىش ھەقىقەتەن قىيىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەربىر سوئالغا ئۆزىڭىز قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بەرگىنىڭىزدە، سىز ئېرىشىدىغان ئۈنۈم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
بۇ ھەرگىزمۇ بارلىق ۋاقتىڭىزنى چوقۇم ئەڭ مۇھىم بولغان شۇ ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. مېنىڭ ۋاقت سەرپ قىلىشىممۇ ئۇنداق ئەمەس (بولمىسا بۇ ماقالىنى يېزىپ ئولتۇرمىغان بولاتتىم). بىراق بۇ مېنىڭ تۇرمۇشىمنىڭ مول مەزمۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتىكى ئۆلچىمىم.
كۆپ مەسىلە توپلاش
نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدىغان يەنە بىر مەخپىيەتلىك شۇكى: ئەگەر بىرەر مەسىلىنى توغرا دەپ جەزم قىلسىڭىز، پۈتۈن زېھنىڭىزنى سەرپ قىلىپ ئۇنى ھەل قىلىڭ، شۇندىلا سىز ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. بىراق مېنىڭچە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خېلىلا قىيىنغا توختايدۇ. مەسىلەن ھازىرنى مىسال قىلسام، مەن ھازىر بەدەن چېنىقتۇرىۋاتىمەن، مىۋە شەربىتى ئىچىۋاتىمەن، ئۈستىلىمنى رەتلەۋاتىمەن، ئىنىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ ماقالىنى يېزىۋاتىمەن. بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن ھازىرقى بۇ ماقالىنى يازدىم، بىر پارچە كىتاپ ئوقۇدۇم، ئازراق بىر نەرسە يىدىم، بىر نەچچە ئېلىكتىرونلۇن يوللانمىغا جاۋاب قايتۇردۇم، بىر نەچچە دوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم، ئازراق نەرسە كېرەك سېتىۋالدىم، ئىلگىرى يازغان بىر نەچچە پارچە ماقالەمنى تۈزەتتىم، كومپىيوتېرىمنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى كۆپەيتتىم، كىتاب جەدۋىلىنى رەتلىدىم.
ئوخشاش بولمىغان سۈپەتتىكى ئوخشىمىغان ۋاقىتتا مەن ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالىدىم. تېخمۇ مۇھىمى، سىز بىرەر ئىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغىنىڭىزدا ياكى بىرەر ئىشتىن بىزار بولغىنىڭىزدا، سىز قىلىدىغان باشقا ئىشلار بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ سىزنى تېخىمۇ ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئىجادچانلىق دېگەنلىك سىزنىڭ باشقا جايلاردىن ئۆگەنگەن بىلگىلەرنى ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىڭىزدە ئىشلىتەلىشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى خىزمەتلەرنى قىلسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ تەسەۋۋۇر ۋە ئىجادىي پىكىرلەرگە ئېرىشەلەيسىز.
بىر تىزىملىك تۈزىۋىلىش
ئوخشىمىغان بىر قاتار ئىشلارنى بىر ۋاقىتتا قىلىش ئانچە قىيىنغا چۈشمەيدۇ، كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلىرى بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يولىلا ئېسىمدە تۇتىۋالىمەن دېسىڭىز، بۇ ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاستا-ئاستا يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولۇشى كېرەككى، بۇ ئىشلارنىڭ سىزگە ھېس قىلدۇرىدىغان روھىي بېسىمى سىزنى تامامەن تۈگەشتۈرىۋېتەلەيدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاشلا ناھايىتى ئاددىي: ئۇلارنى خاتىرىلىۋېلىڭ.
قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى بىر تىزىمىك شەكلىدە خاتىرلىۋالسىڭىزلا، سىز ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تۈرگە ئايرىيالايسىز. مەسىلەن، مېنىڭ تىزىملىكىم پروگرامما تۈزۈش، تەپەككۇر قىلىش، خىزمەت، كىتاب ئوقۇش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئارام ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆپ قىسىم تۈرلەر نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ ماقالىنى يېزىشنى مىسالغا ئالسام، ھەقىقىي قەلەم تەۋرىتىش باسقۇچىدىن باشقا يەنە ئەزمىلىككە مۇناسىۋەتلىك باشقا ماقالىلەرنى ئوقۇش، ماقالىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش، جۈملىلەرنى رەتلەش، بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراش قاتارلىق باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ھەربىر تۈرلۈك ۋەزىپەنىڭ ھەممىسى تىزىملىكتىكى ئوخشىمىغان قىسىملارغا مەنسۇپ، شۇڭىلاشقا سىز ماس كېلىدىغان ۋاقىتتا مەلۇم قىسىمنى قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
ۋەزىپە تىزىملىكى بىلەن تۇرمۇشىڭىزنى بىرلەشتۈرۈڭ
سىزنىڭ بىر ۋەزىپە تىزىملىكىڭىز بولغان ھامان، سىز چوقۇم ئۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە تۇتىشىڭىز كېرەك، ئۇنى ئەستە ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى دەل ئۇنى ئۆزىڭىز ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇش. مەسىلەن: مەن دائىم ئۈستىلىمگە بىر مۇنچە كىتابنى تىزىپ قويىمەن، ئەڭ ئۈستىگە ئۆزۈم يېقىندا ئوقۇۋاتقان كىتابنى قويۇپ قويىمەن. ئوقۇغۇم كەلگەندە ئەڭ ئۈستىدىكى شۇ كىتابنى ئېلىپ ئوقۇساملا بولىدۇ.
تېلىۋىزور ياكى كىنو كۆرۈشتىمۇ شۇنداق قىلىمەن. مەلۇم بىر فىلىمگە قىزىقىپ قالغىنىمدا، ئۇنى كومپىيوتېرىمدىكى ئالاھىدە بىر ھۆججەت پاپكىسىغا ساقلاپ قويىمەن. ئارام ئالغۇم كەلگەندە كىنو كۆرمەكچى بولغىنىمدا، شۇ ھۆججەت پاپكىسىنى ئاچىمەن.
مەن تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ئاماللار ئۈستىدىمۇ ئويلىنىپ باققان، مەسىلەن، بىر قىسىم ماقالىلەرگە «ئوقۇشنى كۈتىۋاتقان ئەسەرلەر» دەپ بەلگە سېلىپ قويىمەن، تورغا چىققۇم كەلگەندە، ئىلگىرى ساقلىۋالغان، تېخىمۇ ئوقۇلمىغان ماقالىلەرنى كۆرىمەن.
ۋاقت سۈپىتىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ
يۇقىرىقىغا ئوخشاش ۋاقىتتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ۋاقتىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈڭ. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
ئۆزىڭىزدىكى تاشقى چەكلىمىلەرنى ئازايتىڭ
قەلەم ۋە خاتىرە ئېلىپ يۈرۈشنى ئادەت قىلىڭ: مەن تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك دائىم يانچۇقىدا خاتىرە دەپتەر دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ يۈرىيدۇ. قەلەم ۋە قەغەز نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ناھايىتى پايدىلىق، خالىغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىرىڭىزنى خاتىرلىيەلەيسىز، ھەتتا مەن بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، مېترودا كېتىۋېتىپ بىر ماقالە يېزىپ پۈتتۈرگەن.
ئاۋارە قىلىنىشتىن ساقلىنىڭ: زېھنىڭىزنى تولۇق مەركەزلەشتۈرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قىسىم ئىشلاردا، ئامال بار ئاۋارە قىلىنىشتىن ساقلىنىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي چارىسى شۇكى، سىزنى ئاۋارە قىلالمايدىغان بىر جايغا بېرىڭ ياكى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە كەلگۈسى بىر مەزگىلدە ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلماسلىقنى تاپىلاپ قويۇڭ. بىراق چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ، بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭ. بەزىدە ۋاقىتىڭىزنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋەتكىنىڭىزدىن، ئەكسىچە باشقىلار تەرىپىدىن ئاۋارە قىلىنغىنىڭىز ئەۋزەلرەك. ئولتۇرىۋېلىپ خەۋەر كۆرگەنگە قارىغاندا باشقىلارغا ياردەم قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلسىڭىز، ۋاقىتتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغان بولىسىز.
پىسخكىلىق چەكلىمىللىرىڭىزنى ئازايتىڭ
يېيىش، ئۇخلاش، ھەرىكەت قىلىش: قورسىقىڭىز ناھايىتى ئاچقان، قاتتىق چارچىغان ۋە ياكى زىيادە تىت-تىت بولۇپ كەتكىنىڭىزدە، ۋاقىت سۈپىتىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بەكلا ئاسان: بېرىپ ياخشى تاماقلىنىڭ، قانغۇدەك ئۇخلاڭ ياكى ئاز-تولا ھەرىكەت قىلىڭ. كۆڭلىڭىزدە:«مەن بەك چارچىدىم، بىراق ئارام ئالسام بولمايدۇ، چۈنكى مەن چوقۇم ئىشلىشىم كېرەك» دەپ ئويلىسىڭىز، بەلكىم ئۆزىڭىزنى ناھايىتى تىرىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاقىتتا بېرىپ ئازراق ئارام ئېلىۋېلىپ ئاندىن، ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. ئىشقىلىپ سىز ھامان ئۇخلىشىڭىز كېرەك، بۇنداق بولغان ئىكەن، ئاۋۋال ياخشى ئارام ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئېشىپ قالغان ۋاقىتتىكى ئىش ئۈنۈمىڭىزنى ئاشۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.
شادىمان كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇڭ: شادىمان كىشىلەر بىلەن بىللە بولسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز، بۇنىڭ بىلەن كەيپىياتىڭىزمۇ ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيدىلا ئولتۇرۇپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنى خالىشى، باشقىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈشنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە باشقىلار بىلەن ئارلىشىش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولىۋەرسە ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ، ئىش ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
بېسىمىڭىزنى دوستلىرىڭىز بىلەن تەڭ كۆتۈرۈڭ: گەرچە سىزنىڭ دوستىڭىز ئەتراپىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدىغان كىشىلەردىن بولمىسىمۇ، بىراق مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئۇلار بىلەن بىرگە ھەل قىلسىڭىز، مەسىلە ئاددىيلىشىدۇ. بىر تەرەپتىن، روھىي جەھەتتىكى بېسىمنى تەڭ كۆتۈرىسىلەر، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرغىنىڭىزدا دىققىتىڭىز ئۆز خىزمىتىڭىزگە تېخىمۇ مەركەزلىشىدۇ، خىيالىڭىز چېچىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
ئەزمىلىك
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەنلىرىمىز مەسىلىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئەمەس، ئۈنۈمنىڭ قانداق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە «ئەزمىلىك». گەرچە نۇرغۇن ئادەملەر ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسىمۇ، بىراق ھەممىمىزدە دېگۈدەك ئازدۇر-كۆپتۇر ئەزمىلىك بار. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئەزمىلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
ئەزمىلىك دېگەن نېمە؟ ياندىن قارىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە، سىزنىڭ ھەقىقىي خىزمەت قىلماي، ئەكسىچە قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلغىنىڭىز (مەسىلەن ئويۇن ئوينىغىنىڭىز، خەۋەر كۆرگىنىڭىز) ئەزمىلىك ھېسابلىنىدۇ. بىراق مەسىلىنىڭ ھالقىسى شۇكى: سىز زادى نېمىشقا شۇنداق قىلىسىز؟ شۇ مىنۇتتا سىز زادى نېمىنى ئويلاپ شۇنداق قىلدىڭىز؟
مەن نۇرغۇن ۋاقت سەرپ قىلىپ بۇ ئىشنى تەتقىق قىلدىم، مەن ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى جاۋاب شۇ بولدىكى، چوڭ مېڭە ھەربىر ۋەزىپىنى بىر «ئەقلىي مەيدان كۈچى»بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. سىز ئىككى پارچە ماگنىتنى ئۆز-ئارا تەسىرلەشتۈرۈپ ئويناپ باققانمۇ؟ ئەگەر ماگنىتنىڭ قارمۇ-قارشى قۇتۇپلىرىنى بىر يەرگە ئەكەلسىڭىز ئۇلار ئۆز-ئارا تېپىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ماگىنىت مەيدان كۈچىنى ھىس قىلالايسىز. ئۇلارنى بىر يەرگە ئەكىلىش ئۈچۈن قانچە كۈچىسىڭىز، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا يەكلەش كۈچى شۇنچە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
نىيەت بىلەن روھمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئۇنى تۇتقىلى، كۆرگىلى بولمايدۇ، بىراق سىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالايسىز ھەمدە ئۇنىڭغا قانچىكى يېقىنلاشماقچى بولسىڭىز، ئۇ سىزدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ.
ئىككى ماگنىت قۇتۇپى ئوتتۇرىسىدىكى يەكلەش كۈچىنى قارا كۈچكە تايىنىپ بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنى ھەل قىلىش چارىسى تولىمۇ ئاددىي، يەنى ماگنىتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسىڭىزلا كۇپايە.
ئۇنداقتا «روھىي كۈچ مەيدانى»قانداق ھاسىل بولىدۇ؟ بۇنىڭدا ئاساسەن ئىككى خىل سەۋەب بولۇشى مۇمكىن: ۋەزىپە ناھايىتى مۈشكۈلمۇ؟، ۋەزىپە باشقىلار تەرىپىدىن بۇيرۇلغانمۇ؟
مۈشكۇل ۋەزىپە
ۋەزىپىنى ئىنچىكە ھالقىلارغا ئايرىۋېلىش
بىر ۋەزىپىنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل بىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ زىيادە چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىدە. ئالايلۇق، سىز بىر تىزىملىك قۇرۇلما سېستىمىسى ئىشلىمەكچى، ھېچكىم ئۇنى بىراقلا تاماملىيالمايدۇ. بۇ بىر تۈرلۈك ۋەزىپە ئەمەس، بەلكى پەقەت بىر نىشان خالاس. بىر تۈرلۈك ۋەزىپە دېگەندە سىزنى نىشانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرالايدىغان كونكرېت ئۇقۇم كۆزدە تۇتىلىدۇ. بىر ياخشى ۋەزىپە سىزنى شۇ دەرھال ئىجرا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ، مەسىلەن، «تىزىملىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر سىخېما سىزىش».
سىز بىر تۈرلۈك ۋەزىپىنى تاماملاپ بولغىنىڭىزدا، كېيىنكى قەدەم تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز بىر تىزىملىك نېمىلەردىن تۈزۈلىدۇ، سىز قانداق ئىزدەش مېخانىزىمىغا ئېھتىياجلىق، تىزىملىكنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قانداق قۇرۇش كېرەك قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىسىز. مۇشۇنداق بىر ئېنىق تەرتىپ بولغاندا، ھەربىر ۋەزىپە ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تەبئىيلا كېيىنكى ۋەزىپىگە يول ئېچىلىدۇ.
بىر قەدەر چوڭ بولغان تۈرلەر ئۈچۈن مەن دائىم «مەن يەنە قانداق بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشىم كېرەك» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىمەن، ھەمدە بۇ ۋەزىپىلەرنى «قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلار» تىزىملىكىمگە كىرگۈزىمەن. ئوخشاشلا، بەزى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە قىلىشىم كېرەك بولغان ئىشلارنى يەنە شۇ تىزىملىكىمگە كىرگۈزىمەن.
ۋەزىپىنى ئاددىيلاشتۇرىۋېلىش
ۋەزىپىنى مۈشكۈل ھېس قىلدۇرىدىغان يەنە بىر سەۋەب ئۇنىڭ زىيادە مۇرەككەپ بولغانلىقىدا. «بىر كىتاپ يېزىش» ــــ بۇ ۋەزىپىگە قاراپ قەيەردىن قول سېلىشنى بىلەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئىشنى بىر پارچە ماقالە يېزىشتىن باشلاڭ. مۇبادا بىر پارچە ماقالە يېزىشمۇ قىيىن بىلىنسە، ئۇنداقتا يەنىلا مەلۇم بىر پارچىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى يېزىشتىن باشلاڭ. ئەڭ مۇھىمى ھەقىقىي بىر ئىش قىلىش، ئاز بولسىمۇ ھەقىقىي ئىلگىرلەشنىڭ كۆرۈلىشىدۇر.
ۋەزىپىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغىنىڭىزدىن كېيىن، سىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم قىلالايسىز، ئۇنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنەلەيسىز. بىر نەرسىنى يېڭىدىن ئىجاد قىلغانغا قارىغاندا، ئەسلىدە بار بولغان مەلۇم نەرسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش بىر قەدەر ئاسانغا توختايدۇ. مەلۇم بىر ئابزاسنى ياخشى يېزىپ بولسىڭىز، ئۇ تەدرىجىي توپلىنىپ بىر ماقالە، ھەتتا ئاخىرىدا بىر كىتاپ بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.
ئۇنى ئەستايىدىل ئويلىشىش
ئادەتتە بىرەر قىيىنچىلىقنىڭ ھەل بولۇشى مەلۇم ئىلھاملارغا ئېھتىياجلىق. ئەگەر سىز ئۇ ساھەگە دېگەندەك پىششىق بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئىشنى شۇ ساھەنى تەتقىق قىلىشتىن باشلىشىڭىز، باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، بۇ ساھەنى ئاز-ئازدىن چۈشىنىشىڭىز ھەمدە بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ساھەدە پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىڭىزنى بىلىش ئۈچۈن بىرقىسىم كىچىك تەۋەككۈلچىلىكلەرنى قىلىپ سىناپ بېقىشىڭىز كېرەك.
باشقىلار تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ۋەزىپە
باشقىلار تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ۋەزىپە دېگەندە سىزنىڭ تاماملىشىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان ۋەزىپىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن پىسخولوگىيەلىك تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسەتتىكى: سىز باشقىلارنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغىنىڭىزدا، بۇ ئىشنى قىلىش ئۇلارغا تەبئىيلا ناھايىتى قىيىن بىلىنىدۇ. مۇكاپاتلاش، جازالاش قاتارلىق تاشقى غىدىقلاشلار «ئىچكى مۇددىئا»نى ــــ سىزنىڭ مەلۇم بىر ئىشقا بولغان ھەقىقىي قىزىقىشىڭىزنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئادەم مېڭىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ياكى باشقىلار تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان ئىشلارغا نىسبەتەن تۇغما قارشىلىق كۆرسېتىش كۈچى بولىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال باشقىلار سىزدىن بىرەر ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلغاندىلا ئەمەس، يەنە سىز ئۆزىڭىزگە بىرەر ۋەزىپىنى تاپشۇرغىنىڭىزدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە «مەن چوقۇم Χ ئىشنى ياخشى قىلىشىم كېرەك، بۇ مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشىم» دېسڭىز، تۇيۇقسىزلا Χ ئىشنىڭ دۇنيادىكى قىلىش ئەڭ قىيىن ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ھالبۇكى ئەگەر Y «ئەڭ مۇھىم ئىش»قا ئايلانسا، ئۇنداقتا ئەسلىدىكىΧ نى قىلىش ناھايىتى ئاسان بىلىنىدۇ.
بىر ۋەزىپىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش
ئەگەر سىز Χ ئىشنى ئورۇندىماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە «مەن Y ئىشنى قىلىشىم كېرەك»دەڭ. ئەمما بۇنداق ئۆزىنى ئالداش ناھايىتى قىيىن، چۈنكى سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكى ناھايىتى ئېنىق.
ئۆزىڭىزگە ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرماڭ
ئۆزىگە ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇش قارىماققا ناھايىتى جەلىپ قىلارلىق بىلىنىدۇ، مەسىلەن ئۆزىڭىزگە «مەن بۇ ماقالىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تاماق يەيمەن» دېسىڭىز ماقالىگە قىزىقىشىڭىز تېخىمۇ ئاشقاندەك بىلىنشى مۇمكىن. تېخىمۇ يامان بولغىنى باشقىلارنى سىزگە يالغاندىن ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرغۇزىشىڭىز. بۇ ئىككىلا خىل ئۇسۇل سىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىڭىزنى تېخىمۇ يوققا چىقىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ھەرقانداق يول بىلەن ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز، چوڭ مېڭىڭىزنى ئۇ ئىشتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ.
ئىشنى قىزىقارلىقلاشتۇرۇش
قىيىن ئىش ئاڭلىماققىمۇ كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرالمايدۇ، بىراق بەلكىم بۇ مېنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىش بولۇشى مۇمكىن. بىر قىيىن مەسىلە سىزنىڭ پۈتۈن دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرگۈزىپلا قالماي، يەنە ئۇنى تاماملاپ بولغىنڭىزدا ئۆزىڭىزنى ناھايىتى قالتىس ھېس قىلىسىز، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.
شۇڭىلاشقا ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم ئىشنى ئورۇندىشىڭىزغا ياردەم بېرىشىڭىزنىڭ مەخپىيىتى ئۆزىڭىزنى ئۇ ئىشنى چوقۇم ئورۇنداشقا قايىل قىلىش ئەمەس بەلكى، ئۆزىڭىزنى بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق ئىش ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشتۇر. ئەگەر ناھايىتى مەنىسىز بىر ئىش بولغان تەقدىردە، سىزنىڭ قىلىشىڭىز كېرەك بولغىنى، ئۇنى قىزىقارلىق قىلىش.
خۇلاسە
ئۈنۈمنىڭ ھەقىقي مەخپىيىتى «ئۆزىنى تىڭشاش»تۇر ــ قورسىقىڭىز ئاچقاندا تاماق يەڭ، چارچىغىنڭىزدا ئۇخلىۋېلىڭ، بىزار بولغىنىڭىزدا ئازراق ئارام ئېلىڭ، قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلىڭ.
بۇ قارىماققا ناھايىتى ئاسان بىلىنىدۇ، بىراق كۈنىمىزدە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئىدىيەلەر بىزنى قارشى يۆنىلىشكە يېتەكلەپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەگەر ئىشلىرىمىزدا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئىستىسەك، ئالدى بىلەن زەن قويۇپ «ئۆزىمىزنى تىڭشىشىمىز» كېرەك.
3.ماقالە : ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ
ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ ماقالىسى بۇ يەردە يوقتەك قىلىدۇ! ئەگەر باربولسا مەيلى يوق بولسا بەھىرلىنەيلى !
كۆپ قىسىم ئادەملەر ئاساسى بار ئاستىسا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا نەرسىلەرنى ئۈگىنىشنى پىلانلايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىپ داۋاملىشالايدىغان ئادەم كۆپ ئەمەس. ئۇلارنىڭ دائىم بىر سەۋەبى بار، ئۇ بولسىمۇ:«پەقەت ۋاقتىم چىقمايۋاتىدۇ...». ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، پەقەت ئوقۇغۇچى ھاياتىغا قايتىپ بارغاندىلا، ئاندىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگىنىش قىلالايدۇ، دەپ قارايدۇ.
مۇنداق بىر ئىشنى نەزىرىڭلارغا سېلىپ قوياي، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك مۇۋاپەققىيەت كەلتۈرگەن دانالارنىڭ كۆپىنچىسى بوش ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئىشلەتكەنلىكىدىن كۆپ نەرسىلەرنى توختىماي ئىگەنلەپ كەلگەن.
مەن سىلەرگە قانداق بوش ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى دەپ بەرەي:
1. ئۇخلاش ئالدىدىكى يېرىم سائەت.
2. ئەتىگەن قوپقاندىن كېيىنكى يېرىم سائەت.
3. ئەتىگەن ئىدارىغا بارغاندىن كېيىنكى يېرىم سائەت.
ئەستە قالدۇرۇشتا، ئالدىن ئالا ئەستە قالدۇرغان مەلۇماتلار كېيىنكى ئەستە قالدۇرماقچى بولغان مەلۇماتلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار كېيىنكى ئەستە قالدۇرماقچى بولغان نەرسىلەرنىڭ چوڭقۇر ئەستە قالماسلىقىغا، ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىغانغا سەۋەب بولىدۇ. ئەكسچە، كېيىنكى ئەستە قالدۇرغان نەرسىلەر بىشىدا ئەستە قالغان مەلۇماتلاغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ نەزىرىيە كۆپىنچىمىزگە ئېنىق ئايان.
ئۇخلاش ئالدىدىكى ۋە قوپقاندىن كېيىنكى يېرىم سائەت ئالتۇن پەيتلەردۇر! ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئەتىگەن ئۈگەنگەن ۋە بۇرۇن ئۈگەنگەن نەرسىلەر تەكرار قىلىدىغانغا ياخشى، 24 سائەتنىڭ ئىچىدە ئىگەنلىگەن مەلۇماتلارغا نىسبەتەن، 34% نەرسىلەر كاللىڭىزدا قاپقېلىشى نىسبىتى بار، شۇڭلاشقا ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا تەكرار قىلسىڭىز ئەستە قېلىش نىسبىتىنى يۇقۇرلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، كەينىدىنلا ئۇخلايدىغان بولغاچقا، كېيىنكى نەرسىلەرنىڭ تەسىر قىلىشى ئاز بولىدۇ، ھەمدە تەكرار قىلغان نەرسىڭىز ئۇزۇن مۇددەت ئەستە قىلىش نىسبىتى يۇقۇرلايدۇ. تەتقىتقاتقا ئاساسلانغاندا، ئۇخلىغان مەزگىلدە كاللىڭىزنىڭ ئەستە قىلىش سېستىمىسى داۋاملىق ئىشلەيدۇ، ئۇلار يېڭى مەزمۇنلارنى رەتلەش، تۈرگە ئايرىش، تەھرىر قىلىش ۋە ساقلاش دىگەنتەك خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇخلاشنىڭ ئالدىنقى يېرىم سائەت ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.
ئەتىگەن قوپقاندىن كېيىن، مېڭە ھېساپتا ساپ بولىدۇ. بۇ مەزگىل يېڭى نەرسىلەرنى ئۈگىنىدىغان ياخشى پەيت، بۇ چاغدا ئۈگەنگەن نەرسىلەر كاللىدا بىر ئەتىگەن قاپقالالايدۇ. شۇڭلاشقا ئەتىگەنكى يېرىم سائەتنىمۇ ياخشى پايدىلىنىش كېرەك!
ئىدارىغا بارغاندىن كېيىنكى يېرىم سائەت، كاللىڭىز ئەڭ ئۆتكۈر مەزگىلدۇر. بۇ مەزگىلدە تۆنۈگۈن ئۈگەنگەن ۋە بۈگۈن ئۈگەنگەن نەرسىلەرنى تەكرار قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇنداق بىر تەتقىتقات ئېلىپ بېرىلغان، دۇنيانىڭ ئالدىنقى 500 شىركەتلەرنىڭ دېرىكتۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق مەزگىلدە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنى بىجىرىدۇ، ۋە ياكى ھېچقانداق تەسىر بولمىغان شەرت ئاستىدا مۇھىم بولغان سودا مەزمۇنلىرى بېكىتىدۇ.
كەمىنە پادىچى يەنە بىرقېتىم ئۆتۈنىمەن : ساندان زايا بولۇش خەۋىپى بولسا تەستىقلانمىسا مەيلى ، ئەمما تەستىقلىنىپ قالسا ۋاقىت ئىساراپ قىلىش ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئەيىپلىنىشكە ئۇچىرمىسام ! |