ئۆزەم يازغان رۇبائىيلار(2)
(51)
بال دىدىم يالمىدىم،تاتلىقتۇر تىلىم،
زەھەر دەپ، يۇتقاندەك بوپ قالدىم يىلىم!
شەيئىلەر خۇلقى ئۆز ئىسمىدىن مەلۇم،
مۆتىدىل نەرسىگە مايىل بول دىلىم!
(52)
ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم كېلىدۇ پۇرسەت،
تۇتتۇڭمۇ، يار ساڭا بىر ئۆمۈر نۇسرەت!
پۇشايمان پايدىسىز، كەتكۈزسەڭ ئۇنى-
قايتىش يوق، شۇ ئۈچۈن چېكىسەن ھەسرەت!
(53)
ئىش قىلساڭ قىل خالىس، بولما مىننەتلىك،
جاپاغا چىداپ ئۆت، بولغىن ھىممەتلىك،
كۆر ئەنە، كىچىك بىر مەخلۇق چۈمۈلە،
ئىشى ئاز، رىغبىتى- روھى قىممەتلىك!
(54)
مەنمەنلىك يۈزۈڭنى چۈشۈرەر شەكسىز،
كەمتەرلىك ئادەمنىڭ زىننىتى، شەرتسىز!
ماختار ئەل ئالمىنى مېۋىسى بىلەن-
تۇرسىمۇ قامىتى كۈرۈمسىز- ئەپسىز!
(55)
ھاياتلىق بىر ئېقىن، يانماس كەينىگە
باقمايدۇ ئادەمنىڭ خۇلقى-پەيلىگە.
شەيتانغا ئۇر كاچات، ۋاقتىڭنى چىڭ تۇت
بۇ بەڭۋاش كۆڭۈلنى قويما مەيلىگە!
(56)
قەدرىنى قىلىۋال، ئاتاڭ ئۆلمەستە
دۇئاسىن ئېلىۋال، ئاناڭ كەتمەستە،
كەتتىمۇ،قايتىش يوق، مىڭ قىلغان بىكار
تاپ ھۇشۇڭ،پۇرسەت شۇ، بولما بىخەستە!
(57)
ئامراقسەن ئاجايىپ،پارەڭگە قەۋەت،
پەرۋىشكار بولىسەن بالاڭغا قەۋەت.
ئويلىغىن، ئاناڭمۇ باققانتى سېنى،
كۆرسىتىپ باقتىڭمۇ، ئۇنىڭغا بىر رەت؟
(58)
داداڭدۇر،ھاياتتا ساڭا بىر ئۈلگە،
ئەي ئوغۇل ئال ئۇدۇم،گۈل ئۈندۈر چۆلگە!
ئالمىساڭ داداڭنىڭ بىرەر خۇيىنى-
ھاياتتا نېمە قىل، تەڭ بولۇر نۆلگە!
(59)
قېرىنداش،قوشناڭغا ھەردەم قاياش بول،
مېھرىڭنى يەتكۈزگىن، ئىللىق قۇياش بول،
قىلمىغىن بېخىللىق،ئۆتنە ئالەم بۇ-
كۆرىسەن يامان ۋە ياكى يۇۋاش بول...
(60)
قۇياش ئۇ يورۇق، نۇر- زىياسى بىلەن،،
قەدىرلىك تۇپراقمۇ گىياسى بىلەن،
ئادەممۇ قەدىرلىك، ھاياتتا ئۆتكەن-
ئۇنتۇلماس تۆھپىسى-ئىزناسى بىلەن!
(61)
خام خىيال سۈرمىگىن، چىقماس ئايىقى
بولساڭمۇ بول مەيلى، قويچى تايىقى
زەررىچە بولسىمۇ،ئىش قىل ئەمەلىي،
ئاق پېتى كەتكىچە ئۆمرۈڭ ۋارىقى...!
(62)
دەرەخمۇ ماختىنار سايىسى بىلەن،
ئادەمچۇ، ئېتىقاد-غايىسى بىلەن،
مۇددىئا بولمىسا دۇرۇس، پەرقى يوق-
دۇتتارنىڭ ئۈزۈلگەن تارىسى بىلەن...
(63)
دادلىما بالاڭدىن، ئەي دىتسىز ئىنسان
ئەجەبا يوقمىدۇ سەن ھىچ نۇقسان؟
يادىڭدا، داداڭنى قىلغىنىڭ خاپا-
كۆرسىتەر بالاڭمۇ، بىرنى قىپ توقسان!..
(64)
سەھرا ئۇ بەئەينى، ئىجاد سەيناسى
ئىجادكار دېھقاندۇر ئۇنىڭ رەناسى!
كۈلىدۇ مەۋجۇدات دېھقان ئەجرىدىن
شۇڭا شاد پەر قاقار، ھايات ئەنقاسى!
شائىرلار ھەققىدە
(65)
شائىرنىڭ بىر ئەسەر ئىجات ئەتمىكى
تولغاق يەپ ئانىنىڭ ھالدىن كەتمىكى...
ماھىيەت ئوخشاشتۇر، ئوخشىماس ئەمما
ئىجادكار قەدرىگە ئەلنىڭ يەتمىكى...
(66)
ئەقىدە بىرلەشسە ھېسسىيات بىلەن
چىقىدۇ ئەسىرىڭ مەنالىق-تېرەن.
ھىس بولۇپ، ئەقىدە سىڭمىسە ئاڭا
تاپىدۇ ئوقۇرمەن بىردەمدە ئېۋەن!
(67)
شائىرلار تارتىدۇ رەنجىنى-غەمنى
يازىدۇ يۈرەككە مىلەپ قەلەمنى.
شۇڭىمۇ يۈرەكتىن قېرىپ، كېتىدۇ-
ئاخىرى بىر تالاي يۈدۈپ ئەلەمنى!
ھورۇنلۇق ھەققىدە
(68)
ھورۇنغا خىيالىي جەننەت كېرەكمىش،
شۇجەننەت ھوزۇرى-نېمەت كېرەكمىش.
دېگەنتىم:نېمىگە كۈتۈپ ياتىسەن؟
ئۇ دېدى: بۇنىڭغا پۇرسەت كېرەكمىش.
(69)
بەزىلەر بېجىرىم تېنى ساق تۇرۇپ،
ماڭالماس ھېچقانداق ئىشنى ئاقتۇرۇپ.
مۇھتاجلىق ئۆيىگە ئەسىردۇر ئۇلار،
ئۆتكەچكە كۈنلىرى قۇرۇق لاپ ئۇرۇپ.
(70)
شىجائەت-ھىممىتىڭ يۆتكەيدۇ تاغنى،
چىڭ تۇتساڭ ھاياتتا ئالتۇندەك چاغنى،
تەييارغا ھەييار بوپ ئۆتمە، ئۇياتتۇر،
باغۋەننى تونۇماي، تونۇساڭ باغنى!
(71)
تىلەمچى باي بولماس يىغقاچ تىيىنلاپ،
بارغانچە قاچىسى قالار يېرىملاپ،
مېھنەتسىز ياشاشنى قىلساڭ ئىختىيار،
زىغىرچە ئىشلارمۇ بارار قىيىنلاپ.
(72)
تەپەككۇر قىل ئىنسان، يارالدىڭ نىچۈن،
دۇنياغا بىر تەكشى تارالدىڭ نىچۈن...
سورايچۇ،ئەجرىڭدىن باغ بىنا قىلماي-
ئەشۇ تار ئۆيۈڭگە قامالدىڭ نىچۈن!
(73)
ھاياتلىق ھىكمىتى چەكسىزدۇر، بىلسەڭ،
ئادەمنىڭ ئۆلمىكى شەكسىزدۇر، بىلسەڭ
مەنىلىك ياشىماي تۇرۇپ، ئۆلۈمگە-
تەييارمەن دېگىنىڭ ئەپسىزدۇر، بىلسەڭ!
(74)
شىجائەت-ھىممىتىڭ يۆتكەيدۇ تاغنى،
چىڭ تۇتساڭ ھاياتتا ئالتۇندەك چاغنى،
تەييارغا ھەييار بوپ ئۆتمە، ئۇياتتۇر،
باغۋەننى تونۇماي، تونۇساڭ باغنى!
(75)
ئوخشىماس ئىنساننىڭ تەقدىر-قىسمىتى،
شۈكرىگە كىم بەندە، كۆپتۇر كۈلپىتى،
«يارىلىش ئۆزۈڭدىن » دېگەن تەڭرىمۇ،
ياراتقىن ئۆزۈڭنى، مۇشۇ پۇرسىتى!
(76)
بەزىلەر يېتىدۇ مەنزىلگە ئويدا
ۋەلېكىن يۈرىدۇ باشقا ئىش-كويدا.
قاقشالنى كۆكلىتىش خام خىيال ،دېمەك
سەۋەبسىز سۇ تۇرماس،غەلۋىر-چويلىدا!
دېھقان ۋە سەھرا ھەققىدە
(77)
نى قىسمەت جاپاغا چىدايدۇ دېھقان،
شۇڭا ئۇ ھاياتلىق يولىدا چولپان.
دېھقاننىڭ ئەجرىسىز-ئويلا كۈنۈڭنى
دەل سېنىڭ بەختىڭچۈن دېھقان يارالغان!
(78)
سەھرا ئۇ بەئەينى ئۇلۇغ بىر ئانا
بولىدۇ دېھقانغا داۋام باشپانا.
دېھقاننىڭ ئۇنىڭدىن كەچكىنى ئوخشار
ئانىنى قاقشاتقان ناكەس بالىغا!
(79)
مېھنەتنىڭ كۈچىدىن گۈزەل بۇ ئالەم،
گۈزەل ھەم ئۇندىكى تۆھپىكار ئادەم،
مېھنەتنى سۆيگەننىڭ قولى ئوچۇقتۇر،
سېخىيلىق بابىدا پەستىدۇر ھاتەم.
(80)
سەھرانىڭ قوينىنى گۈل قىلار دېھقان،
كۈز پەسلى بېغىنى مول قىلار دېھقان.
سەھرانىڭ قوينى ئۇ- دېھقان جەننىتى
شۇجەننەت قوينىنى نۇر قىلار دېھقان!
(81)
دېھقانسىز ئاينىماس ھاياتلىق ھەرگىز
ئۇنىڭسىز تۇرمۇشۇڭ ئۆتەر مەنىسىز..
دېھقان ئۇ دۇنيانىڭ تەم-تېتىتقۇسى
تۇزسىز ئاش ھەرقاچان بولار مەزىسىز...
(82)
ھەممىنىڭ ئۇلۇغى-ئاتىسى دېھقان،
گەر بىلسەڭ، قۇياشنىڭ پارچىسى دېھقان
ھارارەت مېھرىدىن كۆكلەيدۇ زېمىن
دېمەككى، ھاياتلىق جارچىسى دېھقان!
ئەخلاق ۋە ئەدەمىيلىك ھەققىدە
(83)
گەر بولسا يارىڭنىڭ چىرايى سۈزۈك
شۇنچىلىك ياراشسۇن، ھەم ئالتۇن ئۈزۈك
قىلالماس كۆڭلۈڭنى بىر ئۆمۈر مەپتۇن
پەزىلەت ،ئەخلاقى بولمىسا تۈزۈك...
(84)
ھالاللىق مىزانىڭ بولسۇن ،ئەي ئادەم،
ھاياتىڭ مەزمۇنغا تولسۇن، ئەي ئادەم،
ھارامدىن لوقما يەپ، تىرىك يۈرگىچە
ھالالدىن زەھەر يەپ ئۆلگىن، ئەي ئادەم
(85)
بىلىملىك كىشى ئۇ ئاقىل بولىدۇ،
چىۋىندە چىۋىنچە ئەقىل بولىدۇ،
قارىما ئادەمنىڭ سۈرىتىگىلا-
پىل ساناپ يۈرگىنىڭ گاھ قىل بولىدۇ!
(86)
دانانىڭ ئېغزىدا دانانىڭ گېپى
ناداننىڭ ئېغىزىدا ناداننىڭ گېپى
ھەركىشى ماختىنار ئۈلپىتى بىلەن،
ياخشىنىڭ يامانغا قوشۇلماس ئېقى!
(87)
تەقدىرنىڭ چاقچىقى باردۇر بەزىدە،
نى بالا-ئاپەتلەر ياردۇر بەزىدە.
ۋاقىتلىق ئامەتتىن كۆرەڭلىگەنگە
شۇكەڭرى جاھانمۇ تاردۇر بەزىدە..
(88)
كۆتۈرەر پەلەككە ئاۋام ئالقىشى،
چۆكۈرەر لەھەتكە ئاۋام قارغىشى،
ئۇلۇغلۇق ئىزدىمە ئاۋامدىن بۆلەك،
بۇ ئاددىي ھەقىقەت، تارىخ يازمىشى!
(89)
باھارسىز ئېچىلماس باغلاردا گۈلمۇ،
ھارارەت بېرەلمەس ئۆچكەن ئوت-كۈلمۇ
مۇھتاجدۇر شەيئىلەر ھامان باشقىغا،
سۆيگۈسىز يېگانە كۈلمەس كۆڭۈلمۇ.
(90)
ئادەمنىڭ ھىممىتى ئۆزىگە باغلىق،
سېنىڭمۇ، مېنىڭمۇ بىلگىنىم چاغلىق.
ھاياتلىق دەرسى كۆپ، ئەمما مۇھىمى-
بىلگەننى ئەمەلدە ئىشلىتىش جانلىق!
(91)
ئەقلىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ لەۋزىڭ،
ئەمەل قىل ۋەدەڭگە بۇزمىغىن ئەھدىڭ
راستچىللىق ئەڭگۈشتەر،ساڭا ئۆمۈرلۈك
دىيانەت نۇرىغا چۆمۈلسۇن قەلبىڭ...
(92)
چىداملىق جىڭ ئالتۇن ئوتقا-زەرەتكە،
چىدايدۇ چىن ئىنسان نى-نى قىسمەتكە،
چىدىماس ۋەلېكىن ئاۋام بېشىغا،
كەپقالغان قۇرۇق سۆز-قۇرۇق تۆھمەتكە!
(93)
يالغانچى ئېغىزىدىن«ھەقىقەت»چۈشمەس،
ۋەلېكىن«ھەق»گېپى نەزەردىن ئۆتمەس،
يالغاننى مىڭ سۆزلە، ئۇ ھامان يالغان،
ھەقىقەت ئۇچقۇنى ئۇلغىيار، ئۆچمەس.
(94)
ھەركىمنىڭ ئۆزگىچە خۇلقى-خۇيى بار،
تىلسىزنىڭ نى ئالىي تىلەك-ئويى بار،
بۇ جاھان بەئەينى قايناق بازاردۇر،
ھەركىمنىڭ ھاياتتا تۇتقان يولى بار.
(95)
مېۋىلىك كۆچەتكە چۇشىدۇ قۇرت،
بولغانچە مېۋىسى شېرىن ۋە بولۇق.،
تۆھپىكار بار يەردە ھەسەتخور بىللە،
تۆھپىگە كۆز يۇمۇپ قىلىدۇ شۇملۇق.
(96)
ھەق سۆزگە سەن ھەرگىز يالغاننى قاتما
زەررىچە نەپنى دەپ ۋىجداننى ساتما.
ھەقىقەت دۇلدۇلى سەپەردە ھامان
سان ئاڭا پۇتلىشىپ دەسسىلىپ ياتما.
(97)
ياخشىلار ھامانە كۆرەر ياخشىلىق،
يامانغا ئادەتتۇر ئالداش،ساختىلىق
يامانغا ياماننىڭ جازاسى كېرەك،
ياخشىنىڭ بەرگىنى بولماس ناشتىلىق.
دوستلۇق ھەققىدە
(98)
دوستلۇقنى بىلگىن بىر مۇقەددەس مۇنار،
مۇناركى پەقەتلا ئىككى پۇتى بار.
زەررىچە تەۋرەنسا ئۇلارنىڭ بىرسى
تەھقىقكى ئۇ مۇنار دەم ئۆتمەي غۇلار.
(99)
دوست بولدۇق، دوستلۇقنى قىلدۇق بىز كۆرەك
بىلگەچكە مەنسەپنى دوستلۇققا تېرەك،
دەم ئۆتمەي دوستلۇقمۇ بولدى بىر تىيىن،
قول سوزغاچ ئارىغا «ھەسەتخور» يۈرەك.
(100)
قىلمىغىن دوستۇڭنىڭ يامان گېپىنى
تۇتماستىن ئاساسنى،پاكىت-سېپىنى
مىش-مىش سۆز، ئاخىرى ئارىنى بۇزۇپ
ئۈزىدۇ دوستلۇقنىڭ مەزمۇت يىپىنى...
مەنبە: ئىجادىيىتىم. |