ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 281|ئىنكاس: 8

Gtalk توپ ئاخىرى پۈتتى، يېڭى يىل ھارپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
15
جۇغلانما
171
توردا
27 سائەت
نادىر
1
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 05:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Gtalk بولسا گوگېلنىڭ پاراڭلىشىش قۇرالى بولۇپ، سىغىمى كىچىك، كۆرۈنمە يۈزى سىپتا ھەم پاكىز، ئارتۇقچە ئېلان ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىگە ئائىت قىستۇرما ياكى ئىقتىدارلار يوق، بىزگە نىسپەتەن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئالاھىدىلىك ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى  ياخشى قوللايدۇ. ئاندىن قالسا بۇ دىتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى، تېلېفون نۇسخىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئۈسكىنىلەر ۋە كۆپ خىل سەھنىلەردە ئىشلەيدىغان نۇسخىللىرى بولۇپ مۇھىت تاللىماي، ئۈسكىنە تاللىماي ئەركىن ئازادە ئالاقە ئېلىپ بارغىنى بولىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۈنچىسى جوڭگۇلۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 国产优先 يولىدا  چ چ غا كۆنۈپ قالغان، گەرچە ئۇيغۇرچىنى ياخشى قوللىمىسىمۇ ھاجىتىمىزدىن خېلى ئوبدان چىقىۋاتىدۇ.
ئۇزۇندىن بىرى مەن ئالپ ئەپەندى قۇرغان مەسىنجىر توپىدا تورداشلار بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىپ مۇنازىرە بولۇپ كىلىۋاتقان ئىدىم، يېقىندا پروگرامما تىلى ئۈگۈنۈش باھانىسىدە Gtalk  قىمۇ توپ قۇرغىنى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، توپتىن بىرنى قۇرۇپ چىقتىم.
سىز بەلكىم بىزدە چ چ توپى بار، مەسىنجىر توپى بار، Gtalk  توپىنى نىمە قىلارمىز ئەمدى؟ دىيىشىڭىز مومكىن، شۇنداق بىزدە توپ تولۇق، لىكىن ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكى بار. مەسىلەن ئالايلۇق: چ چ نىڭ توپىدا ئەخلەت ئۇچۇر كۆپ، خەتلەر پىنيىن ھالەتتە يېزىلغان، بەك دىققەت قىلىپ ئوقىمىسىڭىز نىمە گەپ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز، يەنە كىلىپ بەزىلەر ئۆلچەملىك ULY دا يازىدۇ. بەزىلەر پىنيىنچە يازىدۇ، باشلىرىڭىز قېيىپ كىتىدۇ، كىرگەن كىشى سانىغا چەكلىمە قويۇلغان، لىكىن ئىپادە ۋە رەسىم يوللىغىنى بولىدۇ، كىرىشنى ئىلتىماس قىلىسىز، تەستىقلانسا كىرىىسىز بولمىسا سىرىتتا قالىسىز.
مەسىنجىرنى ئالساق ئالپ ئەپەندى قۇرغان توپ ھەقلىق بولۇپ، پۇل تۆلەنمىگەن ھامان ئېلانلار ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، پۇل تۆلىگەن تەقدىرمۇ يان تەرەپلەردە ئېلانلار چىقىپ تۇرىدۇ، ئىپادە يوللىغىنى بولىدۇ، لىكىن رەسىمنى بىۋاستە يوللىغىنى بولمايدۇ، ئۆزى ئېغىر، ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ياخشى، رامكىنى ئوڭدىن سولغا قىلۋالغىنى بولىدۇ، لىكىن كۆرۈنمە يۈز ۋە رامكا يۈزدىكى خەتلەرنىڭ نۇسخىسىنى بىر قەدەمدە ئۆزى خالىغان نۇسخىغا ۋە چوڭ-كىچىكلىككە تەڭشەپ قويغىنى بولمايدۇ.
Gtalk توپىغا كەلسەك، رەسىم يوللىغىنى بولمايدۇ، چ چ غا ئوخشاش مول مەزمۇنلۇق ئىپادىلەرنى يوللىغىنى بولمايدۇ(قەتئىي يوللىغىنى بولمايدۇ دىگەن گەپ ئەمەس)، دىتال يۈزى ۋە پاراڭلىشىش رامكىسنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزىمىز خالىغان خەت نۇسخىسىغا ۋە چوڭ كىچىكلىككە تەڭشىۋالالايمىز، ئابونتقا چەكلىمە يوق، ئۇيغۇرچە خەتنى يۇقارقى ئىككى قۇرالدىن ياخشى قوللايدۇ، پاراڭ خاتىرىسى توردا ساقلىنىپ ماڭىدۇ، كىرىپ چىقىش ئەركىن، تەستىقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
يېرىم يىلدىن بېرى نىمە مودا؟ ھەممىمزىگە مەلۇم، كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى ئۇيغۇچە بىزنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ مودا پاراڭ تىمىمىز بوپ قالدى، ئالايلۇق ئاندرويدنىڭ نىگىزىدىن قوللاش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئىزدەندى ھەم ئىزدىنىۋاتىدۇ، بىلكاندىكىلەر ئەڭ ئاۋال مەيدانغا چىقتى.
ئۈچ تۆت يىلدىن بىرى سادا چىقمىغان قارلۇقتىن سادا چىقتى، خاتىرەم نامىدىكى ئەپدىن بىرنى ئالما بازىرىغا چىقاردى. خۇددىي مەن گۈدۈك بلوگىمدا ئېيتقاندەك ئۇيغۇرچە ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ يۇپۇقى ئېچىلدى.
ئەمسە نىمە ئىشلار يۈز بىرىدۇ؟ كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى كومپيۇتېردىن كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە كۆچىدۇ، مۇشۇ ساھەنىڭ كىچچىككىنە بىر قىسمى بولغان ئۇچۇر ئالاقە ھەم كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە كۆچىدۇ. ئۇيغۇرلار ھەم تەبئىي ھالدا كۆچمە ساھەگە يۈزلىنىدۇ. كۆچمە ئۈسكىنىلەرىدىكى ئۇيغۇرچە ھەر زامان سىزنى، بىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرچە قوللايدىغان ئاندرويدلىق تېلېفون، پەد ۋە ياكى ئايفون، ئايپەدلەردە ئۇيغۇرچىنى راۋان قوللايدىغان پاراڭلىشىش دىتالىغا ھاجەت چۈشىدۇ، بۇنداق دىتالدىن كۆپچىلىك سەل كۆنگەنلىرىدىن ئىككىسى بار، بىرى مەسىنجىر، يەنە بىرى Gtalk  ،  شۇڭا بۇ ئىككىسىنى تەڭ تەتقىق قىلىپ مېڭىشقا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن.
شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بۈگۈن مەن Gtalk نى ئازراق تەتقىق قىلىپ باقتىم، ھەم بۈگۈن ئۆزۈم قۇرغان Gtalk توپىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم، مەيلى كومپيۇتېرلاردا بولامدۇ، مەيلى كۆچمە ئۈسكىنىلەردە بولامدۇ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا قولايلىق يارتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ئەگەر توپقا كىرىپ يارىماي قالسا ياكى ھوزۇر ھىس قىلالمىسىڭىز دوست تىزىملىكىدىن ئۆچۈرسەتسىڭىزلا كۇپايە.
Gtalk توپىنىڭ چۈشەندۈرلىشى:
توپ ئىسمى : QutBlogTalk
توپ ئادىرسى: qutbloggtalk@appspot.com
(توپ ئىسمى ۋە ئادىرىسى مۇۋاپىق بولمىسا ئۆزگەرتسەك بولىدۇ، تورداشلارنى تېخىمۇ يېقىملىق ئىسىم تاپالايدۇ دەپ ئويلايمەن!)
توپ بۇيرۇقلىرى:
ياردەم بۇيرۇقى:         / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا yardam ياكى yardem خېتىنى يېزىپ يوللاش ئارقىلىق توپنى ئىشلىتىش ھەققىدە ياردەمگە ئىگە بولالايسىز.
ئۆزلۈك بۇيرۇقى:          / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا man ياكى men خېتىنى يېزىپ يوللاش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا ئىگە بولالايسىز.
ئىسىم ئۆزگەرتىش:         / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا isim ياكى nami خېتىنى يېزىپ ئاندىن ئۆزىڭىزگە قويماقچى بولغان ئىسىمنى يېزىپ يوللاش ئارقىلىق توپتىكى نامىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز(چەكلىمىسى 50 ھەرىپ).
ئىمزا ئۆزگەرتىش:         / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا imzaخېتىنى يېزىپ ئاندىن ئىشلەتمەكچى بولغان ئىمزا خېتىڭىزنى يېزىپ يوللاش ئارقىلىق توپتىكى ئىمزايىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز(چەكلىمىسى 50 ھەرىپ).
توردىكىلەرنى ئېنىقلاش:        / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا kimbar  ياكى barlar خېتىنى يېزىپ يوللاش ئارقىلىق توردىكىلەرنىڭ تىزىملىكىگە ئىرىشەلەيسىز.
شەخسى خەت:        / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا mexpi ياكى mahpi خېتىنى يېزىپ ئاندىن كەينىگە سىز ئۇچۇر يوللىماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بوش ئورۇن قويۇپ خەت يېزىپ يوللاش ئارقىلىق توپتىكى مەلۇم شەخىسكە سەخسىي ئۇچۇر يازالايسىز.
ئۇچۇرلارنى توختىتىپ قويۇش:        / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا toxtat ياكى tohtat خېتىنى يېزىپ ئاندىن ۋاقىت كىرگۈزسىڭىز (بىرلىكى سىكىنۇت) مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدىكى توپ ئۇچۇرىنى توختىتىپ قويۇش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.
توختىتىشنى قالدۇرۇش:        / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا mangdu ياكى kalsun ۋە ياكى normal خېتىنى يېزىپ يوللاش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن توختىتىشنى قالدۇرالايسىز.
شەخىسنى توسۇش:        / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا tos خېتىنى يېزىپ ئاندىن سىز ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان كىشنىڭ نامىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ كىشىدىن كىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى توسۇپ قويالايسىز.
شەخسىنى توسۇشنى قالدۇرۇش:         / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا tosma خېتىنى يېزىپ ئاندىن توسۇشنى قالدۇرماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ يوللاش ئارقىلىق توسۇشنى قالدۇرالايسىز.
سەخىس ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش:        / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا kimbu ياكى bukim خېتىنى يېزىپ ئاندىن سىز ئۇچۇرنى كۆرمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ يوللاش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولالايسىز.
بىر قارىسىڭىز بەك مۇرەككەپتەك بىلىنىشى مومكىن، لىكىن سىز بىلمىگەن ئاشۇ پەيىتتە كىرگۈزۈش رامكىسىغا / نى يېزىپ كەينىگە ئۇلاپلا yardam ياكى yardem دەپ يازسىڭىزلا قىيىنچىلىقىڭىز ھەل بولىدۇ.
يۇقىرىدا شەخىسكە مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق، ئەمدى سەل ئۆزگىچە بولغان تۈۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
مۇنبەر  :        / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا munber ياكى munbar خېتىنى يوللاش ئارقىلىق سىز ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئادىرسىنى كۆرەلەيسىز، كىرمەكچى بولسىڭىز بىرلا چىكىپ قويسىڭىز كۇپايە.
بلوگ :                / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا blog خېتىنى يوللاش ئارقىلىق سىز ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ ئسىمى ۋە ئادىرسىغا ئىگە بولالايسىز(ئۇز بلوگدىكى بلوگلار ئاساس قىلىندى)،  كىرمەكچى بولسىڭىز بىرلا چىكىپ قويسىڭىز كۇپايە.
خەۋەر:        / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا xewer ياكى hawar خېتىنى يوللاش ئارقىلىق سىز ئۇيغۇرچە خەۋەر بىكەتلىرنىڭ ئىسمى ۋە ئادىرسىنى كۆرەلەيسىز، كىرمەكچى بولسىڭىز بىرلا چىكىپ قويسىڭىز كۇپايە.
پىكىر-تەلەپ:                / دىن بىرنى يېزىپ ئارقىسىغا pikir ياكى talap ۋە ياكى telep خېتىنى يوللاش ئارقىلىق سىز مەزكۇر توپ ھەققىدىكى قۇت بلوگىغا يوللانغا تېمىنىڭ ئۇلانما ئادىرسىغا ئىرىشەلەيسىز(بۇ ئىقتىدار كىيىنچە pikir  دىگەندەك خەتنىڭ كەينىدىنلا پىكىر يېزىپ يوللىسا بىۋاستە بلوگدىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىغا ئىنكاس بولۇپ چۈشىدىغان قىلىپ تەڭشىلىدۇ، ئاللا شۇنچىلىك كاللىنى ئاتا قىلسا...).
مەن قىلغان ئىش ھازىرچە مانا مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇردى، كىينچە بۇ توپقا ھاۋارايى سۈرۈشتۇرۇش، لۇغەت، توردىن ئىزدەش، گۈدۈك، ئەلكۈيى قاتارلىق مىكرو بلوگلارغا ئۇچۇر يوللاش(ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ API تەمىنلىشى ۋە ماسلىشىشى ئاستىدا) قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قېتىش خىيالىنى سۈرىۋاتىمەن، قىلالامدىم، قىلالمامدىم بۇنى بىلمەيمەن، لىكىن ئىزدىنىپ بېقىش ئارزۇيۇم بار، خۇدايىم شۇ خىياللىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىسىپ قىلسۇن!
مىنىڭچە چۈشەندۈرۈش يىتەرلىك بولدى دەپ ئويلايمەن، قالدى تەلەپ پىكىرلەرنى مەزكۇر تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ ۋە ياكى قۇت بلوگىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېما ئاستىغا قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ئۆي ئوچاقلىق بولۇش كويىدا قۇت بلوگىنى تۆت ئايدەك يېڭىلىيالمىدىم، دوستلارنىڭ قۇت بلوگىنى يوقلاپ تۇرشىنى ھەم خالىسا دوستانە ئۇلانمىغا قېتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا ھەممىڭلارنىڭ پات ئارىدا كەلمەكچى بولغان يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن، يېڭى يىلدا ھەممىمىزگە يېڭىچە خۇشاللىقلار مەنسۇپ بولسۇن!
QutBlog-.png


بىر بۇيرۇقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئەڭ مۇھىمى ئىدى، سىز بۇ ئادرىسنى دوستقا قېتىپ بولۇپ يېزىش رامكىسىغا
  1. /qat sizning@gmail.com
  2. ياكى
  3. /kox sizning@gmail.com
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
يېزىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى توپقا قاتىسىز، ئاندىن يۇقىردىكى بۇيرۇقلار ئۈنۈملۈك بولىدۇ، توپقا كىرمەي تۇرۇپ يېزىلغان باشقا كودلارنىڭ ئۈنىمى يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qutbilik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-1 00:34  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما ئاقچا يىغىش سەۋەبى
alip + 20 + 8 مەن قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 20  ئاقچا + 8   باھا خاتىرىسى

Rank: 4

ئاقچا
13
جۇغلانما
398
توردا
164 سائەت
نادىر
1
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 09:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن qutblogtalk@appspot.com  قا ئىلتىماس يوللىغىلى 4 كۈن بولدى، ھىچ سادا يوققۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltabir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-31 22:49  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2253
جۇغلانما
1041
توردا
2396 سائەت
نادىر
42
تېما
200
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 12:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Gtalk تا سۆزلىشىدىغان ئادەم يوق، ئاچقۇم كەلمەيتى، ئەمدى كىرىپ باقاي.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2253
جۇغلانما
1041
توردا
2396 سائەت
نادىر
42
تېما
200
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 12:20:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئادەم يوققۇ
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
193
توردا
75 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 16:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-12-31 12:20
يەنە ئادەم يوققۇ

باشلىق ئەپەندى   بىزمۇ ھازىرلا كىرمىز دەيمەن

مىنىڭ بىرنەچچە   توردا تۇتىۋالغان ھەدىللىرىم باتى   شۇلانىمۇ باشلاپ كىرەي  زىرىكىپ قالمايلا  تەييار تۇسىلا ھە

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
5
جۇغلانما
80
توردا
16 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 18:11:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاتساممۇ سادا يوق، خەت يازدىم بولمىسا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
15
جۇغلانما
171
توردا
27 سائەت
نادىر
1
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 22:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپنىڭ كومپيۇتېردا رولى چوڭ بولماسىلىقى مومكىن، لىكىن ئاندرويد دەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفن ئوينايدىغان دوستلارغا يامان ئەمەس ئەسقاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. قېنى ئاندرويدچىلار ماۋۇنى قېتىپ سىنىشىپ بەرمەمسىلەر...

Rank: 4

ئاقچا
13
جۇغلانما
398
توردا
164 سائەت
نادىر
1
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 23:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتبىلىك بۇرادەر، سىز دىگەن بۇيرۇقلارنىڭ بىرسىمۇ ئىشلىمەيدىغۇ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
15
جۇغلانما
171
توردا
27 سائەت
نادىر
1
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 00:33:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتا كىلىلى، بۇزۇلغان يەرلەرنى بىر قاتار تۈزەپ قويدۇم، پروگرامما ئەمەسمۇ، خاتالىق چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ.
qutbloggtalk@appspot.com  نى قېتىپ ئىسىم بىلەن ئىمزانى ئۆزگەرتىڭ، ئەمدى ئىشلەيدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-1-25 19:12 , Processed in 0.150544 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش