ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 988|ئىنكاس: 17

تېمىلىرى تەستىقلانمىغان ياكى ئۆچۈرۈلگەن تورداشلار سەمىگە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
641
ئاقچا
2448
توردا
3199 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 10:44:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بويان ئالىپ تورىمىزغا يوللانغان تېمىلارنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ، ئاساسەن ياردەم تېمىلىرى كۆپ يوللىنىۋاتىدۇ. شۇڭا ئوخشاش تۈردىكى (بۇرۇن يوللىنىپ بولغان) ياردەم تېمىلىرىنى تەستىقلىمىدۇق. ھەل بولۇپ، ساقلاش قىممىتى يوق دەپ قارىغان ياردەم تېمىلىرىنى ئۆچۈرۋەتتۇق.
بۇ سەۋەبتىن بەزى تورداشلار نارازى بولۇپ، باشقۇرغۇچىلارنى تىللاش دەرىجىسىگىمۇ باردى. سەن تەستىقلىمىساڭ، پالانى تور بەتكە يوللايمەن دەپ كىچىك بالىدەك گەپ قىلىۋاتقانلارمۇ بار. بىز باشقا ھېچقانداق تور بەتنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن دەپ قارىمايمىز. ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ تور بەتلىرى، بىلىم خاراكتىردىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن دېگەن مەقسەتتە قۇرۇلۇپ، تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. بىزگە دەپ يۈرمەي، ئۆزۈڭلار خالىغان تور بەتكە يوللىساڭلار بولىۋېرىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە خاس ئۇسلۇبىمىز، تەرەققىيات نىشانىمىز بويىچە ئىش ئېلىپ بارىمىز.
ياردەم تېمىلىرى ئاساسەن ئاندرويدقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھەققىدە بولىۋاتىدۇ. بۇنداق يازمىلار بەك كۆپ، ئاندرويدقا ئۇيغۇرچە روم قاچىلىماي، ئۇيغۇرچە قوللىتىش ھەققىدىكى خېلى تەپسىلى يازمىلار بار. ھەممە ئاندرويد يانفۇننىڭ ئوخشايدۇ. تېما يوللاشتىن بۇرۇن ئىلگىرى يوللانغان تېمىلارنى كۆرۈپ باققان بولساڭلار ياكى «ئىزدەش» دېگەن يەرنى بېسىپ ئىزدەپ بېقىپ، زادىلا بولمىسا ئاندىن يوللىساڭلار تېزلا تەستىقلىندۇ.
تېمىلار كۆپ بولمىسا مەيلى، سۈپەتلىك بولۇشنى كۆزلەيمىز. شۇڭا ياخشى تېمىلارغا، ئۆزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان يۇمشاق دېتاللارغا، ئاندرويد سىستېمىلىرىغا ئاقچا، جۇغلانما بېرىپ مۇكاپاتلاۋاتىمىز.
بۇرۇن يوللىنىپ بولغان ئوخشاش مەزمۇندىكى تېمىلار، ياردەم تېمىلىرى، شەخسىنىڭ ئىززىتىگە تاقىشىدىغان، قانۇن-تۈزۈم، ئەدەپ-قائىدىگە يات يازمىلار ئىگىسىگە ئەسكەرتىلمەي ئۆچۈرۋېتىلدۇ. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
111
ئاقچا
3
توردا
20 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-26
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:51:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بۇلۇپتۇ~!

Rank: 4

جۇغلانما
207
ئاقچا
17
توردا
77 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-6
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 19:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ.قوللايمەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
404
ئاقچا
50
توردا
95 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-29
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 07:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئەپەندى، مەن ‹‹ ئايفون قوللىنىشچان ئەپلىرى ›› دەپ ( خېلى تەپسىلىي ) بىر تېما يوللىغانتىم، تەستىقلانمىدى.
قارىغاندا بۇ يەردە ئاندرويد توغرىسىدىلا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ ئايفونچىلارنى سەل يەكلەش بارمۇ قانداق ؟ (چاقچاق جۇمۇ )

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
641
ئاقچا
2448
توردا
3199 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:38:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ataman005 يوللىغان ۋاقتى  2011-12-31 07:04
ئالپ ئەپەندى، مەن ‹‹ ئايفون قوللىنىشچان ئەپلىرى ›› دەپ ...


ئۇنداق ئەمەس. ئايفونچىلارنىمۇ قارشى ئالىمىز. ئۇ ھەقتىكى تېمىلارمۇ خېلى بار، ئايفوننىڭ مەخسۇس سەھىپىسىمۇ بار. سىز يوللىغان تېمىنى مەن كۆرمىدىم، باشقا باشقۇرغۇچىلار دىققەتسىزلىكتىن ئۆچۈرۋەتكەن ياكى سىز يوللىغاندا مۇۋاپىقىيەتلىك يوللانمىغان ئوخشايدۇ. بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىزدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن بولسا سىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
67
ئاقچا
1
توردا
9 سائەت
تىزىملاتقان
2011-11-26
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 17:14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق  تېمىلارغا ئازراق چۈشەنچە  بەرسەڭلار بولىدۇ.. ھېچقانداق ئەسكەرتىش يوقلا ئۆچۈرىۋاتساڭلار ئەلىۋەتتە كۆڭلىگە كېلىدۇ..   بۇرۇن مەنمۇ بىر تېما يوللىسام ئۆچۈرىۋېتىپتىكەندۇق.   مەن تېخى نىمانداق چىقمايدىغاندۇ دەپ ساقلاپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىكەنمەن..   كېيىن قارىسام ئەخلەتخانىدىكەن..    شۇنداق تېمىلارغا سىز يوللىغان تېما ئۆچۈرۈلدى  سەۋەبى: بۇرۇن يوللىنىپ بولغان دېگەندەك ياكى بىلسەڭلار شۇ ياردەمنىڭ جاۋاب تېمىسىنىڭ ئادرېسىنى يوللاپ قويساڭلار بولاتىكەندۇق..

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
404
ئاقچا
50
توردا
95 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-29
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 22:01:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-12-31 11:38
ئۇنداق ئەمەس. ئايفونچىلارنىمۇ قارشى ئالىمىز. ئۇ ھەقتى ...

ھې ھې، ئادەمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىشكە ئۇستا جۇمۇ سىز !
مۇشۇ ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئاشۇ تېمىنى قايتا يوللايمەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
128
ئاقچا
96
توردا
310 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-12
نادىر
2
تېما
33

Medal No.1

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 10:22:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ئالىپ تورى بىر مەزگىل باشقۇرغۇچىسى يوقتەكلا بولۇپ قالدى . ھەرخىل قالايمىقان تېمىلار ، ئەخلەت ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى . قارىغاندا ئالىپ ئەپەندىم ، بىر مەزگىل ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ . قاچانلا قارىسام ، ئاندىرويىدقا مۇناسىۋەتلىكلا تېمىلار ،دېققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز ، بۇرۇن يوللىنىپ بولغان ، ياكى مەزمون جەھەتتىن بۇرۇنقى تېمىلارغا ئاساسەن ئوخشاش تېمىلار .يېڭى قۇرۇلغان چاغدىكى ئالىپ تورى ئۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ قويغاندەكلا ....مەن ئالىپ تورى قۇرۇلغاندىن بۇيانلا ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە 汉化新世纪 غا ئوخشاش مۇشۇ ساھەدە باشلامچى بولۇپ قالسىكەن دېگەن ئۈمۈتتە.لېكىن ھازىر مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىمدا ، ئالىپ تورىنىڭ تېما مەزمونى بەكلا بىر تەرەپلىمە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .يانفۇنغا ئالاقىدار مەزمونلار بەكلا كۆپ . بۇنداق دېگىنىم ، يانفۇننىڭ تېمىلىرى تەستىقلانمىسۇن ياكى يوللانمىسۇن دېگىنىم ئەمەس . ئەمەلىي نەپ بېرىدىغانلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ، باشقىلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلساڭلار . ھازىر ئالىپ تورىغا يېڭى ئەزا بولۇپ كىرگەن كىشىلەرگە ئالىپ تورى مەخسۇس ئاندىرويىد تەتقىق قىلىدىغان تور بەت ئوخشايدۇ ،دېگەن تۇيغۇنى بېرىپ قويىشى مومكىن . يۇقارقىلار پەقەتلا مېنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىم ، ئېغىر كەتكەن جايلىرى يوقتۇ دەپ ئويلايمەن . ئەگەر بولۇپ قالسا ، ئەپۇ قىلىشقايلا ... ...
پەخىرلەن دۇنياغا مەھموت ۋەتىنى....

Rank: 4

جۇغلانما
132
ئاقچا
19
توردا
131 سائەت
تىزىملاتقان
2011-2-13
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 11:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarghol يوللىغان ۋاقتى  2012-1-2 10:22
دېمىسىمۇ ئالىپ تورى بىر مەزگىل باشقۇرغۇچىسى يوقتەكلا  ...

دېمىسىمۇ شۇنداق، بۇيەرنى بىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا بىر نېمىنى ئەمەس، دەل يانفۇن توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئۈچۈن كىرىدۇ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. باشقا يۇمشان دېتالغا ئائىت تېمىلار ئادەتتە ئىنتىل سەيناسىغا يوللىنىدۇ. مەنمۇ شۇيەرگە كىرىپ تۇرىمەن.

Rank: 4

جۇغلانما
150
ئاقچا
6
توردا
66 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-6
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 15:41:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە يوللىغان ئاندىرويىدقا ئۇيغۇرچە تونىتىش ھەققىدىكى تېمام ياردەم تېمىسىمىكەن ياكى  قانۇنغا خىلاپ تېمىمىكەن.  مەن تېخى تەپسىلىي دەرسلىك قىلىپ ئىشلەي دېسەم بۇ تېمىنى يۇيىۋەتكىنىڭىزنى قەتئىيلا چۈشىنەلمىدىم.
مۇنبەردە  شۇنداق جىق كىشىلەر ئۇيغۇرچىنى تونىتالماي ئاۋارە يۈرسە مەن شۇنى قىلىپ باشقىلار ئۆگىنىۋالسا دەپ يوللىسام ئۆچىرىۋىتىشڭىز مېنى باشقىچە ئويلاندۇرۇپ قويدى.  
ياخشىراق چۈشەنچە بەرسىڭىز.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مۇنبەردە پەقەت بىرلا باشقۇرغۇچى بارما؟  بىرلا باشقۇرغۇچىسى بار مۇنبەر قانداق مۇنبەر بولۇپ تۇرالايدۇ؟
ھاجەتمەنلەر كىرىدىكەن، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىدىغان تېمىلار ئۆچىرىلىدىكەن.    قىززىق ئىشتە بۇ ئالىپ ئەپەندى.
ھەر قانداق ياردەم-كۆكلەم گۇرۇپپىسىدا،چ چ:84495084
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-10 15:16 , Processed in 0.130265 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش