ھۈرمەتلىك ئالىپداشلار، ئاللاھنىڭ سالامى ھەممىڭلەرغا بولسۇن!
مانا، سىلەر بىلەن ئەسرالىشىپ ئۆتۈۋاتقىلىمۇ بىر نەچچە ئاي بولۇپ قاپتۇ... سىلەرمۇ ھەركۈنى ئايفۇن، يانفۇن دەپلا ئۆتۈپ كەتمەڭلار... كونىلارنىڭ «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر پاش پىياز»دېگەن گېپى بارغۇ.... مېنىڭمۇ قولۇمدىن كېلىدىغىنى ئىجادىيەت قىلىش. شۇڭا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەت مېۋىسىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم....(مەن يازغان رۇبائىيلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا «ئۆزەم يازغان رۇبائىيلار(1)» دەپ ئىسىم قويدۇم.... ئاللاھ خالىسا داۋامىنى ۋاقتىم يار بەرگەن ئەھۋالدا يوللاپ تۇرىمەن...
...........
ئوقۇپ ياقتۇرغان، ئاز تولا پايدىلىنىش، ئويلىنىش قىممىتى بار ئىكەن دەپ قارىغان دوستلارنىڭ كۆڭۈل تىلەكلىرىنى ئايىماي ئىزھار قىلىشىنى، مۈمكىن بولسا پ د ف نۇسقىسىنى ئىشلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قەلەمدە سەل ئېپىم بولغان بىلەن شۇنداق ئىشلارغا ئېپىم يوققۇ مېنىڭ...
بارلىق ئالىپداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، يېڭى يىلىغا خاتىرجەملىك تىلەپ:
دوستۇڭلار: ئۇدۇنى.
(1)
تۇتقان يول–نىيىتىڭ بولسا ئەرگە خاس،
ئاڭلايدۇ سۆزۈڭنى بارچە ئامۇ-خاس.
ئەكسىچە ،تىلىڭغا سۈرسەڭمۇ ھەسەل،
ناداندىن باشقىسى ئەسلا ئاڭلىماس!
(2)
ئىزدىسەڭ ئۆزۈڭگە ياخشىلىق ھەرئان،
چېكىملىك-شارابقا بولمىغىن ئاشيان.
چىقمىسۇن ئېسىڭدىن،شۇ ئىككى كەيپ-
نى-نى چوڭ ئەللەرنى قىلغىنى ۋەيران!
(3)
ئىزدىسە گەر بىراۋ سېنىڭدىن ئىۋەن.
ئاچچىقلاپ ھەرگىزمۇ كۆپتۈرمە گۈرەن.
ئۇيالدۇر ياخشى خۇي-ئەخلاقتا ئۇنى،
كۆر، شۇچاغ تىك بېشى بولغۇسى تۆۋەن.
(4)
قىلساڭ گەر ياخشىلىق دوستقا-دۈشمەنگە،
يوق ئورۇن قەلبىڭدە گىنە-ئۆچمەنگە.
ئادىتىڭ بولسا گەر ئۇنىڭ ئەكسىچە،
ئارتىسەن بىر تالاي غەمنى ئۆشنەڭگە!
(5)
تېنىڭنىڭ قۇۋۋىتى ئېسىل يىمەكلىك،
ئەقىلنىڭ قۇۋۋىتى سۆزدۇر ھىكمەتلىك.
گەر ئەقلىڭ ھىكمەتتىن ئوزۇق ئالمىسا،
ھاياتىڭ ئۆتكۈسى جەبرە-ئىبرەتلىك!
(6)
نەسىھەت سۆزلىسەڭ ئەگەر بىراۋغا،
ئېغىز ئاچ ئۇنىڭغا پىنھان-خالىدا.
ئەيىبتىن ئۇيالغان ئادەم ئۇلۇغدۇر،
ئەكسىچە،ئۇرغىنىڭ ئەۋزەل ئالدىدا!
(7)
ھەركىشى ئېسىلسا ئاقىل پېشىگە،
مۇھتاجلىق يولىماس ئۇنداق كىشىگە.
ئەگەردە ئەقلىگە مىنگەشسە نەپسى،
يەم بولۇر ئاقىۋەت خارلىق مېشىگە!
(8)
ئىلىمىڭدىن گەر ئۈستۇن تۇرسا پەزىلەت ،
خۇلقۇڭدىن نامايان بولسا ھەقىقەت،
قوشۇلسا ئەقىل ۋە تەننىڭ ساقلىقى،
بەختىيار ئىنسانسەن دۇنيادا ئەبەت!
(9)
شېئىر-يۈرەك تىۋىشىدۇر بىلگەنگە،
شېئىر شېرىن-پەرھاد كەبىي سۆيگەنگە.
چۈشەنمىسەڭ مەنىسىنى،ئوخشار ئۇ-
«قول يەتمىگەن مېۋە»ئاچچىق دېگەنگە.
(10)
«جۆيلەر» شائىر ئىلھام بىلەن سىردىشىپ،
شۇڭا بەزى قاپتۇ دەيمىز «ئېلىشىپ».
ھەقىقەتنى ئوۋلىغاچقا دىل قۇشى،
ئىجادىدىن بارار ھامان قىر ئېشىپ!
(11)
سوپۇن بىلەن پاكىزلىنار قارىمۇ،
پۇرسەت ئۆتسە تۈگەر تۆھمەت-يالىمۇ،
ساقايمايدۇ ئەمما دىلنى زىدە قىپ،
ۋىجدانسىز يار سالغان كىچىك يارىمۇ...
(12)
جار سالىدۇ ھورۇن:جاھان بەك ئۇزاق،
كۈن ئۆتكۈزمەك بىلىنىدۇ بىر دوزاق.
«ۋاقىت گويا ئاتقان ئوق»تۇر ئاقىلغا،
بىلىنىدۇ بىر يىل گويا بىر ساناق!
(13)
ئىشقى يوققا جانان ئەمەس، جان كېرەك،
شۆھرەتخورغا سۈپەت ئەمەس، سان كېرەك.
ھەركاللىدا ھەر خىيال بار جاھان بۇ،
ئىتقا سۆڭەك، توخۇلارغا دان كېرەك...
(14)
بايقىلىدۇ ھامان ئارتۇق-ئەۋزەللىك،
تەرىپلەشكە مۇھتاج ئەمەس گۈزەللىك.
پارقىرايدۇ ئالتۇن تۇپراق قوينىدا-
مىسقا ھەل بەر، ئۆمرى ئۇنىڭ بىر دەملىك!
(15)
كۈلۈپ باقساڭ، جاھان گۈلدەك كۆرۈنەر،
بەختىيارلىق جىسمىڭ قۇچار-سۆيۈنەر،
غەمكىن بولدۇڭ،كەڭرى ئالەم بىر زۇلمەت،
دىمەك كۆزۈڭ–دىل كۆزۈڭدىن ئۈگۈنەر!
(16)
مەردنىڭ خۇيى ياخشىلىق قىپ، ئۇنۇتماق،
نامەرد قەستى قىزىلگۈلنى قۇرۇتماق.
نادان ئىشى يۇرت بۇزارنى-نامەرتنى،
ھالال تاپقان نېئمىتىگە يولاتماق!
(17)
تۈزۈمى بار ھەر سورۇننىڭ-بەيگىنىڭ،
ئىگىسى بار ھەربىر جاننىڭ-شەيئىنىڭ،
ئايلىنارمىش جاھانمۇ ئۆز ئوقىدا،
دىمەك، ھەممە ئىگىمىزنىڭ-تەڭرىنىڭ!
(18)
ئاقىللار ئەل ئۈچۈن دائىم غەم يۇتار،
غاپىللار دىلى شاد، قىلىدۇ شىكار،
ھەقىقەت ئۇ ھامان تەقىپ ئىچىدە،
قەپەزدە شىر،ئەمما تۈلكە بوش بىكار!
(19)
سەيلى قىل،جاھان كۆر پۇرسەت كەلگەندە،
تەپەككۇر قىل، ئەقلىڭ ئىلھام بەرگەندە.
كۆر، دەريا شۇنچىلىك ئاقىدۇ جۇشقۇن ،
تېز سېسار سۇمۇ گەر تۇرىۋەرگەندە.
(20)
ھەركىمنى قانائەت قىلغۇسىدۇر باي،
قىلىدۇ ئاچكۆزلۈك روھىڭنى مالاي،
مىڭ ياخشى،تويمىغۇر-دۇنياپەرەستىن،
ئىنساپنى يار قىلىپ ياشىغان گاداي!
(21)
ئاز-ئازدىن بولسىمۇ قىلغىن ھەرىكەت،
كونىلار دېگەنغۇ«ئىشتا-بەرىكەت».
ھورۇندىن خۇدامۇ بىزارى ئىمىش،
دىمەسمۇ تىلىسەڭ: مەندىن نېرى كەت!
(22)
بەئەينى ياپراققا ئوخشايدۇ دوستلۇق
باھاردا ياپيېشىل تۇرىدۇ بولۇق.
كۈز كېلىپ ئەتراپنى قاپلىسا جۇدۇن،
قالىدۇ شالاڭلاپ،ھەتتا بىرسى يوق!
(23)
ئۈمىد ئۇ ئوخشايدۇ تۈندىكى ئوتقا،
ئىشەنچ -كۈچ بېغىشلار نىمجان ۋۇجۇدقا،
ئىشەنچ ھەم ئۈمىدتىن ئايرىلغان ئادەم
ئادىشار نىشاندىن،بولمىغاچ تۇتقا!
(24)
ئۆرتىنەر ۋۇجۇدۇم، ئازغان بەندىمەن،
ئۆزۈمگە گۆر-لەھەت قازغان بەندىمەن،
قەدرىنى قىلماستىن ئاتام بارىدا،
قەۋرىگە قەسىدە يازغان بەندىمەن!
(25)
كۆز قىسىپ قاش ئاتما كۆرگەن ئايالغا،
بېرىلمە ئەي كۆڭۈل شەيتان خىيالغا،
پەزەر قىل ئايالنى ئۇلۇغ ئانا دەپ،
قالمايدۇ ۋىجدانىڭ زەررە ئۇۋالغا!
(26)
چىللايدۇ جاھالەت ئۆمرۈڭگە ئۈچ ئىش:
ھىچنەرسە بىلمەسلىك،ھەم چالا بىلىش.
تىرىشىپ ئەقلىڭنى ئىشلەت ھاياتتا،
بىرىدۇر:ئۈنۈمسىز ھەرىكەت قىلىش!
(27)
ئاغرىنماس ھاياتتىن ئەقىللىق ئادەم،
ئۈمىدۋار ياشىغاچ،كۆڭلى توق ھەردەم.
زورۇقماس بىھۇدە ھەشەمگە –نامغا،
مۈشكۈلگە كېرىدۇ كۆكرەكنى بەردەم!
(28)
ئويلىغىن،سەن بىلەن بىردۇر تىلىمىز،
نىشان بىر، ئېتىقاد-ھەمدە دىنىمىز،
ھەيرانمەن،پاجىئە-قىسمەتلىرىڭدىن،
خۇلاسە:بىر ئەمەس تۇتقان يولىمىز!
(29)
قۇسۇرچى چىقىرار يوق شاختىن پۇتاق.
قەدىرلەن،قۇسۇردىن بولۇپ سەن يىراق،
ئادەم-ئۇ ئەيىپتىن خالىي ئەمەستۇر،
چۈشۈرەر يۈزۈڭنى،كىچىك ئىش بىۋاق!
(30)
ياماننىڭ قەستىدىن قىلغىن سەن ھەزەر،
دۈشمىنىڭ غەلىبىسى بەرمىسۇن زەرەر،
يېتىلدۈر ئۆزۈڭدە بىر ياخشى خۇلق،
شۇ خۇلقۇڭ ئالدىدا دۈشمەن باش ئىگەر!
(31)
ماقال بار:«ياخشى سۆز يارىدۇ تاشنى»
ئەكسىچە يامان سۆز يارىدۇ باشنى!
ساقىيار زەخمىلەر،ھار كېلەر ئەمما
بىلمىسەڭ سۆزۈڭدە كۆڭۈل ئاياشنى!
(32)
قۇياشتۇر مېھىرلىك يورۇقى بىلەن،
گىياھلار قىممىتى ئۇرىقى بىلەن.
گۈل گۈزەل،بولغاچقا تىكىنى ياندا،
قەدىرلىك تاراتقان پۇرىقى بىلەن!
(33)
ئىشەنمە ئۆزگىگە ئۆزۈڭدەك چەكسىز،
ئۆزۈڭدىن يېقىن يوق ئالەمدە شەكسىز.
باغلىساڭ تەقدىرنى ئۆزگە قولىغا،
خۇلاسە: ئۆزۈڭدە ئىشەنچ يوق شەرتسىز!
(34)
چىن ئىنسان قورقمايدۇ كېلىشتىن ئەجەل،
ياشايدۇ ھاياتتا تۆلەپ كۆپ بەدەل،
قورقىدۇ ۋەلېكىن دىل كورلۇقىدىن،
پۈتۈندۇر ئىنسانلىق ئەقىلدە تۈگەل!
(35)
ئەي ئادەم سۆزلىگىن، مەنالىق-تېرەن،
پاساھەت بالقىسۇن تىلىڭدىن لېۋەن،
مىسالى:قارىغىن، قۇسۇرچىلارمۇ-
لىباسلىق جاناندىن تاپالماس ئېۋەن!
(36)
بارچە جان بويسۇنار،ئەي ئادەم ساڭا،
بۇنىڭدا ھىكمەت كۆپ ساڭا ھەم ماڭا.
كەلدىڭ سەن نېمىگە؟ ئەقلىڭنى ئىشلەت،
سورىقى بار جاھان، تانامسەن ئاڭا؟
(37)
ئادەمگە دۈشمەندۇر شۈكرى-قانائەت،
شۈكرىگە كىم بەندە، شۇدۇر ھاماقەت.
تەۋەككۈل قىپ داۋام يەشمىسەڭ بەلنى،
مۈشكۈللەر ئەل بولۇپ،كېلەر كامالەت!
(38)
قەلەمدە تىرىشساڭ ، شائىر بولىسەن،
ئىلىمگە تىرىشساڭ ، ئالىم بولىسەن،
بۇ ھەقتۇر، تامچىمۇ تېشىدۇ تاشنى،
مەن دەيمەن:قاچانمۇ ئادەم بولىسەن؟!
(39)
دوستلۇقنى باغلىما ھەرگىزمۇ نەپكە،
باغلىما ۋە ياكى ئەمەل-مەنسەپكە،
«ئايرىلماس ھېسابلىق دوستلار ئەبەدى»
ئىشەنگىن،ئاقىللار دېگەن بۇ گەپكە!
(40)
تىلەكسىز جاھاندا تىلەككە مۇھتاج،
ئاشىقلار ۋاپالىق يۈرەككە مۇھتاج،
مۇھتاجلىق تەڭرىدىن يىراق، ۋەلېكىن-
قۇياشمۇ ئەكسىچۈن ئەينەككە مۇھتاج!
(41)
ھەق سۆزنى سۆزلىگىن گېزى كەلگەندە،
ھەق ئىشقا ئاتالغىن ئېپى كەلگەندە،
ئاز ياشا، ساز ياشا، كۈلىدۇ بەختىڭ ،
ئەل سېنى ئەركەك دەپ،دۇئا بەرگەندە!
(42)
ئۇتۇقنىڭ ئاتىسى،بىلسەڭ خاتالىق،
خاتادىن قورقماستىن ئىشلە جاپالىق،
سال نەزەر تارىخقا، شۇدۇر يەكۈنى:
«نەتىجە يوق يەردە يوقتۇر خاتالىق!».
(43)
ھاياتلىق بىر دېڭىز، مەن ئۇندا قولۋاق،
شىجائەت ۋە ھىممەت ماڭا جۈپ پالاق.
بىر ئۇلۇغ ئارزۇدا ئۈزىمەن كۈن-تۈن،
ئاخىرقى مەنزىلىم نۇرانە قىرغاق!
(44)
بولماسكەن يۈزسىزدە ئار،نومۇس-غايە،
نىشانسىز ئۆمرىنى قىلاركەن زايە،
كېسەركەن، ئۇنتۇلۇپ. يالغۇز دەرەخنى،
باشقا كۈن چۈشكەندە بولغىنى سايە...
(45)
چىن شائىر مىسالى-ئاشىقى مەجنۇن،
قارىساڭ كۆزىگە چاقنايدۇ ئۇچقۇن.
يۈرگەچ ئۇ يېتەلمەي، مەشۇق ۋەسلىگە،
رۇخسارى زەپىران، روھىدۇر تۇتقۇن!...
(46)
ئانىنىڭ مېھرىنى قىپ باقساڭ پەرەز،
يوق ئىكەن ئۇنىڭدا زەررە يات غەرەز!
تاپاركەن بۈيۈكلۈك -خالىس نىيەتلەر،
شەخسىيەت ئارىلاشسا، يۇقاركەن مەرەز!
(47)
بىر گەپ بار«ھەقىقەت ئېگىلەر-سۇنماس»،
يۈزەكى ئويلىساڭ،تۇيۇلاركەن راست.
تەكتىگە يەتسەڭ گەر، ھەقىقەت دېگەن-
ناھەقكە ھېچقاچان ئېگىلمەس-سۇنماس!
(48)
پۇلدارلار كېلىدۇ كىبىرگە مايىل،
بىلىملىك ھەق سۆزلەپ ئاتىلار جاھىل!
كىبىرلىك-ئىنسانغا ئېپكەلسە لەنەت،
بىلىملىك جاھاننى قىلىدۇ قايىل!...
(49)
تېشىلەر توغانمۇ بوپ قالسا كاۋاك،
بىر قولدىن چىقمايدۇ ھەرگىزمۇ چاۋاك،
ھەرئىشقا پۇختىلىق، ھەمكارلىق كېرەك،
مانا بۇ تارىختىن بىزگە بىر ساۋاق!
(50)
ھاياتىڭ ئوخشايدۇ خۇددى ئاق يەرگە،
ئىشلەيسەن چۆمۈلۈپ شۇڭا ساپ تەرگە،
قەدرىنى بىلسەڭ گەر، ئۆمرۈڭ مەنىلىك،
مېھنەتنى تېگىشىپ ئۆتىسەن زەرگە!
مەنبە: ئىجادىيىتىم. |