ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 982 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Hotan_Jan 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يانفۇنغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئىزدەڭ، ئۈندىدار Telak_Biz

  • muzliganyurak7 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى قىرىنداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار  مىنىڭ ئاندىرود سىستىما ئۇگەنگۈم بار

  • @taxna@ 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى ،ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.

  • musajan520 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالپ تورغا ماتېريال يوللاۋاتقان قرېنداشلا ھارمغايسېلەر قۇلۇڭلارغا دەت بەمسۇن

  • bilimdan 2014-3-19 15:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    39 يۈەنگە 30كۈن چەكسىز پاراڭلىشىڭ، چچ:772109290 تېلفۇن:18727310818

  • ئەلشات110 2014-3-17 23:25 [ئىنكاس(1)] [...]

    شىياۋمى2s ساتىدىغانلار بولسا تىلافۇن قىلىڭلار 13201357073

  • Ahmetjan88 2014-3-16 22:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەسەل چېيىڭ بولمىسىمۇ، ھەسەل سۆزۈڭ بولسۇن...

  • istikbal ئۈلۈشكۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇيغۇر خەۋەر تورىنىڭ ئېچىلىشى قانداقراق ؟ http://url

  • polat189 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭلار قېرىنداشلار ؟

  • ئاقماس 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سامسۇڭ 9108 غا روم يازالمىدىم.ياردەم قىلغان بولساڭلار.

  • fffffffffffffff 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي مەن كۇبەي5930 نىڭ رىكوۋىرسىنى بۇزۇپ قۇيۇپ چاتاق بولدى، كۈندە جىدەللىشىۋىرىپ بۇزۇپ قۇياي دەپ قالدىم، ق...

  • 阿迪力 2014-3-19 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    i9305روم يازالمدىم ياردەم قىلساڭلا641890342چ چ

  • 130 2014-3-17 16:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    قارا رەڭلىك،شاڭگاڭ نۇسخا ئايفۇن4 32گ ب  لۇمىيا 925 بولسا ئالماشتۇرلىدۇ،چ چ 1030034926

  • 15609983945 2014-3-16 21:12 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارلىق ئالىپداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ كەمىنە مەمەتجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.ئالىي ئھتىرام.

  • مۇستەفا ئۈلۈشكۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چ چ نىڭ ئالمانۇسقىسىنى تەرجىمەقىلدىغانلار يوقمۇ ؟   ئاللارەھمەت قىلسۇن بىر تەرجىمەقىلىۋېتىڭلار

  • abdiwajit 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئىشى ئۇتۇقلۇق بولسۇن

  • ئەلشات110 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    xiaomi 2s ساتىدىغانلار بارمۇ؟

  • adsl0997 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    http://url نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى . تۇپراق مۇنبىرى

  • polat189 2014-3-18 22:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېخنىكا ماكانى ئالپ

  • Ahmetjan88 2014-3-17 00:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    LENOVO Z465 تىپلىق خاتىرە كومپىۇتېر ساتىمەن،قاتتىق دېسكا 500gb، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 2.2تۆت يادرولۇق، ئىچكى سا...

  • `salam 2014-3-16 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    htc g8 نىڭ يېڭى ئۇيغۇرچە رومى تارقىتىلدى!

كۆرۈش: 841|ئىنكاس: 23

يانفۇنۇم (ساتىرا)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

7

دوست

913

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
234
توردا
193 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 17:11:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇنۇم



(ساتىرا)


كېچە-كۈندۈز سىردىشىمسەن، ماڭا ئۈلپەت يانفۇنۇم،
كەچمىدىم ھىچۋاق سېنىڭدىن كەلسە كۈلپەت، يانفۇنۇم،
باسسىمۇ دىلنى-ۋۇجۇدنى شەيتانۇ-غەپلەت يانفۇنۇم،
سەن ئۈچۈن تارتسام ئەزىيەت،ماڭا راھەت يانفۇنۇم،
ئاڭلا دوستلار ۋەلېكىن ئاز- تولا ئىللەت،يانفۇنۇم!

قايسى كۈن چۈشتۈڭ قولۇمغا، بولدى ئايەم مەن ئۈچۈن،
خوشلۇقۇم سىغماي ئىچىمگە،كۈلدى ئالەم مەن ئۈچۈن،
قارا شۇنچە مەرت-سېخى پەستە ھاتەم، مەن ئۈچۈن،
زوق-ھەۋەستە باقتى شۇتاپ ھەممە ئادەم مەن ئۈچۈن،
بەردى خۇددى پادىشاھدەك، كاتتا شۆھرەت،يانفۇنۇم!

ئەتىسى ھەش-پەش قىلىپ مەن،دوست ياراننى ئىزدىدىم،
خوشلۇقىمدىن تەمتىرەشتە، «سەن» دېگەننى «سىز» دېدىم،
كىمنى كۆرسەم داڭلىتىپ يۈردۈم، چوكاننى «قىز» دېدىم،
ياقتىم قۇلاققا كوچىدا،يىگانە- كىم ھە بىز دېدىم!
بولدى شۇتاپ مەن ئۈچۈنكى  بەزمە-ئىشرەت،يانفۇنۇم!

قوشتىغۇ ھۆسنۈمگە سۆلكەت،تۇرسا سايراپ بەل-بېقىن،
زەپ قولايلىق،ھەم راۋان، بولدى يىراقلار بەك يېقىن،
سۈرئىتى نۇردىنمۇ ئىتتىك، خۇددى چاققاندەك چېقىن،
تۈگىمەيدۇ مۇڭلىرىممۇ،ئەينى ئاققاندەك ئېقىن،
كەڭتاشا ئويناپ كۈلۈشكە بولدى پۇرسەت، يانفۇنۇم!
  
ئۆتتى ئايلار- يىلدىماي ، چىقىپتۇ يېڭى مودىسى،
نەگە باقماڭ،نەدە يۈرمەڭ، شۇندا يانفۇن سودىسى،
«ئاندىرويد» قۇ ئىشقىلىپ،بۇ كۈندە ئۇنىڭ نوچىسى،
نەرقى قىممەت بولسا ئاندىن،ھەممىدىن شۇ پوچىسى،
بەرگۈسى ئەركەككە ئۆزگە يېڭى سۈلكەت، يانفۇنۇم!

كۆرىسەن ئۇندا جاھاننى،تېلىۋىزور- سائەتمۇ شۇ،
زېرىكىش يوق ئوينىساڭ، ئىزدىمە، راھەت مۇشۇ،
ئالدىساڭ ھەركىمنى گولدۇر، ئامىتىڭ-ئامەت مۇشۇ،
بولدى بەس دەپ سەكرىمە، سەۋرى ھەم تاقەت مۇشۇ،
شەرىپىگە قوشتى شان، كاتتا  نۇسرەت، يانفۇنۇم!

ئالدىسام چانماس قەيەردە، مەن ئەگەر چۆلدە دېسەم،
قاغجىراق سايدا يۈرۈپمۇ، يايرىدىم كۆلدە دېسەم،
ياماشماستىن تىك چوققىغا، مەن قىيا- بەلدە دېسەم،
مەن ئۆزۈم خائىن تۇرۇپ، ئەس يادىم ئەلدە دېسەم،
چىنپۈتەر ھەركىم گېپىمگە، قىلما تۆھمەت، يانفۇنۇم!

باشلىۋالساق تۈگىمەس غەيۋەتنى،كوت-كوتنى ئېچىپ،
بولۇشارمىز،تۇشمۇ- تۇشتىن ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ،
كېتىمىز ھەتتاكى بىردەمدە ئەزىز جاندىن كېچىپ،
قويىمىز بىردەمدىلا، دۈشمەنگە كېپەنلىك پىچىپ،
دىل ھوزۇرى،يەككىلىككە سوقا-سۆھبەت،يانفۇنۇم!

كېزىمەن شۇتاپ جاھاننى، توردا،چ چ دا يۈرۈپ،
يۈرىمەن مۇنبەر ئارا، شاھ بولۇپ،دەۋران سۈرۈپ،
بولدىما مەستانە ھازىر،ئۆي-ئايالدىن يۈز ئۆرۈپ،
ئەمما ئاينىڭ ئاخىرى،باقسام ھىساۋاتنى كۆرۈپ،
بولدى كۆز ئالدىم قاراڭغۇ،ماڭا زۇلمەت، يانفۇنۇم!

ئارتىۋالماي تولا غەمنى، يۈرسە ئەرلىك سېپىدە،
مەيلى دەيمىز ھەممە ئىشنى، بولسا ئەگەر چېكىدە،
خەجلىگەيمىز پۇل پۈچەكنى، نۆۋىتىدە-ئېپىدە،
تەڭكەش بولماي يوق ئامالىڭ، بۇمۇ جاھان دېپى-دە،
يانچۇقۇمنى تولا كولاپ، قىلدى كۆپ دەرت، يانفۇنۇم!

تور ئېچىپ، قىز كەلتۈرۈپ،تۆتنى- بەشنى بىر قىلىپ،
پۇرلىغان شىمنى پەدازلاپ، تىغدىنمۇ ئىتتىك قىر قىلىپ،
چېكىتى يوق ئەپتىمگە مەن  ئۆزۈمنى ئادىل گىر قىلىپ،
ئوينىتىپ مەۋھۇم دۇنيادا ھەممىنى پىر-پىر قىلىپ،
بىر قاپاق نوچى قىلىپ قويدۇڭكى لەنەت، يانفۇنۇم!

كۆر بۈگۈن، يانفۇن دىگەن چوڭ-كىچىكتە،چالدا بار،
ئەر ئەمەس،يەسلىدە ھەم، قىزدا بار،ئايالدا بار،
كۈتكۈچى،ھەتتاكى نىمكار، باپكارۇ-ھاممالدا بار،
زەن سېلىپ باقساڭ يەنە كوچىدا-ئابدالدا بار،
تۆكمە بولدۇڭ- قىلمىغاي ھىچكىممۇ ھەسەت ، يانفۇنۇم!

ئۆزيولىدا پايدىلانساڭ،ھەمدىمىڭدۇر ئەسلىدە،
يىرىقىڭ بولغاي يېقىن،ھەممىدە- تۆت پەسلىدە،
جان-جىگەر سىرداش- قاياشىڭ، ئائىلەڭدە-يەسلىدە،
بولمىسا  ھەم سەن بىلەنكى، خەقنى بابلاش قەستىدە،
يەتكۈسى ھەركىم مۇرادقا ،ئىشتا بەرىكەت، يانفۇنۇم!

ئويلىسام، ھەرنەرسىنىڭ باركەن ئەزىزلىك-خارلىقى،
كەلسىمۇ شۆھرەتتە بەزەن، ھەركىشىنىڭ تارلىقى،
مۇددىتى ئۇزۇن ئەمەسكەن، بەكمۇ قىسقا ئارىلىقى،
تەكتىگە يەتكىن مۇھەممەت، بۇمۇ تەقدىر يارلىقى،
ئۆز يولىدا تاپسا قىممەت-ماڭا ئامەت ،يانفۇنۇم!


مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.


(ئەسكەرتىش: ساتىرا شېئىرىيەتتىكى ئىللەتلەرنى قامچىلاش توغرىسىدا يېزىلىدىغان ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەردىمۇ، يانفۇننىڭ بەزىبىرلەرنىڭ قولىدىكى ئىللەتلىك ھالىتى تەسۋىرلەندى. بۇ ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ كەچۈرمىشى ئەمەس. توغرا ئوقۇپ پايدىلىنىپ، يانفۇن ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ باقارسىلەر)

1

تېما

20

دوست

1975

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
9
جۇغلانما
353
توردا
578 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 17:49:15 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىسۇن ، تىمىنىڭ ماۋزۇسى «يانغۇنۇم» بوپ قالدىمۇ نىمە ؟

5

تېما

6

دوست

2333

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
637
توردا
811 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 17:51:44 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇنۇم

1

تېما

4

دوست

1083

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
330
توردا
165 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 18:11:31 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىغا ئۇيغۇرچە فونت لازىمتى كىمدە بار ، چۈشۈرۈش ئادرىسى بولسا يوللاپ بېرىڭلارچۇ باللا
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

0

تېما

0

دوست

24

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
0
جۇغلانما
5
توردا
8 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 18:12:48 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇ ناخايىتى ياخشى يىزىپسىز

0

تېما

7

دوست

767

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
238
توردا
189 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 18:21:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز دىمىسىمۇ ھازىر شۇنداق بوپ كەتتى .   رىئاللىق

16

تېما

20

دوست

2174

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
11
جۇغلانما
332
توردا
1044 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 18:25:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ. قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن.
ھەمبەھىر:http://pan.baidu.com/disk/home

7

تېما

6

دوست

1318

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
313
توردا
524 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 18:40:04 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر بالىلار تولىكەن جۇما مۇنبەردە

0

تېما

0

دوست

290

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
52
توردا
112 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 18:51:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر بالىلار تولىكەن جۇما مۇنبەردە

6

تېما

18

دوست

1869

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
274
توردا
703 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 19:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستلا ياخشى يېزىپسىز،ئاپېرىن سىزگە.
تىل-يېزىقىمىزنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى!

1

تېما

13

دوست

1000

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
314
توردا
210 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 19:08:26 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخو بۇ بالىلارنى زە

0

تېما

26

دوست

1103

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
302
توردا
171 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 19:37:56 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل جايىغىلا يىزىپسىز جۇما بۇ شىئىرنى

2

تېما

6

دوست

781

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
69
توردا
494 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 19:53:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەردىمىزنى تۈكۆشەيلى...................

7

تېما

5

دوست

983

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
195
توردا
379 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 21:03:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغار يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 18:11
ئالمىغا ئۇيغۇرچە فونت لازىمتى كىمدە بار ، چۈشۈرۈش ئادر ...

pasiban.comغاكىرىڭ...

1

تېما

11

دوست

3837

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
0
جۇغلانما
1072
توردا
1311 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 22:23:46 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  قاملىشىپتۇ،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1 )

GMT+8, 2014-3-27 07:10 , Processed in 0.126203 second(s), 31 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش