شىياۋمى تېلفونىنىڭ قاتتىق دېتالنى تەكشۈرۈش
نورغۇن دوسلار تېلفوننى ئىشلىتىش جەريانىدا تېلفوننىڭ پەقەتلا سىرىتقى زەخمىسىنىلا كۆز بىلەن كۆرۈپ تەكشۈرەلەيدۇ ،ئۇنداقتا ئىچكى قاتتىق دېتالدا كاشىلا كۆرۈلسە قانداق تەكشۈرۈشنى بىلمەي تېلفون ئۇستىلىرىنىڭ ئالدىغا باردىغان گەپ ،بۈگۈن دوسلارغا كود كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېلفون قاتتىق دېتال تەكشۈرۈشنى سۆزلەپ ئۆتىمەن .بۇكودلار پەقەت ھەقىقى نۇسخىدىكى شىياۋمى تېلفونغىلا ئىشلەيدۇ ،ناۋادا كود كىرگۈزۈلۈپ تەكشۈرۈش تاللانمىلىرى چىقمىسا ساختا تېلفون ھېساپلىنىدۇ.(تېلفون چوقۇم ئەسلى ئىگە تەرەپMIUIسېستىمىسى بولۇشى كېرەك)
قاتتىق دېتال تەكشۈرۈش
تېلفون ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ تۆۋەندىكى كودنى كىرگۈزۈڭ
*#*#64663#*#*
كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن تېلفون ئاپتوماتىك قاتتىق دېتال تەكشۈرۈش كۆزنىكىگە كىرىدۇ.
تۆۋەندىكىلىرى مۇشۇ 30نەچچىدىن ئارتۇق قاتتىق دېتال تەكشۈرۈش تاللانمىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى
بىرقىسىم تەكشۈرۈش تاللانمىلىرى
1.سېزىمچان ئېكران تەكشۈرۈش
ئېكران كۆرسېتىشنى تەكشۈرۈش
ماگىنىت مەيدانى سېنزورىنى تەكشۈرۈش
GPSيەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىنى تەكشۈرۈش
باشقا بىرقىسىم تەكشۈرۈشلەردىن كۆرۈنۈش
يۇقارقى تەكشۈرۈشلەر نەزەريە جەھەتتىن ھەرقانداق شىياۋمى تېلفونىغا ماس كېلىدۇ ،ئەمما تېلفوننىڭ تىپ نۇمۇرىغا ئاساسەن تاللانمىلار دا ئوخشىماسلىق بولۇشى مۇمكىن . |