ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 899|ئىنكاس: 3

3D ئۈنۈمدىن سىزمۇ ھوزۇرلىنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
248
ئاقچا
34
توردا
35 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-26
نادىر
0
تېما
12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 00:05:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2ئاي ئىلگىرى توردىن 3D كىنو ۋە رەسىم كۈرۈشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر كۈزى كۆك بىر كۈزى قىزىل رەڭلىك كۆزئەينەك ئەكەلدۈرگەن ئىدىم. ئەكىلىپلا سىناق قىلدىم. ئەپسۇسلىنارلىقى مىنىڭ چامىدان كومپيۇتېرىمدا 3D ئۈنۈمنى ھېس قىلالمىدىم. كىيىن توردىن ئىزدەش ئارقىلىق ئىكران چوقۇم 3D ئۈنۈمنى قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدىم. بۈگۈن 《战地3》繁体中文版 ئويۇننى ئۆيدىكى ئۈستەل كومپيۇتېرىغا چۈشۈرۈپ ئولتۇرۇپ كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىكران قوزغىتىش پروگراممىسىنى يېڭىلاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرىغا ماقۇل دەپساپتىمەن. يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن باشلاش تىزىملىكى ئاستىغا NVIDIA Corporation ناملىق بىر تۈرنىڭ قوشىلىپ قالغىنىنى، ئۇنىڭ ئاستىدا يەنە 启用3D vision دەيدىغان بىر تۈرنىڭ قوشىلىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ پروگراممىنى قوزغاتقاندىن كېيىن ئىكراندىكى كۆرسەتمىگە قارىسام بىر پارچە رەسىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مەن ئالغان كۆزئەينەكنى تاقاپ تۇرۇپ قاراپ كۆرەلىگەن رەسىمنى تاللىشىمنى كۆرسەتتى. مەن كۆرسەتمە بويىچە بىر -بىرلەپ تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرىدا تاماملاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇردۇم.
ئىكراندا كۆرۈنگەن رەسىمنى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ چۇچۇپ كەتتىم. ئەلۋەتتە كۆزئەينەكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ.
ئادەتتە بۇ كۆزئەينەكنى توردىن 15 يۈەنگە ئالغان ئىدىم. ئەگەر مۇشۇ خىل رەڭلىك يالتىراق تاپالىسىڭىز تۆۋەندىكى شەكلىدە ئۆزىڭىز قول سېلىپ ياسىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.



يۇقارقىدەك كۆزئەينەك ئالسىڭىز ياكى ياسىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ كۆزئەينەكنى تاقاپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا رەسىمدىكى بىر نۇقتىغا قاراپ تۇرسىڭىز رەسىمدىكى ھەقىقى 3D ئۈنۈمنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئۈنۈمنى رەسىمگە تارتىپ چىقىرىپ قوياي دىسەم ھەقىقى كۆز بىلەن كۆرگەندىكى ئۈنۈمنى ئاپپاراتتا ئىپادىلىيەلمەيدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ.



مىنىڭ ئىكرانىم: ENVISION ماركىلىق G2217 تىپلىق ئىكران. ئەگەر يېڭىدىن ئىكران سېتىۋالماقچى بولغانلار بولسا بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتنى كۆزدە تۇتۇپ 3D ئۈنۈمنى قوللايدىغان ئىكران سېتىۋېلىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن. 3D نى قوللايدىغان ئىكراننىڭ قېپىغا ئەسكەرتىپ كۆرسىتىپ قويغان بولۇپ، ئاسانلا كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئەمدى يۇقارقىدەك ئۈنۈمدىن ھۇزۇرلىنىشىڭىز ئۈچۈن بىر قانچە پارچە رەسىم يوللاپ قويدۇم. ھوزۇرلانغايسىزلەر.


يۇقارقى رەسىمنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ياغاچنىڭ تۈشىكىگە بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن خۇددى ئىكرانىڭىزدىن پولتىيىپ چىقىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەگەربېشىڭىزنى ئازراق ئوڭ - سول ھەركەتلەندۈرسىڭىز رەسىمنىىڭمۇ ئازراق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.


2

ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى،  بۇ ئىككى خىل رەڭلىك كۆزئەينەكنى تاقىغاندىن ھەر 20 مىنۇتتا بىر قېتىم كۆزىڭىزنى ئارام ئالدۇرشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز رەڭ قارىغۇسى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك شۇكى، بۇ كۆزئەينەكنى تاقىغان بەزى كىشىلەردە كۆڭلى ئېلىشىش، بېشى قېيىش ئىھتىماللىقى كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداقلار دەرھال دوختۇرخانىغا كۈرۈنگەندىن كېيىن قايتا تاقىماسلىق كېرەك
ئەگەر سىزگە تېخىمۇ كۆپ مۇشۇ تۈردىكى مەزمۇن كىرەك بولسا ئەلقۇت تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ. www.alqut.com بىكىتىمىز بۇ ھەقتىكى تىمىلارنى يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرىدۇ.
ئەگەر سىز 3D كىنو كۆرمەكچى بولسىڭىز توردا بۇ خىل كىنولار خېلى كۆپ، ئىزدەپ تېپىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل كىنوغا قارىتا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز كىيىنكى مەزمۇننى كۆرۈپ قويۇڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
248
ئاقچا
34
توردا
35 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-26
نادىر
0
تېما
12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 00:07:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ. بەزى رەسىملەرنى يوللاش قۇلايسىز بوپ قالدى
ئەسلى مەنبە: http://www.alqut.com/web//20111217/361.html

Rank: 4

جۇغلانما
278
ئاقچا
10
توردا
110 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-21
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 10:09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز مۇ ماڭ  ئوخشاش  3د   ھەۋەسكارىكەنسز   لىكىن  بۇكۆزئەينەك بىلەن  بىرە كىنونى كۈرۈپ بولغىچە  كۆزدەششەت تېلىپ كېتىدىكەن  مەن بىر ھەپ تازا  قىزقىپ كۈرۈپ كەتكەن  لىيىنچە    كۈزۈم  قىزىرىپ  قۇرغاقشىپ بولماي   تاقمىغان ئىشىقىلىپ  پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بۇنەرسىنىڭ

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
82
ئاقچا
3
توردا
20 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-17
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 00:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزئەينەكنىڭ ياخشىسىنى ئىلىڭلار بولمىسا قارىغۇ بوپ قالىسىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-4-12 01:28 , Processed in 0.101192 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش