ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 238|ئىنكاس: 8

نىمىشقا تۈرمىدىن قاچۇرسىز دەيمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
2
جۇغلانما
46
توردا
10 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 02:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلا ،
‏مەن ئالما مەھسۇلاتىغا مۇناسۋەتلىك ھەرتىلدىكى بارلىق تورلارنى كۈندە ئاز دىگەندىمۇ 5قېتىمدىن ئارتۇق يوقلاپ تۇرىمەن ۋە يېڭى خەۋەرلەرنى مىكرو بىلوگىمغا يوللاپ قويمەن،بۇ تۇرمۇشۇمنىڭ ئەڭ موھىم بىر قىسىمى بوپ قالدى دىسەممۇ بولىدۇ . 
‏لىكىن «تۈرمىدىن قاچۇرۇش »دىگەندەك  تېمىلارنى كۆرسەم بەك ئاچچىقىم كەپ قالىدۇ .ھەم ‏شۇ تىما ئېگىسىنى ساقلاپ قويىمەن.
‏مەن بۇلتۇر ئاي پەد ۋە ئايفۇنلانى تۇرمىدىن قاچۇرۇپ باققان  ھەم مەن ئالاھىدە پايدىلانغىدەك ، زور قىممىتى بار بىرەريىشىۋەتكەن دىتالنى ئۇچۇراتمىدىم،مەن بولمىسا ھەممە ساھەدىكى دىتالنى ياخشى كۆرەتتىم،دائىم قاچلاپ قوياتتىم، لىكىن تۇرمىدىن قاچۇرغاننىڭ پايدىسى بولمىدى 6-7كۈن ئىشلىتىپ ،ئۆزەمچە سەل نۇمۇس قىپ قالدىم،ئاندىن ئەسلىگە قايتۇرۋەتتىم . بەزى قىممەترەك ئويۇنلار ھەقسىز بولسا كىرەك ، لىكىن مەن ئويۇنغا قىزىقمايمەن ،ئالما توريۇمشاق دېتال بازىردىكى ھەقسىز دىتاللارمۇ بىزنىڭ ھەر قانداق ھاجىتىمىزدىن تولۇق چىقالايدۇ. دىمەك تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەمىلىي قىممىتى يوق دەپ قارىدىم.(تۇرمىدىن قاچسىڭىز ھامىنى تۇتۇلدىكەنسىز) 
بىز تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى تەمىنلىمىدۇق،بىز يەشمىدۇق، چەتئەلدە ئۆزى قىلغاننى ئىشلەتتۇق دەپ ‏قارىساقمۇ بولماس، ساختا ئسشلاردىن ساقلىنىپ ،ئورتاق ھەركەتلەنسەك بىزنىڭ ئۇيغۇر پىروگراممىچىلارغىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ.   
‏‏‏قېرىنداشلار باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى، ئالما تور بازىردىكى شۇ ھەقلىق دىتاللارنى ئىشلىگۈچىلەرمۇ سىلەردەك جاپاكەش ۋە تىرىشچان دوسىتلار، بىز ئۈلارغا ھۆرمەت بىلدۇرمەي رەھمەت ئېيىتماي تۇرۇپ ،نۇرغۇن جاپادا ئىشلىگەن دىتاللارنى ئاز ۋاقىت  سەرىپ قىپلا  ،قاچىلاپ بىكارغا ئىشلەتسىڭىز پەسكەش كىشلە رنى قوللىغان ،بازىرنى چىقىرىپ بەرگەن بولمامسىزسىزنىڭچە ، تۈرمىدىن قاچۇرۇپ شۇ نەچچە يۈز يۇەنلىك دىتالنى قاچىلىۋالسىڭىز، سىز شۇنىڭدىن قانچىلىك پايدا يارتىپ كۆڭلىڭىز قانچە خوش بوپ كىتەر . بۇ ئەسلى بىر ئوغۇرلىق بىلەن ئوخشاش جىنايەت ھەم زور ئەخلاقسىزلىق. مەن ئاشۇ تۇرمىدىن قاچۇرۇش يۇمشاق دېتالنى تەتقىق قىلىغان گۇرپىدىكىلەرنى ئەڭ پەسكەش كىشلەر دەپ قارايمەن .
‏ ئەنە نەچچە كۈن بۇرۇن كومىېس گۇرپىسىدىكىلەرمۇ ئۆزىنىڭ قىلۋاتقان ئىشىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئەخلاقسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئاخىرى ھىس قىپ ،بۇندىن كىيىن ئاي ئو ئەس تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىتالى ياسىمايدىغانلىقىنى جاكالىدى. شۇنىڭدەك قالغانلارمۇ بارا بارا يوقايدۇ ، ئاز قالدى .
‏ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئەڭ زور تەلىپى ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش دەپ قارايمىز ، ئەممە ئۇ فونىت بولمىسىمۇ بىز يانا تور مۇنبەرلەرنىڭ ئۈچۈر يوللاش كۆزنىكى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تولۇق كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ ،مەن 2يىلدىن كۆپرەك بولدى،ئۇيغۇرچە ئۇچۇرنى تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ يوللىدۇم، ئەڭ خۇشاللىنارلىقى ئالدىنقى ھەپتە قارلۇق شىركىتى «خاتىرەم» ئاي پەد نۇسخىسى ئۇيغۇرچە خاتىرە دەپتەرنى ھەقسىز بازارغا سالدى، يېڭى يىلغىچە ئايفۇن نۇسخىسىمۇ چىقىپ قالا.
گىپىمنى ‏يىغىنچاقلىسام، موشۇ ئۇچۇرنى قارلۇق خاتىرەمدە يازدىم.
    ‏ئاي ئو ئەس سىستىمىسىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئەپلەرنى ھەقسىزلەشتۈرۈپ ئوغۇرلاپ قاچىلاپ ئىشلىتىشنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋىتى؛
‏1- ئۈ بىرئەخلاقسىزلىق ۋە جىنايەت 
‏2- قاتتىق دىتالنى تىز قېرىتىۋېتىدۇ.
‏3- سېسىتىمىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلتىۋېتىدۇ.
‏4- باتارىيى كۆپ خورتىدۇ.
‏5- خاتالىق ئۇچۇر كۆپ بولىدۇ.
‏6- بېخەتەرلىك ئاجىزلاپ كىتىدۇ
‏7- ئەمىلىي پايدىلنىش قىممىتى يوق.
  ...........  ‏ قالغىننى دىمەيلە قويدۇم .
‏ بىز باشقىلارنى دورىمايلى،كىچىك ئىش بولسىمۇ ئۇنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ،كىيىنكىلەرگە ئۈلگە بولغىدەك. بىز بەكمۇ مەدىنيەتلىك ئەخلاقلىق مىللەتقۇ ، باشقىلارنىڭ قاينىمىدا ناچار ئىللەتنى بەك قوبۇل قىپ قېلىۋاتىمىز، ئۇيغۇر پىروگراممىچىلارغا يول ئېچىپ بىرەيلى 
موشۇنداق تېمىلاردا ئايرىم ئورتاقلىشىپ پاراڭلىشىشنى خالايدىغانلار بولسا مىنى قوشۇۋېلىڭلا، چچ312378878  مىكرو بىلوگ،خەت ساندۇق، ‏مىكرو خەت ھەممىسى بىر نومۇر.

‏،رەھمەت (ئىملانى،،،،،،،،،،،،ۋاقىت،) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-14 02:32  

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
31
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 01:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجوووووم،دوللارلىرى يانجۇچلىرىنى تىشىپ چىقىۋاتقان ئوخشىمامدا؟
چولىلىرى تەگسە “        The.Pirates.of.Silicon.Valley”دىگەن كىنونى كۆرۈپ قويسىلا،ستىۋ جوبىس،بىل گايتىسلارنىڭ ھەممىسى XROX تىن UI ياساش ئۇسۇلىنى ئوغرىلاپ مۇشۇ كۈنگە ئىرىشكەن يامان«ئوغرىلار»،بىز ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈش قىلغان،ئالما شىركىتىنىڭ مونوپوللىقىغا جەڭ ئېلان HACKER لارغا ئاپىرىن ئوقۇساق بولار دەيمەن،ئالدىرىماي ئاختۇرۇپ باققان بولسىڭىز راۋرۇس ئەپلەر سىنىغىلى چىقاتتى،تۈرمىىدىن قاچۇرۇش ئارقىلىق IOS دە ماس قەدەملەش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشەلمىگەن نۇرغۇن گۈزەللەشتۈرۈش، يېڭى ئىقتىدار،ھەقسىز ئەپلەرگە ئېرىشكىلى بولدىغانلىقى تۇغرىلىق كۆپ توختالماي،ھەتتا  ئالما شىركىتىنىڭ ئەپ ئاچقۇچىلىرىمۇ CYDIA خىزمەت گۇرۇپپسىنىڭ نۇرغۇن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن چىقارغان سېستىما ياخشىلاش،ئەپچىللەشتۈرۈش ئۇسۇلىرىدىن ئىلھام ئالغان بەزىدە ئوچۇقتىن ئوچۇق كۆچۈرگەن(CYDIA ئەپلىرى قانۇنسز،ھەقلىق،ئىسىل ئەپلىرىمۇ بار). بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرمۇ ئالما مەستانىلرى بۇلۇپ،ئالما مەھسۈلاتلىرىنىڭ پەيدىنپەي ياخشىلىنىپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە تارتىشىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان كىشىلەردۇر،ئەلۋەتتە سىز توغرا يول بىلەن ئالما مەھسولاتلىرىدىن بەھىرلىنىشقا تامامەن ھوقوقلۇق،ھەركىشى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى ئىقتىسادىغا قاراپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بەلگىلىسە بولىدۇ دەپ قارايمەن،ئەگەردە ئۇيغۇرچە ھەقلىق ئەپلەرگە موھتاج بولۇپ قالسام چوقۇم سېتىۋېلىپ ئىشلىتىمەن.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
Amanlik平安 + 2

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 2   باھا خاتىرىسى

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
7
توردا
2 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 17:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن غوجاڭ ‏‏ئەمەس ، غوجاڭغا خىزمەت قىلىۋېر  ‏‏ئۇكا، پۇلى بارلا ئىشلەتسۇن ، بىز .ئوغرى .ئەمەس ،بۇ ‏‏ئەخلاق  مەسلىسى . ھەقسىز دىتال شۇنداق يىتەرلىك . ‏‏ئەخلەتنىڭ كىرىكى يوق .

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
219
توردا
0 سائەت
نادىر
0
تېما
19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 17:31:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amanlik    ئەپەندى گىپىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ يەھۇدىيلارنىڭ قاندق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن.

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
7
توردا
2 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 18:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ، بىلمەن ،. بۇ مىسال توغرا بولمىدىمۇ قانداق ، سىزمۇ ماھيەتنى چۈشەنمەيدىغان نادانمۇ نىمە.

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
31
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 18:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ تۇغرا كەلمەيدىغان ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشكەندىن كىيىن ئۆزىمىزگىمۇ ئاز....
بۇلدىلا...

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
31
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 18:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلارنىڭ BBSلىرىدىكى بىر-بىرىنى نادان دەپ تىللىشىدىغان خۇيى بىز خەققىمۇ يۇقىۋاتقان ئوخشايدۇ،
تەپەككۈركا سەۋىر قىلىڭ....

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
7
توردا
2 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 22:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ مىڭ جاپادا تۈزگەن ھەقلىق دىتاللىرىنى ھەقسىز بىكارغا چۈشۈرۋالساق بولماس، بىز  باشقلارنى دورىساق بولمايدۇ،  شۇڭا بەزى پروگراممىچىلىرىمىز تازا قىزغىن بولالمايۋاتىدۇ .
كىيىن بىزنىڭ پروگراممىچىلىرىمىز نىمىش قىلىدۇ . كەسپىمىزنىڭ ساغلام تىز تەرەققىي قىلشى سۇغا چىلشامىكى .

Rank: 2

ئاقچا
7
جۇغلانما
14
توردا
10 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 18:33:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ  ،  كۈلدۈم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-1-4 22:30 , Processed in 0.091836 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش