ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 10

مۇرادىلسوفت ئۈن كىرىشتۈرگۈچ 1.0 [ئۇيغۇرچە] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
2
جۇغلانما
295
توردا
62 سائەت
نادىر
1
تېما
19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 01:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muradilsoft musictionV1.0.zip (5.45 MB, چۈشۈرۈش سانى: 308) ئەسسالام تورداشلار
ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىم ، ئەپۇ قىلىڭلار ، ئاللا بۇيرۇسا 2012-يىلى 6-ئايدا ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىپ بولۇپ، ئاندىن سىلەر بىلەن قانغىچە دىدارلىشاي.
گەپكە كەلسەك، ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر دېتال ياساپ چىققان ئىدىم.
ھەقسىز تارقىتىلىدۇ!
--------------------------------------
دېتال نامى: Muradilsoft un kirishturguch V1.0    ---     Muradilsoft musictionV1.0
رەسىم: 1.jpg

دېتال تىلى:ئۇيغۇرچە(ئەسكەرتىش :ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى Hyl3ltuz.ttf فونتىنى C:\WINDOWS\fonts ئاستىغا كۆچۈرۈڭ )مەشغۇلات سېستىمىسى: XP/VISTA/WIN7
ئالاھىدىلىكى:ئاددى بولغان مۇزىكا كىرىشتۈرۈش دېتالى، ئاساسلىقى تەگلىك مۇزىكا بىلەن ئادەم ئاۋازىنى كىرىش تۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
مەزكۇر دېتالدا ھېچقانداق ۋىروس يوق پىرىستىن يېشىپ ھەممە ھۆججەتنى ۋىروسخورىڭىزنىڭ 信任文件 گە كىرگۈزۈۋېتىڭ،
بۇ دېتال ئاسان تىلدا يېزىلغاچقا خاتا دىياگىنوز قويۇلىشى مۇمكىن، ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

--------------------------------------
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. ئاۋال سېستىمىدىكى 开始-程序-附件-娱乐-音量控制 نى ئېچىڭ
4.jpg

2.ئاندىن  文件دىن  属性 نى ئېچىڭ
3.jpg

3. 录音 نى تاللاپ چىققان تىزىملىكتىن مېكرافون 麦克风،立体混合声،音量控制 نى تاللاڭ

4،تىزىملىك ئۆزگىرەپ تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كەلگەندە مەشغۇلاتنى باشلىسىڭىز بولىدۇ
ئاۋال مېكرافوننىڭ 麦克风 نىڭ ئاستىدىكى يەردىكى توغرا بەلگىسىنى تاللاڭ
2.jpg

5.دېتالنى قوزغاتقاندىن كېيىن تەگلىك مۇزىكىدىن [ھۆججەت تاللاش] نى بېسىپ تەگلىك مۇزىكىنى كىرگۈزىسىز
5.jpg

6.تەگلىك مۇزىكا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئاۋاز ئېلىشتىن [باشلاش]نى بېسىپ قۇلۇقىڭىزغا تىڭشۇغۇچ تىقىپ مۇزىكىنى چىقارماي بىر قېتىم ئوقۇماقچى بولغان نەرسىڭىزنى مەسىلەن رادىئو ماقالىڭىزنى ئوقۇيسىز(ئەگەر ئارىلىقتا مۇزىكا ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز  بۇ باسقۇچتا پەرۋا قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)
7.ئاۋاز ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن [توختاش] نى بېسىپ ئاندىن [ساقلاش] نى باسىسىز
8. ئاۋاز ئېلىش ھالىتى «ساقلاندى» بولغاندا، ئابايىقى 音量控制 دىن 立体混合声 6.jpg
9.
9.بىرلەشتۈرۈشتىن [تەييارلىق] نى چېكىڭ
7.jpg

يوقۇرقى رەسىمدىكى 1-ئورۇن تەگلىك ئاۋازنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشەيدىغان ئورۇن مائوس بىلەن ياكى [باشقۇرۇش] نى بېسىپ
كونۇپكا تاختىسىدىكى [h][g] بىلەن تەڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ
2-ئورۇن سىزنىڭ ئابايىقى ئالغان ساپ ئۈن ھۆججىتىڭىزنىڭ ئاۋازى(بۇنى ئەڭ چوڭغا تەڭشەيسىز ۋە ئۆزگەرتمەيسىز)
3-ئورۇن بايا دەپ ئۆتكەن كونۇپكا تاختىسى بىلەن باشقۇرۇشنى قوزغىتىدىغان ئورۇن
10.[باشلاش] كونۇپكىسى بېسىڭ
11.ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋازىغا ماس ھالدا تەگلىك مۇزىكا ئاۋازىنى تەڭشەڭ
12.ئارىلىقتا مۇزىكا ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز [توختاش]نى بېسىپ تەگلىك مۇزىكىنى ئالماشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن [داۋاملاش] كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
13.[ئاخىرلاش] كونۇپكىسى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇڭ
14.[ساقلاش] كونۇپكىسى ئارقىلىق ساقلاڭ
15.دېتالنىڭ ئىجرا مۇندەرىجىسى ئاستىدا wav دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىن ساقلىغان ۋاقتىڭىزدىكى ۋاقىت بىلەن ئوخشاش بولغان ھۆججەتنىڭ ئارقىغا ok قوشۇلغان ھۆججەت دەل سىز كىرىشتۈرگەن ھۆججەت شۇ.
---------------------------------------------------------------
كەڭ تورداشلارنىڭ ياقۇتۇپ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

-مۇرادىلسوفت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iwirgol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-14 14:41  

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
107
توردا
16 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 11:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىزدىنىپسىز،رەھمەت سىزگە، شۇ چىۋەر قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
284
توردا
55 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 11:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ خېلى بولىدىغان دېتالكەن

Rank: 4

ئاقچا
5
جۇغلانما
228
توردا
21 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
14
توردا
2 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 15:00:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي رەھمەت جۇمۇ  دوستۇم  بۇنداق  دىتال ماڭا بەك لازىمتى  تىرىشقىنىڭىز غا كۆپتىن كۆپ رەھمەت
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن .،

بولسا مۇشۇ ماڭا ۋىندوۋېس 7 مىكرافۇن ئاۋاز تەڭشەش كۆرسەتمىسىنى يوللىۋەتكەن بولسىڭىز.،

ئەگەر ۋىندوۋىس7  نىڭ ئاۋاز ۋە مىكروفۇن تەڭشەش ئېشلىرىنى ياخشى بىلىدىغان قىرىنداشلار بار بولسا دەرىسلىك  قىلىپ يوللىۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ .،
شەمشەر دىمەك شەمشەردەك ئېتتىك تىز بولۇش دىمەكتۇر .،

Rank: 2

ئاقچا
7
جۇغلانما
53
توردا
3 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 00:26:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپرىن.مۇشۇنداقلا تىرىشسىڭىز كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلالىشىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل.
بىراق بىر تەكلىپىم،ھازىر ئانا تىل-يېزىقىمىز خەنچە،ئىنگىلىزچىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ،ئەبجەشلىشىپ كەتتى،ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق،باشقا ھەر قانداق مىللەتنىڭ بۇنىڭ بىلەن پەقەتلا كارى يوق.تىل-يېزىقىمىزنى قوغداشتا ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.سىزدەك ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق كەڭ خەلقىمىزگە ئىنتايىن ئاسان تارقىلىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇۇللىنىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تىل يېزىقىمىزنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىر.شۇڭا ياسىغان،ياساۋاتقان ھەرقانداق نەرسىنىڭ تىل يېزىقىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مىللىي تىل-يېزىقىمىزدا يېزىپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزۈم چۈشكىنى مۇرادىلسوفت دېگەن ئەبجەش سۆز بولدى،بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.سوفت دېگەننىڭ ئورنىغا زادى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ قوللانغىلى بولماسمۇ....يەنە شۇنىڭدەك يات سۆزلەرنىڭ ئورنىغا مىللىيچە ئاتالغۇلارنى قوللىنىش مۇمكىن بولماسمۇ؟مېنىڭچە بۇ تامامەن مۇمكىن،ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقى يېتەرلىك.ئىپادىلەش كۈچى باشقا ھەرقانداق مىللەتنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس.شۇنداق بولغانىكەن.بەزى يات ئاتالغۇلار ئۇچرىغاندا ئۆزىمىز ھەل قىلالمىساق مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەل قىلساق بولىدۇ.
كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا ئەپۇ قىلىپ،سۆزلىرىمنى ياخشىراق ئويلاپ باقارسىز.......
ئىشلىرىڭىزنى مېھرىبان ئاللاھ ئوڭۇشلۇق قىلغاي......

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
14
توردا
2 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 20:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  پىكىرلەر   بوپتۇ  .  دىمىسىمۇ  ئۆزىمىز  قوغدىمىغاننى  باشقىلار  ئەسلا قوغدىمايدۇ . ئەڭ  ئاۋۋال  ئۆزىمىزدىن باشلايلى !

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
14
توردا
2 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 22:30:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ئورۇنلۇق گەپ بولدى .ئانا تىلىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق كىم قوغدايدۇ
شەمشەر دىمەك شەمشەردەك ئېتتىك تىز بولۇش دىمەكتۇر .،

Rank: 2

ئاقچا
17
جۇغلانما
13
توردا
22 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 16:20:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەمشەر-2 يوللىغان ۋاقتى  2011-12-14 15:00
ۋاي رەھمەت جۇمۇ  دوستۇم  بۇنداق  دىتال ماڭا بەك لازىمتى  ...


توغرا، بىلىدىغان دوستلار بىر يوللىۋەتكەن بولساڭلا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akkaptar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-16 16:21  

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
5
توردا
0 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 03:20:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Mark up 一下,留个印






















祛斑产品排行榜10强
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-1-4 20:41 , Processed in 0.090679 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش