ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

http://ilan.oztil.cn
جەمئىي مىكروبلوگ 982 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Hotan_Jan 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يانفۇنغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئىزدەڭ، ئۈندىدار Telak_Biz

  • muzliganyurak7 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى قىرىنداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار  مىنىڭ ئاندىرود سىستىما ئۇگەنگۈم بار

  • @taxna@ 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى ،ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.

  • musajan520 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالپ تورغا ماتېريال يوللاۋاتقان قرېنداشلا ھارمغايسېلەر قۇلۇڭلارغا دەت بەمسۇن

  • bilimdan 2014-3-19 15:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    39 يۈەنگە 30كۈن چەكسىز پاراڭلىشىڭ، چچ:772109290 تېلفۇن:18727310818

  • ئەلشات110 2014-3-17 23:25 [ئىنكاس(1)] [...]

    شىياۋمى2s ساتىدىغانلار بولسا تىلافۇن قىلىڭلار 13201357073

  • Ahmetjan88 2014-3-16 22:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەسەل چېيىڭ بولمىسىمۇ، ھەسەل سۆزۈڭ بولسۇن...

  • istikbal ئۈلۈشكۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇيغۇر خەۋەر تورىنىڭ ئېچىلىشى قانداقراق ؟ http://url

  • polat189 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭلار قېرىنداشلار ؟

  • ئاقماس 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سامسۇڭ 9108 غا روم يازالمىدىم.ياردەم قىلغان بولساڭلار.

  • fffffffffffffff 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي مەن كۇبەي5930 نىڭ رىكوۋىرسىنى بۇزۇپ قۇيۇپ چاتاق بولدى، كۈندە جىدەللىشىۋىرىپ بۇزۇپ قۇياي دەپ قالدىم، ق...

  • 阿迪力 2014-3-19 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    i9305روم يازالمدىم ياردەم قىلساڭلا641890342چ چ

  • 130 2014-3-17 16:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    قارا رەڭلىك،شاڭگاڭ نۇسخا ئايفۇن4 32گ ب  لۇمىيا 925 بولسا ئالماشتۇرلىدۇ،چ چ 1030034926

  • 15609983945 2014-3-16 21:12 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارلىق ئالىپداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ كەمىنە مەمەتجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.ئالىي ئھتىرام.

  • مۇستەفا ئۈلۈشكۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چ چ نىڭ ئالمانۇسقىسىنى تەرجىمەقىلدىغانلار يوقمۇ ؟   ئاللارەھمەت قىلسۇن بىر تەرجىمەقىلىۋېتىڭلار

  • abdiwajit 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئىشى ئۇتۇقلۇق بولسۇن

  • ئەلشات110 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    xiaomi 2s ساتىدىغانلار بارمۇ؟

  • adsl0997 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    http://url نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى . تۇپراق مۇنبىرى

  • polat189 2014-3-18 22:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېخنىكا ماكانى ئالپ

  • Ahmetjan88 2014-3-17 00:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    LENOVO Z465 تىپلىق خاتىرە كومپىۇتېر ساتىمەن،قاتتىق دېسكا 500gb، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 2.2تۆت يادرولۇق، ئىچكى سا...

  • `salam 2014-3-16 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    htc g8 نىڭ يېڭى ئۇيغۇرچە رومى تارقىتىلدى!

كۆرۈش: 1307|ئىنكاس: 29

[قاتتىق دېتال بىلىملىرى] كومپىيوتېر ئاساسى تاختىسى ھەققىدە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

328

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
127
توردا
37 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 10:35:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار، مەن ئالپ تورىنىڭ يېڭى ئەزاسى بولىمەن.
ئۈزۈم كومپىيوتېر ۋە ئېلىكتۇرۇنلۇق ھەرخىل ئۈسكۈنىلەر سودىسىنى قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كومپىيوتېرنىڭ ئاساسى  تاختىسىنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم، چۈنكى كومپىيوتېرنىڭ زاپچاسلىرىغا نىسبەتەن، ئاساسى تاختىنىڭ يېڭىلىنىشى بىر قەدەر تېز شۇنداقلا ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. لىكىن ئاساسى تاختا كومپىيوتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان   زاپچاسلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى بولغاچقا ( كومپىيوتېرنىڭ پۈتكۈل ئىقتىدارىنى ئاساسى تاختا بەلگىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن) ، ئالپ تورىدا دوسلارغا ئاساسى تاختا ھەققىدە ئازاق چۈشەنچە يوللاپ قۇيۇشنى ئويلاپ قالدىم.
(بۇ ئەسلى www.soda123.com سودا تورىنىڭ ئاساسى تاختىنى چۈشەندۇرگەندىكى مەزمۇنلار ئىدى، دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى ، ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالپ تورى ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى ئويلاپ قالدىم)


ئاساسى تاختا
ئاساسى تاختا خەنچە 主板  ، ئېنگىلىزچە mainboard ، systemboard ياكى  motherboard  دەپ ئاتىلىدۇ. كومپيوتېر ئاساسى ئاپارات قېپى ئىچگە ئورۇنلاشتۇرۇلدىغان بولۇپ، كومپىيوتېرنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ.
ئاساسى تاختا چاسا شەكىللىك توك يول تاختىسى بولۇپ، ئۈستىگە كومپىيوتېرنىڭ ئاساسلىق ئىلمىنتلىرى ۋە توك يول سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئادەتتە BIOS ئۈزىكى ، I/O كونتىروللاش ئۈزىكى،كۇنۇپكا تاختا - مائوس چېتىش ئېغىزى، كۆرسېتىش لامپۇچكا سىم ئېغىزى ....قاتارلىق جايلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.
ئاساسى تاختىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېچىشقا بولىدىغان شەكىلدە لايىھەلىنىدۇ. يەنى بىر ئاساسى تاختىدا 6 دىن 15 كىچە بولغان ئىقتىدارى كۈپەيتىش ئوقۇر ئېغىزى بولىدۇ ، بۇ ئوقۇر ئېغىزى ئارقىلىق كومپىيوتېرغا ھەرخىل ئىقتىدارىنى ئاشۇردىغان ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ ئىشلەتكىلى ،بۇ ئارقىلىق كومپىيوتېرنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۈتۈرگىلى بولىدۇ . ئاساسى تاختا پۈتكۈل كومپىيوتېرغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تورىدۇ. ئاساسى تاختىنىڭ قانداق بولىشى كومپيوتېرنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدۇ. ئاساسىي تاختىنىڭ ئىقتىدارى پۈتكۈل كومپىيوتېرنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.


قۇرۇلمىسى
(1)- ئۈزەك (Chipset)
ئۈزەك بولسا ئاساسى تاختىنى تەشكىل قىلدىغان ئەڭ مۇھىم قىسىمى بولۇپ، ئاساسەن پۈتكۈل ئاساسى تاختىنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ ۋە سېسىتىمىنىڭ ، بۇيرۇقنىڭ نۇرمال ئىجىرا بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاساسى  تاختىنىڭ ئۈستىدىكى ئورۇنلىشىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، ئادەتتە شىمالى كۆۋرۈك ئۈزەك ۋە جەنۇبى كۆۋرۈك ئۈزەك دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. شىمالى كۆۋرۈك  ئاساسى تاختىنىڭ قانداق تۈردىكى بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدىغانلىقى، قانداق تۈردىكى، قانچىلىك چوڭلۇقتىكى ئىچكى ساقلغۇچنى قوللايدىغانلىقنى، ISA/PCI/AGP ئوقۇرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقى قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدۇ.
جەنۇبى كۆۋرۈك KBC (كۇنۇپكا تاختا كونىتىروللىغۇچ) ، RTC (ۋاقىت چاستوتا كونىتىروللىغۇچ ) ، USB (ئونىۋېرىسال ئاقىمۇ-ئارقا ئۇلانغان غول لىنىيە) ، Ultra DMA/33(66)EIDE سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش شەكلى ۋە ACPI ( يۇقۇرى دەرىجىلىك مەنبە باشقۇرغۇچ ) قاتارلىقلارنى كونىتىروللايدۇ ۋە ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ.



(2)- كىڭەيتىش ئوقۇرى
كىڭەيتىش ئوقۇرى (扩展插槽)  بولسا، ئاساسى تاختىنىڭ ئۈستىگە مۇقۇم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە سېستىما ئاساسى غول لىنىەيسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان چېتىش ئېغىزىنى كۆرسىتىدۇ. كىڭەيتىش ئوقۇرى بولسا، كومپىيوتېرغا مەلۇم ئىقتىدار قوشىدىغان ياكى كومپىيوتېرنىڭ سەپلىمىسىنى يۇقۇرى كۈتۈردىغاندا ئىشلىتىدىغان چېتىش ئېغىزى. كىڭەيتىش ئوقۇرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئاساسى تاختىنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا قانچىلىك دەرىجىدە ئىقتىدارىنى يۇقۇرلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. كىڭەيتىش ئوقۇرى سانىنىڭ كۆپلىكى،  كومپيوتېرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا تۇسالغۇغا ئۇچۇرىمايدىغانلىقى بىلدۇرىدۇ.


(3) سىرىتقى چېتىش ئېغىزى
قاتتىق دىسكا چېتىش ئېغىزى : قاتتى دىسكا چېتىش ئېغىزى IDE ۋە SATA دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. بىر قەدەر بۇرۇنقى ئاساسى تاختىلاردا ئىككى دانە  IDE ( يانداش ئۇلانغان ) قاتتىق دىسكا چېتىش ئېغىزى بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى ئاساسىي تاختىلاردا IDE ئاز بولىدۇ ياكى بۇ خىل ئېغىزنىڭ ئورنىغا SATA ئېغىزى سەپلەنگەن بولىدۇ.


يۇمشاق دىسكا قوزغىتىش ئېغىزى : يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ ئۇچۇن ئىشلىتىدىغان چېتىش ئېغىزى. IDE ئېغىزنىڭ ئەتىراپىغا ئۇرۇنلاشقان بولىدۇ. شەكلى IDE چېتىش ئېغىزىن سەل كىچكرەك بولىدۇ.


COM ئۇلاش ئېغىزى : كۈپۈنچە ئاساسى تاختىلارغا ئىككى دانە COM ئېغىزى سەپلىنىدۇ. ئۇلار COM1 ۋە COM2 دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئۇلارنى ئاساسلىق ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاش شەكىلدىكى كۇنۇپكا تاختا-مائوس ۋە سىرىتتىن چاتىدىغان Modem قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
PS/2 ئۇلاش ئېغىزى : PS/2接 ئېغىزىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى بىر قەدەر كەسىپى بولۇپ، ئادەتتە پەقەت كۇنۇپكا تاختا ۋە مائوسنى چېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


USB ئېغىزى : ھازىرقى ۋاقىتتا ئەڭ مودا بولىۋاتقان چېتىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. USB ئېغىزى ئارقىلىق  ئەڭ كۆپ بولغاندا كومپيوتېرغا  127 دانە ئۈسكۈنىنى بىۋاستە ئۇلىغىلى بولىدۇ.يەنە كىلىپ مۇستەققىل توك تەمىنلىنىدۇ ، ئىشلىتىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭىرى،ئاساسى تاختا USB ئېغىزىغا 500mA مىللى ئامپىر توك ئېقىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۈسكۈنىلەرنى ھەر ۋاقىت USB ئېغىزىغا بىۋاستە چاتقىلى ۋە ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ.USB ئېغىزى بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە يۇقۇرى سۈرئەتلىك ۋە ئاستا سۈرئەتلىك USB ئېغىزلىق ئۈسكۈنىنى زىيارەت قىلالايدۇ.
USB2.0 ئېغىزنىڭ سانلىق مەلۇمات يوللاش تىزلىكى 480Mbps گە يىتىدۇ. لىكىن ھازىر USB2.0 نىڭ تىزلىكىدىن 10 ھەسسە تىز بولغان USB3.0 ئېغىزى ئۇمۇملاشماقتا.
LPT ئېغىزى : ئاساسلىق پىرىنتېر ۋە سىكانېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كومپىيوتېرغا ئۇلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


MIDI ئېغىزى: ئويۇن ئوينايدىغان رول ۋە رەقەملىك كۇنۇپكا تاختىسىنى چېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ ئېغىزغا چاتىدىغان ئۈسكۈنىلەر بازار دا كۆپ ئۇچۇرىمايدۇ.


SATA ئېغىزى: SATA بولسا، يېڭى ئۆلچەمدىكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك قاتتىق دىسكا ئېغىزى بولۇپ،  2001- يىلى ئىلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە ئىقتىدارى يۇقۇرى كۈتۈرلىۋاتىدۇ. يېڭى تىپتىكى ئاساسى تاختىلارنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ خىل ئۆلچەمدىكى قاتتىق دىسكا ئېغىزى ئۇمۇملىشىۋاتىدۇ.



ئاساسى تاختا مەزمۇنى

ئاساسى تاختا مەزمۇنى




2- ئاساسى تاختىنىڭ تۈرى
دۇنيادا بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى چوڭ شىركەت بولۇپ، ئۇلار AMD ۋە ئنتىل intel . بۇ ئىككى خىل بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە چېتىش ئېغىزى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، زاۋۇتلارمۇ بۇ ئىككى خىل بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئاساسەن، ئاساسى تاختىغا AMD ۋە ئنتىلنىڭ ئۈزىكىنى سەپلەپ ئىشلەپ چىقىرىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ.

بۇ ئىككى خىل ئاساسى تاختىدىكى ئەڭ چوڭ ئوخشىماسلىق CPU چېتىش ئېغىزىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرلىرى تۈۋەندىكىچە:



intel ئاساسى تاختىلار
ئىنتىل intel :  Socket386、Socket486、Socket586、Socket686、Socket370 ، 810 ،、815 ، 、Socket478 ، 845 ، 865 .
LGA 775 ئېغىزلىق ؛ 915 ، 945، 965 ،G31 ، P31، G41 ، P41 ، G43 ،P43 ، G45 ، P45 ، X38، X48 قاتارلىقلار
LGA 1156 ئېغىزلىق : H55 ، H57 ، P55،P57 ،Q57 ،
LGA 1155 ئېغىزلىق : H61 ،H67 ،P67،Z68،B75 ،Z75،Z77،H77 .
LGA 1366 ئېغىزلىق : X58
LGA 2011 ئېغىزلىق : X79



AMD ئاساسى تاختىلار
Socket AM2\AM2+ ئېغىزلىق : 760G ،770 ،780G ،785G ،790GX ،
AM3\AM3+ ئېغىزلىق : 870G ، 880G، 890GX ،890FX، 970 ،990X، 990FX،
FM1 ئېغىزلىق :A55 ،A75
FM2 ئېغىزلىق : A55،A75 ،A85





ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىردىغان زاۋۇتلار
ئالدىنقى 1- قاتاردىكى داڭلىق ماركىلىق ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلار :
(1)-华硕 ASUS  خۇاشو :
دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى كىشلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەڭ داڭلىق ماركا ھېسابلىنىدۇ. ASUS ماركىدىكى ئاساسى تاختىلارنىڭ ياسىلىشى ئىنتايىن سىپتا ھەم پۇختا، ئەڭ ياخشى ماتىرىياللار ۋە ئەڭ يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياسىلىدۇ. لىكىن باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى، بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىلار كومپىيوتېرنىڭ سەپلىمىسىگە تەلىپى ئالاھىدە  يۇقۇرى كىشلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بۇلالايدۇ.

(2)- 微星  MSi  ۋېيشىڭ :
مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىش مىقدارى دۇنيادىكى ئالدىنقى بەشنىڭ قاتارىدا تۇرىدىغان بولۇپ، 2009-يىلى شىركەتنى ئىسلاھات قىلغاندىن كىيىن، ۋېيشىڭ ماركىسىدىكى ئالى دەرىجىلىك ئاساسى تاختىلارنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن كۈرىنەرلىك بولدى. بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىلارغا CPU نىڭ ئىسسىقلىقىنى تارقىتىدىغان نەيىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۈپىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى.

(3)- 技嘉  GIGABYTE  جىجيا :
بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىلارنىڭ ئىشلىشى ئىنتايىن مۇقۇم، ئاسان قىززىپ كەتمەيدۇ. كوندېنىساتورلارنىڭ ھەممىسى مۇقۇملاشتۇرۇلغان تىپتىكىسى بولۇپ، ئىشلەش ئۆمۈرى ئۇزۇن.

(4)- 华擎  ASROCK  خۇاچىڭ :
خۇاچىڭ بولسا، ئىلگىرى خۇاشو نىڭ تارماق ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى بولۇپ، ھازىرقى بۈگۈنكى كۈندە ئايرىم ماركا بولۇپ شەكىللەندى. شۇڭا خۇاچىڭ ماركىلىق ئاساسى تاختىلارنىڭ لايىھەسى ياسىلىش ئۇسلۇبى خۇاشو ماركىلىق ئاساسى تاختىلارغا ئوخشاپ كىتىدۇ. ھازىر بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىلارنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىپ چىقىرلىشى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.



2- دەرىجىدىكى ماركىلىق ئاساسى تاختلار :
داڭلىق ماركىلىق ئاساسى تاختىلارنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، لىكىن باھاسى ئالاھىدە يۇقۇرى . شۇڭا باھا جەھەتتىن ئېيتقاندا، تۈەندىكى ماركىلىق ئاساسى تاختىلارمۇ نۇرغۇن كشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بۇلالايدۇ. تۈۋەندىكى ئاساسى تاختىلارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق بۇلۇپلا قالماي، سۈپىتىمۇ ياخشى. نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشكەن ماركىلار ھېسابلىنىدۇ.

(1)-映泰  BIOSTAR  يىڭتەي :
ئىلگىرى ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىردىغان چىمپىيۇن شىركەت دەپ نام ئېلىپ، ئاساسى تاختا ساھەسىدە دۇنيا رىكورتىنى بۇزىۋەتكەن شىركەت. يېڭىدىن ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىردىغان شىركەتلەرنىڭ كۈپىيشىگە ئەگىشىپ، بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىلار 2- دەرىجىلىك ئاساسى تاختا قاتارىغا چۈشۈپ قالغان بولسىىمۇ لىكىن بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىلار يەنىلا نۇغۇن كىشلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتىدۇ.

(2)- 磐正  SUPoX  پەنجېڭ :
ئەسلى ئاتىلىشى 磐英 پەنيىڭ بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسمى باشقىلار تەرپىدىن ئەنگە ئېلىنىۋالغان بولغاچقا، پەنجېڭ دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن. بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىنىڭ باھاسى بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇپ، كومپىيوتېر قۇراشتۇردىغانلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

(3)- 富士康 FOXCONN   فۇشىكاڭ :
تەيۋەن 鸿海 خوڭخەي گوروھىغا تەۋە بولۇپ، ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىرىشتا دۇنيا بۇيىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ شىركەت . ھازىر بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان بولۇپ، خوڭخەي گوروھىنىڭ ئەمەلى كۈچىدىن قارىغاندا، بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئىتايىن چوڭ ئىستقبالى بار.

(4)-精英  ECS  جىڭ يىڭ :
مەھسۇلاتنىڭ سېتىپ چىقىرلىشى جەھەتتە، ئىلگىرى خۇاشو نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بىر مەزگىل بىرىنچى بولۇپ ماڭغان. لىكىن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈۋەن باھالىق ئاساسى تاختىلارنى ئىشلەشنى ئاساس قىلغاچقا، ئۈزىنىڭ ئورنىنى تارىتقۇزۇپ قويغان. لىكىن ھازىر جىڭ يىڭ قائىدىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقۇرى دەرىجىدىكى ، ETREME تۈردىكى ئاساسى تاختىلارنى بازارغا سالدى. بۇ ماركىدىكى ئاساسى تاختىلارنىڭ سۈپىتىمۇ ئوخشاشلا ياخشى.

(5)- 英特尔 Intel ئىنتىل :
بۇ ماركىنىڭ دۇنيادىكى ئىناۋىتى ئەلۋەتتە خۇاشو دىنمۇ يۇقۇرى، لىكىن ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىرىش جەھەتتە، ئىنتىل ئاساسلىق باشقا زاۋۇتلارغا زاكاس قىلىدۇ. ئىنتىلنىڭ ئاساسى تاختىلىرنى فۇشىكاڭ شىركىتى ۋاكالىتەن ئىشلەپ چىقىرىدۇ.



3- دەرىجىدىكى ماركىلىق ئاساسى تاختىلار :

(1)- 盈通 YESTON  يىڭ توڭ
(2)- 隽星 جۈن شىڭ
(3)- 倍嘉 APER بېيجىيا
(4)- 硕泰克 SOLTEK شو تەيكې
(5)- 捷波  JETWAY  جيې بو
(6)-顶星 TOPSTAR  دىڭ شىڭ
(7)- 翔升 ASZ   شىياڭ شىڭ





باشقا ماركىدىكى ئاساسى تاختىلار :
:JCG、金辰光、七彩虹、斯巴达克、双敏、昂达、梅捷、美达、奥美嘉、祺祥、建达兰德、蓝科、同维、钛腾、双捷、三帝、建邦、红船、众成、致达、智盟、联冠、杰灵、科脑、冠盟、科盟、万邦龙、维斯达、捷嘉、华基、华美、天虹、丰威、红狐、银狐、翼驰、联胜、杰微、双硕、中凌、福扬、思普、博达、松立、辉煌、天域、赛风、致铭 قاتارلىقلار. ئاساسى تاختا ئىشلەپ چىقىردىغان زاۋۇتلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ،تۈرلىرىمۇ تۇلۇق. تېخىمۇ كۆپ ئاساسى تاختىلارنىڭ ماتىرىيالىنى توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.



ئاساسى تاختىلارنىڭ ماركىسى ۋە تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. ئاساسى تاختا كومپىيوتېرنىڭ پۈتكۈل ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، چۇقۇم ياخشىسىنى تاللاش كىرەك. لىكىن داڭلىق ماركىدىكى، يۇقۇرى باھادىكى ئاساسى تاختىلارنىڭ ئەڭ ياخشى چىقىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى بولسىمۇ، لىكىن باھاسى ئىنتايىن يۇقۇرى، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ياكى ئادەتتىكى ماركىلىق ئاساسى تاختىلارمۇ ئائىللەردە ۋە خىزمەت ئىشلىرىدا سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن تامامەن چىقالايدۇ. يەنە كىلىپ داڭلىق ماركىلىق ئاساسى تاختىلار بىلەن ئادەتتىكى ماركىلىق ئاساسى  تاختلارنىڭ باھاسى ئاسمان-زېمىن پەرىق قىلغان بىلەن، سۈپەت كاپالىتى جەھەتتە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۈچ يىللىق سۈپەت كاپالىتى بار.
شۇڭا قانداق كومپيوتېر سېتىۋېلىشنى ئويلىشىشتىن بۇرۇن، سېتىۋالماقچى بولغان كومپىيوتېرنى نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى ياخشى ئويلىشىۋېلىپ، ئىشلىتىش دائىرىسىگە ئاساسەن ئاندىن كومپيوتېرنىڭ قانداق سەپلىمىدىكىنى سېتىۋېلىشمىز كىرەكلىنى مۇقۇملاشتۇرشىمىز كىرەك.
كۈندىلىك تۇمۇشتىكى ئادەتتىكى تورغا چىقىش،كىنو كۈرۈش، ئانچە-مۇنچە ئۇيۇن ئويناش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان كومپىيوتېرلارنى ،ئەڭ يۇقۇرى باھادىكى، ئەڭ يۇقۇرى سەپلىملىك قىلىپ قىلىپ قۇراشتۇرىۋالسىڭىز، بۇ يەنىلا ئىسراپچىلىق بولىدۇ.چۈنكى سىز ئالاھىدە چوڭ تىپتكى ئويۇنلارنى ئويناش ياكى كومپىيوتېرنىڭ سەپلىمسىىگە بولغان تەلەپ يۇقۇرى بولغان خىزمەتلەرنى قىلمىسىڭىزلا، كومپىيوتېرنىڭ ئارتۇقچە ئىقتىدارىدىن مەڭگۈ پايدىلىنالماي ئۈتۈپ كىتىسىز.
تور بىكتىمىزدە سېتىۋاتقان ئاساسى تاختىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈچ يىللىق سۈپەت كاپالىتى بار بولۇپ،ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىپ،سىناقتىن ئۆتكەن،كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرشىغا ئېرىشكەن.شۇڭا ئۈزىڭىزگە ماس كەلگەنلىرى بولسا خاتىرجەم سېتىۋېلىڭ،ياكى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن توربىكەت مۇلازىمەت تىلفۇنىغا تىلفۇن ئۇرۇش ئارقىلىق مەسلەھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
未标题-2副本.jpg









ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 100 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 100   باھا خاتىرىسى

123 ئونىۋېرىسال سودا تور بىكىتى كەڭ تورداشلارنى قىزغىن

35

تېما

25

دوست

2031

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

مىللىتىم ئۈچۈن تىرشىمەن

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
376
توردا
794 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:06:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
لاالەالااللە
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

1

دوست

328

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
127
توردا
37 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:25:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سودا-سېتىقنىڭ ھەلەكچىلىكىدە مۇشۇنداق ياخشى توربەتلەرنى ئۇقماي يۈرۈپتۇق، بۇنداق توربەتلەرنى چۇقۇم كۈچىمىزنىڭ بارىچە قوللىمساق بولمايدۇ، ئاللاھ خالىسا، ۋاقىت چىقىرىپ تېخىمۇ كۆپ تىمىلارنى يوللاپ تۇرىمەن.
123 ئونىۋېرىسال سودا تور بىكىتى كەڭ تورداشلارنى قىزغىن

1

تېما

14

دوست

5533

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

ئاقچا
3
جۇغلانما
306
توردا
3246 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتسىزگە!
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

265

تېما

39

دوست

37 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
3493
جۇغلانما
182145
توردا
8544 سائەت
نادىر
22

تۆھپە ئوردېنى ئىشەنچ ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:44:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
329297650 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 11:25
سودا-سېتىقنىڭ ھەلەكچىلىكىدە مۇشۇنداق ياخشى توربەتلەر ...

بۇ تېمىنى ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز قاتتىق دېتال ھەققىدە تەجىربىڭىز كۆپكەن. كومپىيۇتېر سودىسى بىلەن شوغۇللىندىغان ئادەم مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە بولسا سودىسىمۇ روناق تاپىدۇ.
مەن خېلى كۆپ سودىگەرلەرنى كۆرگەن پالانى تىپتىكى ئاساسى تاختا بارمۇ دېسە دۇدۇقلاپ، ماندىقى ياخشى، سىز دېگىنى ساختا دەپ ياندىكى خەننىڭ دۇكىندىن ئاچىقىپ بىردىغان.
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

14

تېما

17

دوست

4234

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
0
جۇغلانما
275
توردا
3201 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:46:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىمكەن رەھمەت

14

تېما

17

دوست

4234

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
0
جۇغلانما
275
توردا
3201 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:51:32 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 11:44
بۇ تېمىنى ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز قاتتىق دېتال ھەققى ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىپ ئەپەندى ئالىپ مۇنبىرىگە يانفۇندا چىققاندا يېڭى تېمىلارنى ساقلىيالمىدىم يا مەن قىلالمىدىممۇ

1

تېما

5

دوست

602

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
60
توردا
116 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:16:01 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتمە  نامەرت كۆۋركىدىن سۇ سىنى ئاقتۇرسىمۇ  يىمە نامەر

8

تېما

6

دوست

3185

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
1
جۇغلانما
202
توردا
2000 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:30:10 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتىرنى ئىشلەتكەن بىلەن بىلمەيدىغانلىرىم يەنىلا كۆپكەن. تىمىڭىزدىن ئاز -تولا چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋالدىم. رەھمەت.

1

تېما

0

دوست

162

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
48
توردا
41 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 13:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ . ھارمىغايسىز !!
سودا-سېتىق دىگەننى مۇشۇ توربەتتىمۇ قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ !!

20

تېما

45

دوست

3037

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

باشلىق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
13
جۇغلانما
683
توردا
721 سائەت
نادىر
0

تۆھپە ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 13:19:21 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بۇ تېمىڭىز رەمەتلىك كومپىيۇتىرمىنىڭ نەۋقىران چاغلىرىنى ئەسلىتىپ قويدى.مەن گىگابىيتنىڭ g41 ئىشلەتكەن يامان نوچى .

1

تېما

1

دوست

328

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
127
توردا
37 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 14:04:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 11:44
بۇ تېمىنى ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز قاتتىق دېتال ھەققى ...

تۇنجى قېتىم تىما يوللىشىم، تەستىقلامۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام، تەۋسىيەلىك تەستىقلاپسىلە، سىلەرگىمۇ كۆپ رەخمەت.....
123 ئونىۋېرىسال سودا تور بىكىتى كەڭ تورداشلارنى قىزغىن

8

تېما

11

دوست

666

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

قۇغدۇغۇچى√ HDSTN

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
4
توردا
323 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 14:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ياخشى بېلىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1 )

GMT+8, 2014-3-27 05:59 , Processed in 0.144608 second(s), 40 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش