ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 242|ئىنكاس: 0

ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتىدىن خۇلاسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
240
ئاقچا
60
توردا
23 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-23
نادىر
1
تېما
18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 11:18:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
«تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» 12-ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، مەقسەت 24 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلەش باھانىسىدا تورداشلارغا ئەيدىز بىلىملىرىنى تارقىتىش ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىزدىنىش، مىسرانىم، تەڭرىتاغ، كروران، گۈدۈك ... قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەر پائالىيەت تەشۋىقاتى ئۈچۈن يېتەرلىك سورۇن ھازىرلاپ بەردى. 12- ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى «ئەتىگەنلىك خەۋەر» پروگراممىسىدا مۇخبىر مۇرادىلجان ئىشلىگەن «ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچە شەكىلدە خاتىرلىمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋىرىنى ئاڭلاتتى ۋە خەۋەر جەريانىدا ئەلداۋا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى يۈكسەل ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.



1. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالى
مەزكۇر پائالىيەت 12-ئاينىڭ  5 - كۈنىگىچە ئۇدا 5 كۈن داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا جەمئىي 263 نەپەر تورداش پائالىيەتكە قاتنىشىپ، 50 پارچە  زېھىن سىناش سوئالىنى تولۇق ئىشلەپ تاپشۇردى. تورداشلار ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى نومۇر 96، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 24، ئوتتۇرىچە نومۇر 65.23 بولدى؛ ئېرىشكەن نومۇرى 90 دىن يۇقىرى بولغانلار 7 نەپەر، 85 دىن يۇقىرى بولغانلار 23 نەپەر، 80 دىن يۇقىرى بولغانلار 49 نەپەر، 60 دىن يۇقىرى بولغانلار 204 نەپەر، 60 دىن تۆۋەن بولغانلار  59 نەپەر بولدى.
2. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئانالىزى
بىرىنچى، تورداشلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، پوزىتسىيىسى ئاكتىپ ئىكەن. بۇ قېتىملىق پائالىيەت گەرچە تۇنجى قېتىم تەشكىللەنگەن، تەشۋىقات خىزمىتى يېتەرلىك ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، 263 نەپەر تورداشنىڭ 50 پارچە سۇئالنى ئېرىنمەي، ئەستايىدىل ئىشلەپ چىقىشى بىزنى سۆيۈندۈردى ۋە بىزگە زور ئىلھام-مەدەت بولدى.
ئىككىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇپ، %77 تورداش 60 نومۇردىن ھالقىغان. %23 تورداش لاياقەتسىز بولغان. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەيدىز بىلىملىرىگە پىششىق تورداشلارنىڭ سانى يەنىلا ئاز، چىقىرىلغان سوئاللار ئەيدىزگە ئائىت بىلمىسە بولمايدىغان، ئەڭ ئاددىي ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەرگە ئائىت بولۇپ، پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بويىچە مۇكاپات ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان 90 نومۇردىن ھالقىغان تورداش ئاران 7 نەپەر؛ زور كۆپ ساندىكى تورداشلار 60 دىن 80 گىچە نومۇرغا ئېرىشكەن.
ئۈچىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىغا بولغان ئېتىبار بېرىشى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. كۆپىنچە تورداشلار ئەيدىز يۇقۇمىغا ئائىت سوئاللاردا كەتكۈزۈپ قويغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئانچە زەڭ قويمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھالبۇكى، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەر بىر كىشىنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك ۋە بىلىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.
تۆتىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىغا بولغان چۈشەنچىسى ئانچە روشەن ئەمەس ئىكەن. كۆپ ساندىكى تورداشلار ئەيدىزنىڭ قان، مەنىي، ئانىدىن بالىغا تارقىلىش يولى ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە، يەنى ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن نورمال بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلىپ كېتەلمىگەن ياكى جەزىم قىلالمىغان. ئاز ساندىكى تورداشلار ھەتتا پاشا چاقسىمۇ ئەيدىز يۇقىدۇ، دەپ قارىغان.
بەشىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمىستمەسلىك ھەققىدىكى تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. خېلى ساندىكى تورداشلار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا بولغان مۇئامىلە سۇئالىدا كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان جاۋابلارنى تاللىغان. ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابلىرىدىن ئۇلاردا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.


3. مۇكاپاتلاش توغرىسىدا
پائالىيەت ئۇقتۇرۇشىدا، نومۇرى 90 دىن ھالقىغان 20 نەپەر تورداشقا ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى ھەر بىر تورداش ئۈچۈن 50 يۈەن تېلېفون سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات بەرمەكچى ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىم 90 دىن ئاشقان تورداش ئاران 7 نەپەر بولۇپ، كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقماي قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئەلداۋا شىركىتى تورداشلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نومۇرى 85 دىن ھالقىغان 23 نەپەر تورداشنىڭ ھەربىرىنى 50 يۈەنلىك سۆزلىشىش ھەققى بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى. مۇكاپات بۈگۈندىن ئېتىبارەن 3 كۈن ئىچىدە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولىنىدۇ. يۇقىرىقى 23 نەپەر تورداش بىلەن ئالاقىلىشىشقا شىركىتىمىز مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
4. خۇلاسە
مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشلىرى يەنىلا يېتەرسىز، بەزى ئايرىم نۇقتىلاردا تەشۋىشلىك ئەھۋالدا. شۇ ۋەجىدىن، ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات- تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كېڭەيتىش يەنىلا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى جەمئىيەت ۋە تورداشلار ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان كەسپىي ساغلاملىق تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىم-ئۇچۇرلارنى كەڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلغۇسى!
قىسقىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەشكىللىگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى»  كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتراك ئېتىشى، ئىزدىنىش، مىسرانىم، تەڭرىتاغ، كروران، گۈدۈك ... قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتكە  قىزغىن قاتناشقان بارلىق تورداشلار ۋە قوللىغان تور بېكەتلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! ئۇشبۇ پائالىيەتنى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەش ئۈچۈن بىزگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان ئىسكەندەر جېلىل كۆكتاش، ماھىنۇر سادىق كروران، ئابلىز مۇھەممەد (پامىر تور تېخنىكا شىركىتى) لەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز!

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى

---------------------------------------------------------------------------

«تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» نىڭ سۇئاللىرى ۋە ئۆلچەملىك جاۋابى بۇ يەردە! كۆرۈپ قويۇڭ!

  http://news.eldawa.com/quick/2011/1205/1363.html

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 05:00 , Processed in 0.105250 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش