كۆرۈش: 206|ئىنكاس: 0

تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى (مۇكاپات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
65
جۇغلانما
229
توردا
20 سائەت
نادىر
1
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 18:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

    بۈگۈن 12 – ئاينىڭ 1- كۈنى، 24- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدۇر. بۈگۈنكى دۇنياۋىي شۇئارىمىز «0 ئەيدىز ئۈچۈن ئالغا!» . يەنى، يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمىنى 0 گە، ئەيدىز تۈپەيلى قازا قىلغۇچىلار سانىنى 0 گە، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشنى 0 گە يۈزلەندۈرۇش ئۈچۈن بارچە جەمئىيەت ئورتاق كۈرەش قىلىشتۇر!


    «ئەسىر ۋاباسى» دېگەن نام بىلەن كۆڭۈللەرنى شۈركەندۈرگۈچى ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا ئاللىقاچان مىليونلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىنسانىيەت ئەيدىز خىرس قىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشىپ كەلدى. ئەمما ھازىرغىچە، نە ئەيدىزنىڭ شىپاسى، نە ئەيدىزنىڭ ۋاكسىنىسى يوق. دىيارىمىز جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان رايون. شۇ تاپتا، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئەڭ كەسكىن خىرسىغا دۇچ كەلمەكتە. بىزدە «ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلگەن قايسى جەڭدە يېڭىلگەن؟» دېگەن گەپ بار. دەرھەقىقەت! ئەيدىز ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى يەنىلا ئۇنى بىلىش، ئۇنى چۈشىنىش، شۇ ئارقىلىق ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈشتۇر.
    ئەلداۋا ساغلاملىق تورى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچىراق خاتىرىلەش، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى ئەيدىز مەسىلىسىگە بۇراش ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تور دۇنياسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» نى ئۇيۇشتۇردى.
پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى:
1. ئورنى: ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى «ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» مەخسۇس بېتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قېنى ئەمىسە مەنبە بۇ يەردە: http://test.eldawa.com/

2.  ۋاقتى: پائالىيەت 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدۇ. 12 – ئاينىڭ 5- كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ، تېگىشلىك مۇكاپات ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
3. سوئال شەكلى: ئەيدىز ساۋاتلىرىغا دائىر جەمئىي 50 پارچە يەككە تاللاش سۇئالى بولۇپ، بېرىلگەن جاۋابنىڭ پەقەت بىرىلا توغرا. تورداشلار توغرا دەپ قارىغان جاۋابنى تاللاپ، ئەڭ ئاخىرىدا سوئال ئىشلەشنى تاماملاپ جاۋابنى تاپشۇرسا بولىدۇ. جاۋاب تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن سىستېما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاپتوماتىك نومۇر قويۇپ بېرىدۇ.
4. مۇكاپاتلاش: مەزكۇر سۇئالنى تولۇق ئىشلەپ نومۇرى 90 دىن يۇقىرى بولغان تورداشلار ئارىسىدىن، سوئال ئىشلىگەن ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپى ۋە نومۇرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك قاتارى بويىچە 20 نەپەر تورداش تاللاپ چىقىلىپ، ھەربىر ماھىر ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم 50 يۈەندىن سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:
    تورداشلار سۇئالنى ئىشلەشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئىسمى ياكى تور ئىسمىنى، ئىشلىتىۋاتقان يانفون نومۇرىنى مۇناسىپ رامكىغا توغرا تولدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، ئاخىرقى مۇكاپات يانفون نومۇرىغا ئاساسەن نەقلىشىدىغان بولغاچقا، يانفون نومۇرى چوقۇم چىن، توغرا بولۇشى كېرەك (سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئەلداۋا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى قەتئىي ساقلايدۇ) . نومۇر توغرا بولماسلىق تۈپەيلى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشكە ئىمكان بولمىسا، بۇ ئىشقا ئەلداۋا ساغلاملىق تورى مەسئۇل بولمايدۇ.
    ئاخىرىدا، گەرچە مۇكاپاتلىنىدىغانلار ۋە مۇكاپات سومما سانىنىڭ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، تورداشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتراك قىلىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىمىنى بىر دەڭسەپ كۆرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.


ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 - كۈنى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.064069 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 03:39

چوققىغا قايتىش