كۆرۈش: 419|ئىنكاس: 6

روھلان تور بېكىتى ماركىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
8
جۇغلانما
53
توردا
6 سائەت
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 12:29:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان تور بېكىتى ماركىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى
روھلان تور بېكىتى قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان تور بېكەتنىڭ مەزمۇنىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، روھلان تور بېكىتىنىڭ ماركىسى ۋە تور بېكەت قۇرۇلمىسى سۈپىتى ۋە ئېلان تەشۋىقاتىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەن ئىدۇق، 3 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا مىللى مائارىپىمىز ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ ، بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردۇق، نۇرغۇنلغان تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇق، بۇ جەرياندا بىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن تورداشلار ۋە ھەر قايسى تور بېكەتلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .
بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىگە يارىشا ماركىسى بولغىنىدەك، بىر تور بېكەتنىڭمۇ ماركىسى بولۇشى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بىز ماركا لايىھەلەش ئىشلىرىدا پىشقان تۇغلان لايىھەلەش سىتودىيسىگە روھلان تور بېكىتىنىڭ خاس ماركىسىنى لايىھەلەتتۇق .

تۆۋەندىكىسى روھلان تور بېكىتى بۇندىن كېيىن ئىشلىتىدىغان تور بېكەت تۇغى:



روھلان تور بېكىتىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان تور بېكەت ۋە بلوگگىرلارنىڭ ئۆز بېكىتىدىكى بېكىتىمىزنىڭ تۇغىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز .

تۆۋەندىكىسى روھلان تور بېكىتى بۇندىن كېيىن ئىشلىتىدىغان ماركا كۆرۈنىشى .



تۆۋەندىكىسى روھلان تور بېكىتى بۇندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئىشلىتىدىغان تور بېكەت نامى



ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ بۇ ماركا لايىھەسى ۋە بېكەت نامىنىڭ يېزىلىشىنى ئوخشىتىپ ئىشلەتمەسلىكىنى، ئۆزگەرتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمىز، بۇ ماركا دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلدى .

ماركىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىگەن مەنىسى ھەققىدە

روھلان سۆزىنىڭ مەنىسى :  جانلان ، كۆتۈرەڭگە روھلۇق بول ، غەيرەتلىك بول ، ئالغا باس ، گۈللەن . . .
روھلان : كومپيۇتېر ساھەسى ۋە تور بېكەت قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ ماركىنى لايىھەلەشتە مەزمۇن ۋە شەكىلنى ياخشى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىي تۈپ مەقسەت قىلىنغان .
(1) روھلان ماركىسى ئومومىي شەكىل جەھەتتىن روھلان دىگەن خەتنىڭ لاتىنچە ، ئۇيغۇرچە يېزىلىشى ، خەتنى ئوراپ تۇرغان بىر ياي سىزىق ۋە ئاددى شەكىلدىكى بىر بۈركۈت قاتارلىقلار سەل ئوڭغا قىيپاش ھالدا ئۇستىلىق بىلەن بىرىككەن .
(2)  روھلان دىگەن خەتنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى ئۆلچەملىك ھالەتتە يېزىلغان بولۇپ ، ناھايىتى چوڭ سۈپەت ، ئۈستىدىكى ياي سىزىق يەر شارىغا ۋەكىللىك قىلىنغان  ، ھىچقانداق مۇبالىغىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلمىغان، ماركا روھلاننىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك كەسىپ ۋە مۇلازىمىتىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كەڭ دائىرىلىك ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە نىشانىنى ئەكىسى ئەتتۈرگەن .
(3) ماركىنىڭ ئۈستىدە ئاددى ھالەتتىكى بۈركۈت شەكلى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، روھلاننىڭ لاتىنچە يېزىلىشىنىڭ باش ھەرىپى «r» نىڭ سەنئەتلىك ئۆزگەرتىلىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن . بۈركۈت ناھايىتى قەيسەر ، روھلۇق ، چىدامچانلىقى كۈچلۈك ھەم ئۆتكۈر كۆزلۈك قۇش بولۇپ ، ئومومىي شەكىل باشتىن ئاخىرى ئوڭغا قىيپاش ھالدا ئالدىغا ئىنتىلىپ ، يىڭىلىق يارىتىش ، تەرەققىي قىلىش نىشانىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن .
(4) روھلاننىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى ۋە لاتىنچە يېزىلىشى كۆرۈش سېزىم جەھەتتىن بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ مۇقۇم ھالدا تەڭ قەدەمدە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ئىپادىلىگەن .
(5) روھلان ماركىسى يۇقۇرى پەن تېخنىكا ، يېڭىلىق يارىتىش ، ئالغان ئىنتىلىش ، ئىغىر بىسىقلىق ، ئىلىم - مەرىپەت ۋە يىراق كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان كۆك رەڭدىن ،  قىزىل رەڭدىكى قىزغىنلىق ، سىرىق رەڭدىكى يورۇقلۇق ۋە تىتىك ، جانلىقلىق روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئاپسىلىن رەڭدىن تۈزۈلگەن .

ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ قوۋۋەتلىگەن بارلىق تورداشلارغا ۋە تور بېكەتلەرگە ئالاھىدە  رەھھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .

ھۆرمەت بىلەن: روھلان تور بېكىتى
2011-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى



Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
15
جۇغلانما
46
توردا
55 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 15:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلۇقلايمىز.

Rank: 2

ئاقچا
7
جۇغلانما
24
توردا
1 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 16:24:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماركا خاراكتىرگىمۇ ماس كېلىپتۇ . 88-31 لىك تۇغنىمۇ مۇشۇنىڭغا ماس قىلسا قانداق بولار؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
40
جۇغلانما
237
توردا
126 سائەت
نادىر
0
تېما
23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 20:38:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان دېگەن ئۇيغۇرچە خەتنى تەتۇر يازغىنىڭىزنىڭ مەنىسى نىمىدۇ ؟ ياكى مەن خاتا كۈرىۋالدىممۇ ؟

Rank: 2

ئاقچا
8
جۇغلانما
53
توردا
6 سائەت
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 23:24:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lost يوللىغان ۋاقتى  2011-11-27 20:38
روھلان دېگەن ئۇيغۇرچە خەتنى تەتۇر يازغىنىڭىزنىڭ مەنىس ...

تەتۈر دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتقىنڭزنى بىلەلمىدىم؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
40
جۇغلانما
237
توردا
126 سائەت
نادىر
0
تېما
23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 09:00:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Rohlan يوللىغان ۋاقتى  2011-11-27 23:24
تەتۈر دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتقىنڭزنى بىلەلمىدىم؟

ئەمدى ئوڭشۇلۇپتۇ ، تور كۆرگۈنىڭ ئىشى ئىكەن ، تۈنۈگۈن يانفۇندا چىققان ئىدىم ، ھەممە رەسىم تەتۇر بوپ چىققان ، بۈگۈن قارىسام ئوڭشىلىپ قاپتۇ ، ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭلار

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
1
توردا
17 سائەت
نادىر
0
تېما
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 21:01:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا يەنە كيىن قاپتىمەن ئەمەسمۇ.مۇبارەك بولسۇن.بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.073482 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 13:22

چوققىغا قايتىش