ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 537|ئىنكاس: 4

بارماق دېسكا ئارقىلىق WIN7 قاچىلاش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
19
ئاقچا
10
توردا
40 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-9
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 10:09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى ئىلگىرى قۇتيارغا يوللىغان ئىدىم، كۆپچىلىككە پايدىسى بولۇپ قالار دەپ ئويلاپ ، مەزكۇر مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

مەن تۆۋەندە سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇسۇل يەنى بارماق دىسكا ئارقىلىق win 7 نى قاچىلاش
ئارتۇقچىلىقى : توردىن خالىغانچە چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز، دېسكىغا ئويۇش ھاجەتسىز، تېز قاچىلىدۇ. قىسقىسى سىزگە سىستىما قاچىلاشقا كېتىدىغان ۋاقتىڭىزنى تىجەپ بېرىدۇ.
كىېتەرلىك ئۈسكىنە ماتىرىيال ۋە شارائىت:
1.بىردانە بارماق دېسكا (سىغىمى ئەڭ ئاز بولغاندا 64 مىگابايت) ،ئەگەر win7نىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنىمۇ بارماق دېسكىغا قويسىڭىز ئۇنداقتابارماق دېسكىڭىزنىڭ سىغىمى 3Gئەتراپىدا بولۇشى كېرەك.
2.winpe مىكرو سىستېمىنىڭ قاچىلاش ھۆججىتى (تۆۋەندە چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەندى)
3.win7 نىڭ مەۋھۇم دېسكا ھۆججىتى (تۆۋەندە چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەندى) ، كىڭەيتىلگەن چوقۇم نامى iso بولغان بولۇشى كېرەك.
3.كومپيۇتېرىڭىز بارماق دېسكىدىن قوزغىلالىشى كېرەك .

دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى ، مىنىڭ سىلەرگە تونۇشتۇرغىنىم ساپ نۇسخىدىكى win7نى قاچىلاش بولۇپ، ghostنۇسخىدىكىنى قاچىلاش بىلەن پەرقى بار.
دېققەت:مەن بۇ ئۇسۇلنى ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىمدا ۋە باشقا بىرنەچچە كومپيۇتېردا سىناق قىلغان ، مۇتلەق ئىشەنچىلىك، ئەمما قاچىلاش جەريانىدا ئۆزىڭىز مەشغۇلاتنى خاتا قىلىپ ھەرقانداق زىيانغا ئۇچرىسىڭىز بۇنىڭغا مەن ئىگە ئەمەس!!!!!!!!! شۇڭلاشقا قاچىلاشتىن ئىلگىرى تېمىنى بىرقانچە قىتىم تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!!!!!!!!!

WINPEنى چۈشۈرۈش

WIN7نىڭ مەۋھۇم دېسكا ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش 


ئۈستىدىكى ئۈسىكىنە ماتىرىيال ۋە شارائىتلار تەييار بولغاندىن كىيىن ئىشنى باشلايمىز:
1.باسقۇچ: winpe نى بارماق دېسكىغا قاچىلاش يەنى قوزغاتقۇچ دېسكا ياساش.

 1) ئالدى بىلەن ئالدىن تەييارلىۋالغان بارماق دېسكىنى كومپيۇتېرغا چاتىمىز(ھەمدە كومپيۇتېرىمنى ئىچىپ بارماق دېسكىمىزنىڭ رايون بەلگىسىنى كۆرۈۋالىمىز).

2) ئاندىن چۈشۈرۈپ تەييار قىلىۋالغان WinPE نىڭ پىرىس ھۆججىتىنى ئېچىپ قاچىلاش ھۆججىتى(Top_PE_V1.9.5.exe) نى قوش چىكىپ قوزغىتىمىز. بۇۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ :



بۇنىڭدىن كىيىنكى قەدەم كونۇپكىسى (下一步)نى باسىمىز ، بۇۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:


بۇنىڭدىن بارماق دېسكىغا قاچىلاش (安装到U盘) دېگەن تۈرنى تاللىغاندىن كېېيىن كېيىنكى قەدەم كونۇپكىسى(下一步) نى باسىمىز، بۇۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:


بۇكۆزنەكنىڭ قىزىل بويالغان يېرىدىكى سىرىلما تالچىنى چېكىپ بارماق دېسكىنىڭ رايون بەلگىسىنى تاللاپ(مىنىڭكى kرايون بولغاچقا kنى تاللىدىم )، سىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، كېيىكى قەدەم كونۇپكىسى (下一步) نى باسىمىز بۇۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:


بۇ كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى بارماق دېسكىنى تاللاش (选择U盘设备) دىن بارماق دېسكىنى تاللغاندىن كىيىن باشقا جايلىرىنى ئۆزگەتمەستىن باشلاش(开始) كونۇپكىسىنى باسىمىز(دېققەت: باشلاش كونۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئەگەر بارماق دېسكىدا مۇھىم ماتىياللىرىڭىز بولسا كومپىيۇتېرىڭزغا كۆچۈرۈۋىلىڭ ، بولمىسا بارماق دېسكىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر يۇيۇلۇپ كېتىدۇ)، بۇۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:



يەنى بارماق دېسكىنى راستىنلا فورماتلامسىز دېگەن كۆزنەك چىقىدۇ ،بارماق دېسكىدا مۇھىم ماتىرىياللار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئۈستىدىكى كۆزنەكتىن ھەئە (是) كونۇپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:



يەنى بارماق دېسكىنى فورماتلاۋاتىدۇ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 3~2 (بارماق دېسكىنىڭ سىغىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك )مېنىۇت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا باشقا مەشغۇلات قىلماي سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلايمىز. فورماتلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن مۇقىملاشتۇرۇش (确定) كونۇپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇ كۆزنەكتىكى ماگىنىتلىق دېسكا (磁盘) دېگەن تۈرنىڭ يىنىدىكى سىرىلما تالچىنى سىرىپ بارماق دېسكىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن كۆزنەكنىڭ باشقا يەرلىرىگە چېقىلماستىن قاچىلاش (安装) كونۇپكىسىنى باسىمىز ، بۇۋاقىتتا تۆۋەنىكىدەك DOS كۆزنىكى چىقىدۇ :



بۇۋاقىتتا بىز خالىغان كونۇپكىنى( مەسىلەن :Enter) كونۇپكىسىنى باسساق كۆزنىك بىر چاقناپلا يوقاپ كىتىپ ، قاچىلاش كۆزنىكىگە قايتىپ كىلىدۇ، يەنى تۆۋەندىكى كۆزنەك:


بۇۋاقىتتا كۆزنەكنىڭ ھېچيىرىگە چېقىلمايلا تاقاش(关闭) كونۇپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:



بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



يەنى قاچىلاش تاماملانغانلىق كۆزنىكى بولۇپ، بۇ كۆزنەكتىن(完成) تامام كونۇپكىسىنى بېسىپ ئاخخرلاشتۇرىمىز.


دېمەك بىز winpe مېكرو سىتېمىسىنى بارماق دېسكىغا قاچىلاپ بولدۇق دېگەن گەپ .

2.باسقۇچ: يەنى بايا تەييار قىلىۋالغان قوزغاتقۇچ دېسكا ئارقىلىق win7 نى قاچىلاش .

بۇباسقۇچنى باشلاشتىن بۇرۇن سېستىما قاچىلىمىقچى بولغان بولغان دېسكا رايونىنى NTFSشەكىلدە فورماتلىۋىتىڭ، بولمىسا قاچىلاش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.

بايا تەييار قىلىۋالغان winpe نىڭ قوزغاتقۇچ بارماق دېسكىسىنى كومپۇتېرغا چېتىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز، ھەمدە bios قا كىرىپ كومپيۇتېرنى بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ ، كومپيۇتېرنى بارماق دېسكىدىن قوزغىتىمىز . نورمال قوزغالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ:



ئۈستىدىكى كۆزنەكتىن مەۋھۇم دېسكا قوزغاتقۇچ(vdm虚拟光驱) نى قوزغىتىمىز، تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن يۈكلەش(装载) نى بىاسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدى كۆزيۈگۈرتۈش (浏览)نى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن ئۆزىمىز چۈشۈرۈپ تەييار قىلىۋالغان win7 نىڭ مەۋھۇم دىسكىسىنى تاللاىغاندىن كىيىن ئېچىش (打开)كونۇپكىسىنى باسىمىز، تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن مۇقىملاشتۇرۇش(确定) نى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن كۆزنەكنىڭ ئەڭ كىچىك ھالەتكە ئەكىلىش كونۇپكىسى(最小化) نى بېسىپ پەسكە چۈشۈرۈپ قويۇپ(دېققەت: چىكىنىش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولمايدۇ ) ، ئۈستەل يۈزىگە قايتىپ كىلىمىز ، ئاندىن ئۈستەل يۈزىدىكى win7 安装器 نى قوش چىكىپ قوزغىتىمىز، بۇۋاقىتتا تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



خالىغان كونۇپكىنى ئىككى قىتىم باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن بىز بايا پەسكە چۈشۈرۈپ قويغان مەۋھۇم دېسكا قوزغاتقۇچنى تاللىساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن sources دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنى تاللىساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن install.wim دېگەن ھۆججەتنى تاللاپ ، ئېچىش كونۇپكىسى (打开)نى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇ كۆزنەكتىنwin7 نىڭ بىز قاچىلىماقچى بولغان نەشىردىكىسىنى تاللايمىز (يەنى ئائىلە نەشىرى، شەخىسلەر نەشىرى، بايراقدار نەشىرى.. دېگەندەك ، مەن بايراقدار نەشىرى 旗舰版 ultimate نى قاچىلاشنى مىسال ئالغان بولغاچقا ،5رەقىمىنى كىرگۈزدۈم ) كونۇپكا تاختىسىدىن 5 رەقىمىنى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



مۇقىملاش كونۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز، تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



بۇنىڭدىن سېستىمىن قاچىلىماقچى بولغان رايوننى كۆرسىتىپ بېرىپ(مەن kدېسكىغا قاچىلىماقچى بولغاچقا kنى كىرگۈزدۈم ) ، مۇقىملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



ئاكتىپلاشتۇرىدىغان قاتتىق دېسكا رايوننى كىرگۈزۈپ(سېستىمىنى قاچىلىغان رايون بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك) مۇقىملاشتۇرۇش (enter) كونۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز،تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:



سېستىمىن كومپيۇتېرغا قاچىلايدىغان بولغاچقا كونۇپكا تاختىسىدىن n نى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز، تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:


مۇقىملاشتۇرۇش كونۇپكىسى(enter)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز:



سېستىما قاچىلىنىۋاتىدۇ:



ئەگەر قاچىلاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك خەتلەر كۆرۈنىدۇ ، بۇۋاقىتتا مۇقىلاش كونۇپكىسىنى بىسىپ ئاخىرلاشتۇرىمىز.





ئەمدى كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ قاچىلاشنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز(دېققەت:بارماق دېسكىنى كومپيۇتېردىن چوقۇم چىقىرىۋىتىڭ، ياكى bios تىن كومپيۇتېرنى قاتتىق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەڭ)، يەنى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىنكى يەلىرى ئوپتىك دېسكىدىن قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ ، ناھايتى تىز .

سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 40 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 40   باھا خاتىرىسى

Rank: 4

جۇغلانما
278
ئاقچا
1
توردا
37 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-19
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 21:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،تولىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز،قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

Rank: 4

جۇغلانما
349
ئاقچا
10
توردا
63 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-22
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 16:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  ئۇسۇل  بۇلىدىكەن ،  كەچكىچە دىسكا  ئۇيۇپ  ئولتۇرغىچە ....  رەخمەت

Rank: 4

جۇغلانما
332
ئاقچا
9
توردا
122 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-21
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 18:18:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇخىل ئۇسۇنلىن سىناپباققان  ھەرھاللادا ياخشىكەن  

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
63
ئاقچا
5
توردا
38 سائەت
تىزىملاتقان
2012-3-1
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 00:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇلنى مەن بىر سىناپ باقاي  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 03:56 , Processed in 0.131449 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش