بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahit8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-5 01:32
ئەسسالام مۇئەلەيكوم
راست سىناش ئويىڭىز بولسا تېمىنى ئىرىنمەي ئۈچ قېتىم كۆرۈڭ !
ئەسلىي بۇ يەردە بۇتېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق لىكىن مېنى ئىزدىگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ‹‹ (Sonyغا قارىتىلدۇ)زاۋۇت رومىنى يېزىشقا بەك ئۇستا بولۇپ كەتتۇق لىكىن Recoery ھەم ئۈچىنىچى تەرەپ رومىنى يېزىشىنى پەقەت قىلالمىدۇق››دەپ سوراپ كەتتى.ئەمسە بىلگىنىمنى سۆزلەي كەم قالغان يەرلىرىنى ئالپدىكى پىشقەدەملەر تولوقلىۋىتەرسىلەر!
ئادەتتە CM(مەن سانتىمىتىرمۇ دەپ قويمەن)نىڭ روملىرىنى ئاساس قىلىپ MIUI ۋە 深度...قاتارلىق روملارنى تۈزۈپ چىقىدۇ. لىكىن بۇ روملارنى يېزىش ئۇسۇلى سەل ئالاھىدە.ئادەتتە بۇ روملارنى يېزىش ئۈچۈن شۇ رومنىڭ (zip بولاقچىسى)ئىچىدىكى boot.img ھۆججىتىنى ئايرىپ ئىلىۋالىمىز. boot.img ھۆججىتى ئۆزئىچىگە Recovery ۋە boot قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولىدۇ.
ئاۋۋال بىز Flashtool ئىچىدىكى قوزغاتقۇچنى قاچىلاپ كومپىيۇتېرنى بىر قايتا قوزغىتىۋىتىمىز.
Fastboot(بۇ بىرخىل قوزغىلىش ھالىتى)قا كىرگۈزش.
ئادەتتە Fastboot قا كىرگۈزۈش سونىي يانفونلىرىدا تىزىملىك توپچىسىغا(كونوپكىسىغا) قاراپFastboot قا كىرگۈزمىز . [مۇھىم] ھەقىقىي شەكىللەنگەن تىزىملىك كۇنۇپكىسى بولغان بولمىغانلىقىغا قارايمىز.ئەگەر بولسا شۇ توپچىنى بېسىپ تۇرۇپ يانفوننى PC چاتىمىز .ئەگەر بولمىسا ئاۋاز + توپچىسىنى بېسىپ PC غا چاتىمىز. كومپىيۇتېر تونىغان بولسا كومپىيۇتېر ئىنكاس بىرىدۇ.يانفون Fastboot قا ئۇلانغان بولسا ئەسكەرتىش چىرىغى كۆك رەڭدە يانىدۇ.
1-رەسىم
ئەمدى رەسمىي يانفونغا Recovery يىزىشنى باشلايمىز.
ئەمدى يادرو يېزىش دىتالىنى چۈشۈرۋالىمىز.
Bahit8.zip
(330 KB, چۈشۈرۈش سانى: 435)
رومنى كارتىغا قاچىلاپ ئىسمىنى update غا ئۆزگەرتىمىز .ئاسان بولۇشى ئۈچۈن.
Fastboot قا كىرگۈزۈپ بولۇپ،بىز قاچىلماقچى بولغان رومنىڭ ئىچىدىكى boot.img نى ئايرىپ چۈشۈرۋالغان ھۆججەتنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ start -GO! نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىمىز.
2 رەقىمىنى كىرگۈزۈپ Enter توپچىسىنى باسىمىز.
ئاندىن boot.img دەپ كىرگۈزۈپ Enter توپچىسىنى باسىمىز.
يادرو يېزىپ بولدۇق .
كارتا ئارقىلىق ئۈچىنچى rom نى قاچىلاش
ئەسكەرتەي چۈشۈرگەن رومنى كارتىغا كۆچۈرۋىشىمىز كېرەك.
يادرو يېزىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال سىمنى PC دىن ئۈزۈپ مەنبە توپچىسىنى بېسىپ قوزغىتىمىز.تېترگەندە دەرھال ئاۋاز+ توپچىسىنى ئۇششاق باسىمىز.
بۇ جەريان ھەممە دىگۈدەك توپچىغا تاينىپ ئىجرا قىلىندۇ.ئىكران ئىشلىمەيدۇ.HOME بولسا جەزملەش تىزىملىك توپچىسى تۆۋەنگە يۆتكەش قاتارلىق رول ئوينايدۇ.
Recovery غا كىرگەندىن كېيىن قوش تازلاش ئېلىپ بارىمىز.
تازلاپ بولغاندىن كېيىن install zip from sdcard نى تاللايمىز.
ئاندىن rom نىڭ ئسمىنى update غا ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز apply /sdcard/update.zip نى تاللاپ بىرىمىز.ئەگەر ئىسمىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز choose zip from sdcard نى تاللاپ رومنى كۆرسىتىپ بىرىمىز.
yes دىگەن خەت بار تۈرنى تاللىساق بولدى يېزىشنى باشلىدى. سەل ساقلىساقلايمىز.يېزىپ بولغان دىن كېيىن reboot system now نى تالىساقلام پۈتتى.
-------------------------------------------
ئەسكەرتىش: بىر يانفوننىڭ يەنە بىر يانفونغا روم ھەم recovery ماسكەلمەيدۇ (ئاز ساندىكىلەردىن باشقا).شۇنىڭغا بۇنداق ئىشقا يولوققاندا ھاياجاننى بېسىۋالمىساق يانفوندىن ئايرىلدىغان گەپ چىقىدۇ.
يۇقارقى مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا كىسەك بولۇپ قالسا بۇتېمىدىن پايدىلنىڭ! تېما
قىلالمىسىڭىز ياردەم كېرەك بولسا ئنكاس يىزىڭ !چۈشەنمىگەن مۈجمەل نۇقتا بولسا سوراڭ! بىلسەم دەپ بىرىمەن بىلمىسەم ئىزدەپ سوراپ ئۆزۈممۇ ۋە سىزگىمۇ ئۆگۈتۈپ قويىمەن.
چ چ :616321629
-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-=-
ئەگەر تېمام يارىغان بولسا كىرسلونىڭ ئۈستىدىكى ‹‹قوللايمەن›› نى بېسىپ قويۇڭلار! |