ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 2

QQ، ئۇچقۇر خەت (飞信)، مىكروبلوگ (微博) دا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
65
جۇغلانما
229
توردا
20 سائەت
نادىر
1
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 11:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەشرى: Ver1.1 رەسمىي نۇسخىسى
سىغىمى: 880 KB
چۈشۈرۈش ئادرىسى:         چۈشۈرۈش

1.ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى:

بۇ دېتال بۇرۇنقى QQ غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتالى http://blog.ilqut.com/index.php/archives/3002.html نىڭ كېيىنكى نەشرى بولۇپ تورداشلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بۇرۇنقى ئىقتىدارلىرى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلدى.

بۇرۇنقى نەشىرىدە پەقەت QQ غىلا ئەۋەتىشكە بولاتتى بۇ نەشىرىدە يەنە 飞信 ۋە 微博 غىمۇ ئۇيغۇرچە ۋە ULY چە يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.



ھەم پاراڭلىشى ھالىتىنى ئاپتوماتېك ساقلاش(مەسىلەن: سىز بىر دوستىڭىزغا ULY چە يېزىپULY نى تاللاپ قويسىڭىز يەنە بىر دوستىڭىزغا ئۇيغۇرچە يوللىماقچى  بولۇپ ULY نى ئېلىۋەتسىڭىز بۇ تاللاشنى ئاپتوماتېك ساقلايدۇ قايتىدىن تاللاش ھاجەتسىز، 飞信 ۋە 微博 دا  ULY ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغاچقا سۈكۈتتىكى تاللانمىسى ULY).

ئەسكەرتىش: 微博 غا ئەۋەتىش ئىقتىدارى Win7 نورمال ئىشلىمەيدۇ.

بۇ نۇسخىسىدا بۇرۇنقى «بىۋاستە» دېگەن تاللاش رامكىسى چىقىرىۋېتىلدى، ئەگەر سىزنىڭ يازغىنىڭىز QQ بىۋاستە قوللايدىغان ساپ يۇنىكودسىز ھەرپ بولسا بىۋاستە شۇ يېزىقنى يوللايدۇ بولمىسا ئايلاندۇرۇپ يوللايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ نەشىرىنى قوزغاتسىڭىز ۋەزىپە سىتونىدا كۆرۈنمەيدۇ، ئوڭ تەرەپ ئاستىقنى بۇرجەك(تىل تاللاش رايونى يېنى) دا سىنبەلگىسى كۆرىنىدۇ.

سىنبەلگىنى ماسۇنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن تاق چەكسىڭىز تۆۋەندىلكىدەك تېزىملىك كۆرىنىدۇ.

سىز بۇنىڭدىكى« ئاپتۇماتېك يۇشۇرۇش» دېگەن تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز، ئەگەر سىز QQ ,飞信,微博 غا خەت يېزىش رامكىسىنى ئاچسىڭىز بۇ دېتال ئاپتۇماتېك كۆرۈنىدۇ، باشقا ۋاقىتتا يۇشۇرۇن تۇرىدۇ، تاللانمىنى ئېلىۋەتسىڭىز دائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئۇنىڭدا باشقا نۇرغۇن Photoshop تا يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغان دوستلارنىڭ ئېھتياجىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ نۇسخىسىدا خەت يېزىش رامكىسىدىكى يېزىقنى «خىيالدىن كۆچۈرۈش»، «كېڭەيتىلگەن رايوندىن كۆچۈرۈش»، «ULY دىن كۆچۈرۈش»، «كېڭەيتىلگەن رايوندىن تەتۈر كۆچۈرۈش»ئىقتىدارى قوشۇلدى.

CTRL نى بېسىپ تۇرۇپ خەت يېزىش رامكىسىدا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تېزىملىك چىقىدۇ(خەت يېزىش رامكىسىدا ھېچقانداق يېزىق بولمىسا ھەممە تاللاش تۈرى سۇس كۆرىنىدۇ يەنە تاللىغىلى بولمايدۇ)، سىز ئېتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەلۇم بىر دائىرىنى تاللاپ كۆچۈرسىڭىز شۇ تاللىغان دائىرىنى بولمىسا بارلىق مەزمۇننى سىز تەلەپ قىلغان بويىچە كۆچۈرۈپ كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ،سىز باشقا ئورۇندا Ctrl+V نى ياكى 粘贴(چاپلاش)نى بېسىپ كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىدىكى مەزمۇننى كۆچۈرسىڭىزلا بولىدۇ.



1)خىيالدىن كۆچۈرۈش: كۆچۈرگەن مەزمۇننى خىيال كىرگۈزگۈچىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ. بۇ ئىقتىدار كۆپرەك تەكشىلىكتە لايىھەلەش كەسپىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئەگەر سىز تېخى خىيال خەت نۇسخىسىنى قاچىلىمىغان بولسىڭىز چۈشۈرۈلمە ئىچىدىكى Hiyal Font.rar نى پىرىستىن يېشىپ ئىچىدىكى بارلىق خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى C:\WINDOWS\Fonts غا كۆچۈرۈپ قويۇڭ. (ئەگەر سىز Win7 مەشغۇلات سىستېمىسىدا بولسىڭىز، ھەر بىر خەت نۇسخىسىنى بىر قېتىمدىن قاچىلىشىڭىز كېرەك.) سىز فوتوشوپتا خىيالدا خەت كىرگۈزۈپ ئادەتلەنگەن بولسىڭىز. كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزلەرنى سۆز كىرگۈزۈش رامكىسىدا كىرگۈزىۋېلىپ ئاندىن «خىيالدىن كۆچۈرۈش» بېسىپ، فوتوشوپقا ئاپىرىپ چاپلاپ خەت نۇسخىسنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان خىيال خەت نۇسخىسغا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

2)كېڭەيتىلگەن رايوندىن كۆچۈرۈش: كۆچۈرگەن مەزمۇننى يۇنىكودلۇق كېڭەيتىلگەن رايون بويىچە كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ. بۇ ئىقتىدار كۆپرەك پىروگىرامما لايىھەلەش كەسپىدە ئىشلىتىلىدۇ(ئاساسلىق ئىقتىدارى خەتلەرنى مەجبۇرى ئۇلاپ كۆرسىتىش).

3)ULY دىن كۆچۈرۈش: كۆچۈرگەن يۇنىكودلۇق مەزمۇننى ئۆلچەملىك ULY يېزىقى بويىچە كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ. بۇتۈر كۆپۈنچە يۇنىكود قوللىمايدىغان ئالاقە،ۋە تەرجىمە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.

4)كېڭەيتىلگەن رايوندىن تەتۈر كۆچۈرۈش: كۆچۈرگەن يۇنىكودلۇق مەزمۇننى كېڭەيتىلگەن رايوندىن تەتۈر تەرتىپتە كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم فوتوشوپنىڭ يېڭى نۇسخىسىدا يۇنىكودلۇق خەتلەرنى بىۋاستە يازغىلى بولىسىمۇ  خەت نۇسخىسىنى ئۇلانماي تۇرىۋالىدۇ، شۇڭا مەجبۇرى ئۇلاپ كېڭەيتىلگەن رايون بويىچە چاپلىساق تەتۈر چىقىۋالىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا كېڭەيتىلگەن رايوندىن تەتۈر كۆچۈرۈش ئىقتىدارى بويىچە  فوتوشوپقا يۇنىكودلۇق يېزىقلارنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

باشقا ئىشلىتىلىشى بۇرۇنقى نەشرى بىلەن ئوخشاش بۇرۇنقى ئىقتىدارى تۆۋەندىكىدەك!

بۇ دېتال ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ «ئەلپىدا» خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى ،تۇنجى نەشىرى بولغاچقا بەزى كەمچىلىلكلەر بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلارنى بېرىشىنى سورايمىز.

مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق پىكىر تەكلىپ بولسا ئالاقىلىش QQ سى : 1843791748 بىلەن ئالاقىلىشىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

يېڭى ئېرا  يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى

WWW.NewEra.CC

2011-يىل 11-ئاي (ئۈرۈمچى)

نەشرى: Ver1.1 رەسمىي نۇسخىسى
سىغىمى: 880 KB
چۈشۈرۈش ئادرىسى:            چۈشۈرۈش  

(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 20 مەن قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 20   باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
101
توردا
83 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 14:05:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىمۇ سىناپ باققىلۇق

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
196
توردا
56 سائەت
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 22:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ... بەك ياخشى بوپتۇ،چۈشۈرۋالدىم،سىناپ باقاي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.126558 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 02:12

چوققىغا قايتىش