ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش

ئاندىرويىد تېلىفۇن ROM لىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىن ياردەم

يوللىغۇچى: xaydayi | يوللىغان ۋاقتى: 2011-11-19 17:35| كۆرۈلۈشى: 2486| ئىنكاس سانى: 16|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

ئاندىرويىد تېلىفۇن ROM لىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىن ياردەم



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى تورداشلار ۋە ئۇستازلار :
يېقىندىن بېرى ئارىمىزدا ئاندىرويىد تېلىفۇنلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ROM لىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قىزغىنلىقى كۈتۈرۈلدى ،مەنمۇ شۇ ھەققىدە ئانچە مۇنچە تور ئارىلاپ ھېچ بولمىغاندا ئاندىرويىد تېلىفۇن يۇمشاق دىتاللىرىنى تەرجىمە قىلىش سەۋىيسىگە يەتتىم .
ھازىر تورداشلاردىن ھەم ئۇستازلاردىن سورىماقچى بولغىنىم :
1- ئاندىرويىد تېلىفۇن ROM لىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كىتەرلىك بولغان دىتاللار قايسى ؟
2- ئۇيغۇرچىلاشتۇرشتا قايسى قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۈتىمىز ھەم پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەم ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز ؟
3-بولسا مۇشۇ ھەققىدە دەرسلىك ياكى باشقا ماتىرياللار بولسا تەمىنلىسەڭلار


ئەگەر مۇشۇ ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلار بولسا تەڭ ئىزدەنسەك ھەم بىرلىكتە ئۈگەنسەك ،ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھالدا ئۇيغۇچىلاشقان تېلىفۇنلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشساق ...


ئالاقە Q:316813896   E-mail:316813896@qq.com

يېڭى ئىنكاسلار

xaydayi يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 00:18:56
بۇ تېما ئاخىرى تەستىقتىن ئۈتۈپتۇ ... تۆت كۈزۈم بىلەن جاۋابىنى كۈتىمەن
ochmes يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 00:34:38
جاۋابى چىقمايدىغان سۇئالدىن بىرنى سوراپ قاپسىز
بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن ھازىر ئويۇننىڭ ئورنىدا بولۇپ كەتتى ،بىلمەيدىغانلارغا ئاسپىرانتلىق ماقالىسى يازغاندەك بىر ئىش ئارىلىقتا ئازراق بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك
UyghurWeb يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 00:46:21
Android  نىڭ روملىرىنى كۆڭۈلدكىدەك ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن Linux مۇھىتىغا مۇراجەت قىلىمىز. سىز Ubuntu نى قاچىلاپ ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى دېتالارنى ھازىرلاڭ.



Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا تۆۋەندىكى دېتللار كېتىدۇ.
java نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى. www.java.com دا بار.
APKTool نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى. google.com بار.
ئەڭ ياخشى تېكىست تەھرىرلەش دېتالى. مەسىلەن EditPlus، Utraedit دېگەندەك.
Winrar نىڭ يېڭى، مۇقىم نۇسخىسى.
xaydayi يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 00:51:43
Chrome يوللىغان ۋاقتى  2011-11-20 00:46
Android  نىڭ روملىرىنى كۆڭۈلدكىدەك ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن Lin ...

مەن سىز  دىگەن شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلاپ بولغان ... پەقەت قانداق ئۇسۇل بىلەن قايسى ھۆججەتنى تەھرىرلەش ھەمدە تەھىررلەپ بولغاندىن كىيىن قانداق مەشخۇلات قىلىش توغرىسىدا تەلىم بەرسىڭىزلا بولاتتى   بولسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ...
xaydayi يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 00:56:04
ochmes يوللىغان ۋاقتى  2011-11-20 00:34
جاۋابى چىقمايدىغان سۇئالدىن بىرنى سوراپ قاپسىز
بىلىدى ...

سىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى دەرسلىكىڭىزنى كۈتۈپ كۈزۈم تۆت بولاپ كەتتى ھازىر ... مەن ھەرگىز باشقىلارغا ئوخشاش قىلالمايدىغان ئىشقا ئېسلىۋالمايمەن ...ئۈزۈم ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنجى يىللىقىدا ،قىلىدىغان ئىش يوق مۇشۇنىمۇ بولسا ئۈگىنەي دىگەن  ...بولسا بىلىمىڭىزنى ئايمىغانيسىز ...
MAR_KO يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 20:50:18
بۇ بەك قىيىن مۇرەككەپ مەسسلە ئىكەن
xaydayi يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 22:10:41
MAR_KO يوللىغان ۋاقتى  2011-11-20 20:50
بۇ بەك قىيىن مۇرەككەپ مەسسلە ئىكەن

سىزمۇ ئىزدىنىپ باققان ئوخشىمامسىز ؟
begtash يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 23:38:07
روم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئائىت مەزمۇنلار خەنزۇچە مۇنبەرلەردە كۆپ، مەنمۇ دىتاللارنى تەرجىمە قىلىپ باققان.  بىراق رومنىڭ ئىشى بەك قول تۇتىدۇ، مەزمۇن كۆپ. كىتەرلىك نەرسىلەرنى يۇقىردا دەپتۇ، تەپسىلىي قەدەم باشقۇچلىرىنى توردىن ئىزدىسىڭىز تىپىلىدۇ.
ochmes يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 23:21:51
خەنزۇچە قانداق ئىزدىسەك مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار چىقىدۇ

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-4-12 01:49 , Processed in 0.107300 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش