تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 1269|ئىنكاس: 20

بىر تال تور سىمىدا كۆپ ئۈسكىنە تورغا چىقىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
156
توردا
11 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 08:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تال تور سىمىدا كۆپ ئۈسكىنە تورغا چىقىش


تەييارلىغۇچى : تارخان      http://tarhan.blogbus.com
سىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققانمۇ ؟
ياتاقتا بىر تال تور سىمى ، ئەمما تورغا چىقىش ئېھتىياجى بار  لەپتۇپ كومپپىيۇتېردىن 3 تال ، تېلفۇندىن 2 سى بار . بىر تال سىمنى تالىشىپ كېتىدىغان گەپ . نىمە دىگەن ئاۋارىچىلىق ؟   
بۇ ئەھۋالغا مەن يۇلۇقۇپ باققان . خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتلارغا چىقىپ بەزى خىزمەتلەرنى مېھمانخانىدا ئىشلەيمىز . بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى . بۇقېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىن يىغىلغان 50تىن ئوشۇق ئادەم  خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ياتاقلاردا خىزمەتنى باشلىۋەتتۇق . ھەممە ياتاقلاردا 2- 3 لەپتۇپ ، 2تېلفۇن . بىر تال تور سىمى ...   
        ئۇنداق بولسا قانداق قىلىپ ھەممىسىنى تالاشماي تورغا چىقىدىغان قىلىپ بېرىمىز ؟  سىمسىز روتىر بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى . نەچچە كۈنلۈك ئىش ئۈچۈن ئۇنى سېتىۋىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى . باشقىچە ئامال قىلايلى ، ئامالمۇ چىقتى  ، ناھايىتى ئاددى . بىر تال يۇمشاق دىتال بار ئۇنى توردىن چۈشۈرۈپ  تور سىمى ئۇلاپ تورغا چىقۋاتقان بىر لەپتۇپقا قاچىلاپ بۇ لەپتۇپنى سىمسىز روتىرغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇم .  شۇنىڭ بىلەن مەسىلە ھەل بولدى . بىر نەچچە ياتاقتىكى لەپتۇپنى سىمسىز روتىرغا ئايلاندۇرۇپ بەرسەم ھەممىسى خوش بۇلۇشۇپ كەتتى .  قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەقلا گەپكە كېلەيلى  ...........

يۇمشاق دىتال ئىسىمى  :
Connectify
ئەڭ يېڭى نەشىرى : 3.1
http://dl.pconline.com.cn/download/64812.html

يۇمشاق دىتالنىڭ ئىشلىتىش ئورنى :  سىمسىز روتىر يوق چاغلاردا سىمسىز تورغا چىقىدىغان ئۈسكىنلەر كۆپ ، تور سىمى بىرتال بولغان ئەھۋالدا بۇ دىتالنى بىر لەپتۇپقا قاچىلاپ قويساق شۇ لەپتۇپ ئۆزى تورغا چىقىش بىلەن  بىرگە ئۆزىنىڭ تورىىنى باشقا ئۈسكىنلەر ئۈچۈن ۋاي فاي سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ ، باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ ۋاي فاي سىگنالى ئارقىلىق تورغا چىقىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ .
  ئىشلىتىش ئۈچۈن لازىملىق شەرت شارائىت :
بۇ دىتال ۋىندوۋس ئېكىسپى دا  net framework 3.5 sp1  نى تەلەپ قىلىدۇ .  ۋىندوۋس 7 دە بولسا بىۋاستە قاچىلىساقلا بولدى .

تەڭشەش :  قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن رەسىمدىكى ئۇسۇل بۇيىچە تەڭشەپ قويساقلا بۇلىدۇ .   روتىر ئىسىمى : خالىغانچە يېزىڭ ، ئېنگىلىزچە بولسۇن .
مەخپىي نۇمۇرى :  بۇنى سۆزلىمىسەممۇ بۇلا
ئېنتېرنېت : ھازىر تورغا چىقۋاتقان  تور كارتىسىنى تاللاپ قۇيسىز
ۋاي فاي : سىمسىز تور كارتىسىنى تاللاپ بېرىسىز .
تور سىگنالىنى مەخپىيلەشتۈرۈش ئوسۇلى :   بۇ تۈر ئۈچ خىل  . ئاپئاشكارا ، ئادەتتىكچە مەخپىي ، مۇتلەق مەخپىي .   ئەڭ ئاخىرقىسىنى تاللاپ قويسىڭىز ھەمدە مەخپىي نۇمۇرىنى ئۇزۇن مۇرەككەپ قىلسىڭىز  باشقىلارغا مەخپىي نۇمۇرىنى بىلمىسە بۇ تورنى ئىشلىتەلمەيدۇ .

we.jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 20 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 20   باھا خاتىرىسى

Rank: 2

ئاقچا
5
جۇغلانما
28
توردا
19 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 11:15:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە، ناھايىتى ياخشى ماتىريالدىن بىرنى يوللاپسىز.

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
232
توردا
14 سائەت
نادىر
0
تېما
20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 12:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
121
توردا
51 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 14:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى دېتالسىزمۇ قىلغىلى بولاتتىغۇ؟

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
156
توردا
11 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 15:41:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ۋىندوۋس 7 دە دىتالسىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ .  لېكىن بىر مۇنچە ئاۋارىچلىق .
مۇمكىن بولسا بىر تۇنۇشتۇرۇش ماقالىسى يېزىپ يوللاپ قويسىڭىز باشقىلارمۇ پايدىلانسا ...

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
41
توردا
8 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 16:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tarhanbag يوللىغان ۋاقتى  2011-11-17 15:41
بۇنى ۋىندوۋس 7 دە دىتالسىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ . ...

تۆۋەندىكى تېما نەزىرىڭىزدە بولغاي .
windows 7 دە دېتال ئىشلەتمەي سىمسىز تور نۇقتىسى قۇرۇش

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
127
توردا
48 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 16:04:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىتال چوڭ كىچىك شىركەتلەرگە ۋە كومپىيتۇرنى جىق ئىشلىتىدىغان ئوررۇنلارغا بەك ماس كىلەمدۇ قانداق

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
188
توردا
75 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 17:45:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋاتتەكلا بىرتېمىكەنغۇ ماۋۇ   رەھمەت ھە بىرسىناپباقاي

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
88
توردا
12 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 18:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانچىلىك ئارلىقتا ئىشلەيدىكەن

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
129
توردا
20 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 20:15:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆنۈگۈن تېخى خەنزۇچەتوردىن مۇشۇ ھەقتە ماتىرىيال ئىزدىگەن ئىدىم ! رەخمەت سىزگە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-1-23 10:30 , Processed in 0.106885 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش