كۆرۈش: 530|ئىنكاس: 1

Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋاتقان 8 سەۋەب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
0
توردا
31 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 14:45:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Windows-7-Home-Premium.png

كىشىلەر سەل قارايدىغان Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋاتقان 8 سەۋەب

ھەممىمىز كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبە كونۇپكىسىنى بېسىپ بولغۇچە Windows قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئارزۇ قىلمىز، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپۈيلىدىن، بۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشمايلا قالماي، تېخى پات-پات كومپيۇتېر قېتىۋالدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە Windows قوزغىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى Windows نىڭ مەسلىسى ئەمەس، بەلكى بەزى ئۈسكۈنە ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال(يۇمشاق دېتال) لار كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۆۋەندە سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىدىكى 8 خىل سەۋەبنى كۆرۈپ، سىزمۇ كومپيۇتېرڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ كومپيۇتېرڭىزدىمۇ ئاشۇنداق مەسلىلەر بارمۇ؟
1.USBلىق قاتتىق دىسكا ۋە سايىچى( (Scanner )قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر.  
ئەگەر كومپيۇتېرڭىزغا سايىچى( (Scanner)قاتارلىق ئۈسكۈنلەر چېتىلغان بولسا ياكى كومپيۇتېر قوزغۇلىۋاتقانداUSB لىق قاتتىق دىسكا ئۇلانغان ھالەتتە بولسا، ئۇلارنى ئۈزىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ، Windows ئۈستەل يۈزى بۇرۇنقىدىن بالدۇرراق كۆرۈنەمدۇ قانداق؟ ئادەتتە، USB ئېغىزىنىڭ ئۇلنىش سۈرئىتى ئاستىراق، شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر ئۇلانغان ھالەتتە بولسا، كومپيۇتېرنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئامال بار كومپيۇتېر قوزغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن USB ئېغىزغا ئۇلىندىغان ئۈسكۈنىلەرنى چېتىڭ. ئەگەر USB ئېغىزغىغا ئۇلىنىدىغان ئۈسكۈنلەر بولمىسا BIOSقا كىرىپ USB ئۇلىنىش ئېغىزىنى ئېتىۋېتىڭ. ئەسكەرتىش : Windows قوزغالغاندا، ھەر قايسى ئۇلانغان قوزغاتقۇچلارنى بىر قېتىم تەكشۈردىغان بولغاچقا، ئوپتىك قوزغاتقۇچتا دىسكا بولسا ، قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2.ئىشلەتمەيدىغان تور دىسكىلارنى ئۈزۋېتىڭ.  
Windowsنىڭ قايتىدىن ئۇلىندىغان تور ئۇلىنىشلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن  ئىشلەتمەيدىغان تو دىسكىلارنى (Network driver،网络驱动器) توختىتىپ قويۇش كېرەك. «كومپيۇتېرىم»(我的电脑) نى ئېچىپ بۇرۇن ئۇلانغان تور دىسكىلارغا ئەكىلىپ، مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ «ئۈزۈش» نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
3.  ھۆججەت ياكى پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش
بەزى WindowsXP نىڭ كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردىمۇ قوزغىلىش ناھايتى ئاستا بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا 1 مىنۇت 40 سىكۇنتتىنمۇ كۆپ! خۇددى سېستىما قېتىپ قالغاندەكلا، سېستىما قوزغالغاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، كومپيۇتېردا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، بىر مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى Bootvis.exe ھۆججىتى قوزغالغاندىن كېيىن ، ئىچىدىكى Mrxsmb.dll ھۆججىتى كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشىغا 67 سىكۇنت ۋاقىت قوشۇپ قويىدۇ.
بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سېستىمىنىڭ ھۆججەت ۋە پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش ئىختىدارىنى توختىتىۋەتسەكلا بولىدۇ: (باشلاش›››تەڭشەك›››تور ۋە بۇراپ تورغا چىقىش) نى چىكىپ چىققان كۆزنەكتىن «يەرلىك ئۇلىنىش»قا ئەكلىپ مائۇسىنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ «خاسلىق»نى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىن « بۇ ئۇلىنىش تۆۋەندىكى تاللانغان بۆلەكلەرنى ئىشلىتىدۇ» نىڭ ئاستىدىكى « Microsoft تورىنىڭ ھۆججەت ۋە پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش» دىگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى تاللاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
ئەسكەرتىش: Microsoft مىكروسوفىت شىركىتى Bootvis.exe ھۆججىتىگە قارتا كۆپ قېتىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ بېرىپ WindowsXP نىڭ قوزغىلشىنى تىزلەتتى. بۇ قورالنى چۈشۈرۈڭ  http://bootvis.soft32.com
4. . ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇردىغان تور كارتىسى .
ئەگەر تەڭشەش مۇۋاپىق بولمىسا ، تور كارتىسىمۇ سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ تور كارتىسى ئىشلەتمەيدىغان كومپيۇتېرلىرىڭىز بولسا، تور كارتىسىنى سۇغۇرىپ چىقىرۋېتىڭ، ئاشۇنداق قىلسىڭىز سېستىمىنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز دائىرلىك تور ئىچىدە بولسا، تور كارتىسى قوزغاتقۇچى پىروگىراممىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، ئادەتتە ئاپتوماتىك ھالدا DHCP مۇلازىمىتېر ئارقىلىقIP ئادرىسىغا ئىرىشىدۇ، بىراق كۆپ قىسىم شىركەت ۋە دائىرلكى تورلارنىڭ DHCP مۇلازىمىتېر بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئىشلەتكۈچىلەر تور كارتىسىنى ئاپتوماتىك IP ئادرىسىغا ئىرىشىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسا، توختىماستىن دائىرلىك توردىن DHCP مۇلازىمىتېر ئىزدەيدۇ،  تاكى IP ئادرىسىغا ئىرىشىكىچە ياكى ئۇلىنىش ئۈزۈلۈپ كەتكۈچە، بۇ تەبىئىيلا قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا دائىرلىك توردىكى كومپيۇتېرلارغا ئەڭ ياخشىسى مۇقۇم IP ئادرېىسى بىكتپ بىرىش كېرەك.
5.قاتتىق دىسكا رايونلىرىدا خاتالىق كۆپ   
ئەگەر2000 Windows نى SP3 ياكى SP4 غا دەرىجىسىنى ئۆستۈرمىگەن بولسىڭىز Windows قوزغۇلۇش سۈرئىتى ئاستىلاپ كىتىدۇ. شۇڭا SP4 غا يېڭىلىۋېلىڭ. ھەمدە قاتتىق دىسكىنى بەك كۆپ رايونغا ئايرىماڭ. چۈنكى Windows قوزغالغان ۋاقىتتا چوقۇم ھەر بىر دىسكا رايونىنى تونۇشى كىرەك، دىسكا رايونىنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا تونۇش مەشغۇلات ۋاقتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
6.  ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر بەك كۆپ بولسىمۇ بولمايدۇ.   
ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسمۇ ، سېستىمىنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. Windows ھەر قېتىم قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزىنى كۆرسەتكەندە ، ئۈستەل يۈزىدىكى تېزلەتمە بەلگە ۋە سىنبەلگىلەرنى بىرمۇ-بىر ئىزدەپ ئۇلارنى قاتىدۇ، سىنبەلگە قانچە كۆپ بولسا ، سەرپ قىلدىغان ۋاقتىمۇ كۆپ بولىدۇ دە ئەلۋەتتە. شۇڭا بىز ئىشلەتمەيدىغان سىنبەلگىلەرنى ئۆچۈرۋېتىشىمىز كېرەك.
ئەسكەرتىش : بەزى ۋىرۇسخورلار سېستىما قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزى كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى ئېچىلغان بولۇپ ، ۋىرۇس تازلاش جەريانى بىرمۇنچە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ، ئەگەر سىزمۇ ۋىرۇسخورنىڭ ئاشۇ ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويغان بولسىڭىز ئىتىۋەتسىڭىز ئۈستەل يۈزى تىزراق كۆرۈنىدۇ.
7.  خەت شەكلى كۆپ بولسىمۇ چاتاق
گەرچە مىكروسوفىت(Microsoft) Windows قا 1000~1500 گىچە خەت شەكلى قاچىلىغىلى بولىدۇ دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قاچىلانغان خەت شەكلى سانى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن ھامان چاتاق چىقىدۇ، مەسلەن : پروگىراممىدىكى «خەت شەكلى» تىزىملىكىدىكى خەت نۇسخلىرى كۆرۈنمەسلىك دېگەندەك . ھەمدە Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلاپ كىتىدۇ. شۇڭا ئىشلەتمەيدىغان خەت شەكىللىرىنى ئۆچۈرۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، خاتا ئۆچۈرۋېتىپ كۈتۈلمىگەن ئاۋارچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەت شەكلى ھۆججەتلىرىنى زاپاسلىۋېلىش كېرەك.  Windows نىڭ خەت شەكلى ھۆججەتلىرى X:\Windows\Fonts مۇندەرىجىسى ئاستىدا بولىدۇ.
8.مىكروسوفىت(Microsoft) ئۆزى تېرىغان بالا   
بىر قانچە يىل بۇرۇن WindowsXPنىڭ بەزى ياماقلىرى سېستىما قوزغىلىش ۋە ئېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتكەن. ( مەسلەن: Q328310 نۇمۇرلۇق ياماق سېستىمنىڭ قوزغىلىش ۋە ئېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىپلا قالماي يەنە رويخەتنى قۇلۇپلاپ قويغان.) ئەگەر سىز مەلۈم ياماقنى يېڭىلىغاندىن كېيىن، سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتسە ، تەكشۈرۈپ بېقىڭ بەلكى ئاشۇ ياماقنى يېڭىلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان چاتاق بولۇشى مۇمكىن.


مەنبە: يۇلچى بىلوگى  

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
141
توردا
39 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 22:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقارغان چاتاق بولۇشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.131891 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-24 04:14

چوققىغا قايتىش