- توردا
- 533 سائەت
- جۇغلانما
- 347
- ئاقچا
- 0
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-9
- تىزىملاتقان
- 2013-4-10
- تېما
- 9
- نادىر
- 0
- ھوقۇقى
- 50
- يازما
- 163

- ئاقچا
- 0
- جۇغلانما
- 347
- توردا
- 533 سائەت
- نادىر
- 0
|
نۇرغۇن كىشىلەر ئايفون5S ۋە ئايفون5C لارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەنىدى, ئەمدىلىكتە بولسا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ئىككى يانفوننىڭ دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىمۇ كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى. يېڭى ئايفونلار 20-چىسلادىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلىنىدۇ, بىراق, تور بېكەتلەردە ئالدىن زاكاز قىلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا, يېڭى ئايفوننى زاكاز قىلىدىغانلار بۇرۇنقىدەك كۆپ بولمىغان, بولۇپمۇ, ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا زاكاز قىلىشنى باشلىغان سامسۇڭ GALAXY Note 3 يانفونىغا سېلىشتۇرغاندا, يېڭى ئايفون تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
زاكاز قىلىش سانى سامسۇڭ GALAXY Note 3 يانفونىغا يەتمىگەن
يىشۈن ۋە جىڭدوڭ شەھەرچىسى تور بېكەتلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا, ئايفون5C يانفونىنىڭ جىڭدوڭ شەھەرچىسى تورىدىكى زاكاز قىلىنىش ئەھۋالى بەكلا ئادەتتىكىچە ئىكەن, يەنى تا ھازىرغىچە زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاران ئاشقان, بەلكىم, ئۇنىڭ باھاسى كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى, ئايفون5S نى زاكاز قىلغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغان, نۆۋەتتىكى زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ سانى 41 مىڭدىن ئاشقان.
بىراق, سېتىلىش باھاسى 5699 يۈەنگە يېتىدىغان سامسۇڭGALAXY Note 3 يانفونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا, يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننىڭ زاكاز قىلىنىش ئەھۋالى دىگەندەك ياخشى ئەمەس. جىڭدوڭ شەھەرچىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا, سامسۇڭ GALAXY Note 3 يانفونىنىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ زاكاز قىلىنىش سانى 67 مىڭغا يەتكەن.
تېلگراف نۇسخىسىدىكى ئايفون5C ئالدىن سېتىلماقچى
تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى, ئايفون 5C يانفونى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 6 دە سېتىلىشقا باشلىسىمۇ, بىراق, نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا, ئۇنىڭ تېلگراف نۇسخىسى شۇ كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ سېتىلماقچى بولغان, خىرىدارلار تېلگراف تىجارەت زالى, 10000 قىززىق لىنىيىسى ۋە تور تىجارەت زالى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننى سېتىۋالالايدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا, تېلگراف نۇسخىسىدىكى ئايفون 5S ۋە ئايفون5C يانفونلىرىغا قارىتا, شىركەت تۇنجى بولۇپ «سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرسا, يانفون سوۋغا قىلىش» ۋە «يانفون سېتىۋالسا سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىش» كىلىشىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل پائالىيەت يولغا قويۇلغان
مەنبە!
نۇرتورى |
|