htc g2 دىن ياردەم سورايمەن

يوللىغۇچى: avanger | يوللىغان ۋاقتى: 2011-10-29 18:13| كۆرۈلۈشى: 431| ئىنكاس سانى: 5|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
مەن htc g2 نى 刷机 قىلىش جەريانىدا تېلفۇندىن  su دىگەن بۇيرۇقنى ئاندىن flash_image recovery /sdcard/ نىڭ ئاستىدىكى recovery  ھۆججىتىنى ئىجرا قىلۋەتكەن ئىدىم . شۇنىڭ بىلەن تېلفۇنۇم 刷机 ھالىتىگە كىرمەيدىغان بۇپ قالدى ( 刷机模式 نى ئاچساملا تېلفۇن قارا ئىكران بۇلۇپ قالىدۇ ) . چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كور قىلىپتۇ دىگەندەك ، ئۇنى ئوڭشايمەن دەپ بىر كۈن ھەپىلىشىپ قىلالمىدىم .ئاندىن  fastboot ھالىتىگە كىرىپ كومپىيۇتېردىن دوس بۇيرۇقى بىرىپ 刷机 ھالىتىگە كىردىم ... ئاندىن روم ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بەرسەممۇ قاچىلىمىدى ... نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىم . تېلفۇننى قايتا قوزغىتىپ fastboot ھالىتىگە كىرەي دىسەم تېلفۇن پەقەت ئېچىلماي تۇردۇ ... قارا ئىكرانلا ، ھىچقانداق ئىنكاس يوق ، ئېچىلدىغاندەك ئەمەس ، ئالىپ ئەپەندىنىڭ چ چ سىنى قاچىلاپ سالام قىلىپ ياردەم دەپ يازسام توردىن چۈشۈپ كەتتى  ... شۇڭا مۇشۇ يەرگىلا يازدىم ... تېلفۇنۇم ھازىر ھەقىقي بىر كېسەك ھالەتكە كىلىپ قالدى ... دوسلارنىڭ بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشىنى سورايمەن ...

يېڭى ئىنكاسلار

avanger يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 16:45:44
بۇ تېمىنى يېزىپ 4 كۈن ساقلىدىم ! مەن يۇلۇققان مەسىلىگە باشقىلار ئۇچۇرمىغان ئوخشىمامدۇ ؟ بولسا قېرىنداشلىرىم ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولساڭلا !
tilsim0999 يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 21:46:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم. قىرىندىشىم خاتىرجەم بولوڭ يانفۇنىڭىز چوقوم  ئوڭشىلىدو  مىنىڭمۇ شۇنداق بولوپ قالغان  مەن نەخ بىر ھەپتا ئىچىشىپ ئۆزەم ئوڭشىغان [  htc g8]تى..
سىزمۇ قىلالايسىز خەنزۇچە تور بىكەتلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈك . [مىنىڭمۇ خەنزۇچە سەۋىيەم چەكلىك] روم يىزىشقا دائىر  سىن ھوججەتلىرىنى كوروپ بىقىڭ.

مەن ئىزدەپ g2 نىڭ سغىم كارتا ئارقىلىق روم يىزىشنى تاپتىم  كوروپ بىقىڭ  .پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.http://v.ku6.com/show/8ni85wulOUeORwOd.html
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى راۋان قىلسون..
ئاران مۇشىنچىلىڭ ياردەم قىلالايمەنكەن كەچوروڭ.. كومپىيوتىر بىلىملىرىگە  ئانچە پىشىق ئەمەسمەن
tilsim0999 يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 21:50:56
http://www.fengbao.com/android_rom/
بۇ تۇربەتتىن يانفۇنىڭىزغا ماس كىلىدىغان رومنى چوشۇرىۋىلىڭ
avanger يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:34:18
تىلسىم قېرىندىشىم ! سىزگە كۆپ رەھمەت ! تېلفۇنۇم ھازىر قوزغالمايدۇ ! روم يېزىش ھالىتى ، ۋە fastboot ھالىتى دىگەنلەرغۇ مۇمكىن ئەمەس ! قوزغىتىش كونۇپكىسىنى باسساممۇ ئېكران قاپقارا !
سىزنىڭ تېمامغا جاۋاپ يازغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت !
xahzad يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:18:39
يانفونىڭىز نورمال قوزغىلامدۇ قوزغالمامدۇ؟ يەنى تېلىفون ئۇرغىلى بولىدىغان كۆرۈنمە يۈزىگە كىرەمدۇ؟  ئەگەر نورمال قوزغىلالىسا h-boot  بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، ئۇنى قايتا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.058862 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-30 03:17

چوققىغا قايتىش