ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 1092|ئىنكاس: 17

i9100ھەر قايسى نەشىر ئوتتۇرسىدىكى romيېڭىلاش توغرىسىدا سوئال   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 14:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         يانفون ئېلىش نىيتىگە كىلىپ، ئاخىرى i9100دە توختۇدۇم. تۈنۈگۈن قەشقەردىكى يانفون بازىرىدا ئىككى دۇككاننى ئايلىنىپ، ئىككى خىل نەشىردىكىنى كۆردۈم. بىرىنى شاڭگاڭنىڭ دەپ(‹港行›مۇ يا‹港版›مۇ ئۇنى بىلمىدىم)، 3600سوم باھا قويدى. يەنە بىرىنىڭ قايسى نەشىردىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم،4000سوم باھا قويدى(دۇككاندا تۇرغىنى شاگىرت بولسا كېرەك). بۇ ئىككىلىسىگە تېخى باھا تالاشمىدىم. (قەشقەر شەھىرى پوشتاخانا يىنىدىكى يانفون بازىرى، ئۆستەڭ بويى يولىدىكى ئىشىكتىن كىرىپ، ئوڭ قول تەرەپتىكى ئىككى دۇككانغا كىردىم، يەنە قىزىقىدىغانلار بولسا شۇ يەردىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ،ئۇيغۇرنىڭ دۇككىنى...)

        ئەمدىكى گەپ، مەن ئالغان نەشىردىكىسى بىلەن ئالىپ تورى ئېلان قىلغان i9100نىڭ ئۇيغۇرچە romمى ماس كىلەمدۇ يوق؟ بۇنداق ئەنسىرەشكە سەۋەنچى بولغىنى i9000نىڭ تېمىسىدىكى تۆۋەنكى ئىنكاس:

Chrome  ئەپەندى ،مىنىڭ يانفونۇم كورىيە نۇسقىسىدىكى Samsung I9000  يەنى m110s . سىلەر ياسىغان بۇ رومنىڭ مىنىڭ يانفونۇمغا ماس كەلمەيدىغىنى ئېنىق ،مەن دىمەكچى ،تىگىشلىك ھەقنى مەن تۆلىسەم مىنىڭ يانفونۇمنىڭ رومىنىمۇ يادروسىدىن ئويغۇرچە قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بىرەلەمسىز؟ ، خەنزۇچە رومنى ئۆزەم يېڭىلىيالايمەن

      مېنىڭ ئۇيغۇرچە romغا بەك ئېسىلىۋىلىشىم خەنچە ساۋادىم يوقلىقىدىن ئەمەس، خېلى يامان ئەمەس با. پەقەت شۇ ئۇيغۇرچە ئانجرويد romمى بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلگەن دەقىقىدىن باشلاپ، ئۆز تىلىمدا زامانىۋىي ئەقلىي يانفون ئىشلىتىش ئارزۇسىدا بولۇپ قالغان يېرىملا بار!

        نەچچە كۈندىن بىرى مۇشۇ تېمىدىكى سوئالغا ئالىپ تورىدا بىر ئېغىز جاۋابقا ئېرىشەلمەي خەنچە مۇنبەرنى ئارىلاپ باقتىم، نەتىجىدە تۆۋەندىكى بىر ئابزاس مېنىڭ ئەندىشىمنى يەنىمۇ كۆتۈرۈپ قويدى :

①欧版与港/台版间ROM可以互刷。国行手机不可直接刷欧版或港/台版固件,欧版和港/台版的手机不可直接刷国行固件。
②欧版刷为港版系统后,不可以使用KIES进行升级。
③港版ROOT后,仍可使用KIES进行升级。
④韩版SHW-M205S及SHW-M250K与水货ROM通刷。

     يۇقارقى ئابزاسنى كۆرۈپ چۈشىنەلمەي قالدىميۇ، يەنە ئۆز-ئۆزۈم بىلەن ئەنسىرەپ كەتتىم. بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويسا...

      ھازىر بىرلا مەسىلىنى بىلىۋالسام بولاتتى، زادى 9100نى ئالغاندا ئۇيغۇرچە romغا ماس كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەشىرنىمۇ ئويلىشىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇنداق قىلىش كەتمەمدۇ؟ ئالىپ چىقارغان romنى قايسى نەشىردىكى i9100 يانفونلاردا سىناق ئېلىپ بېرىپ باققان؟  مۇشۇنى بىلىۋالسام، يانچۇقتىكى3-4 مىڭ سومنى خاتىرجەم چىقىراتتىم!

     گەرچە يانفون ساھەسىگە دىققەت قىلىۋاتقىلى خىلى بولغان بولسىمۇ، ئىنچىكە يېرىگە كەلگەندە قورساقتا يەنىلا نەرسىنىڭ تايىنى يوق. android قا بولغان دەسلەپكى چۈشەنچىمۇ تېخى يېقىندىكى ئىش...

..........

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 15:45:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ سامسۇڭنىڭ يانفونلىرىنى تۇتۇپمۇ باقمىدىم. توردىكى ئۇچۇرلار ۋە ئالپتىكى تورداشلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا مېنىڭچە، ئۇيغۇرچە رومنى قاچىلاش ئارزۇيىڭىز بولسا شىياڭگاڭ نۇسخىسدىكىنى ئېلىڭ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 16:15:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭگاڭنىڭ مىلىدا «港版»بىلەن «港行»دەپ ئىككى خىل نەشىرى بولىدىكەن(‹港行›نى شاڭگاڭدىكى‹行货›دەپ، ‹港版›نى شاڭگاڭدىن كىرگەن ‹سۇ مىلى›دەپ بىلىمەن). مۇشۇمۇ سەل بېشىمنى قاتۇرىدۇ
..........

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
347
توردا
63 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 16:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
港行بىلەن国行 نىڭ نۇرغۇن  پەرقلىنىدىغان يەرلىرى بۇلىدۇ ، مەسلەن 港行دا 3g  ئىتىدارى بولغان  بولسا ، 国行دا  بۇخىل  ئىقتىدارى بولماسلىقى  مۇمكىن ، يەنە wlan دىگەندەك  ئىقتىدارلار ......  نوكىيا  تېلفۇنلىرىنى ئىشلىتىپ  باققانلار بىلىدۇ 港行بىلەن国行 نىڭ نۇرغۇن پەرقلىق  جايلىرى بار .  يەنى قاتتىق  دېتال  جەھەتتە  .  ئەگەر سىز 港行 تېلفۇنغا 国行نىڭ رومىنى قاچىلىۋەتسىڭىز ،  ئاۋۇ  مەن  ئۈستىدە  دىگەن  بەزى ئىقتىدارلىرى ئىشلىمەي  قالىدۇ ، ياكى  تېلفۇندا  نورمالسىزلىق   كۈرۈلىشى مۇمكىن .

①欧版与港/台版间ROM可以互刷。国行手机不可直接刷欧版或港/台版固件,欧版和港/台版的手机不可直接刷国行固件。
②欧版刷为港版系统后,不可以使用KIES进行升级。
③港版ROOT后,仍可使用KIES进行升级。
④韩版SHW-M205S及SHW-M250K与水货ROM通刷。


ماۋۇ  ئۈستىدە دىيىلگىنى  ئارلاشتۇرۇپ  قاچىلىماسلىقنى  كۆسەتسە كېرەك .   مىنڭچە  ئۇيغۇرچە  روملار ئاساسەن    国行 نى   ئاساس قىلىپ   چىقىرىدىغۇ  دەيمەن ، قاچىلاۋەرسىڭىزمۇ  چوڭ  چاتاق  يوق .  بە  بولمىسا  روم  ياسىغۇچىلارنىڭ جاۋابىنى  ساقلاپ   بېقىڭ  .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
4003
جۇغلانما
664
توردا
210 سائەت
نادىر
0
تېما
16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 18:32:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     mzp009 بۇرادەر تېمىڭىزنى كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن. شۇندىمۇ كۆز قارىشىمنى بايان قىلاي. 9100 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى كوريە نۇسخىدىكى 9100 (يەنى بۇنىڭ قاتتىق دېتالى ئوخشىمايدۇ، بۇنى بازاردا ئاسىيا نۇسخىسىمۇ دەپ قويىدىكەن)دىن بارشقا بارلىق  بارلىق نۇسخىلارغا؛ يەنى ياۋروپا، جوڭگو، شاڭگاڭ قاتارلىقلارغا ماس كېلىدۇ. مىنىڭ تەۋسىيەم سىز ياۋروپا(欧版)نۇسخىسىنى سېتىۋىلىڭ. بۇنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، سۈپتى ياخشى. ئامىركا، ياكى كۆريە، ياكى ئاسىيا نۇسخىسى دېسە ھەرگىز ئالماڭ. ياۋروپا(欧版) نى ھازىر ئۇرۇمچىدە 3150 دىن 3250 سومغىچە ئالغىنى بولىدۇ. قەشقەردە 3300 گە ئالسىڭىز بولىدۇ. ئېشىپ كەتسە، توردىن ياكى ئۈرۈمچىدىن ئالدۇرۇڭ.
     قارىسام سىز سەل قايناپ قاپسىز، مۇشۇ بانىدا مەنمۇ دەردىمنى تۆكىۋالاي. مەن ھەربىر تېلفۇننىڭ ئۇيغۇرچە رومىنى سىناپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن خېلى كىچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزىشىم كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ھەم قىلمسام بولمايدۇ. بۇنچە جاپالارنىڭ ھەممىسى يەنىلا سىز ۋە سىزلەر ئۈچۈن دۈر. ئەگەر مەنچە بولسىغۇ ھەربىر ئۇيغۇرنى تۇتۇۋىلىپ بىلدىغانلىرىمنى ئۆگىتىۋەتسەم، مەندىن كۆپرەك بىلدىغانلار بولسا بىلدىغانلىرىنى ئۆگنىۋالسام دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئامان بولۇڭ. قەشقەرگە بارغاندا كۆرىشەرمىز.

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 18:52:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلىي چۈشەندۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ئەمدى خاتىرجەم بازارغا چىقىدىغان بولدۇم.
تېمىدا گەپ-سۆزىرىم قاتتىق كەتكەن يەرلىرى بولسا ئەيىپكە بۇيرىماڭ.  ھارمىغايسىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mzp009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-27 16:56  

..........

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 18:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Chrome يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 16:32
mzp009 بۇرادەر تېمىڭىزنى كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن. شۇندىمۇ ك ...

ھە راس، ئىنكاستا ئۇيغۇرچە ROM كورىيە نۇسخىسىغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپسىز، مۇنكىن بولسا مۇشۇنى ROMيوللىغان تېمىغىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئويلۇشۇپ باققايسىز!
..........

Rank: 2

ئاقچا
31
جۇغلانما
54
توردا
21 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 21:21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر باھاسى مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلفۇن ئالاي دىسىڭىز HTC نىڭكىنى ئېلىڭ~!!! قىزىقسىڭىز ئۇچۇر قىلىڭ ،، پىقىر HTC نىڭ ھەرخىل تىپتىكى تىلفۇنلىرىنى ساتقۇچى بولىمەن .
ھەقىقى ئالدىراشچىلىق قەبرىگە كىرگەندە باشلىنىدۇ~!!!

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 22:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
I_Love_ALLAH يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 19:21
ئەگەر باھاسى مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىلف ...

ھازىرچە samsung ئالغۇم كەپقالدى، كېيىنچە HTC ئالىدىغان ئىش بولسا چوقۇم سىزدىن مەسلىھەت سورايمەن.
..........

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 22:54:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۈگۈن بازارغا بېرىپ 4000سوم دەپ باھا ئېيتقىنىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ زاۋۇت ئۇچۇرلىرىنى كۆرەي دەپ*# دېگەندەك نومۇرنى كىرگۈزۈپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم، توردىن بىسىپ چىقىرىۋالغان ماتىرىيالدا ساننى كىرگۈزۈپ بولۇپ «进入工程模式»دەيدۇ، لېكىن نەدىن قىلىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم.
    ئاخىرى دۇككاندارنىڭمۇ تاقىتى تاق بولۇپ، ئاۋۋال باھاسىدا كىلىشىپ ئاندىن سىنىسىلا، دەپ قوپتى، شۇنىڭ بىلەن 3200دېگەن باھاغا ئۇنمىغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتىم

قانداق قىلىدۇ ئۇ  «进入工程模式» دېگەننى؟
..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.069747 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 02:45

چوققىغا قايتىش