ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 2535|ئىنكاس: 19

تورسىز چۈشۈرۈشنى بىلەمسىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 13:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىن بەزى تەستە تېپىلدىغان ئويۇن، يۇمشاق دېتال، كىنولارنى چۈشۈرسەك بەك ئاستا چۈشىدۇ. سېكۇنتىغا نەچچە كىلوبايىتتىن. چۈشۈرۈشكە نەچچە كۈن،  ھەتتا بىرەر ئاي كېتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ verycd دىكى توك قېچىر (emule)ئارقىلىق چۈشۈردىغان ياكى BT ئۇرۇقى ئارقىلىق چۈشۈردىغان دېتاللار شۇنداق.
مۇشۇنداق ئاستا چۈشۈدىغان مەنبەلەرنى تورسىز چۈشۈرسەك بەك تېز چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر 讯雷 ،qq旋风 قاتارلىق دېتاللار تورسىز چۈشۈرۈشنى قوللايدۇ.
تورسىز چۈشۈرۈش دېگەن نېمە؟
بىز چۈشۈرمەكچى بولغان مەنبەنى چۈشۈرۈش دېتالى ئاۋال ئۆزىنىڭ بۇلۇت سۇپىسىغا چۈشۈرۋالىدۇ. بۇلۇت سۇپىسىغا چۈشۈرۈش تېزلىكى ئىنتايىن يوقىرى بولۇپ، 10Gb چوڭلۇقتىكى ھۆججەتنى نەچچە سېكۇنتقا قالماي چۈشۈرۈپ بولىدۇ. ئاندىن بىز بۇلۇت سۇپىسىدىن چۈشۈرۋالىمىز. بۇلۇت سۇپىسىدىن چۈشۈرۈش تېزلىكى بىزنىڭ تور تېزلكىمىزنىڭ ئەڭ يوقىرى چېكىگە يېتىدۇ. مەسلەن سىزنىڭ تور تېزلىكىنىڭىز 8mbs بولسا سېكۇنتىغا چۈشۈرۈش تېزلىكىڭىز 780kb/s قا يېتىدۇ.
ئەگەر چۈشۈردىغان ھۆججەتنىڭ مەنبەسى ئاز بولسا بۇلۇت سۇپىسىغا يۈكلەشكە بۇيرۇق بېرىپ قويۇپ، تورىڭىزنى ئۈزۋەتسىڭىزمۇ ئۆزى چۈشۈرۈپ تۇرىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شۇ يەردىن چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.

qq旋风 نىڭ تورسىز چۈشۈرۈش ئىقتىدارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي. qq旋风 غا كىيۇكىيۇ نومۇرىڭىز ئارقىلىق كىرسىڭىز 3 گېگابايىتلىق تورسىز چۈشۈرۈش بوشلۇقى بېرىدۇ. يەنى بۇلۇت سۇپىسى بوشلۇقى. 3 گېگابايىتتىن كىچىك مەنبەلەرنى تورسىز چۈشۈرۈلەيسىز دېگەن گەپ. كىيۇكىيۇغا 10 يۈەن پۇل تۆلەپ بىر ئايلىق ئەزا بولسىڭىز بوشلۇق سىغىمىنى 10گېگابايىتقا كۆتۈرۈپ بېرىدىكەن. ئادەتتىكىچە ئىشلىتىشكە 3 گ بوشلۇقمۇ يېتىدۇ. چۈشۈرۈپ بولغان ھۆججەتنى تورسىز بوشلۇقتىن  ئۈچۈرۋېتىپ يەنە باشقىسنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

qq旋风  نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تور بەتتىكى چۈشۈردىغان يەرنى ياكى چۈشۈرۋاتقان مەنبەنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن 离线下载 دېگەن خەتنى باسسىڭىز بولىدۇ. qq旋风 غا كىيۇكىيۇ نومۇرى ئارقىلىق كىرمىگەن بولسىڭىز كىيۇكىيۇ نومۇرىڭىزنى ۋە شىفىرىڭىزنى كىرگۈزۈشنى سورايدۇ. كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرسىڭىز تورسىز چۈشۈرۈشنى باشلايدۇ.
001.jpg


بىۋاستە تورسىز چۈشۈرگەن مەنبە بۇلۇت سۇپىسىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىغا چۈشۈرۋېلىش ئۈچۈن  存到本地 دېگەن خەتنى باسسىڭىز بولىدۇ
002.jpg


ماۋۇ رەسىمدىكىسى بۇلۇت سۇپىسىدىن كومپىيۇتېرىمىزغا چۈشۋاتقاندىكى تېزلىكى
003.jpg


讯雷 نىڭ ھەقسىز تورسىز بوشلۇقى ئاران 1.5 گېگابايىت. شۇڭا ئۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئۇنىڭ ئىشىلىتىش ئۇسۇلىمۇ يوقارقىغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
160
ئاقچا
7
توردا
23 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-10
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 15:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بىر ئشلىتىپ باقايلى ، ياخشى بولسا چاقماقتىن   بۇنىڭغا كۆچەرمىز!

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
71
ئاقچا
6
توردا
5 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-15
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 19:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاختىن بىلمەپتۇقتە بۇ ھۈنەرنى رەخمەت سىزگە...

Rank: 4

جۇغلانما
349
ئاقچا
10
توردا
63 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-22
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 00:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا  جىق  ئىشلەتكەن  ئىدىم  بۇنى ،  كىشىنىڭ  نۇرغۇن ۋاقتىنى  تىجەيدۇ ھەم  بەك  قۇلايلىق .  ئىشلىتىپ  باقمىغانلار سىناپ  باقساڭلار  بۇلىدۇ .  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
404
ئاقچا
50
توردا
95 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-29
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 03:04:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرىتى بەك تېزكەنغۇ ؟  سىناپ باقسام بولغۇدەك، كۆپ رەھمەت ئالپ ئەپەندى

Rank: 2

جۇغلانما
61
ئاقچا
7
توردا
2 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-28
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 15:43:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېكى بىر بىلىمگە ئېرىشتىم. رەھمەت
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 4

جۇغلانما
253
ئاقچا
0
توردا
15 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-3
نادىر
0
تېما
14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 19:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

Rank: 1

جۇغلانما
5
ئاقچا
1
توردا
0 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-13
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 13:36:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، سىناپ باقاي.

Rank: 1

جۇغلانما
9
ئاقچا
1
توردا
1 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-30
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 08:21:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم بۇ ناھايىتى ياخشى ئۇسۇلكەن،ئەمما مەن كىچىككىنە يىرىنى قىلالمىدىم، شۇڭا ياردەم سورىماقچى ئىدىم ،قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ كۆرسەتمە بەرسىڭىز.

Rank: 1

جۇغلانما
9
ئاقچا
1
توردا
1 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-30
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 08:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم بۇ ناھايىتى ياخشى ئۇسۇلكەن،ئەمما مەن كىچىككىنە يىرىنى قىلالمىدىم، شۇڭا ياردەم سورىماقچى ئىدىم ،قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ كۆرسەتمە بەرسىڭىز.1455170499
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 04:30 , Processed in 0.130956 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش