ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 2578|ئىنكاس: 37

ئالپ تورى بىلەن UyghurWeb تورى بىرلەشتى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
740
ئاقچا
4559
توردا
235 سائەت
تىزىملاتقان
1970-1-1
نادىر
0
تېما
16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 22:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ok.jpg




    ئالپ تورىنىڭ قىممەتلىك ئەزالىرىغا، ۋە تور بېكتىمىزنى زىيارەت قىلدىغان بارلىق تورداشلارغا مەلۇم بولسۇنكى، دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە يانفۇن دېتاللىرى تەتقىقات تور بېكتى www.alip.biz تورى بىلەن ئەسلىدىكى www.UyghurWeb.comئۇچۇر تېخنىكا تور بېكتى بىرلەشتى. UyghurWeb.com توربېكتى 2007-يىلى قۇرۇلۇپ بېكەت باشلىقلىرى ۋە 5000 غا يېقىن ئەزالارنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن تەرەققىي قىلىپ، 2009-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى. 2009-يىلى 6-ئايدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور بېكەتنى توختاتقان ئىدۇق. بىز مۇشۇ سەۋەب بىلەن UyghurWeb.com تور بېكتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن خىجىللىق بىلەن ئەپۇ سورايمىز.

    بۇندىن كېيىن تور بېكتىمىزنىڭ خارەكتىرى IT (ئۇچۇر تېخنىكا) ساھەسىنى ئاساس قىلىدۇ. ئالپ تور بېكتىنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى ۋە UyghurWeb.com بۇرۇنقى ئەزالىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ قوللىشىغا مۇھتاجمىز. ھازىر تېما ۋە ئەزالارنى بىرلەشتۈرۈش ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. يىقىن ئارىدا UyghurWeb.com نىڭ بۇرۇنقى ئەزالىرىنىڭ ئۆز نامىدا بېكەتكە كىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئەزا ئىسمى ۋە ئىمىنى ئۇنتۇپ قالغانلارنىڭ يېڭدىن ئەزا بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

    بىر تور بېكەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى تامامەن ئەزالارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بولىدۇ. بۇ تور بېكەت ھەممىمزنىڭدۇر!  تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرى، تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تورداشلارنىڭ «ئىلىمنىڭ زاكىتى ئۈچۈن» بىلدىغانلىرىنى تورىمىز ئارقىلىپ باشقىلارغا بىلدۈرۈشىنى، ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ تورىمىز ئارقىلىق بىلمىگەنلىرىنى ئۈگنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزمۇ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ۋە نادىر ماقالىلەرنى ۋە دېتاللارنى كۆپچىلىككە سۇنىشقا تىرشىمىز.

              http://www.uyghurweb.com

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
139
ئاقچا
2
توردا
45 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-14
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 22:24:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IT ساھەسىدىكى ئىككى باشلامچى تور بىكەتنىڭ بىرلەشكەنلىكىنى تەبىرىكلەيمىز ، شۇنداقلا ئالىپ تورىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ تەرەققى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 22:29:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور دۇنياسدىن بىلىم خاراكتىردىكى بىر تور بەت يوقالسا بىر مەكتەپ يوقالغان بىلەن باراۋەر. UyghurWeb.com نىڭ ئەينى ۋاقىتتا تاقىلىپ قېلىشى بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغان بولسا، ئەمدى ئالپ تورى بىلەن بىرلىشىپ، بۇرۇنقى يازمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى Chrome ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەزالىرىغا مەسئۇل بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
ئەسلى Chrome ئەپەندى بوشلۇقتىن بىرنى ئېلىپلا بۇرۇنقى سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ UyghurWeb.com نى ئايرىم ئاچسىمۇ بولىۋېرەتتى. UyghurWeb.com  تور نامىمۇ Chrome ئەپەندىنىڭ قولىدا ھازىرغىچە ساقلىنىغلىق ئىكەنتۇق. ئوخشاش تۈردىكى تور بەتنى كۆپەيتىكۈچە بىرلىشىشنى ئەۋزەل كۆردۇق.
بىرلىشىش تەرەقىياتتىن، يۈكسىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ بىرلىشىشنىڭ «ئۇيغۇر» سۆزى ئىپادىلەيدىغان «ئويۇشۇش» تەك مۇستەھكەم بولۇشىنى، ئىككى تور بەت ئىسمىنىڭلا ئەمەس، بارلىق ئەزالارنىڭ بىرلىششىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
635
ئاقچا
3
توردا
82 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-24
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 22:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق دىگىنىڭز ئۇرۇنلۇق مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ئۇيغۇر توردىكى بىر كۈچلۈك تۈرۈككە ئايلىنىپ  باشقا تور بەتلەرگە ئۈلگە بولغۇسى ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالىپ تورىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ۋە شۇنداق بۇلىدىغىنىغا ئىشىنىمەن غەلبە تىرشقانلارغا مەنسۇپ تىرشىڭلار دوسلار
ئابلاجان

Rank: 2

جۇغلانما
20
ئاقچا
2
توردا
7 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-18
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:28:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇم، ئەمدى بۇ مۇنبەر تىخىمۇ قىززىپ كىتىدىكەندە

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
73
ئاقچا
7
توردا
3 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-15
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:50:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدېگەن ياخشى.مەن ئەينى چاغدا Uyghurwebتورىنىڭ ئەزاسى ئىدىم ھەم بۇ مۇنبەردىن ناھايىتى كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم.ئەپسۇسكى بۇ مۇنبەر تاقىلىپ قېلىپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولۇپ،ھەسرەتتە قالغان ئىدىم.قارىغاندا بۇرۇنقى مۇنبەر تېمىلىرىنى قايتىدىن كۆرەلەيدىغان ئوخشايمىز.
ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارغا مېھرىبان ئاللاھتىن سالامەتلىك،ئۇزۇن ئۆمۈر،ئائىلەڭلارغا ئىككى ئالەملىك بەخت سائادەت تىلەيمەن........

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
78
ئاقچا
4
توردا
10 سائەت
تىزىملاتقان
2011-2-27
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 00:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.......
كىتابخانا-ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
59
ئاقچا
20
توردا
63 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-15
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 00:12:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ!!! ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ!!!

Rank: 2

جۇغلانما
43
ئاقچا
1
توردا
8 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-11
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 01:45:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئىش بوپتۇ

Rank: 2

جۇغلانما
18
ئاقچا
5
توردا
2 سائەت
تىزىملاتقان
2011-2-2
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقىمدا سىلەرنى تىللىماقچىمۇ بولغان ئېدىم(سالامدىن بۇرۇن سەپرالىقىم تۇتۇپ قالدى)
جەسۇردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇققان ۋاقتىمدا تور بېكەت ئاللىبۇرۇن تاقىلىپ بولغان ئىدى..
ھەر نېمە بولسا قايتىدىن يۈز كۆرۈشىدىغان بوپتۇق... ئىگەم ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق بەرگەي، مەن يەنىلا ھازىرقى مۇشۇ نامىمدا چىقاي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 08:32 , Processed in 0.113783 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش