ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى 
ئۇيغۇرچە يانفون 
ئەپلىرى 
HTC Samsung
Motorola
Sony Ericsson
Iphone
Android
Windows Phone
ئۇيغۇرچە يۇمشاق 
دېتاللار  
كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى
| 
مەن 天星 A5000 تىپلىق يانفۇندىن بىرنى ئالغان ئىدىم . روئوت ھوقۇقىنى ئاچقاندىن كىيىن سېستىمدا بىللە تەمىنلەنگەن بىر قىسىم ئېنگىلىزچە يۇمشاق دىتاللارنى ئۆچۈرۋەتكەن ئىدىم .كىيىن يانفۇننى قايتا قوزغىتىشقا توغرا كەلدى . لىكىن قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن تېلىفۇنننى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرغان ھالەتتە قوزغىلىپ تەڭشەش يىتەكچىسى چىقىۋالدى . تەڭشەش يىتەكچىسىنىڭ بىرىنچى تۈرى ئاندىروئىدنىڭ رەسىمىنى بېسىپ  سېستىمىغا كىرىش ئىكەن . لىكىن بۇ رەسىمنى بارمىقىم بىلەن نەچچە قېتىم بېىسىپ ، شاپاللاپمۇ باقتىم .لىكىن بېسىللغاندا ئازراق رەڭ ئۆزگەرتىپ قويۇپلا يەنە قاراپ تۇرىدۇ . يەنە بۇ رەسىمنى بېسىڭ دىگەن ئۇچۇر يوقالمىدى .باسسام يەنە ئوخشاش . بۇ كۆزنەكنى يا ئۆچۈرۋەتكىلى بولمىدى .يا ئاتلاپ كىينگە ئۆتكىلى بولمىدى . يا تېلىفۇن ئۇرغىلى يا تېلىفۇن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ . قەتئى ئىشلىتەلمىدىم . بۇ ھەقتە بىر ياردەم قىلساڭلار .قانداق قىلسام تېلىفۇنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالغىلى بولىدۇ . تىزراق ياردەم قىلساڭلار |   
 
  | 
 
 
 
 
bottom