ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun ئۈلۈشكۈن 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 16

قەشقەردىكى يەرشارى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

11

دوست

2942

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
26
جۇغلانما
854
توردا
714 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇشلار
 ۋەتەنسىز قۇشلار
 پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار .
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
 غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ .

غېرىبلىقتەك
 ئېگىز بىنا .
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم .
تام .
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ- ئادەت .
توي .
ناتونۇش دەپنە مۇراسىمى .
قۇشلارنىڭ يېشى .
ئەينەك غېرىبلىق .
قول يەتمەس ئىشىك .
كارىۋات .
قاچقان ئۇيقۇ .
ئوچۇق دېرىزىدىكى
 ئاپئاق ساڭگىلاپ
تۇرغان ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قولى .
غەم تولغان كۈلدان .
ئايرۇپىلان .
دېڭىز .
قۇشلارنىڭ يېشى .
ھەممە يەردە يات ئادەم .

مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن ،
يەنىلا ئۆزىڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ .
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قول ياغلىقىڭنى .
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى ،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن .
مىليونېر بوپكەتكىن بەرىبىر يەرلىك
- قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق .
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق .
مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە ،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
 ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت .
بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ 
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى .
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چىركاۋى
 كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
 كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان .
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا ،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا .
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن ،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن .
ۋەتەن ، ئېھ ۋەتەن ،
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى ،
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم .
گۆھەردۇر ، ئالمىدۇر ، خۇش پۇراق گۈلدۇر ،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تىزەك .
ئەيسادۇر ، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى ،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك .
ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
 يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن .
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
 ئۆز ئېلىڭدە ئۆز تىلىڭدا ئۆز ؛
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
 شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز .
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
 گېزىتلەردىن پاز ياكى تاگورنىڭ ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە ،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيىتقان قوشاقچە .
ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
 دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن ،
سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن
 ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن .
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
 كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن …
سېغىنغاندا قەشقەرنى
 چەت ئەلدىكى ھەر بىر مۇھاجىر
 شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر .


شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ قەشقەردىكى يەرشارى ناملىق داستانىدىن پارچە


66

تېما

31

دوست

1674

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
461
توردا
415 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت
ئۇيغۇر تىلى مىنىڭ تىلىم   مىنىڭ جىنىم مېنىڭ پەخرىم.......

2

تېما

4

دوست

221

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
54
توردا
88 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل تۇنىياز ئەپەندىمنىڭ دۇنيادىكى 33 چوڭ شائىرلار قاتارىغا كىرگەندىن كىيىن ،يېڭى شېئىرلىرى چىقسىلا ئىزدەپ ئوقۇشنى قولدىن بەرمىدىم
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

باھا سۆز

ئانا_تىل  قېرىندىشىم، مەنبەسىنى بىر يوللىۋەتسىڭىز بوپتىكەن، رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

5

تېما

0

دوست

442

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
104
توردا
126 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ…

4

تېما

4

دوست

977

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
276
توردا
235 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilistan يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 11:17
ئادىل تۇنىياز ئەپەندىمنىڭ دۇنيادىكى 33 چوڭ شائىرلار قا ...

مەن خەۋەرسىز قاپتىمەنغۇ، بۇ ئىشتىن..... بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق ئىشەنچىلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن، قېرىندىشىم...

18

تېما

11

دوست

2942

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
26
جۇغلانما
854
توردا
714 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SADAおんがく يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 11:42
يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ…

ئەگەر بۇ داستاننى تۇلۇق ئۇقىسىڭىز يەنە باشقىچە تەسىراتتا بۇلىسىز، ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ…

5

تېما

2

دوست

286

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
83
توردا
12 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت  كەن  جىمۇ  ئادەمنى  بەكلام  ئويغا  سالىدىكىن
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

0

تېما

0

دوست

564

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
181
توردا
120 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپتۇ ...ھەممىسنى ئۇقۇپ چىقساق دەردىمىزگە ئازتولا داۋا بولغۇدەك ؛

0

تېما

0

دوست

181

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
10
جۇغلانما
59
توردا
46 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilistan يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 11:17
ئادىل تۇنىياز ئەپەندىمنىڭ دۇنيادىكى 33 چوڭ شائىرلار قا ...

قاچان شۇنداق بوپتىكەن؟ مەنبەسىنى تەمىنلىۋەتمەمسىز؟

0

تېما

3

دوست

1643

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
365
توردا
726 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ پاھ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-6 11:53 , Processed in 0.146498 second(s), 36 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش