ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun ئۈلۈشكۈن 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 17

Wi-Fi سىمسىز تورنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

578

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2
جۇغلانما
255
توردا
38 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 10:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokkaptar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-27 10:31  

    ئالدىنقى مەزگىللەردە تېلېۋىزىيە ۋە تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا باشقىلارنىڭ Wi-Fi غا ئۇلىنىپ، ئۇنىڭ بانكا ھېساباتىغا زىيان سالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى. ھەتتا ئالدامچىلارنىڭ ھەقسىز Wi-Fi نۇقتىسى قۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۇلانغان كومپيۇتېرلار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مال مۈلۈكىگە زىيان سالغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى.
    بۇ يەردە بىز بۇ خىل زىيانكەشلىك قىلمىشلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختالمايمىز. لېكىن Wi-Fi ھەققىدىكى يازما ئارقىلىق تورداشلار بەلكىم، Wi-Fi غا ئۇلانغان كومپيۇتېرلارنىڭ بىر قىسمى تورغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق. بىر قىسمى تورغا تەۋە بولغان كومپيۇتېرلارنىڭ بىر بىرىگە قوشنا بولىدىغانلىقى، كومپيۇتېردا ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەڭشەكلىرىنى ئىلىپ بارمىغان ئەھۋالدا Windows مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ، بىر قىسمى توردىكى كومپيۇتېرلارغا قارىتا ئالاھىدە مۇداپىئە ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى تورداشلار چۈشىنىمىز. لېكىن زادى قانداق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مەۋجۇت؟ بۈگۈن تورداشلار بىلەن Wi-Fi نىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.

    نۇرغۇن تورداشلار باشقىلار ئېچىپ قويغان پارولسىز Wi-Fi لارغا ئۇلىنىپ ئىشلىتىشكە ئامراق، ھەتتا باشقىلارنىڭ پارولىنى يېشىپ، بىكارلىق تور ئىشلىتىشكىمۇ قاتتىق ھەۋىسى بار. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ قىلمىشلارمۇ سىزنى زىيانلانغۇچى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا كەمىنە كۆك كەپتەر ئىزچىل ھالدا سىرىتقا چىققاندا ئىمكان بار ھەقلىق Wi-Fi غا ئۇلىنىشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدىم.

Wi-Fi تورى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىلىشنىڭ زىيىنى

1. ئۆزىڭىزنىڭ نورمال تور ئىشلىتىشىڭىز زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئادەتتە ئائىلىلەرگە ئېچىلغان ADSL تورىنىڭ سۈرئېتى ئەسلىدىنلا ئاستا بولۇپ، ئۇنىڭغا باشقىلار قالايمىقان ئۇلانسا، توردا خوراش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ دە سىزنىڭ نورمال تور ئىشلىتىشىڭىز دەخلىگە ئۇچرايدۇ.

2. بايام دەپ ئۆتكەندەك، سىز بىلەن بىر قىسمى تورغا ئۇلانغاندىن كىيىنلا، كومپيۇتېرىڭىزدا ئالاھىدە تەڭشەش ئېلىپ بارمىغان بولسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۇنى بىر قوشنام دەپ تونۇيدۇ-دە، ئۇنىڭغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى ئاجىزلايدۇ. كومپيۇتېرىڭىزنى يىراقتىن باشقۇرۇش، ماتېرياللىرىڭىزنى كۆرۈش، ئوغۇرلاش قاتارلىق قىلمىشلارغا قولايلىق تۇغۇلىدۇ.

3. سىزنىڭ تورغا ئۇلانغان ئىكەن، ئۇلانغۇچىنىڭ بارلىق پائالىيىتى سىزنىڭ تور ھېساباتىڭىزنىڭ نامىدا بولىدۇ-دە، توردا قىلغان بارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا سىز سەۋەبچى بولۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە قانۇن ھەقىقى جاۋابكارنى ئىنىقلاپ جازالايدۇ، لېكىن ھەقىقى ئەھۋال ئېنىقلىنىپ بولغۇچە، سىزگە ئاۋارىچىلىق.

باشقىلارنىڭ Wi-Fi سىمسىز تورىمىزدىن ئوغۇرلۇقچە پايدىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئەمدى يازمىمىزنىڭ نېگىزلىك يىرىگە كەلدۇق.
ئادەتتە ئائىلىلەردە ئىشىتىلىدىغان سىمسىز يېتەكلىگۈچ (无限路由器)لاردا بىر نەچچە خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئىقتىدارلارنىڭ ئۆزىلا Wi-Fi سىمسىز تورىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ. بۇ يازمىمىزدا TP-LINK نىڭ WR841N تىپلىق سىمسىز يېتەكلىگۈچنى مىسال قىلىپ سۆزلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان WR340G ياكى WR840N تىپلىق يىتەكلىگۈچلەرمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ. ناۋادا پىرىنسىپىنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، باشقا ماركىلىق يىتەكلىگۈچلەرنىمۇ تەڭشەپ كېتەلەيسىز – ئەلۋەتتە.

بىرىنچى. Wi-Fi سىمسىز تور سىگىنالىنى يوشۇرۋىتىش ئارقىلىق قوغداش

ئادەتتە تور ئوغرىلايدىغانلار ئەتراپىدىكى سىمسىز تورلارنى ئىزدەش ئارقىلىق نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ، سىگنالنى يوشۇرۋەتسىڭىز. ئىزدىگەندە كۆرۈنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ. سىز بولسىڭىز بىر قېتىم ئۇلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈسكۈنىڭىز يوشۇرۇن تۇرغان سىمسىز تورنى ئاپتوماتىك ئىزدەپ تاپالايدۇ. يوشۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

سىمسىز يېتەكلىگۈچنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرگەندىن كىيىن، «سىمسىز تەڭشەك» (无线设置) نى بېسىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن «ئاساسى تەڭشەك» (基本设置) كە كىرىمىز. بۇ چاغدا ئېچىلغان بەتتە «SSID تارقىتىشنى ئېچىش» (开启SSID广播 )نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتسەكلا، Wi-Fi نى ئىزدىگەندە ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ، لېكىن بىر قېتىم ئۇلانغان ئۈسكۈنىلەر داۋاملىق تىپىپ ئىشلىتەلەيدۇ. ئۆزىڭىز باشقا ئۈسكۈنىنى ئۇلىماقچى بولسىڭىز، سىمسىز تورنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپلا ئۇلىسىڭىز بولىدۇ ياكى مۇشۇ ئىقتىدارنى تاقىۋېتىپ تۇرۇپ ئۇلىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار بەزى يېتەكلىگۈچلەردە «SSID تارقىتىشقا يول قويۇش» (允许SSID广播) دەپ كۆرۈنىدۇ.

wifi_bixeterlik-1.jpg


ئىككىنچى. سىمسىز تورغا پارول سىلىش ئارقىلىق قوغداش
بۇ سۆز بەلكىم تورداشلارغا ئارتۇقچە بىلىنگەن بولۇشى مۇمكىن، لىكىن نۇرغۇن تورداشلار پارولنىڭ زادى قانداق بولسا ئىشەنچىلىك بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ ياكى سىمسىز يېتەكلىگۈچ سېتىۋالغاندا قايسى خىل پارول شەكلىنى قوللايدىغانلىقىغا دىققەت قىلماي زىيان تارتىدۇ.
ھازىرقى سىمسىز يېتەكلىگۈچلەردە كۆپ ئىشلىتىدىغان پارول شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:

1. WEP پارول شەكلى:
بۇ Wi-Fi تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پارول شەكلى بولۇپ، ھەر قانداق سىمسىز يېتەكلىگۈچ قوللايدۇ. ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 152خانە مەخپىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، «ئوچۇق» (开放系统) ۋە ھەمبەھىر (共享密钥) قاتارلىق ئىككى خىل پارول دەلىللەش تىپى (认证类型) بار. بۇ خىل پارول شەكلىنى ئادەتتە ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. چۈنكى بۇ خىل پارول شەكلىنى يەشمەك ئەڭ ئاسان. بەزى ۋاقىتلاردا سىمسىز يېتەكلىگۈچ ياكى AP ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئارا ئۇلايدىغان ۋاقىتتا مۇشۇ خىل پارول شەكلىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز، بۇنداق ۋاقىتتا ئىمكان بار «ئوچۇق» دەلىللەش شەكلىدە سالغىنىمىز، مەخپىيلەشتۈرۈش خانە سانىنى يۇقۇرىراق قىلىپ تەڭشىگىنىمىز ياخشى، بولسا ئىمكان بار باشقا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىمۇ بىللە يولغا قويغۇلۇق.

2. WPA/WPA2 پارول شەكلى:
بۇ خىل پارول شەكلى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ھەر ھالدا بىخەتەر بولۇپ، ئۇنچە ئاسان يەشكىلى بولمايدۇ، دەرىجىسى يۇقىرى بولغان پارول يىشىش دىتاللىرى ئاندىن يىشەلەيدۇ. WPA ۋە WPA2 دىن ئىبارەت ئىككى خىل دەلىللەش تىپى، TKIP ۋە AES تىن ئىبارەت ئىككى خىل «شىفىرلاشتۇرۇشنى ھېسابلاش ئۇسۇلى» (加密算法) بار. ئادەتتە Radius مۇلازىمىتىرى (يىراق مۇساپىلىق دەلىللەش) ئارقىلىق پارولنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان سىمسىز تورلاردا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل سىمسىز تورلار ئادەتتە تېلېگرافنىڭ ChinaNet، كۆچمە تېلېگرافنىڭ CMCC، بىرلەشمە تېلېگرافنىڭ ChinaUnicom قاتارلىق Wi-Fi نۇقتىلىرىدا، چوڭ كۆلەملىك ئىدارە ئورۇنلارنىڭ AP سىمسىز تورلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. قانچە دانە Wi-Fi ئۈسكۈنىسى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، Radius مۇلازىمىتىرى ئارقىلىق پارولنى بىرلا ئۆزگەرتسە، بارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ پارولى بىر تۇتاش ئۆزگىرەيدۇ. ناۋادا Radius مۇلازىمىتىرى تەرىپىدىن ئايرىم ئىسىم ۋە پارول ئارقىلىق دەلىللەش بەلگىلەنگەن بولسا، تورغا ئۇلىنىش ئۈچۈن شۇ پارول كېرەك بولىدۇ، تورنى يەشكەن تەقدىردىمۇ، Radius مۇلازىمىتىرى قوللىمىسا تورغا ئۇلىنالمايدۇ. بۇ خىل پارول شەكلى ئۈچۈن ئايرىم Radius مۇلازىمىتىرى قۇرۇش كېرەك شۇڭا ئادەتتە ئائىلىلەردە ئىشلىتىلمەيدۇ.

3. WPA-PSK/WPA2-PSK پارول شەكلى:
بۇ خىل پارول شەكلى، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان سىمسىز تور ئۈسكۈنىلىرى قوللايدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارول شەكلى بولۇپ، ئەڭ ئاز بولغاندا سەككىز خانە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 64خانە پارول سىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل شەكىلدە سىلىنغان پارولنى ھازىرغىچە بىرەر پارول يېشىدىغان قورال يېشەلمەيدۇ. يىشىشكە ئۇرۇنغان تەقدىردىمۇ «شىفىر گۇرۇپپىسىنى يىڭىلاش دەۋرىيلىكى» (组密钥更新周期) بىكىتىلگەن بولۇپ، ئادەتتە 86400 سېكۇنت (بىر كۈن) بولىدۇ. (ئەلۋەتتە بۇنى خالىغانچە بىكىتىشكە بولىدۇ.) بۇنداق بېكىتىلگەندە پارول يىشىش قوراللىرى بىر كۈن جاپا تارتىپ، پارولنىڭ بىرىنچى خانىسىنىڭ كودىنى تاپقان بولسا، ئىككىنچى خانىسىنىڭ كودىنى تىپىپ بولغۇچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشۇپ، بىرىنچى خانىسى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ، شۇڭا پارولنى يېشەلمەيدۇ دىگەن سۆز. بۇ ئىقتىدار سەۋەبىدىن بەزىدە ھەتتا (پارول ئۆزگەرمىگەن تەقدىردىمۇ) ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكۈنىمىزمۇ پارولنى تونۇماسلىقى مومكىن، بۇنداق ۋاقىتتا سىمسىز يېتەكلىگۈچنى قايتا قوزغاتساق ياكى پارولنى قايتا سالساق تور نورماللىشىدۇ.

wifi_bixeterlik-2.jpg


ئۈچىنچى. MAC ئادىرىسىنى سۈزۈش ئارقىلىق قوغداش
بۇ خىل ئۇسۇل سىمسىز تورنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، «فىزىكىلىق قوغداش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا Wi-Fi نى ئىشلىتەلەيدىغان ھەر بىر ئۈسكۈنىگە ئايرىم ھوقوق بىرىلىدىغان بولۇپ، سىمسىز تورنىڭ پارولىنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتسىمۇ، ھەتتا پارول سالمىساقمۇ بىز ھوقۇق بەرگەن ئۈسكۈنىدىن باشقىلار سىمسىز تورغا ئۇلىنالمايدۇ. سىمسىز تورغا سىلىنغان پارولنى بىخەتەر ئىشكاپنىڭ پارولىغا ئوخشاتساق، MAC ئادىرىسىنى بىخەتەر ئىشكاپنىڭ ئاچقۇچىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. پارول مەۋھۇم نەرسە، بىر ئامال قىلىپ يەشكىلى بولسىمۇ، ئاچقۇچنى سىزنىڭ قولىڭىزدىن ئالمىسا ياسىيالمايدۇ. بۇنىڭدا بىردىن بىر يوچۇق، MAC ئادىرىسىنى ئۆزگەرتىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلىماقچى بولغان ئادەم ئاۋۋال سىزنىڭ MAC تىزىملىكىگە قوشۇپ قويغان بىرەر ئۈسكۈنىڭىزنىڭ MAC ئادىرىسىنى بىلىشى كېرەك. بۇ خىل ئېھتىماللىق يوق دىيەرلىك.

بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاددى بولۇپ، ئالدى بىلەن «MAC ئادرىسىنى سۈزۈش ئىقتىدارى» (MAC 地址过滤功能)نى ئاچىمىز. «سۈزۈش قائىدىسى» (过滤规则)نى «تىزىملىكتە كۈچكە ئىگە بولغان MAC ئادرېسلىرى بۇ سىمسىز تورنى زىيارەت قىلسا روخسەت» (允许 列表中生效的MAC地址访问本无线网络) نى تاللاپ قويۇپ، ئۈسكۈنىمىزنىڭ MAC ئادىرىسنى قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ. ئادەتتىكى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان سىمسىز يېتەكلىگۈچلەرگە 16دانە MAC ئادرىسىنى قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇ. (MAC ئادرىسىنى
چۈشەنمىسىڭىز
ياكى ئۇنى نەدىن تىپىشنى بىلمىسىڭىز، ئالدىنقى ئىككى پارچە يازمىغا دىققەت قىلىڭ.)

wifi_bixeterlik-3.jpg


ئادەتتە MAC ئادىرسى سۈزۈش ئىقتىدارىنى تاقاپ قويۇپ تۇرۇپ، ئۈسكۈنىمىزنى تورغا ئۇلىساق، «ئاپپارات ھالىتى» (主机状态) دا سىمسىز تورغا ئۇلانغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ MAC ئادرېسى كۆرۈنىدۇ. مۇشۇ يەردىن ئۈسكۈنىمىزنىڭ MAC ئادىرىسىنى كۆچۈرېلىپ MAC ئادرېسى تىزىملىكىگە قوشۋالساق، ئاندىن MAC ئادرېسى سۈزۈش ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويساق بولىدۇ. (دىققەت: WDS ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ سىمسىز يېتەكلىگۈچلەرنى ئۆز ئارا ئۇلىغاندا، MAC ئادرېسى سۈزگۈچىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۈسكۈنىڭىز ئىچىدە كۆرۈنگەن MAC ئادىرىسىنى تىزىملىكە قوشسىڭىز ئىشلىمەيدۇ، چوقۇم مۇشۇ «ئاپپارات ھالىتى»دە كۆرۈنگەن MAC ئادرسىنى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى WLAN ئېغىزىنىڭ MAC ئادرېسى بىلەن WDS نىڭ MAC ئادرېس ئوخشىمايدۇ.)

wifi_bixeterlik-4.jpg


قوشۇمچە: ھازىر چىقۋاتقان سىمسىز يېتەكلىگۈچلەردە QSS دەيدىغان بىر ئىقتىدار بولۇپ، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكەندە ئۈسكۈنىدىن سىمسىز يېتەكلىگۈچكە پارول سالمايلا ئۇلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاممىۋى سورۇنلار، تىجارەت ئورۇنلىرىدا سىمسىز يېتەكلىگۈچ قويغانلار «QSS بىخەتەرلىك تەڭشىكى» (QSS安全设置) دىن QSS ئىقتىدارى (QSS功能)نى تاقىۋېتىشى كېرەك. (QSS ئىقتىدارى ئارقىلىق تورغا ئۇلاشنى كىيىنكى يازمىلاردا سۆزلەيمىز.)
ئۇنىڭدىن باشقا، زاۋۇت تەرەپ قەرەرلىك ھالدا سىمسىز يىتەكلىگۈچنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاش بولىقى تارقىتىدىغان بولۇپ، ماس كىلىدىغان ئەڭ يېڭى بولاقلارنى چۈشۈرۈپ يېڭىلاپ تۇرۇش كىرەك. بۇنداق بولغاندا، بەزى بىر يوچۇقلار ۋە كاشىلىلار ھەل بولىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ تور ساۋاتلىرى «كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى»دا...

1

تېما

0

دوست

112

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
27
توردا
3 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 11:11:26 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ناھايتى  ياخشى بىلىمكەن   بىلۋالدىم   ھارمىغايسىز
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

0

تېما

2

دوست

788

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
212
توردا
253 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:26:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بەك تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز...

1

تېما

3

دوست

3034

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
0
جۇغلانما
212
توردا
1638 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە!

12

تېما

15

دوست

785

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
4
توردا
265 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahit8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-27 12:46  

شۇڭغا مەن مەخپى نومور بىكىتكەن .مەخپى نوموروم: 11111111
ئاددىي دەپ قالماڭ! ئەڭ خەتەرلىك جاي ئەڭ بىخەتەر.
بۇ يەر گە رەسىم چىقارغىلى بولماسما.

9

تېما

17

دوست

1184

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

چاقماق گۇرۇپپىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
20
جۇغلانما
22
توردا
769 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:46:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدىنقى قىتىم بىر يازمىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا دىيلىشچە مەخپى نومۇرنى بىلىۋالسا  تورغا قارىتا كۈزىتىش ئىلىپ بىرىپ، ئۇچۇر يوللاۋاتقان كومپىيۇتېرنىڭ mac ئادىرسىنى تاپالايدىكەن، ئاندىن mac ئادىرسىنى ئۆزگەرتىپ شۇ تورغا ئۇلىنىۋالالايدىكەن.

باھا سۆز

bahit8  ئاستىدىكى گۈلنى قانداق چىقاردىڭىز. ئىزچى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:48
‹‹ئىزچى››دىگەن ئىسمىمنى ئىجادكارغا ئۆزگەرتتىم،ۋاقىپ بولغايسىلەر

0

تېما

0

دوست

197

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
77
توردا
34 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ياخشى تىمىكەن ..مۇشۇنداق تىمىلارنى  كۆپرەك يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز ..

6

تېما

0

دوست

578

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2
جۇغلانما
255
توردا
38 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 13:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادكار يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 12:46
مەن ئالدىنقى قىتىم بىر يازمىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا د ...

ARP ئارقىلىق قوشنىلارنىڭ MAC ئادرىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. لىكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئاۋۋال سىمسىز تورغا ئۇلىنىشى كىرەك.

7

تېما

1

دوست

1247

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
454
توردا
164 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 13:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر مەزگىل مۇشۇ MAC ئادرېس ئارقىلىق قوغداپ ئىشلەتكەن ئىدىم....

9

تېما

17

دوست

1184

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

چاقماق گۇرۇپپىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
20
جۇغلانما
22
توردا
769 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 13:12:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 13:05
ARP ئارقىلىق قوشنىلارنىڭ MAC ئادرىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. ل ...

كۆك باچكا  مىنى قوشىۋالسىڭىز، چ چ 123000016  سۆزلىشىدىغان ئىش بار ئىدى.
‹‹ئىزچى››دىگەن ئىسمىمنى ئىجادكارغا ئۆزگەرتتىم،ۋاقىپ بولغايسىلەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-6 07:36 , Processed in 0.142123 second(s), 41 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش