ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 772 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun ئۈلۈشكۈن 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 239|ئىنكاس: 4

كومپيۇتېر تور كارتىسىنىڭ MAC ئادرىسىغا ئىرىشىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

578

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2
جۇغلانما
255
توردا
38 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 10:35:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokkaptar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 10:38  

تۈنۈگۈنكى يازمىمىزدا MAC ئادرېسى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۈگۈن كومپيۇتېر تور كارتىسىنىڭ MAC ئادرىسىغا ئىرىشىش ھەققىدە سۆزلەيمىز.

تورغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسنىڭ MAC ئادرېس بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق، بۇنداق بولغان ئىكەن، كومپىيۇتېردا تورغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىدىن قانچىسى بولسا، شۇنچە دانە MAC ئادرېس بولىدۇ دېگەن سۆز، مەسىلەن، سىملىق تور كارتىسى (RJ45 ئېغىزى، سىملىق تور كارتىسىدىن بىر قانچىسى بولسا، ئەلۋەتتە ھەممىسىنىڭ مۇستەقىل MAC ئادرېسى بولىدۇ.)، سىمسىز تور كارتىسى، 1394 ئېغىزى، كۆكچىش سىگنال قوبۇللىغۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇستەقىل MAC ئادرېسى بولىدۇ.

Windows سىستېمىسىدا MAC ئادىرىسنى كۆرۈشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇلى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بىز بۇ يەردە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قانچە خىلىنى سۆزلەيمىز.

1. خىل ئۇسۇل:
بۇنىڭدا «باشلاش» (开始) تىزىملىكىگە كىرىپ، «ئىجرا قىلىش» (运行) كۆزنىكىنى ئاچىمىز.

mac01.jpg


    چىققان كۆزنەكتە DOS بۇيرۇق پىروگراممىسىنى قوزغىتىش بۇيرۇقى cmd نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىمىز.

mac02.jpg


    دىققەت: Windows7 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ سۈكۈتتىكى ھالىتىدە (默认) ۋە Windows8 مەشغۇلات سىستېمىسىدا مەزكۇر «ئىجرا قىلىش» كۆزنىكى يوشۇرۋىتىلگەن بولۇپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Windows كۇنۇپكىسى بىلەن R كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق بۇ كۆزنەكنى ئوخشاشلا ئاچالايمىز.

mac03.jpg


    ئېچىلغان كۆزنەكتە ipconfig/all بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ، ئىجرا قىلساق، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار كومپيۇتېردىكى تورغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى بولۇپ، سىمسىز، سىملىق تور كارتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ناۋادا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا vmware قاتارلىق مەۋھۇم كومپيۇتېر دىتاللىرى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى تور بىلەن تەمىنلەيدىغان مەۋھۇم تور كارتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ بولىدۇ.

mac04.jpg


    سىز بەلكىم بۇ رەسىمدىكى ئۇچۇرلارغا قاراپ ئالدىنقى يازمىدا دىيىلگەن «بىر ئۈسكۈنىدىكى تور ئۈسكۈنىلىرىنىڭ MAC ئادرېس ئوخشىشىپ كىتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى يادىڭىزغا ئىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ رەسىمدىكى جەمئىي ئىككى دانە سىملىق تور كارتىسى، بىر دانە سىمسىز تور كارتىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرسىلا مۇشۇ كومپيۇتېر بىلەن بىللە چىققان، توپلاشتۇرۇلغان تور كارتىسى، قالغان ئىككىسى بولسا سىرىتتىن قوشقان تور كارتىسى شۇڭا MAC ئادرېسى ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بىز بۇ ئۇچۇردىكى تور كارتىسىنىڭ 本地连接، 无线网络连接 دىگەندەك ئىسىملارغا قاراپ قايسى تور كارتىسىنىڭ ئۇچۇرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساقلا بولىدۇ.

Linux سىستېمىلىرىدا بولسا تېرمىنال (终端) گە كىرىپ ifconfig (دىققەت: Windows تىكى بۇيرۇق بىلەن بىر ھەرپ پەرق قىلىدۇ.) بۇيرۇقىنى بەرسەك تور ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ، مۇشۇ ئۇچۇرلار ئارىسىدىن MAC ئادىرىسىنى تاپالايمىز.

mac05.jpg


2. خىل ئۇسۇل:
بۇ ئۇسۇل كۇنۇپكا تاختىسىغا قارىغاندا مائۇسنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان دوستلارغا تەمىنلەنگەن، ئۇنىڭدا باشقا كومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا DOS بۇيرۇق ھالىتى ئېچىلسىلا، كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىپ كىتىدىغان ئەھۋاللاردا ئەسقاتىدۇ.

Windows7 ۋە Windows8 ھالىتىدە ئىكراننىڭ ئوڭ بۇرجىكىدىكى تور بەلگىسىنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، تۆۋەندىكىچە بۇيرۇق ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن «تور ۋە ھەمبەھىرلەش مەركىزىنى ئېچىش» (打开网络和共享中心) نى چىكىمىز.

mac06.jpg


    ئەگەر مەشغۇلات سىستېمىڭىز Windows7 بولسا، ئېچىلغان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە نورمال خىزمەت قىلۋاتقان تور كارتىسىنىڭ ئىسمى «يەرلىك ئۇلانما» (本地连接)نى چەكسەك، شۇ تور كارتىسى تەمىنلەۋاتقان تورنىڭ ھالىتى كۆرۈنىدۇ. چىققان كۆزنەكتە «تەپسىلى ئۇچۇر» (详细信息)نى شۇ تور كارتىسىنىڭ MAC ئادرېسى ۋە IP ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. (دىققەت: «本地连接» دېگەن ئاتالغۇ مىكروسوفت سۆزلۈك ئامبىرىدا «تار دائىرىلىك ئۇلىنىش» دەپ ئېلىنغان.)

mac07.jpg


    ئەگەر مەشغۇلات سىستېمىڭىز Windows8 بولسا، ئېچىلغان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە نورمال خىزمەت قىلۋاتقان تور كارتىسىنىڭ ئىسمى «ئىسېرنېت» (以太网)نى چەكسەك (بۇ ئاتالغۇ ئېنگىلىزچە Ethernet تىن كەلگەن بولۇپ، بۇرۇنقى لۇغەتلەردە «ئېفېر تورى» دەپ ئېلىنغان، بۇ يازمىدا مىكروسوفت سۆزلۈك ئامبىرىدىكى ئاتالغۇ بويىچە ئېلىندى)، شۇ تور كارتىسى تەمىنلەۋاتقان تورنىڭ ھالىتى كۆرۈنىدۇ. چىققان كۆزنەكتە «تەپسىلى ئۇچۇر» (详细信息)نى شۇ تور كارتىسىنىڭ MAC ئادرېسى ۋە IP ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ.

mac08.jpg


    WindowsXP دا بولسا، ئېكران يۈزىدىكى «تور قوشنام» (网上邻居) نىڭ ئۈستىدە، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدىن بېسىپ «خاسلىق» (属性) غا كىرسەك، كومپيۇتېردىكى تور ئۈسكۈنىلىرى كۆرۈنىدۇ. ئېچىلغان كۆزنەكتە «يەرلىك ئۇلانما» (本地连接) نىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، «ھالەت» (状态)كە كىرىپ ئىچىلغان كۆزنەكتە «قوللاش» (支持) تىن «تەپسىلى ئۇچۇر» (详细信息) گە كىرسەك شۇ تور كارتىسىنىڭ MAC ئادرېسى ۋە IP ئادىرسى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ.

mac09.jpg


    يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە كۆپىنچە ئەھۋالدا يانفون تىپى قاتارلىق ئۇچۇرلار چىقىدىغان «يانفون ھەققىدە» (关于手机) دېگەن كۆزنەكتە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ھالەت ئۇچۇرى» (状态信息)، «قاتتىق دېتال ئۇچۇرى» (硬件信息) قاتارلىق تىزىملىكلەردە «Wi-Fi ئادرېسى» (Wi-Fi地址) ياكى «WLAN ئادرېسى» (WLAN地址) دىگەندەك ئىسىملاردا كۆرۈنىدۇ. (يانفون تىپلىرى كۆپ بولغاچقا تەپسىلىي يېزىلمىدى، ئادەتتە يانفوننىڭكىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق كۆرسەك تېخىمۇ قولايلىق.)
كومپيۇتېر، يانفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر، تورغا ئۇلىنىپ يېتەكلىگۈچ (路由器)تىن ئاپتوماتىك IP ئادرېس ئالغان بولسا، يىتەكلىگۈچنىڭ باشقۇرۇش كۆزنىدىدىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

mac10.jpg


ئاپتور ئىلاۋىسى:
بەلكىم سىز «كۆك كەپتەر نىمانداق MAC ھەققىدە ئارقىمۇ-ئارقا ماقالە يوللايدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئالدىنقى «MAC ئادرېسى ھەققىدە چۈشەنچە» ۋە بۇ يازما، MAC ئادرېسى ھەققىدىكى ئاساسى بىلىملەر بولۇپ، كېيىن يوللىنىدىغان تور بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردا ئىنتايىن مۇھىم رولى بار، چۈنكى MAC ئادرېسى تور بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ناۋادا MAC ئادرېسى ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز تولۇق بولمىسا، كىيىنكى يازمىلارنى چۈشىنىشىڭىز قىيىنغا توختىشى مۇمكىن.

تېخىمۇ كۆپ تور ساۋاتلىرى «كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى»دا...

4

تېما

4

دوست

981

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
276
توردا
235 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:08:51 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم
......... بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلاركەن...

250

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2855
جۇغلانما
750
توردا
6072 سائەت
نادىر
25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:51:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتتە تور ئۈسكۈنلىرى ئىنتايىن كۆپ، mac ئادېرسى 12 خانىلىق بولىدىكەن. ئىككى ئۈسكۈنىنىڭ mac ئادېرسى ئوخشاپ قالدىغان ئەھۋالمۇ بولارمۇ؟
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

6

تېما

0

دوست

578

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2
جۇغلانما
255
توردا
38 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 12:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2013-7-26 11:51
نۆۋەتتە تور ئۈسكۈنلىرى ئىنتايىن كۆپ، mac ئادېرسى 12 خانى ...

ئۇنداق بولمايدۇ. mac ئادىرىس 16لىك ساندا يىزىلغان. ھەر بىر گۇرۇپپا ئادرىسىنى 10لۇق سىستىمىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ.

0

تېما

0

دوست

5

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
0
جۇغلانما
2
توردا
0 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئانچە چۈشۈنەلمىدىم. ئۆيۈمدە تورغا ئۇلاقلىق ئۈستەل كومپىيوتۇرى بار. تېلېفۇنۇمدا مۇشۇ تورنى ئىشلىتىپ ھەقىسىز تورغا چىققىلى بولامدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-6 18:44 , Processed in 0.150761 second(s), 37 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش