ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun ئۈلۈشكۈن 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 6

MAC ئادرېسى ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

578

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2
جۇغلانما
255
توردا
38 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 06:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى كومپيۇتېر ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بولسۇن، تورغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق بىر ئۈسكۈنە بىلەن ئۇچراشقان ئادەم «MAC ئادرېسى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ ناھايىتى كەڭ قوللىنىدىغان ئاتالغۇ بولسىمۇ، نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنىقراق بىرەر چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس، بۈگۈن بۇ يازمىدا مۇشۇ MAC ئادرېسى ھەققىدە توختىلىمىز.

mac1.jpg


MAC ئادرېسى (Medium/Media Access Control) بولسا، تورغا مۇناسىۋەتلىك، خەۋەرلىشىش ئىقتىدارى بارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆزەككە يىزىلغان قاتتىق دېتال ئادرېسى بولۇپ، ھەقىقى بىر كىملىك نومۇرىمىزغا ئوخشايدۇ. بۇنى يەنە فىزىكىلىق ئادرىسمۇ دەپ قويىمىز. ئاددىيراق قىلىپ ئيېتقاندا يانفوننىڭ IMEI نومۇرىغا (串码) ئوخشاش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
كومپيۇتېر سېستىمىسىدا MAC ئادرېسى (MAC地址)، فىزىكىلىق ئادرېس (物理地址)، ئەمەلىي ئادرېس (实际地址)، قاتتىق دېتال ئادرېسى (硬件地址) دېگەن ئىسىملاردا، كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە بولسا Wi-Fi ئادرېسى، WLAN ئادرېسى دىگەندەك ئىسىملاردا ئۇچرايدۇ.
MAC ئادرېسى خەۋەرلىشىش ئىقتىدارى، تور ئىقتىدارى بار تورغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىدە. مەسىلەن، كومپيۇتېر، يانفون، سىمسىز ياكى سىملىق يېتەكلىگۈچ (路由器)، تېلېفون سىمى ياكى نۇركابىل ئارقىلىق تورغا چىقىشقا ئىشلىتىدىغان ADSL مودېم قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ، ھەتتا يانفون، ماشىنىلاردىكى كۆكچىش (蓝牙)نىڭمۇ MAC ئادرېسى بولغان بولىدۇ.
MAC ئادرېسى ئالتە گۇرۇپپا ھەر بىر گۇرۇپپىدا 12خانە (16لىك سىستېمىدا يىزىلغان) سانلىق مەلۇماتتىن تەركىب تاپقان، MAC ئادرىسدا ئالدىنقى ئۈچ گۇرۇپپا ئادىرىسنى، خۇددى IP ئادرېس تەقسىملىگەندەك، IEEE تەشكىلاتىنىڭ تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنى RA مەسئۇل بولۇپ ھەر قايسى زاۋۇتلارغا تەقسىملەپ بىرىدۇ. كىيىنكى ئۈچ گۇرۇپپا ئادىرىسنى بولسا، ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىنىڭ تور ئېغىزىغا تەقسىملەيدۇ. بىر قاراردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ MAC ئادرىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ گۇرۇپپىسى، ھەتتا تۆتىنجى، بەشىنجى گۇرۇپپىسىمۇ ئوخشىشىپ كىتىدۇ. بىر ئۈسكۈنىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق خەۋەرلىشىش (تور) ئېغىزى بولسا ئۇنىڭ ئالدىنقى بەش گۇرۇپپىسى، ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى گۇرۇپپىسىنىڭ سول تەرەپ خانىسىمۇ ئوخشايدۇ. مەسىلەن: بىر تۈركۈمدە زاۋۇتتىن چىققان 10 كومپيۇتېر بولسا، بۇنىڭ ئالدىنقى خانىلىرى ئاساسەن ئوخشاش چىقىدۇ.
ئادەتتە تور باشقۇرغۇچىلار ئۆزىمىز باشقۇرۇشىدىكى قىسمى توردا، مۇشۇ MAC ئادرىسىغا قاراپمۇ قايسى ماركىدىكى كومپيۇتېرنىڭ MAC ئادرېسى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز، بۇ ئارقىلىق مۇشۇ قىسمى توردىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ تورغا ئۇلىنىش ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرالايمىز. مەسىلەن: بۇ رەسىمدىكى كۆرسىتىلگەن ئادرېس، ئوخشاش تىپلىق، ئوخشاش قاراردا زاۋۇتتىن چىققان Lenovo ماركىلىق كومپيۇتېر.

mac2.jpg


بىر دانە Wi-Fi ۋە كۆكچىشنى قوللايدىغان يانفوننىڭ Wi-Fi نىڭ MAC ئادرېسى بىلەن كۆكچىشنىڭ MAC ئادرېسى ئوخشاپ كىتىدۇ.

mac3.jpg


بىر دانە سىمسىز يېتەكلىگۈچ (无限路由器)نىڭ WAN ۋە LAN ئىككى ئېغىزىنىڭ MAC ئادرىسىمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ. (سىمسىز تور ئېغىزىمۇ LAN قاتارىغا كىرىدۇ، شۇڭا LAN بىلەن سىمسىز تورنىڭ ئوخشاش بولىدۇ.) كۆپ ئېغىزلىق يىتەكلىگۈچلەردە (路由器) بارلىق LAN ئىغىزلارنىڭ MAC ئادرېسى بىر خېل، WAN ئېغىزىنىڭ ئادرېسى بىر خىل بولىدۇ.

mac4.jpg


IP ئادرېس بىلەن MAC ئادرېسى بىر بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئالاقىسىدە بىرسى كەم بولۇپ قالسا نورمال خەۋەرلىشىشكە بولمايدۇ. ئادەتتە توردا ئۇچۇر ئالمىشىش يەتتە قەۋەتلىك بۆلەكتىن (OSI) تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 3-قەۋەت بۆلىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان IP ئادرېس، 2-قەۋىتى بولسا دەل مۇشۇ MAC ئادىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇچۇر ئالماشتۇرۇۋاتقان ئۈسكۈنىلەر IP ئادرېس ئارقىلىق MAC ئادىرىسىنى ئىزدەپ تىپىپ ئاندىن قارشى تەرەپكە نورمال ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدۇ. بۇ ھالقىنى ئادەتتە ARP دەپ ئاتايمىز. دەل مۇشۇ تېخنىكىلىق ھالقا تۈپەيلى «ARP ئالدامچىلىقى» دەيدىغان تور كاشىلىسى مەيدانغا كەلگەن.
ARP كاشىلىسىدا، كاشىلا پەيدا قىلغۇچى تەرەپ (ۋىرۇس ياكى باشقا ھۇجۇم قىلغۇچىلار) ئىككى ئۈسكۈنە ئوتتۇرسىدىكى نورمال ئالاقە قىلۋاتقان IP ئادرىسىغا، ئۆزى توقۇپ چىققان MAC ئادىرىسىنى كۆرسىتىش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىگە يىتىدۇ. ئۇچۇر ئالمىشىۋاتقان ئىككى نۇقتا ئوتتۇرسىدىكى تەرەپلەر، ئىنىقسىز پەيدا بولۇپ قالغان MAC ئادرىسىغا ئۇچۇر يوللىيالماسلىق ياكى ئۇچۇرنى پەيدا قىلغان MAC ئادرىسىغا يوللاپ قويۇش قاتارلىق خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قويۇش كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال بولۇپ، ARP ئالدامچىلىقىدا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان كاشىلا يەنىلا شۇ تور ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈزۈلۈپ قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا مۇشۇ ARP ئالدامچىلىقىغا قارىتا «IP بىلەن MAC نى باغلاش»، «ARP نى باغلاش» قاتارلىق تېخنىكىلار مەيدانغا كەلگەن.
MAC ئادرېسى، زاۋۇت تەرىپىدىن ئۈسكۈنىگە بېرىلگەن كىملىك نومۇرى بولسىمۇ، قاتتىق دېتالنىڭ يەنە بىر ئادرېس بولغاچقا، (بۇ قاتتىق دېتال بىلەن يۇمشاق دېتال ئوتتۇرسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ئادرېس) Windows مەشغۇلات سېستىمىسىدا بۇ كىملىك نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت قالدۇرۇلغان، بۇنداق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق MAC ئادىرىسنى باغلاپ قويۇش، قۇلۇپلاپ قويۇش قاتارلىق ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ نورمال تور ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئۆزگەرتىش مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرىنى تىزىملايدىغان ئورۇنغا بولغان ئۆزگەرتىش بولۇپ، قاتتىق دېتالغا يېزىلمايدۇ، شۇڭا ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادىرىسنى ھەقىقى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس.
MAC ئادىرىسىنى يەنە كومپيۇتېرنى يىراقتىن ئويغۇتۇش (قوزغىتىش)قىمۇ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، سىز بىر قىسمى توردىكى كومپيۇتېرنىڭ MAC ئادىرىسىنى بىلسىڭىز ئۇنى ھېچقانداق پارولسىزلا قوزغىتالايسىز. يىراقتىن قوزغىتىش تېخنىكىسى ھەققىدە پات ئارىدا تەپسىلىي يازما ئېلان قىلىنىدۇ، قىزىقىدىغان تورداشلار بىلوگىمىزغا دىققەت قىلىپ تۇرغايسىزلەر.

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى

2

تېما

0

دوست

514

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
132
توردا
135 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 07:13:45 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abduwayt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 07:30  

بۇ خاككىرلىلق تىخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ يا خەخنىڭ كۇمپىيۇتىرنى يىراقتىن قۇزغۇتۇش تىخنىكىسى .
ياكى كۇمپىيۇتىردىن ئازراق بىلمىى بار ئادەم قىلالامدۇ

2

تېما

0

دوست

514

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
132
توردا
135 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 07:26:02 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abduwayt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 07:29  


ئۇنداقدا mac  ئادرىسىنى بىلۋالسا خەخنىڭ كۇمپىيۇتىرغا كىرگىلى ھەم ھۇجۇم قىلغىلى  بۇلدىكەندە

0

تېما

1

دوست

1422

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
220
توردا
933 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 08:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anw8735 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 08:44  

MACئادرىسىنى پەقەت تىلىگىراف شىركەتلىرى ئاشۇ ئۈسكىنىنى(ئابونىتنى)تورغا كىرگۈزۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىدۇ، ئابونىتلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ!!

6

تېما

0

دوست

578

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2
جۇغلانما
255
توردا
38 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 09:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ئابونىت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتىگە ئوخشىمامدىكەن؟
مەن ئۆيۈمنىڭ ئاچقۇچىنى يىنىمدىن ئايرىمايمەن، ئەجىبا بۇ ئاچقۇچنىڭ مەن بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بولماي، ئىشىك بىلەنلا مۇناسىۋىتى بولامدا؟

0

تېما

1

دوست

1422

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
220
توردا
933 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 10:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 09:52
بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ئابونىت بىلەن بىۋاستە مۇناسى ...

تورداش ، مىنىڭ سىزگە رەددىيە بىرىش ياكى سىزنى قايىل قىلىش نىيىتىم يوق . ئەمما مەن تىلىگىراپ شىركىتىدە مۇشۇ ئىشنى قىلغىلى تۇرغىلى خېلى يىللار بولاپتۇ شۇڭا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قويدۇم خالاس!!!.
ھە راست،ئۆيىڭىزنىڭ ئاچقۇچىنىڭ سىزبىلەن مۇناسىۋىتى بار.

249

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2855
جۇغلانما
747
توردا
6070 سائەت
نادىر
25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mac دېگەن ئىسمىغا قاراپ مەن بۇرۇن بۇ خىل ئۆلچەمنى ئالما شىركىتى ئوتتۇرغا قويغان بولسا mac دەپ ئاتىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
mac ئادېرسنىڭ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتىمۇ رولى چوڭ. مەسلەن: ARP ۋىرۇسىنى تۇسۇشتا يول باشلىغۇچقا يەرلىك توردىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ mac ئادېرسنى باغلاپ قويسا arp ۋىرۇسى ھۇجۇم قىلالمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-6 11:33 , Processed in 0.131615 second(s), 37 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش