ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 732|ئىنكاس: 10

win 8 قاچىلىغاندىن كىيىن ....... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
347
توردا
63 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 16:38:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
win 8نىڭ سىناق  نەشىرى  چىققاندىن  كىيىن ھەر قايسى  توربەتلەردە  بەس-بەستە  ئېلان قىلىنىشقا  باشلىدى ،  بەلكىم  ئارىمىزدا قاچىلاپ  ئىشلەتكەنلەرمۇ  خېلى  باركەن ،  لېكىن  سىناپ  باققۇسى  بار ، ئەمما بۇرۇنقى سېستىمىسىغا قىيالماي يۇرگەنلەرمۇ ئاز  ئەمەس ،  مەنمۇ شۇڭا  بۇنى  مەۋھۈم كومپىيۇتېرغا  قاچىلاپ ، سىناشنى  باشلىۋەتتىم .

ئەمسە  باشلاي  :
QQ截图20110917235614.jpg

ۋاقىتنى ۋە كىرگۈزگۈچنى  ئۇيغۇرچىغا  تەڭشىۋەتتىم ،

QQ截图20110918000053.jpg

كۆك  رەڭمۇ  بىر  خىل  راھەت كۈرىنىدىكەن ھە---
قاچىلاۋاتىدۇ مانا  ، قاچىلاش ھالىتى win7 نىڭكى  بىلەن  جىق  پەرقى  يوقكەن .
QQ截图20110918000401.jpg

QQ截图20110918001216.jpg

QQ截图20110918001444.jpg


بەك ئۇزۇن ساقلاپن  كەتتىم  لىكىن .......  ئۇھ..

QQ截图20110918002026.jpg

كومپىيۇتېر نامىنى كىرگۈز دەيدۇ .  بىراق ئۇيغۇرچىنى  قوللىماي  قويدى .

QQ截图20110918002538.jpg

بىۋاستە Windows live  نۇمۇرىغا  ئۇلىغىلى  بۇلىدىكەن ، ئاۋۇ  بۇ ئارقىلىق بىۋاستە مىكرو بىلوگ يوللىغىلى ، msnنى  قاچىلىماي  تۇرۇپمۇ  بىۋاستە سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى ، ئۈزىمىزنىڭ  رەسىم ،ھۆججەتلىرىنى  ئورتاقلاشقىلى  بۇلىدىكەن .

QQ截图20110918002927.jpg

QQ截图20110918003013.jpg


metro يۇزى ماڭا  خېلى  يېقىپ  قالدى ، كۈرۈنمە  يۇزى شۇنداق  ئاددى ھەم  چىرايلىق . نۇرغۇن  ئىشلىتىلىشچان ئەپ(ئالمىنىڭكىگە ئوخشاش يومشاق دېتالى) لىرى باركەن ،  لىكىن تاختا  كومپىيۇتىردىن باشقا كومپىيۇتېرلارغا  بەك چوڭ  ئەھمىيىتى  يوقتەك  بىلىندى .  مائۇستا  مەشخۇلات  قىلىشقا  تازا  ماس  كەلمەيدىكەن  .

QQ截图20110918005547.jpg


بىر پەدە ‹‹كىپىنەك›› كە  چېلىۋەتتىم  ،  تاختا  كومپىيوتىر  بولغان بولسا  ئېسىل  بۇلاتتىكەن .

QQ截图20110918003310.jpg

تەڭرى  تېغىغا ئوخشاپ قالىدىكەن ،  ماۋۇ تۇنجى  بۇلۇپ  كۈرۈنگەن  ئۇيغۇرچە خەت ،  ئەمما  تازا چىرايلىق ئەمەس .

QQ截图20110918050431.jpg

QQ截图20110918050303.jpg

ماۋۇ ھاۋارايى قۇرالىكەن ، metro يۇزىدىلا ئىشلەيدىغان  ئوخشايدۇ ، بەك پەچەتكەن ھە ....   ئاۋۇ قىزىل كاتەك ئىچىدىكى  ‹‹tomorrow››  دىگەن  خەتمۇ ئۇيغۇرچە  بوپكەتكەن  بولسا  ياخشى  بۇلاتتى  .  


QQ截图20110918004748.jpg

ئۈستەل  يۇزىدە باشقا  يېرى  جىق ئۆزگەرمىگەندەك ،  ئاۋۇ باشلاش تىزىملىكى ئۆزگىرىپتۇ ،  ئۈستەل يۇزى بىلەن metro يۇزىنى ئالماشتۇرۇشقا  ئىشلىتىلىدىكەن .  تەڭشەپ win7 نىڭكىدەك  قىلىپ ئىشلەتسىمۇ  بۇلىدىكەن .

QQ截图20110918030432.jpg


QQ截图20110918005948.jpg

ۋەزىپە باشقۇرغۇچ  ، (رەسىمدىكىسى مۇرەككەپ ھالىتى)  بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ  تەپسىلى  ۋە چۈشۈنۈشلۈكتەك  قىلىدۇ  .  360 نىڭ قورالىغا ئوخشاپ قالىدىكەن .  

QQ截图20110918005047.jpg

سېستىما  تور كۆرگۈچى ie 10 نەشىرىكەن .

تور كۆرگۈچنى ھېچقانداق فونت توغىرلانمىغان ئەھۋالدا  ئۇيغۇرچە  توربەتلەرنىمۇ  سىناپ  باقتىم، سېستىمىغىمۇ باشقا فونىت قاچىلىمىغان  :

QQ截图20110918032634.jpg

QQ截图20110918033250.jpg

QQ截图20110918032650.jpg

QQ截图20110918032745.jpg

QQ截图20110918032933.jpg


ئۇيغۇرچە توبەتلەرنىڭ  ھەممىسى نورمال ،  شۇ گوگىلجان ئازراق  چاپاق ،  ئەمما ئۇنىڭدىن  يامانلىغىلى  بولمايدۇ دە .
ئەمما ئالىپ  ئەپەندى  ئېيتقىنىدەك ، ئىزدەش رامكىسىدىكى خەتلەر  تەتۈر كۈرىنىدىكەن ، مەسلەن مانا  ماۋۇنىڭدەك :

QQ截图20110918034054.jpg


ئاللا خالىسا بۇمۇ ھەل  بۇلۇپ كىتەر  .  

ie 10 غا يېڭى ئىقتىدار قۇشۇلغاندەك ، يەنى  ئىزدەش رامكىسىدىكى خەتنى ئۈچۈرۈش كۇنۇپكىسى (رەسىمدىكى خاتا بەلگىسى )

QQ截图20110918033914.jpg


ئەمدى ئۇيغۇچە كىرگۈزگۈچكە  ئائىت جايلارنى  كۈرۈپ  باقايلى .  
QQ截图20110918141206.jpg

ئۇيغۇر  دىگەننى  توغرا  يېزىپتۇ ، شۇنداقلا  كىرگۈزگۈچلەرنىمۇ  تۈرگە  ئايرىغان  ئوخشايدۇ ، ئۇيغۇرچىنى  ‹‹ئەرەب›› نىڭ  ئاستىغا قېتىۋىتىىپتۇ .
QQ截图20110918040818.jpg


بۇمۇ ياخشى  بولغىنى ،  ھەممىسى  بىر  خارەكتىردىكى  يېزىقلاركەن  .

QQ截图20110918045538.jpg


كىرگۈزگۈچكە  ‹‹uyghur ››دەپ توغرا يازغىنى  بىلەن  ،  ماۋۇ  خەت  نۇسخىسىنىڭ  نامى windows 7 بىلەن ئوخشاش ‹‹uighur ›› ئىكەن ، قارىغاندا بۇنۇسخىسىدا  ئۇيغۇرچە فونتتا  جىق ئۆزگىرىش  بولمىغاندەك ،  ياكى  قاراپمۇ  قويمىغان   بۇلۇشى  مۇمكىن  .

QQ截图20110918045436.jpg



3 خىل يېزىق ، ‹‹Microsoft Uighur›› دا 26 چوڭلىقتا  يېزىلدى ، يەنە شۇ  بۇرۇنقى  مەسىلە .




QQ截图20110918045112.jpg


بۇ بىرقانچە خەت نۇسخىسىدىكى  سېلىشتۇرما  ، قاراشقا  چوڭ-كىچىكلىكىدە جىق ئۆزگىرىش  يوقتەك ،  .  ئەڭ  تىگىدىكى  ‹‹مۆمىن ساقال›› نىڭ  خەت نۇسخسى  ئوخشايدۇ ،  ماۋۇ  تۆت  خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى  ‹‹مۆمىنجان›› ياسىغانمۇ  تېخى  .   


ئىنگىلىزچە سەۋىيەم كەمچىل تۈپەيلى  باشقا  يەرلىرى  بىلەن ئېچىشىپ بۇلالمىدىم ،  يەنە  داۋامىلىق  سىناپ  باقاي  قېنى  .






  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xamxar117 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-18 16:40  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 17:41:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Windows 8 دىكى ئۇيغۇرچىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتكەن ئىدىم. بەك ئەپسۇسلاندىم.
بەلكىم ھەقىقى نۇسخسىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
5
جۇغلانما
102
توردا
10 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 19:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇلانىڭ نىمە قىلغىنى بۇ ، ھەجەپ ئاچىغىم كىلىۋاتىدۇ دىسە ، 10 مىلىيۇن نۇپۇسى بار بىر خەلىقنىڭ ئاددىغىنا تەكلىۋىنىمۇ نەزەرگە ئېلىپ قويماپتا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-18 19:04  

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
8
جۇغلانما
140
توردا
12 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 21:51:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرسوفتتىن ئالىم ئەھەت ئەپەندى .windows8  دا ھەممىمىزنى خۇشال قىلغۇدەك يېڭلىق بار داۋاتاتتى .بەلكىم ھەقىقى نەشىرىدە تۈزىتىلىشى مۇمكىن .

Rank: 4

ئاقچا
18
جۇغلانما
189
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 22:03:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋە دەيمە بۇخەخ بارغانسىرى تۇزتىپ ئالدىغاماڭماي بۇزۇپ كەينىگەمىڭۋاتامدۇ نىما windows7 خىلى توم تۇراتىى بۇنىڭدابەك سەت تۇرامدۇ قانداق ھەي بۇخەخنىزە خەپ بىزمۇ تىرشىپ بىر سىتىما تۇزگىدەك بولارمىز ھە
ئوۋچى ئۇچۇرپەن-تخنىكائىزدىنىش ئىشخانىسى

Rank: 4

ئاقچا
7
جۇغلانما
190
توردا
27 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 22:10:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخىwindows8 نىىڭ ماۋۇ‹باشلاش›-‹تەڭشەش› دېگەن يەرلىرى ئۇيغۇرچە ئوخشايدۇ دەپتىمەن(ئەسلى مەن باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىنى linux سېستىمىسىغا ئوخشاش ئوڭدىن چىقىدىغاندا تەڭشەشكە بۇلۇشىنى كۈتكەنتىم(ئەرەبچىسىدە ئوڭدىن باشلىغىلى بولغىيمىتى)). ئەپسۇس ئۇنداق ئەمەس ئوخشايدۇ.....
ئەمدى مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى قېتىپ بەرگىنىگىنۇ رەھمەت! قېتىپ بەرمىگەن بولسىمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيتۇق...
ھەۋەسكارنىڭ ئۆزگىچە ھەۋەسلىرى www.heweskar.net

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
347
توردا
63 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:00:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-9-18 17:41
Windows 8 دىكى ئۇيغۇرچىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتكەن ئىدىم. بەك  ...

ھىم ،  رەسمىي نەشىرىدە بىرەر  يېڭىلىقنى كۈرىشىمىزنى ئۈمىد  قىلىمەن  .

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
347
توردا
63 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:05:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gheiret يوللىغان ۋاقتى  2011-9-18 21:51
ئۇيغۇرسوفتتىن ئالىم ئەھەت ئەپەندى .windows8  دا ھەممىمىزنى ...

ياكى  بىزنى تۇيۇقسىز  خۇشال  قىلاي دىدىمۇ تېخى .  ئالدىنقى قېتىم  مۇنازىرە قىلنغان  يىل ، ئاي ، كۈننىڭ ئۇيغۇرچە  ناملىرىنى  بۇنۇسخىسىدا كۆرەلىدۇق ،   بۇمۇ  ئىشلارمۇ  ياخشى بۇلۇپ  كىتەر  .  

Rank: 4

ئاقچا
3
جۇغلانما
643
توردا
87 سائەت
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 13:31:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمسىسىمۇ شۇ بىز win 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق قولايدۇ دەپ ئاڭلىغان ، بەلكىم ئالىم ئەھەت ئەپەندىم دىگەندەك  رەسمى نەشىردە بۇ ئۇيغۇرچە خەتلىرى بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بۇلىشى مۇمكىن ،،  مەن تەخىر قىلىپ
ئاشۇ رەسمى نۇسغىسىنى كۈتىمەن ،،، بۇنىڭدىن كېيىن    ئويغۇر كومپىيوتىرچىلىقى تەرەققى قىلغۇسى
ئابلاجان

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
30
توردا
6 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 17:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ماۋۇ يەردە ئۇيغۇرچە Windows 8 باركەن.

http://www.alimahat.com/?p=524
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.091441 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 08:03

چوققىغا قايتىش