ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • kiccuri ئۈلۈشكۈن 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    8830pro ئېكرانى چېقىلىپ كەتتى، ئۈرۈمچىدە تېلىفۇن زاپچاسلىرى ساتىدىغان بالىلار بولساڭلار ئالاقىلاشساق...

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 13

شاھدىيارسوفت ئېكران قۇلۇپلاش قورالى 1.0

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

6

دوست

1603

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
121
جۇغلانما
598
توردا
167 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 17:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئۆزۈمگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ ياساپ چىققان ئىدىم، ئۆزۈم يالغۇز ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي باشقا قېرىنداشلارمۇ پايدىلانسۇن دەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئىقتىدار قوشۇپ توردا ھەقسىز تارقىتىشنى قارار قىلدىم.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەندىكىچە:
<<شاھدىيارسوفت ئېكران قۇلۇپلاش قورالى 1.0>> ئارقىلىق كومپيۇتېر ئېكران مەشغۇلاتىڭىزنى قوغداپ، كومپيۇتېرىڭىزغا باشقىلارنىڭ خالىغانچە چېقىلىپ قالايمىقان قىلىۋېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىمۇ قوغداپ قالالايسىز.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق لايىھىلەنگەن بولۇپ، Ukij Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن. دىتالنى نورمال ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزدا بۇ خەت نۇسخىسى بولۇشى كېرەك. خەت نۇسخىسى بولمىسا بىز تەمىنلىگەننى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: دىتالنى قوزغاتقاندىن كېيىن دىتال ماۋزۇسىنىڭ ئاستىدىكى <<ئەسكەرتىش مەزمۇنى>> دېگەن ئاق يەرگە قۇلۇپلاش سەۋەبىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە يازسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېرىڭىزدا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىسىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئاستىدىكى مەخپىي نومۇر كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا مەخپىي نومۇر بەلگىلەپ ئاستىدىكى <<مۇقىملاش>> كونۇپكىسىنى بېسىپ ئېكران قۇلۇپلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى كومپيۇتېرىڭىزغا ھېچكىم چېقىلالمايدۇ. بېكار قىلىش ئۈچۈن سىز بېكىتكەن مەخپىي نومۇر بولۇشى كېرەك. ئېكران قۇلۇپىسىنى بېكار قىلىش ئۈچۈن قۇلۇپلانغان ھالەتتىكى قۇلۇپنىڭ ئاستىدىكى ئاق ئورۇنغا مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ <<قۇلۇپنى بېكار قىلىش>> كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ. <<مۇقىملاش>> كونۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى <<تازىلاش>> كونۇپكىسى ئارقىلىق ئەسكەرتىش مەزمۇنى بىلەن مەخپىي نومۇر كىرگۈزىدىغان ئورۇندىكى مەزمۇننى تازىلاشقا بولىدۇ. بۇ پروگراممىنى ئىشلەتمەك مۇشۇنداق ئاددى. ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، ھەر قانداق كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشگە ماس كېلىدۇ.
مەزكۇر يۇمشاق دېتال WindowsXP, Windows 2003, Windows 2008, Windows Vista, Windows 7 لەرنىڭ ھەممىسىدە نورمال ئىشلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال Windows XP دىن باشلاپ كېيىنكى چىققان Windows لارنىڭ ھەممىسىدە نورمال خىزمەت قىلالايدۇ (Windows 8 نىڭ يادروسى Windows 7 بىلەن ئانچە چوڭ پەرقلىق بولمىسىلا Windows 8 دىمۇ نورمال خىزمەت قىلىدۇ).

مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىچە:


بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈستىدىكى ئاق يەردىكى مەزمۇن بولسا قۇلۇپلانغان كۆرۈنۈشتە 7 خىل رەڭدە لاۋۇلداپ چىقىدىغان ئەسكەرتىش مەزمۇنى بولۇپ، بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغانچە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
ئاستىدىكى مەخپىي نومۇر كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا ئۆزىڭىز خالىغانچە مەخپىي نومۇر بېكىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. <<تازىلاش>> كونۇپكىسى يۇقارقى كىرگۈزۈپ قويغان مەزمۇن ۋە مەخپىي نومۇرنى تازىلايدۇ. <<ياردەم>> كونۇپكىسى ئاستىدىكى ياردەم كۆزنىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ چېكىنىش ۋە يۇشۇرۇش كونۇپكىسى مەزكۇر كۆزنەكنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدە.



بۇ قۇلۇپلانغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۈستۈنكى <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ئالىمجان، كومپيۇتېرىمغا ھېچكىم چېقىلمىسۇن! ئىشلەۋاتىدۇ>> دېگەن مەزمۇن ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە كىرگۈزگەن ئەسكەرتىش مەزمۇنى. سىز ئۆزىڭىز نېمە دەپ يازسىڭىز مۇشۇ يەردە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كومپيۇتېر ئېكرانىڭىزنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى بۇ ئەسكەرتىش سۆزىڭىزنى كۆرىدۇ دېگەن گەپ. ئاۋۇ سېرىق رەڭلىك قۇلۇپنىڭ ئاستىدىكى ئاق يەرگە سىز بېكىتىپ بەرگەن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ ئاستىدىكى <<قۇلۇپنى بېكار قىلىش>> كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا ئېكران قۇلۇپىسى بېكار بولۇپ نورمال خىزمەت ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئاۋۇ <<قۇلۇپلانغان ھالەتتە!>> دېگەن خەتنىڭ ئاستىدا كومپيۇتېر ۋاقتىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يەنى دەل ۋاقىتتىكى چېسلا، سائەت + مېنۇت + سېكۇنتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.




بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردەم كۆزنىكى بولۇپ، بۇ يەردىن يۇمشاق دېتال ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى <<باش كۆزنەك>> دېگەننى باسسىڭىز ئۈستىدىكى ئاساسىي كۆزنەك كۆرۈنۈشى كۆرۈنىدۇ، <<قۇلۇپلانغان كۆزنەك>> دېگەننى باسسىڭىز ئوتتۇرىدىك قۇلۇپلانغان ھالىتىنىڭ كۆرۈنۈش رەسىمى ئېچىلىدۇ.


[سەمىمىي ئەسكەرتىش] مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بولۇپ، يۇمشاق دېتالدا خاتالىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 2 كۈن سىناق قىلىنىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى. مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇشۇ خىل مەشغۇلاتقا ئېھتىياجلىق بولغانلار ئۈچۈن تارقىتىلغان بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا كومپيۇتېرىڭىزدا ھەر قانداق كاشىلا كۆرۈلسە كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئىشقا بىز مەسئۇل بولمايمىز. بۇ قورالدا ھېچقانداق غەيرىي پروگرامما ئارىلاشمىغان، پەقەت 3 تاللا ھۆججەتكە تايىنىپ خىزمەت قىلىدۇ. ماھىيىتى يۇقارقىدەك. ئىشەنچلىك يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئېھتىياجىڭىز بولسا ئىشلەتسىڭىز، خالىمىسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا قارىتا ھەر قانداق تەلەپ، تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا مەزكۇر تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. بىز كېيىنكى نۇسخىسىدا تۈزىتىمىز.
مەزكۇر قورالنىڭ كېيىنكى نۇسخىسىغا قارىتا ھەر قانداق تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەنبە ئادېرىسى     : http://www.shahdiyar.com/bilim/forum.php?mod=viewthread&tid=4254

شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گورۇپپىسى
2011- يىل 9- ئاينىڭ 12- كۈنى

251

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2855
جۇغلانما
765
توردا
6152 سائەت
نادىر
25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 17:31:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى كومپيۇتېرىڭىزغا ھېچكىم چېقىلالمايدۇ. بېكار قىلىش ئۈچۈن سىز بېكىتكەن مەخپىي نومۇر بولۇشى كېرەك


كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسىچۇ؟
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

27

تېما

6

دوست

1603

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
121
جۇغلانما
598
توردا
167 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 17:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-9-12 17:31
كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسىچۇ؟

كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسە بېكار بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما، كەسپىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاساسەن كومپيۇتېر سىستېمىسىغا مەخپىي نومۇر سېلىپ ئىشلىتىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردىكى كومپيۇتېرلارنىڭ ھەممىسىدە مەخپىي نومۇر بار. بەزىلىرىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى مەنمۇ بىلمەيمەن تېخى.

بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. توردىن 挂机锁 دەپ ئىزدىسە ساماندەك تېپىۋاتىدىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرچە قىلىپ بىرنى ياساشنى ئويلاپ يۈرۈپ بۇمۇ روياپقا چىقتى.

251

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2855
جۇغلانما
765
توردا
6152 سائەت
نادىر
25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 17:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق. ياخشى بولۇپتۇ، ئۇيغۇرچىلا بولسا، يۇمشاق دېتالنىڭ ھەر قاندىقىنى قوللايمىز.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

6

تېما

4

دوست

1340

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
5
جۇغلانما
428
توردا
44 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 17:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەنكەن ، ئىشلىتىپ باقتىم.

27

تېما

6

دوست

1603

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
121
جۇغلانما
598
توردا
167 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 17:51:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-9-12 17:38
چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق. ياخشى بولۇپتۇ ...

چاقچاق قىلغىنىڭىزنى بىلىمەن   

18

تېما

8

دوست

1882

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
577
توردا
398 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 23:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ۋاي بەك ياخشى بوپتۇ دەيمە،رەھمەت جۇما،مەن خەنزۇچىنى ئىشلىتىتىم،بۇ نىمىدىگەن نەپىس بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muj@hit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-12 23:34  

ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئادەم بولۇش شەرىت!

8

تېما

2

دوست

1716

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
760
توردا
121 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 15:18:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي   
ئابلاجان

3

تېما

3

دوست

1004

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
50
جۇغلانما
413
توردا
93 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 07:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ( ۋىندوۋس 7 دە ) قاچىلاي دەپ قوزغاتسام نورمال قوزغالمىدى، تىزىملىتىلمىغان دەمدۇ ياكى بىر ھۆججەت كام دەمدۇ شۇنداقراق بىر خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى.

27

تېما

6

دوست

1603

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
121
جۇغلانما
598
توردا
167 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 22:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ataman005 يوللىغان ۋاقتى  2011-9-16 07:00
مەن ( ۋىندوۋس 7 دە ) قاچىلاي دەپ قوزغاتسام نورمال قوزغال ...

خاتالىق ئۇچۇرنى رەسىمگە تارتىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن. بۇنىڭ پەقەت 3 تاللا ھۆججىتى بار. 3 تال ھۆججەتكە تايىنىپلا خىزمەت قىلىدۇ.

5

تېما

1

دوست

1583

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
491
توردا
505 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-24 20:16:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە  كۆپ رەخمەت .  مەن  ئەمدى  بۇنى  ئىشلىتەي

0

تېما

9

دوست

163

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
35
توردا
42 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 16:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭكىدە يېشىلمىدى مانا بۇنداق چىقىۋالدى بۇ نىمىدىندۇ ئەمدى؟

0

تېما

9

دوست

163

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
35
توردا
42 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 16:32:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

9

دوست

163

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
35
توردا
42 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 16:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقمايدىغۇ بۇرەسىم بەك سەت بولدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-18 05:31 , Processed in 0.143098 second(s), 34 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش