ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 850|ئىنكاس: 6

ئالغا شىركىتى PHP تور بەت ياساش تايانچ خادىملار تەربىيىلەش كۇرس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

4

دوست

3337

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
4510
جۇغلانما
1417
توردا
292 سائەت
نادىر
3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 03:36:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالغا ئېلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتى تور بەت ياساش تايانچ خادىملار تەربىيىلەش كۇرسى

phpdev.png



ئىنتېرنېتنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشى ۋە تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تور بېكەت ياساش، ئاسراشقا بولغان ئېھتىياجمۇ كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. PHP بولسا گۇگىل، بەيدۇ، ياخۇ قاتارلىق دۇنياۋى بېكەتلەر ئىشلىتىۋاتقان تور پروگرامما تىلى بولۇپ، ئۆگىنىش ئاسان، ئىشلىتىلىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى. بۇ تەربىيىلەشتە PHP/LAMP تېخنىكىسىدىن باشقا، تور بېكەت ئاساسىي بىلىملىرى، مۇلازىمېتىر تەڭشەش ۋە باشقۇرۇش، چوڭ تىپتىكى بېكەتلەرنىڭ قۇرۇلما ئانالىزى، ئېھتىياجغا ئاساسەن ساندان لايىھىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئۆلچەملىك تور بېكەتلەردە، HTML/XHTML بەتنىڭ قۇرۇلمىسىغا، CSS قېلىپنىڭ ئىپادىلىنىشىگە، JavaScript ھەرىكەتچانلىققا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئۈچ تېخنىكىنى ئىگىلەش تور بېكەت لايىھىلىگۈچىلەر ۋە تور پروگراممېرلىرى چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك جەريان بولۇپ، ھەرقايسى شىركەت-كارخانا تور تېخنىكلىرى ياكى شەخسىي تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ تور بېتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە بېزەشتىكى ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ، PHP ۋە MySQL ھەرىكەتچان تور بېكەتنىڭ نېگىزى بولۇپ، بۇلاردىن پايدىلىنىپ، ھەرقانداق ئىقتىداردىكى بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولغان تور بېكەت يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى تەربىيىلەش ئارقىلىق HTML، CSS، JavaScript، Ajax، JQuery، MySQL، LAMP(Linux, Apache, MySQL, PHP)‎ قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنالايدىغان تايانچ خادىملارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىمىز.

ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار:
  • HTML بەلگە تىلى
  • CSS تىلىدىن ئاساس
  • DIV+CSS بەت ئورۇنلاشتۇرۇش
  • JavaScript تىن ئاساس
  • Windows ۋە Linux مۇلازىمېتىرىنى تەڭشەش
  • PHP دا پروگرامما يېزىش
  • MySQL بىلىملىرى
  • Ajax ۋە JQuery بىلىملىرى
  • ئۇنىۋېرسال قوللىنىش
  • ئەمەلىي تور بېكەت لايىھىلەش مەشغۇلاتى


ماس كېلىدىغان ئوبيېكتلار:
  • تور بەت ياساشقا قىزىقىدىغانلار
  • شەخسىي تور بېكەت قۇرغۇچىلار
  • كەسپىي تور بېكەت لايىھىلىگۈچىلەر
  • مۇشۇ ساھەدە خىزمەت تاپماقچى بولغانلار
  • تور بېكەت ئاسرىغۇچىلار
  • تور تېخنىكلىرى


دەرسلەرنى مۇشۇ ساھەدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، ئەمەلىي تەجرىبىلىرى مول، ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەيدۇ. تەربىيىلەش ئورنى قەشقەر شەھىرىدە بولۇپ، ئارام ئېلىش كۈنلىرىگە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەھمۇد قەشقەرى مازىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت پۇرىقىغا تويۇنغان جايلىرى ساياھەت قىلدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك تىكلىگەن دىرېكتورلار، جەمئىيەتشۇناسلار مۇۋاپىق لېكسىيىلەرگە تەكلىك قىلىنىپ، كۇرسانتلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ.
دەرس مەزمۇنى نۆلدىن باشلاپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا تەپسىلىي سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئازراق كومپيۇتېر ئاساسىنى تەلەپ قىلىدۇ، باشقا جەھەتلەرگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئوقۇش پۈتۈن كۈنلۈك بولۇپ، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ(يۈك-تاقا ئېلىپ كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)، كۈنىگە 8 سائەت دەرس ئۆتىلىدۇ، ئوقۇش مۇددىتى بىر يېرىم ئاي، 250 سائەت، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ، ئوقۇش ۋە ياتاق پۇلى قوشۇلۇپ 2800 يۈەن.




0

تېما

1

دوست

583

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
198
توردا
166 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 08:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ  1-2 ئايلاردا بولغان بولسا  بەك ياخشى بولاتتى      

0

تېما

0

دوست

717

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
251
توردا
181 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 09:02:36 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپ سىلە ئاللاھتىن ئىشىڭلارغا بەركەت تىلەيمەن  ،  بىر گەپنى سوراپ باقسام قەشقەرنىڭ قەيىردە تەربىيلەش مەركىزىڭلا  مەن ئۆزۈممۇ قەشقەرلىك  بىر كۆرۈپ باقسام ، يەنە بىر گەپ مەن ئوقۇسام ياتاقتا ياتماي ئوقۇسام بولامدۇ ئۆيۈم مۇشۇ يەردە بولغاندىكىن…

17

تېما

4

دوست

3337

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
4510
جۇغلانما
1417
توردا
292 سائەت
نادىر
3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 10:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرس مەزمۇنى نۆلدىن باشلاپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ، ئازراق كومپيۇتېر ئاساسىنى تەلەپ قىلىدۇ، باشقا جەھەتلەرگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئوقۇش پۈتۈن كۈنلۈك بولۇپ، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ(يۈك-تاقا ئېلىپ كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)، كۈنىگە 8 سائەت دەرس ئۆتىلىدۇ، ئوقۇش مۇددىتى بىر يېرىم ئاي، 250 سائەت، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.

0

تېما

0

دوست

15

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
0
جۇغلانما
6
توردا
1 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 13:19:51 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى قىپسىلەر  مەنمۇ قەشقەردىن  ئورۇن نەدىرەك?
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

1

تېما

0

دوست

43

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
9
جۇغلانما
13
توردا
8 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 16:11:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭلا كۆڭلىدىكىدەك ئىش بوپتۇ، مەنمۇ تىزىملاتتىم. قەشقەرنى كۆرىۋالغاچ مەنمۇ بىرىپ ئوقۇيمەن.

0

تېما

0

دوست

36

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
14
توردا
6 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 00:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۇقماقچىتىم تىزىمغا ئالدۇرغان خەۋەر قىلمايلا دەرىس باشلىۋەت مىگەن سىللە ھە ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-7-24 06:26 , Processed in 0.127879 second(s), 38 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش