ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun ئۈلۈشكۈن 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 1057|ئىنكاس: 17

32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

15

دوست

783

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
3
توردا
265 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 00:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكوم

1.jpg


      نۇرغۇنلىغان تورداشلار 32بىتلىق سىستېما (32位系统) قانداق سىستېما، 64 بىتلىقچۇ (64位系统) دەپ سورىشىدۇ. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ئۇلارنىڭ پەرقىنى قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي.

ئالدى بىلەن نېمىنىڭ 32بىتلىق سىستېما ۋە 64بىتلىق سىستېمىلىقىنى چۈشەندۈرەي
32بىت ۋە 64بىتلىق مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا، CPU نىڭ بىر قېتىملىق ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ 32بىت ياكى 64بىت ئىكەنلىكى. بۇ يەردە يەنە ”بىت“ دېگەن ئۇقۇم چىقىپ قالدى، شۇڭا بۇنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار بولدى، 32 بىت ۋە 64 بىت نى تېگىدىن چۈشەندۈرۈپ كەلسە بىر كىتاب بولۇپ چىقىدۇ ….
32بىتنىڭ ئىپادە بەلگىسى بولسا : x86
64بىتنىڭ ئىپادە بەلگىسى بولسا : x64

بىز ھازىر سېتىۋالغان CPU لارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 64بىتلىق CPU، لېكىن ھېچقايسىسى ھەقىقىي مەنىدىكى 64بىتلىق CPU ئەمەس، پەقەت 32بىتلىق CPU ئاساسىدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، 64 بىتلىق CPU نىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئالاھىدىلىكىنى ئەكىرگەن. لېكىن يەنىلا 64بىتلىق CPU دەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى 64 بىتلىق CPU نى دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاسترونومىيە قاتارلىق غايەت زور ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىدىغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىدۇ. CPU بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق ھەم مۇرەككەپ، جۈملىدىن 32بىتلىق CPU بىلەن 64بىتلىق CPU نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بەزى ئالماشتۇرۇشلار ئوخشىمايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا 32بىتلىق CPU ئىچكى ساقلىغۇچتىن 2نىڭ 32-دەرىجىسى= 4294967296(bit)يەنى 4G ئەتراپىدىكى ئورۇننى ئىشلىتەلەيدۇ، 64بىتلىق بولسا 2نىڭ 64-دەرىجىسى = يۈز مىليون دىن ئارتۇق GB ئورۇننى ئالالايدۇ.
مانا بۇ دەل 32بىتلىق سىستېما 4G ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ، 64بىتلىق بولسا چەكلىمىسى يوق دەپ ئېتىلىدىغان گەپنىڭ سەۋەبى.

بۇ يەردە 32بىت ۋە 64بىتلىق دەپ ئېيتىلىدىغان مۇنداق ئۈچ نەرسە بار.                                                                  

1. 32بىت ۋە 64بىتلىق CPU يەنى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ
بايا ئېيتقىنىمىزدەك ھازىر بازاردىكى بارلىق CPU 64بىتلىق بولىدۇ، شۇڭا قايسىسىنى سېتىۋالىدىغان ئىشتۇ دەپ ئەندىشە قىلماڭ، بىراق بازاردىكى ھەممىسى 64بىتلىق بولغان بىلەن سىزنىڭ ئاسار ئەتىقە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ CPU سى 64بىتلىق بولىشى ناتايىن، بۇنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە : 2.png
3.png


2. 32بىت ۋە 64بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى
مەشغۇلات سىستېمىسى CPU ئۈچۈن ياسالغان بولىدۇ، مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ شۇ CPU دىكى مەۋھۇم ھېسابلاشلارنى سىزگە چۈشىنىشلىك بولغان كۆزنەكسىمەن كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىپ بېرىش. شۇڭا مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ 32بىت ۋە 64بىتلىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. مەشغۇلات سېستىمىڭزنىڭ قانداق بىتلىق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە : 4.png
5.png


3. 32بىت ۋە 64بىتلىق قوللىنىشچان دېتاللار
مەشغۇلات سىستېمىسى CPU ئۈچۈن ياسالغان، قوللىنىشچان دېتال بولسا مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن ياسالغان، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا بۇلار ھەممىسى CPU ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھازىرقى CPU ھەممىسى 64بىتلىق بولغىنى بىلەن قوللىنىشچان دېتاللار ۋە مەشغۇلات سىستېمىنىڭ ھەممىسى 64بىتلىق بوپ كەتكىنى يوق، بولۇپمۇ 64بىتلىق دېتاللار ساناقلىقلا، شۇڭا 64بىتلىق دېتالغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىدۇ، ئەسكەرتىلمىگەن، بىز دائىم ئىشلىتىدىغان دېتالنىڭ ھەممىسى 32بىتلىق. شۇڭا بۇنى ئالايىتەن تەكشۈرۈپ ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بىت ۋە 64بىتلىق مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ پەرقى :                                                                                          
. لايىھەلەش مەقسىتى ئوخشىمايدۇ.
64بىتلىق سىستېمىنى دەسلەپتە مېخانىك لايىھەلەش، 3ئۆلچەملىك كارتون، سىن بىرتەرەپ قىلىش ۋە ياساش ۋە بەزى يۇقىرى پەن تېخنىكلىق ئورۇنلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسىغان. بارا-بارا ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ سىڭىپ كىرگەن.

2.سەپلىمە تەلىپى ئوخشىمايدۇ.
64بىتلىق سىستېمىنى پەقەت ۋە پەقەت CPU سى 64بىتلىق بولغان كومپيۇتېرغىلا قاچىلىغىلى بولىدۇ. 32بىتلىق سىستېمىنى 32بىتلىق ۋە 64بىتلىق CPU لىق كومپيۇتېرىنىڭ ھەممىسىگە قاچىلىغىلى بولىدۇ. ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قىلىش ئۈچۈن 64بىتلىق سىستېمىغا 64بىتلىق دېتالنى ئىشلەتسىڭىز ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز، لېكىن 64بىتلىق سىستېمىغا 32بىتلىق دېتالنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ھېچقانداق ئوخشىماسلىق ھېس قالمايسىز، بەزىدە ئەكسىچە تېخىمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ. چۈنكى 64بىتلىق سىستېما 32بىتلىق دېتالنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى بارلىق لازىملىق نەرسىلەرنى 32بىتقا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن 32بىتلىق دېتالنى ئىجرا قىلىدۇ، سۇڭا ئاستا بولىشى تۇرغانلا گەپ.

3. ھېسابلاش سۈرئىتى ئوخشىمايدۇ،
تومتاق قىلىپ ئېيتقاندا 64بىتلىق CPU بىر قېتىمدا 64 ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ، 32بىتلىق CPU بىر قېتىمدا 32 دانە ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ CPU رىڭىز 64بىتلىق بولسا ھېسابلاش سۈرئىتى 2 ھەسسە ئاشتى دېگەنلىك ئەمەس، ھەرگىزمۇ!!! بۇنىڭدىكى پەرقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن سىز چوقۇم 64بىتلىق CPU سى بار كومپيۇتېرغا 64بىتلىق سىستېما قاچىلاپ ئاندىن 64بىتلىق يومشاق دېتالنى ئىشلىتىپ مەسىلەن فوتوشوپنىڭ 64بىتلىق نۇسخىسى دېگەندەك، ئاندىن ھېس قىلالايسىز، سەل پەل تېزلەشكىنى ھېس قىلىسىز بىراق ھەرگىزمۇ 2 ھەسسە ئەمەس!

4. قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چوڭلىقى ئوخشىمايدۇ.
بايا ھېسابلاپ چىققاندەك، 32بىتلىق سىستېما (مەيلى ئۇ قانچە بىتلىق CPU بولسۇن ) ئەڭ چوڭ بولغاندا پەقەت 4G ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ، بىراق ئەمەلىي ئەھۋالدا پەقەت 3.2G لا بولىدۇ، بۇ سىستېمىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 64بىتلىق سىستېما قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چوڭلىقى نەزەرىيە جەھەتتە چەكسىز دەپ بىلىشكە بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋالدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 156G.

5. يۇمشاق دېتالنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ.
64بىتلىق يۇمشاق دېتاللار گويا تامچە سۇ، 32بىتلىق دېتاللار بولسا چوڭ كۆل. دېمەكچى، 64بىتلىق دېتاللار ناھايىتى ئاز، چۈنكى 64بىتلىق سىستېما تېخى ئومۇملىشىپ بولغىنى يوق، شۇڭا ئاچقۇچىلارمۇ 64بىتلىق سىستېما ئۈچۈن دېتال ياشاشنى كۆپ ئويلىشىپ كەتمەيدۇ!

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن ئىشىنىمەنكى كۆپلىگەن دوستلىرىمىز 32بىت ۋە 64بىتقا خېلى چوڭقۇر تونۇشتا بولدى. XP ئىشلىتىدىغان دوستلىرىمىز بېشىڭلارنى قاتۇرماڭلار، چۈنكى XP نىڭ 64بىتلىق نۇسخىسى يوق، Vista ۋە Win7, Win8 نىڭ 32بىت ۋە 64بىتلىق نەشرى بار.
64بىتلىق سىستېمىنىڭ باسىدىغان مۇساپىسى تېخى ئۇزۇن، بىراق كېيىنكى مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ ئېقىمى بولىشى ئېنىق گەپ. ئاخىردا بۇلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا، قايسىنى قاچىلىسام ياخشى بولا؟ دەيدىغان دوستلىرىمىزغا يازمىغا ئاساسەن كۆرسەتمە بەرسەم:

1. ئەگەر سىز XP نىڭ زاكا ئاغىنىسى بولسىڭىز بۇنداق سوئاللارنى سورىماڭ، ۋە ئەخمەقلىك قىلىپ 4G دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىۋالماڭ!
2. CPU رىم 64بىتلىق، ھەم 4G دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىپ باققۇم بار! دەيدىغان دوستلار 64بىتلىق سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ.
3. CPU رىم 64بىتلىق، 4G ساقلىغۇچ ماڭا يېتىپ ئاشىدۇ، ھەم جىق ئىشلارنىمۇ قىلپ كەتمەيمەن دەيدىغان دوستلار ئىككى پۈتنى جۇپلاپ 32بىتلىق سىستېمىنى ئىشلىتىۋېرىڭلار، بولمىسا ئارتۇق ئاۋارىچىلىق چىقىدۇ.
4. 64بىتلىق سىستېما ئىشلەتسە قانداق بولىدىغاندۇ؟ دەيدىغان دوستلارمۇ جىم ئولتۇرۇپ 32بىتلىق سىستېمىنى ئىشلىتىڭلار! مېنىڭ جاۋابىم: ھېچقانداق بولمايدۇ!
5. كومپيۇتېرنى ئانچى مۇنچە بىلىمەن، ھەم سىستېما قاچىلاش دېگەنلەرگە پۇختامەن! دەيدىغان دوستلار قىزىقىشىڭلار بويىچە قاچىلاپ باقساڭلار بولىدۇ.
6. كومپيۇتېرىم ئويۇنغا لىق توشاق! دەيدىغان دوستلارمۇ ھاياجانلانماي، بۇرۇنقى پەدەڭدە تۇرىۋېرىڭلار! 64بىتلىق سىستېمىدا بەزى ئويۇن ئېچىلمايدۇ.
7. Adobe نىڭ دېتاللىرى كۆپ ئىشلىتىمەن، 3Ds MAX ئوينايمەن، سىن بىرتەرەپ قىلىمەن! دەيدىغان دوستلارنىڭ 4G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سېتىۋېلىپ، 64بىتلىق سىستېما ئىشلىتىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى سۈرەت، ئۈن. سىن بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 64بىتلىق نەشرى بولىدۇ، چۈنكى 64بىتلىق سىستېما سۈرەت، ئۈن-سىن بىرتەرەپ قىلىشتا ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك تېز!

ئەڭ ئاخىردا ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن جاكارلايدىغىنىم شۇكى: 32بىتلىق سىستېمىدىن 64بىتلىققا بىۋاسىتە ئاتلىغىلى، 64بىتلىق سىستېمىدىن 32بىتلىققا بىۋاستە سەكرىگىلى بولمايدۇ. بۇ مۇمىكن ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس، بۇ بىر تېخنىكلىق ئوقەت! بەلكىم كېينكى يازمىلاردا مۇشۇ توغرىلىق سۆزلىشىم مۇمكىن!
=====================================================================================
▇▇▇▇▇▇ مەزكۇر مەزمۇن : ھەزرەت گرافىكى http://www.hezret.com دىن كەلگەن، تەپسىلىي مەزمۇننى بۇ جايدىن كۆرۈڭ: http://www.hezret.com/
بۇ يەر گە رەسىم چىقارغىلى بولماسما.

3

تېما

0

دوست

633

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
212
توردا
128 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 01:21:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلىي بوپتۇ .رەخمەت

1

تېما

0

دوست

91

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
28
توردا
16 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 01:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك جاپا چىكىپسىز، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن،قوللىرىڭىزغا دەت تەگمىسۇن .

2

تېما

1

دوست

1004

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

تىرىشچان

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
331
توردا
243 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 02:30:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدىم ،ئاساسىي مەقسەت ئانچە روشەن ئەمەس ،شۇنداقتىمۇ چەككەن جاپايىڭىزغا رەھمەت。

7

تېما

4

دوست

829

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
189
توردا
164 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 02:31:25 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق، چۈشۈنۈشلۈك يېزىپسىز، رەھمەت!

8

تېما

4

دوست

1060

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
200
توردا
476 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 08:03:29 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم،بەك ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز رەھمەت سىزگە،باشقىلارنىڭ ئۇ ياخشى بۇ ياخشى دېگەن گېپىگە پىسەنىت قىلماي 32بىتلىق سىستىمىنى ئىشلىتىش قارارىغا كەلدىم،
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

8

تېما

6

دوست

1192

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
314
توردا
274 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 08:06:49 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشىنىشلىك دەرىس، رەھمەت سىزگە.
كومپىيوتېر توغرىسىدا بىلىمى بارلار بىلىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

2

تېما

1

دوست

1258

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
341
توردا
213 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 08:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچۇم 2G ، شۇڭا ھازىرغىچە XP ئىشلىتىۋاتىمەن،
يوللانمىڭىزغا رەھمەت. مەنمۇ پەرقىنى بىلەلمەي يۈرەتتىم،

12

تېما

6

دوست

967

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
15
جۇغلانما
219
توردا
144 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 10:05:33 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشنىشلىك تىما بوپتۇ، يىڭى بىر بىلىم ئىگەللىۋالدىم

0

تېما

7

دوست

943

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
301
توردا
285 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 10:08:25 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بىلم ئىكەن، مەن 2G ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن يەنىلى كۆزنەك7 نى ئىشلىتىپ كېلۋاتىمەن،ئەلۋەتتە 32 بىتلىق سېستىما ،
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-6 00:15 , Processed in 0.143819 second(s), 38 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش