|
ئاۋۇ نورمال كۆرۈنگەن تور بەتتىكىسى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۋېتىلگەن خەت ئىكەن. ئۇيغۇرچە ھەرپلەر يۇنىكودتا ئاساسى رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايون دەپ ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسى رايوندا 32 ھەرپنىڭ يالغۇز شەكلىلا بار. كېڭەيتىلگەن رايوندا باش، ئوتتۇرا، ئاياق، يالغۇز ھەممە شەكلى بار. ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان يۇمشاق دېتال ياكى سىستېمىدا سىز بىر ھەرپنى باسسىڭىز ھەرپنىڭ ئورنىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ باش، ئوتتۇرا، ئاياق شەكلىنى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ بېرىدۇ، يەنى نورمال ئۇلاپ بېرىدۇ. مۇشۇ جەرياننى بىز ئۇيغۇرچىنى «قوللىدى» دەيمىز. ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان يۇمشاق دېتالدا بۇنداق ھۆكۈم قىلىپ ئۇلاپ بېردىغان پىروگرامما بولمىغاچقا، سىز مەجبۇرى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسنى قاچىلاپ قويسىڭىزمۇ، سولدىن ئوڭغا، ھەرپلەرنىڭ يالغۇز شەكلى ئۇلانمىغان ھالەتتە كۆرۈندۇ. شۇڭا ۋاقتىنچە ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان ئورۇندا مەجبۇرى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئەھۋاللار بار. لېكىن بۇنداق قىلىش خەلقئارا يۇنىكود ئۆلچىمىگە خىلاپ. شۇنداقلا كىرگۈزۈش، ئىزدەشتە خاتالىق چىقىدۇ. |
مەن بۇنى تېخى بىر خەت نۇسخىسىنىڭ ياكى تور كۆرگۈچىنىڭ ئىقتىدارى ئوخشايدۇ دەپ ئۇيلاپ قاپتىمەن .مەن يانفۇندا ۋورد ھۆججىتىنى ئاچسام خەتلەر سولدىن ئوڭغا بولۇپ،پەقەتلا ئۇلانمىدى، مەن يانفۇنغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلىغان .سېستىما نەشىرى 2.2 ئىدى،سېما دەرىجىسىنى2.3 كۆتۈرەي دېسەم مېنىڭ يانفۇنۇمنىڭ 2.3 سېتىما روم ھۆججىتى بولغان بىلەن سېستىمنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن روت قىلغىلى بولمايدىكەن.خەنزۇچە مۇنبەردە شۇنداق دەپتۇ .يانفۇن تىپى motorola xt316 ئىدى.سېتىما دەرىجىسىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ ئۇيغۇچىنى قوللايدىغان قىلغىلى،ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغىلى بولارمۇ؟ |
uwzardدەپ بىر تور كۆرگۈچ بار شۇنىڭدا فونتسىزمۇ ناھايىتى نورمال كۆرگىلى بۇلىدۇ ئۇيغۇرچە بەتلەرنى بۇرۇن شۇنىڭدا كۆرەتتىم ئۇيغۇرچە بەتلەرنى |
مىنىڭ بلوگىمنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش نورمال كۆرنىدۇ، باشقا يەرلىرىدە ئاشۇ ئىككى ھەرىپ نورمال ئەمەس. |
uwzard دېگەن كۆرگۈچنى قاچىلغان ئىدىم ،ئىكرانغا ماس كەلمەيدىكەن.go تور كۆرگۈچىسىنىڭ خەت نۇسخىىسنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدىكەن.لېكىن خەتلەر ئۇلاشمايدىكەن ،ئوت تۈلگە قاچىلانمىدى .ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازىرچە opera mini دىن ياخشىشى يوق ئوخشايدۇ. |
يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 苏ICP备12047620号-1 )
, Processed in 0.069015 second(s), 22 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-8-3 04:23