كونۇپكىلاردىكى ھەرىپلەر جايلىشىشى

يوللىغۇچى: iltebir107 | يوللىغان ۋاقتى: 2011-9-2 12:20| كۆرۈلۈشى: 281| ئىنكاس سانى: 2|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

1ئاقچا
كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىكى لاتىنچە ئا ھەرىىپدە نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئا ھەرىپى يوق؟ئانجىرويىد سېستىلىق يانفۇندىمۇ شۇنداق ئىكەن .بۇنىڭ سەۋەبىي نىمە ؟

يېڭى ئىنكاسلار

alip يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 12:41:11
ئۇيغۇرچىدىكى سۆزلۇكلەرنىڭ ئىشلىتىش قىتىم سانى ، سۆزلىكلەردىكى ھەرىپلەرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسپىتى ئەھۋالىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان(يەنى كۆپ ئىشلىتىدىغان ھەرىپ ۋە بۆلەكلەر قولغا يىقىنراق ، كومپىيوتىر تاختىسنىڭ مەركىزى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ) ، ئىنگىلىسچىمۇ ، باشقا تىللاردىكىمۇ شۇنداق . كونۇپكا تاختىسىغا ئوبدان قاراپ بىقىڭ ، ئىلىببە بويىچە ئا ، ب ، س دەپ باشلايمىز لىكىن ، ئا بىلەن ب نىڭ ئارلىغى قانچىلىك ؟ (ئىنگىلىزچە ھەرىپكە قاراڭ ) ، بۇ ھەرگىزمۇ بىر كىشنىڭ بىشى قىيىپ ئورۇنلشتۇرغان ئەمەس ، كۇچلۇك ئىلمى ئاساسى بار.

ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي

1990-يىللىرى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىدىغان ھەرپلەرنى(مەسىلەن: «ى» نى ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى) ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاھاڭى ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرپلەرنى مۇشۇ ئىنگلىزچە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان.

ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كۇنۇپكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا، مېنىڭچە سوزۇق تاۋۇش «ى»، «ا»، «ە» ھەرپلىرىنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى تىلشۇناسلارمۇ تەخمىنەن پەرەز قىلالايدۇ. ئەمما، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەكرارلىقىنى ئېنىق بىلىپ كېتىشى ناتايىن. ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئىمكان بار يېڭى يېزىق ھەرپلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان كۇنۇپكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى بولسا كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش پەقەت بىردىنبىر بولغاچقا، 16-17 يىلدىن بۇيان كىشىلەرگە مەجبۇرى ئومۇملىشىپ، باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى بولماي، كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن، ئىلمىيلىك دېيىش توغرا كەلسە، پەقەت ئۇنىڭ كۆپ ئومۇملاشقانلىقىدا. شۇڭا، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىمىز. ئەمما، يېڭىچە پىكىرلەرنى، ئىدىيىلەرنى خاتا دېسەك بولمايدۇ.

ئىنگلىزچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ئىچىدىمۇ، ئىنگلىزچە ئىشلىتىدىغان ئوڭخاي، سولخاي ۋە مېيىپلار ئۈچۈنمۇ باشقىچە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز يەنى سولخاي
美国英语-Dvorak(惯用右手), 美国英语-Dvorak(惯用左手),  美国英语-Dvorak,
Windows نىڭ تىل قوشۇش رامكىسىدىن كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ، كۆپىنچە يېزىقلارنىڭ بىرقانچە خىل كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بارلىقىنى ھېس قىلالايسىز.

ئەلۋەتتە، a نى باسسا ئا، f نى باسسا ف چىقىدىغان يەنە بىر خىل كىرگۈزگۈچمۇ بار. ئىسمى ئويغان خەلقئارا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ ، شۇنداقراق ئىسىمدە تۇرىدۇ.
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 20:02:09
مەن ئويغان خەلقئارا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ياخشى كۆردۈم.سىزنىڭ ئاخىردا تەكىتلىگىنىڭىز توغرا.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.055623 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-24 04:11

چوققىغا قايتىش