ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 482|ئىنكاس: 9

ياردەم سوراپ تېما يازغۇچىلار سەمىگە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2228
جۇغلانما
246
توردا
2074 سائەت
نادىر
44
تېما
198
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 14:46:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ تورى كومپىيۇتېر ۋە يانفون بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان تور بەت بولغاچقا، مۇشۇ ھەقتە ياردەم سوراپ تېما يازدىغان تورداشلار كۆپەيمەكتە. ياردەم سورىغۇچىلار ئاساسەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشۋاتىدۇ. لېكىن يېقىندىن بېرى ئالىپ تورىنى زىيارەت قىلدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ياردەم سوراپ پاخال تېمىلارمۇ پەيدا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ياردەم سورىغۇچىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلسا تېمىنىڭ تەستىقلىنىشى ۋە جاۋاپقا ئېرىشىشى تېز بولىدۇ.
1. ئۆزۈڭلار تەرجىمە قىلىۋېلىڭلار دەيدىغان خەنزۇچە يازمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
2. مەقسىتىڭىزنى ئېنىق بىلدۈرۈڭ. بىر تال سۆزنى توككىدە يېزىپ تېما دەپ يوللايدىغانلارمۇ بار.
3. باشقا تور بەتتىن كۆچۈرۈلگەن تېمىلار بولسا مەنبەسىنى، شۇ تېمىنىڭ ئەسلى ئادېرسنى يېزىڭ.
4. يانفون ھەققىدە ياردەم سورىماقچى بولسىڭىز يانفوننىڭ ماركىسىنىلا يېزىپ قويماي، يانفوننىڭ تىپىنى، مەشغۇلات سىسېتمىسىنى مۇمكىن بولسا، رەسىمىنى قوشۇپ يوللاڭ. مانداق تېلفوننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولامدۇ؟ دەيدىغانلار خېلى كۆپ. يانفوننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى — پىروگرامما قاچىلىغىلى بولىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون. ھازىر ئايفون ۋە ئاندرويىد سىسېتمىلىق يانفونلار ئۇيغۇرچىنى يادروسىدىن قوللايدۇ. سىمبىيان ۋە Windows Mobile  سىستېمىلىق يانفونغا ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى قوللاتقىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
19
جۇغلانما
651
توردا
64 سائەت
نادىر
0
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 14:52:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر بولۇپتۇ دىمىسىمۇ مۇشۇنداق بىمەنە تىمىلار كۆپىيىپ قالدى. تىما يوللىغۇچىلارمۇ مەزمۇنلۇق ئورۇنلۇق تىما يوللىساق!!!
كۈنلەر نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
19
جۇغلانما
651
توردا
64 سائەت
نادىر
0
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 14:57:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياردەم سوراپ تېما يازغۇچىلار سەمىگە

ئالىپكا ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر قىلىپسىز .مۇمكىن بولسا ئەنە شۇنداق تۇترۇقسىز تىما يوللىغۇچىلارنىڭ تەڭگىسىنى سېستىما ئاپتۇماتىك قىلىپ تۇتۇپ قالىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز بۇنداق تىمىلارمۇ ئازايغان بولاتتى....
كۈنلەر نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە

Rank: 2

ئاقچا
17
جۇغلانما
13
توردا
22 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 12:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر بولۇپتۇ

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
427
توردا
127 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 00:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كومپيۇتېر قوراشتۇرش سېستىماقاچلاش ئاندىرويىد ۋە windows سېستىمىلىق روم يىزش قاتارلىقلارنى ئانچىمۇنچەبىلدىكەنمە لىكىن مۇنبارگەرەسىم يوللىيالمايدىكەنمەن !

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
7
جۇغلانما
143
توردا
43 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 07:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئەپەندى  ھەممىمىز  گە مەلۇم بولغاندەك جاھاندىكى ھەممە ئىشلار تەڭپۇڭ ئەمەس لىكىن مەن ئاۋۇ پىكىرگە ئانچە قايىل ئەمەس  (ياردەم سوراپ پاخال تىمىلارمۇ پەيدا بولۋاتىدۇ )  بۇ نىم دىگەن گەپ ئەمدى مىنىڭ چە يىڭى ئەزالارنىڭ بۇ تىمىنى ۋە يىڭى تىما يوللىغانلارنىڭ بۇ تىمىدىكى ئەيىپلەشلەرنى كۆرسە كۆڭلى  سوۋۇپلا كىتە   - سوراپ بىلىم ئاپتۇ سورىماي كىيىن قاپتۇ -  دىگەن گەپ بار ھەممەيلەن بىلىمىز لىكىن يىڭى ئەزا بولغانلار  ئالىپ تورىدا نىمىگە مۇناسىۋەتلىك تىمىغا تىز ئىنكاش قايتۇردۇ قانداق تىمىغا تىز ئىنكاس قايتۇرمايدۇ  بۇنى تىخى بىلمەسلىكى مومكىن ئاستا - ئاستا چۇشىنىپ قالىدۇ ۋە سىلەر بىزدەكلەر يىڭى ئەزالارغا خاتا قىلغان جايلىرنى تۇزىتىشكە ياردەم بەرسەك بولدۇ ئەمەسمۇ  ئۇلارنىڭ مۇ بەلكىم پاخال تىما يازغىسى يوقتۇ   يىڭى ئەزا مۇنبەرگە كىرىپلا مۇنبەردىكىلەرنىڭ قانداق تىمىغا كۆڭۇل بولدىغانلىقىنى ۋە تىز ئىنكاس تىز ياردەم قىلدىغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ  مەنغۇ ئازتولا كومپىيوتېر چۇشىنىمەن لىكىن يىڭى كەلگەنلەر  بەزىلىرى بىلدۇ بەزىلىرى بىلمەيدۇ بىلمىگەنلەر ئۇگەنگىلى بىلگەنلەر ئۇگەتكىلى كىردۇ ئەمەسمۇ  بىلمىگەنلەرنى  پاخال تىما يوللاپسىز  دەپ ئەيىپلەيمىزمۇ ؟   بەلكى سىلدەك يولباشچى باشقۇرغۇچىلار ئۇلارنى يىتەكلەپكەتسە بەلكى نادىر تىمىلارنىمۇ يوللاشنى ئۇگىنىپ قالار    _  ئىدىسون مۇ  مەن 1000 قىتىم تەجىربە ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان بولساممۇ لىكىن ئاشۇ 1000 قىتىملىق تەجىربەمنىڭ خاتا مەشخۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم شۇنداق بولغاندا خاتا  مەشخۇلات قايتا تەكرارلانمايدۇ -    ئادەنىڭ تۇنجى قىلغان ھەرقانداق ئىشى مۇۋاپىق يەتلىك  بولشى ناتايىن لىكىن  سىلەردەك باشقۇرغۇچىلار يىڭى ئەزالارغا  تىزىملىتىپ كىرگەن ھامان  ئاپتۇماتىك مۇنبەرگە ئائىت ئۇچۇرمەزمۇنلارغا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ۋە تىما يوللاشقا بىلۋىلاشقا تىگىشلىك ئىشلار دىگەندەك ئەسكەرىتمىلەر ئىۋەتىلسە بەلكىم ئۇلارمۇ تىما يوللىغاندا ئويلىنىپ ياخشى تىمىلارنى يوللىشى مومكىن   يىڭى ئەزالارمۇ قولاشقا  يىتەكلەشكە مۇھتاج   ۋە سىلەردەك ئۇستازلارنىڭ بىلىمىنى ئۇگىنىشكە قىزىقىدۇ  بولسا يىڭى ئەزالارنىمۇ قوللاپ قويايلى  ( لىكىن كىلىپلا  ياردەم سوراپ تىما يىزىپ ياردەم قىلمىسا ئادەم تىللايدىغان ئەزالار بۇنىڭ سىرتىدا )
سىلەردەك ئۇستازلار  مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى  بىز دەك  ئەزالار بولساق ئوقوغۇچىغا ئوخشايمىز   بىزمۇ سىلەرنىڭ بىلىمىڭلارنى ئۇگىنىشكە قىزىقىمىز  ۋە ھازىرقى  ۋە كەلگۇسى دۇنيانىڭ مۇشۇنداق ئۇچۇرلاشقان زاماننىڭ كەينىدە قىلىشنى خالىمايمىز بەلكى تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەشنى ئويلايمىز لىكىن سىلەردەك ئۇستازلارغا تايانمىساق بولمايدۇدە  يىڭى ئەزالارنى پاخال تىما يوللاپسىز دەپ قىزغىنلىقىغا  سۇ سەپمەي  يىتەكلىۋالساق بولماسمۇ ؟   
مەنمۇ ئۆزەم ئۇچۇن سۆزلىمىدىم ئالىپ ئەپەندى  مىنىڭ تەكلىۋىمغا  قارشى چىقتى دەپ مىنى جازالىىمسالا  بولامدۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-25 07:20  

مىللىتىمنى سۆيىمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2228
جۇغلانما
246
توردا
2074 سائەت
نادىر
44
تېما
198
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 11:17:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسچېل ئەپەندى، مەقسىتىمنى تازا چۈشىنەلمىگەن ئوخشايسىز.
پاخال تېما دېگىنىم، مەزمۇننىڭ ئاددىيلىقىغا قارىتىلغان ئەمەس. ئادەتتىكى سۇئال بولسىمۇ مەقسىتنى ئېنىق بىلدۈرسۇن دېمەكچىمەن.
يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنى ئەلۋەتتە يىتەكلىۋالىمىز. ھەممە ئادەم تۇغۇلۇپلا ھەممىنى بىلگەن ئەمەس.
ئاددىي مەسلە بولسىمۇ مەقسىتىنى ئېنىق، ئىملاسىنى توغرا يازسىلا تەستىقلىندۇ.
پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
7
جۇغلانما
143
توردا
43 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 17:53:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-10-25 11:17
راسچېل ئەپەندى، مەقسىتىمنى تازا چۈشىنەلمىگەن ئوخشايس ...

ئالىپ ئەپەندىمنىڭ  توغرا چۇشەندۇرۇپ قويغىنىغا رەخمەت  
لىكىن قارىسام  مۇشۇ تىمىنى  228  ئادەم  كۆرۇپتۇ  لىكىن   100 دە  10 %    بولسىمۇ  ئىنكاس يىزىپ  قويسا يامان بولارمۇ    تىمىنى كۆرگۇچىلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ لىكىن ئىنكاس يازدىغانلار بەك ئاز
ئالىپ ئەپەندى  ھازىر  ئىنكاس يازسا جۇغلانما قوشۇلمامدۇ  مەن 10 ياكى  20 تىمىغا ئىنكاس يازساممۇ  جۇغلانمام كۆپەيمەپتىغۇ
جۇغلانمام  93 تە تۇرغىلى خىلى كۇن بولغان كۆپەيگىنىنى  ھىچ بىلمەيمەن    تىما دىن باشقىغا جۇغلانمۇ بىرىلمەمدۇ يا ؟
مىللىتىمنى سۆيىمەن

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
126
توردا
47 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 00:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر بولۇپتۇ. تىما يوللىغۇچىلارمۇ مەزمۇنلۇق ئورۇنلۇق تىما يوللىساق
ئاللاھقا مىڭ شۈكرى!!!!!!!!!!!!

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
96
جۇغلانما
67
توردا
44 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 18:46:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئلەيكۇم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن خىلى كوپ چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-1-5 03:43 , Processed in 0.079859 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش