ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 26

LRC ئۇيغۇرچە ناخشا تېكىست تۈزۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
20
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 17:51:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن LRC ئۇيغۇرچە ناخشا تېكىست تۈزۈش گۇرۇپىسى قۇرۇش توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز ئىشلىتىۋاتقان مۇزىكا قويغۇشلار ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىڭ تېكىستنى تاپالمايدۇ، بىزمۇ ئادەتتە بۇنىڭغا تازا پەرۋا قىلىپ كەتمەيمىز.
بولسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئۇيغۇرچە ناخشا تېكىست تۈزەيدىغان ئايرىم گۇرىپىلار بولسا بىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى ئايىمىساق. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز مەيلى دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا بولسۇن ياكى باشقا جەھەتتە بولسۇن ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىق ئىشلىرىغا كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ،ئاشۇ قېرىنداشلىرىمغا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
ئەلۋەتتە ئالىپ ئاكىغا ئوخشاش ئۈنتۈنسىز تۆھپە قۇشىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس،سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇق بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
يۇقۇردا دىيىلگەن بۇ تەكلىپىمگە كۆپچىلىك قانداق پىكىرلىرى باركىن.ئەگەر مۇمكىن بولسا ئالىپ مۇنبىرىغا  بىر كۆزنەك قۇشۇلسا ،بىزئۇيغۇرچە ناخشا تېكىستلارنى مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىساق ،كۆپچىلىككە ئازدۇر كۆپتۇر پايدىسى بولامۇ دىگەن خىيال بىلەن بۇ تېمىنى يازدىم.ئەگەر بەزى گەپلىرىم مۇۋاپىق بولمىغان  بولسا ئالىپ ئاكا ۋە باشقا تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى  ۋە تەنقىدلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2228
جۇغلانما
246
توردا
2074 سائەت
نادىر
44
تېما
198
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 18:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئاۋۋال LRC ناخشا تېكىستى ۋە ئۇنى قانداق تۈزدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.
mp3 ناخشىلارنى قويغاندا ماس ھالدا تېكىستى كۆرۈندىغان قىلىشنى دەيسىزغۇ دەيمەن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
493
توردا
70 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 22:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ تېزراق رۇياپقا چېقىشىنى ئۈمىدقىلمەن.
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
20
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 11:51:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         بۇلىدۇ ،مەن ئەمدى lrcناخشا تېكىست ھۆججىتى توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۈتەي.
         ئادەتتە lrc.* بىلەن ئاياغلاشقان ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى MP3ناخشا قويغۇچنىڭ بىردىنبىر ناخشا تېكىست ھۆججىتى بولۇپ،بۇخىل ھۆججەتلەرنى txtھالەتتە ئىچىپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
          خوش،ئەمدى گەپ بۇ lrcھۆججىتىنى قانداق قۇرۇشتا قالدى.بۇنى سۆزلەشتىن بۇرۇن بىرمىسال بىلەن چۈشەندۈرسەم تېخىمۇ ئىنىق بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم،تۆۋەندە مەن بىر مىسال بىلەن سۆزلەپ ئۈتەي.
          ئالدى بىلەن بىزگە لازىملىق ماتىرياللارنى تەييار قىلىۋالىمىز.
          1.EditLrc ناخشا تېكىست تەھرىرلىگۈچ دېتالى قىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
           2.كومپىيوتىرىڭىزدا چوقۇم ئۇيغۇرچە كىرگۈگۈچ بولىشى كېرەك.
            بولمىسا قىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
           3. بىز تېكىست تۈزمەكچى بولغان ناخشىنىڭ MP3 ھۆججىتى .
           مەن سىناق قىلغان قويغۇچ 千千静听.ئالدى بىلەن يوقۇرقى دېتاللارنى قاچىلايمىز.ئاندىن كېيىن
بىز تەھرىرلىمەكچى بولغان ناخشىنىڭ تېكىستنى txtھۆججىتىدە يىزىۋالىمىز.
دېتال كۆرۈنمە يۈزى:
软件截面图.jpg

بىز تەھرىرلىمەكچى بولغان MP3ھۆججىتنى مۇشۇ دېتالغا تارتىپ ئەكىرىپ قۇيۇپ سىناپ باقىمىز.ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىن 加入时间标签دىگەن تۈرنى بىسىپ قۇشۇمىز.دىققەت:بىز قۇشۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ناخشىنىڭ بىشىدىن باشلىشىمىز كېرەك.ھەربىر تېكسىت ئېيتىشتىن بۇرۇن 加入时间标签دىگەن تۈرنى قاتىمىزتاكى ناخشا ئېيتىلىپ بولغۇچە بۇ مەشغۇلات مۇشۇ ئۇسۇلدا داۋام قىلىدۇ.بۇ مەشغۇلات ئاياغلاشقاندىن كېيىن قارىسىڭىز بىر قۇردا كۆرىنىدۇ،بىز ئەمدى بۇنى قۇرتاشلاپ بۇرۇن تەييار قىلىۋالغان txtھۆججىتىدىكى تېكىستنى ماس ئورۇنغا قۇيىمىز.(تېكىستنى كۈچۈرىشتىن بۇرۇن بىر نۇسخا ساقلىۋىلىڭ چۈنكى بىۋاستە كۈچۈرسىڭىز unicodeنى قوللىمايدىكەن شۇڭا مۇشۇنداق قىلماقتىن باشقا ئۇسۇلنى بىلمىدىم.)
            بۇنى txtھۆججىتىدە ئىچىپ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنكى يۈزى:
歌词正文.jpg

قارىسىڭىز بۇ ئاسىتىدىن ئۈسىتىگە يېزىلغان،ساقلىغاندا چۇقۇم utf-8ھالەتتە ساقلاڭ .ئەمدى بىز بۇنى
千千静听دا قويساق دەسلىۋىدە ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ،بىز 千千静听نىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ Tuz Tom غا توغرىلاپ قويساقلا ئىش پۈتتى دىگەن گەپ .يەنى تۆۋەندىكى ئايرىم-ئايرىم
رەسىمدە كۆرسىتىلدى.
字体调整菜单.jpg

窗口模式.jpg

桌面模式.jpg

بىرسى 窗口模式نىڭ خەت نۇسخىسى يەنە بىرسى 桌面模式نىڭ خەت نۇسخىسى.ئاخىرىدا lrcتېكىست ھۆججىتى بىلەن MP3ھۆججىتى بىرلەشتۈرسەكلا ھەرقىتىم ناخشا قويغاندا ناخشا بىلەن تېكىست ماس قەدەمدە قۇيىلىدۇ.
             ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈم رەسم:
             最终效果图.jpg

         ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز قول سىلىپ ئىشلەپ كۆرۈڭ ،بىلمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس يېزىڭ.ئەگەر يۇقارقى چۈشەندۈرۈشتە قىسمەن جايلاردا سۆزلەر توغرا ئىشلىتىلمەي قالغان بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   謌,與衆吥茼 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-11 11:57  

Rank: 1

ئاقچا
4
جۇغلانما
20
توردا
1 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 14:43:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاينى ناخشا تەھرىر لىگۈچ چۈشۈرۈپ يۈرمىسىڭىزمۇ 千千静听 نىڭ ئۆزىنىڭ ناخشا تېكىستى تەھرىرلىگۈچى يېتىپ ئاشىدۇ. بولمىسا سىناپ بېقىڭ. مەنمۇ بىر نەچچە ناخشىلارنى مۇشۇنداق قىلىپ باققان.

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
20
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 16:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياغما يوللىغان ۋاقتى  2011-8-11 14:43
ئاتاينى ناخشا تەھرىر لىگۈچ چۈشۈرۈپ يۈرمىسىڭىزمۇ 千千静听  ...

بەزى بىلمەيدىغان يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قايمىقىپ كەتمىسۇن دىگەن مەقسەتتە شۇنداق قىلغان.

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
2
جۇغلانما
67
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 21:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توغرىدا مەنمۇ خېلى بۇرۇنلا ئىزدىنىپ باققان. ھەمدە ئەينى ۋاقتتىكى سەلكىن ، شەبنەملەرگە يازمىمۇ يوللىغان ئىدىم. شۇنداق مەخسۇس 千千静听 نى ئىشلىتىپ ناخشا تىكىست ھۆججىتى قۇرۇش توغرىلىق بىر ئېلكىتاپ تەييارلىغان. ئەمما باشقىلارنىڭ ئانچە قىززىقمىغان ئىدى. ئەگەر قىزىقىدىغانلار بولسا ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىدىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
http://ilkitap.blogbus.com/logs/64965657.html
يۇقارقى بەتتىكى 13-نومۇرلۇق ئېلكىتاپ دەل شۇ

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
3
جۇغلانما
78
توردا
16 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 21:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقىردىكى ھەر ئىككى ئۇسۇلنى سىناپ باقتىم،بولىدىكەن.

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
20
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 22:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابرال يوللىغان ۋاقتى  2011-8-11 21:22
بۇ توغرىدا مەنمۇ خېلى بۇرۇنلا ئىزدىنىپ باققان. ھەمدە ئ ...

سىزدىگەن ئېلىكىتابنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم.خېلى تۇلۇق ھەم تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە
بۇ بىلوگدا شۇنداق مول مەزمۇنلۇق پايدىلىنىش ماتىريالى ۋە دېتاللار باركەن.بۇندىن كىيىنمۇ يەنە توختىماي ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.ھارمىغايسىز........

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
20
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 22:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
thomas1113 يوللىغان ۋاقتى  2011-8-11 21:24
مەن يۇقىردىكى ھەر ئىككى ئۇسۇلنى سىناپ باقتىم،بولىدىكە ...

ئەمەلىيەتتە بۇ قىيىن نەرسىمۇ ئەمەس،كۆپچىلىككە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولامدىكىن دىگەندىن باشقا مەقسەت يوق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفۇن|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-1-5 03:50 , Processed in 0.108199 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش