ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 5

facebook ۋە ئۇيغۇرچە facebook ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئاقچا
8
جۇغلانما
20
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 23:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

facebook ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە




نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئابونتى ئەڭ كۆپ سانىلىدىغان Facebook دۆلىتىمىزدە چەكلىۋېتىلگەن. بەلكىم بىر قىسىم دوستلار ھەتتا Facebook نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. بىراق ئېلىمىزدىكى بىر قەدەر داڭلىق 人人网(بۇرۇنقى 校内网 شۇ) دېگەندەك SNS سۇپىلىرىنى خېلى كۆپ ساندىكىلەر ئوبدان بىلىدۇ، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق SNS سۇپىلىرى مۇشۇ FaceBook نى دوراپ تەقلىد قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.


FaceBook، بازار قىممىتى 85 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بىر شىركەت، بىر نەپەر مارك زاكېربېرگ(Mark Zuckerberg) ئىسىملىك ياش تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يەرشارىدىكى 270 نەچچە دۆلەتتە 70نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىنغان ، تىزىملاتقان ئابونتى 600 مىليوندىن ئاشىدىغان بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى.

Mark Zuckerberg ئەڭ دەسلەپتە 2004-يىلى Facebook نى قۇرغان ۋاقتىدا ياتاقتىكىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشىغا قولايلىق بولۇشىنى ئويلاپ قۇرغان، كىيىن بىرلا تارقىتىلغاندىن كىيىن يىغىشتۇرۇپ بولالماي قالغان. 2004-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، Facebook باشقا ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلگەن، 2005-يىلىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلگەن، ئۇنىڭغا ئۇلاپ 2006-يىلى چوڭلارغا ئېچىۋېتىلگەن. گەرچە Facebook نىڭ ئاساسلىق ئوبىكتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى 134 مىليۇن ئىشلەتكۈچىسى ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئىشلەتكۈچىنىڭ يېشى 26 ياشتىن يوقىرى بولغان، باشقا دۆلەتلەردە ئېشىش نىسىبىتى ئەڭ تىز بولىۋاتقىنى ئوتتۇرا ياش ئاياللار بولماقتا.

FaceBook نىڭ 2007-يىلىدىكى كىرىمى 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، 2008-يىلىدىكى كىرىمى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2009-يىلىدىكى كىرىمى 600~700 مىليون ئەتراپىدا، 2010-يىلىدىكى كىرىمى بولسا، بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا مۆلچەرلەنگەن. ھازىر ھەر بىر ئايدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 1 مىليون 500 مىڭ دوللار ئەتراپىدا.


2010-يىلى 7-ئايدا، FaceBook نىڭ ئابونتى 500 مىليون ئادەمگە يەتكەن، ئابونتلارنىڭ ھەر كۈنى تورغا چىقىرىدىغان رەسىمى 8 مىليون 500 مىڭ پارچىدىن ئاشقان.ھازىر FaceBook نىڭ بازار قىممىتى ئاللىقاچان 89 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


20 مىنۇت ئىچىدە facebook دا نىمىشلا يۇز بېرىدۇ ؟

بىر مىليون ئۇلانما.

بىر مىليون 484 مىڭ پائالىيەت تەكلىپنامە.

بىر مىليون 972 مىڭ دوستلۇق قۇبۇل قىلىش.

ئىككى مىليون 716 مىڭ پارچە رەسىم

ئىككى مىليون 716 مىڭ پارچە قىسقا ئۇچۇر

بىر مىليون 587 مىڭ پارچە تامغا جاۋاب خەت (wall posts)

ئون مىليون 208 مىڭ پارچە ئىنكاس يېزىلىدۇ .


facebook نىڭ ئابونتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى :


دۇنيا نۇپۇسى : 6,930,055,154
FaceBook ئابونتى : 664,032,460
ئىگەللىگەن پىرسەنت : 9.6 %
دۇنيادىكى 13 ئادەمنىڭ بىرسى FaceBook ئويناۋاتىدۇ .

10 نەچچە دۆلەتتە دۆلەت نۇپىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن ئارتۇق كىشىلەر FaceBook ئويناۋاتىدۇ .

400 مىليون ئابونت ھەر ئايدا كام دېگەندە بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %60 ئابونت بولسا ھەركۈنى FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %85 ئابونت بولسا، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %93 ئابونت ھەر ئايدا بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ھەر بىر ئابونت ھەر ئايدا FaceBook نى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 83 سائەت سەرپ قىلىدۇ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىنۇت چوقۇم FaceBook نى زىيارەت قىلغان بولىدۇ.


كۈنلۈك زىيارەت سانى : 261,000,000 چىكىلىش : 5,107,770,000


facebook ھەققىدە مىنىڭ ئويلىغانلىرىم :
facebook نىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى تەرەققىياتىغا ھەقىقەتەن كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ ، ئۇ باشقا ھەر قانداق مانا مەن دىگەن شىركەت ۋە گوروھلارنى بەك ئوسال ئەھۋالغا كەلتۇرۇپ قويدى . 2004-يىلدىن ھازىرغىچە( 2011 - يىلغىچە )قىسقىغىنە 7 يىل داۋامىدا ئۇ بىر مودا ئېقىمنى ھاسىل قىلدى ، بۇلۇپمۇ ئەزالارنىڭ سادىقلىقى ھەرقانداق بىر بىكەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .

مىنىڭچە بىز ئەتىگەن قۇپۇپلا تىلۋىزور ياكى باشقا نەرسىلەرنى كۆرىمىز ، 48 پىرسەنت 26-40 ياشلار ئەتراپىدىكى كىشلەر ئەتىگەن قۇپۇپ يۈز كۆزىنى يۇمايلا facebook قا چىقىدۇ . ئۇلار ھەرقانداق خەۋەرنى facebook دىن كۆرىدۇ .


ھېلىمۇ ئىسىمدە قايسى بىر چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى يەنى ئامرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بىراك ئوبامانىڭ تەسىرى كۈچى كۈچلۈكمۇ ياكى 500 مىليون ئەزاسى بار facebook نىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاكىربەگمۇ دىگەن تالاش -تارتىشدا شۇنداق بىر قىزغىن بەس مۇنازىرە بولغان . ئاخىرىدا قاتناشقان ئەزا كىيىنكىسىنى تاللىغان ، يەنى facebook .


facebook نىڭ زادى نىمىسى ياخشى ؟

بۇ سۇئالغا facebook نىڭ نىمىسى ياخشى ئەمەس دىگەن جاۋاب ناھايىتى ئورۇنلۇق . ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىزگە بىر سورۇن ھازىرلاپ بەردى يەنى ئۆز-ئارا دوستلىشىش ئۇچۇر پىكىر ئالماشتۇردىغان بىر سورۇن .


شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ، مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدىغان ، خېرىدارلار بىلەن ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدىغان سورۇن .

مەيلى سىز ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇتقۇچى ، ساقچى ياكى ئوغرى ، باشلىق ياكى ئىشچى ، ئىشقىلىپ نىمىلا بولماڭ facebook سىزگە ماس كىلىدۇ . سىز بەلكىم گوگىل ياكى بەيدۇ ئىزدەش تورلىرىدىن سىز ئىزدىمەكچى بولغان ئۇچۇر ماتىرياللارنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن ، بۇ ماتىرياللار بەلكىم 10 يىل بۇرۇنقى ماتىريال ئۇچۇرلار بۇلىشى مۇمكىن ، ئەمدى سىز facebook غا شۇ سىز ئېرىشكەن ماتىرياللارنى بۇرۇن ئىشلىتىپ باققان ، ياكى سىزگە ئوخشاش ۋەزىيەتتە تۇرغۇن تورداشلارنى تېپىپ ئۆز- ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايسز .


قىسقىغىنە چۈشەنچە :
سىز بەلكىم ئىزدەش تورىدىن بىر يېڭىچە تاماق ئىتىش ئۇسۇلى (پولو ئىتىش دەيلى ) تاپالايسىز ، مەيلى رەسىملىك ، خەتلىك ياكى فىلىملىك بولسۇن ئىزدەش تورىدىن تاپالايسىز ،جانسىز خالاس.
ئەمدى سىز facebook دا سىز شۇ يېڭىچە تاماقنى ئىزدەپ باقسىڭىز ، شۇ يېڭىچە تاماقنى ئېتىپ باققانلار ، يەپ باققانلار ، ھەتتا ھەرخىل ئۇسۇلدا سىناپ باققان ھەقىقىي تورداشلارنى تاپالايسىز ، ھەم ئۇلارنى دوستقا قۇشۇۋېلىپ ئۇلار بىلەن شۇ يېڭىچە قورۇما توغرىسدا ئۇچۇر پىكىر ئالماشتۇرالايسىز ، مانا بۇ ھەقىقىي جانلىق ئىزدەش ئۇچۇرىدۇر .

facebook نىڭ ئۇيغۇرچىسى داڭدارنى ئېچىش توغرىسىدا :
facebook نىڭ 270 دۆلەتتە 70 نەچچە خىل تىل ھۆججىتى بار ، بىراق ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى يوق . ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلغان بىلەنمۇ بەرىبىر دۆلتىمىزدە ئېچىلمايدۇ. شۇڭا بىز داڭدار دەپ facebook نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ياساپ چىقتۇق .

بەت كۆرۈنۈش ئىقتىدار لاھىلىنىش جەھەتتە facebook نى ئۈلگە قىلىپ ياساپ چىقتۇق ، ئامال بار facebook غا ئوخشاش قىلىشقا تىرىشتۇق ھەم داڭدار نامىدا 7-ئاينىڭ 2-كۈنى تورغا ئېلان قىلدۇق . 10 كۈندەك ھەرقايسى جەھەتلەردىن سىناش ئېلىپ بېرىپ بۈگۈن رەسمىي تورداشلارغا ئېلان قىلىدۇق .

نۇرغۇن قېتىمىلىق مەغلۇبىيەت ئوڭۇشسىزلىقتىن ساۋاق ئېلىپ ھەم بىكەتنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ تورداشلارنىڭ ساپالىق تور ئەھلىدىن بۇلىشىنى سورايمىز، تور بىتىمىزنىڭ ئىككى كۈندە تاقىلىپ قالماسلىقى ئۇچۇن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق بوي سۇنۇپ ، قالايمىقان ئۇچۇر - ئىنكاس خەتلەرنى يوللىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز .

facebook كىرىپ باققانلار داڭدارغا كىرگەن ھامان ھەممىنى ھىس قىلالايدۇ ، ئەگەر تورداشلار facebook غا كىرىپ باقمىغان بولسا ، تور بىتىمىز ئۇيغۇرچە ھەم يېڭى يېزىقچە كىرىپ زىيارەت قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ . ھەرقانداق تەكلىپ - پىكىر بولسا بىزگە خەۋەر قىلساڭلار بىز چوقۇم سەمىيمىلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمىز . بىلمىگەن ، چۈشەنمىگەن سۇئالللار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .

مەنبە : تور دۇنىياسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
96
جۇغلانما
48
توردا
273 سائەت
نادىر
2
تېما
33

Medal No.1

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 23:55:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
facebook نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەرەققىي قىلالىدى ؟! بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى نېمە ؟! چۈنكى ئۇنىڭدا ئۇچۇر ئەركىنلىكى بار . قىلماقچى بولغان نۇرغۇن ئىشنى قىلالايسىز ھەم ئېرىشمەكچى بولغان ھەرخىل ئۇچۇرنى تاپالايسىز .(ئەلۋەتتە سىز تۇرغان دۆلەتنىڭ قانۇنى يول قويغان شەرت ئاستىدا ) . بۇمۇ facebook  نىڭ دۆلىتىمىزدە چەكلىنىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى . ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە facebook  (داڭدار تورىنى ) نى قۇرغانلىقىڭلارنى تەبرىكلەيمەن . داڭدار تورىنىڭ ھەقىقى بىر ئۇيغۇرچە facebook  بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
پەخىرلەن دۇنياغا مەھموت ۋەتىنى....

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
209
توردا
30 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 00:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە مەن ئىشنى قەيەردىن باشلايمەن  ئادرىسى  قېنى  ئەزا بوپ  تۇراي   ........................
ئىيمان[/b] بايلىقىم

Rank: 4

ئاقچا
9
جۇغلانما
414
توردا
66 سائەت
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 00:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخى ئەزا قوبول قىلىشنى باشلىمىدىڭلارمۇ؟
مەن بىر گۈللىنىشنى كۆرگەندەك بولدۇم، بۇلبۇلىمىز بار بولماقچى، ئەمدى داڭدىرىمىز بولغۇدەك.
غەيرەت قىلايلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   programmer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-20 01:03  

++C بولسا تىخىمۇ ياخشى C
ئەسسالام دۇنيا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
574
توردا
83 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 16:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭدار ئۈرۈمچىدە  ئېچىلامدۇ ئېچىلمامدۇ؟ مەن نەچچە رەت سىناپ ئاچالمىدىمغۇ؟
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 2

ئاقچا
7
جۇغلانما
62
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 22:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق كىرىدۇ دوستۇم،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئېچىلمايدىغۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.081550 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 05:24

چوققىغا قايتىش